ئىلىم-پەن ساھەسىدە كىشىلەر پەقەت ئېرىگۈچى (قاندا ئېرىيدىغان ماددىلار، قان ئېلىپ يۈرىيدىغان ماددىلار، قان پلازمىسى) لا بەدەندىكى ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى تەڭشەپ، ئادەم بەدىنىنىڭ سۇنى سۈمۈرۈشنى تەڭشەيدۇ دەپ قارايدۇ. كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئادەم بەدىنى سۇنىڭ بەدەنگە تەقسىملىنىشىنى ئاپتوماتىك تەڭشىلەيدۇ دېگەن قاراشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن. سۇ ھەممە يەردە كەڭرى، پۇل خەجلىمەيمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ. بەدەن ھەرگىزمۇ ئۆزىنى خوراتمايدۇ، سۇ كەمچىل بولسا تولۇقلىيالايدۇ.......
مۇشۇنداق خاتا تونۇش بولغانلىقتىن كىشىلەر تىببېي تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا پۈتۈن دىققەت-ئېتىبارى كېسەل پەيدا قىلغۇچى <<ئالاھىدە>> نەرسە بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، دوختۇر كېسەلدىكى بىرەر بىنورماللىقتىن گۇمانلانسىلا، بىرەر ئېنىق داۋالاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئاۋال، ھەرخىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق كېسەللىك سەۋەبىنى ئىزدەيدۇ. دېمەك ئانتىبىئوتىك دورىلار بىلەن باكتېرىيىنى يوقاتقاندىن باشقا بارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى پەقەت كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ، دېمەك ئانتىبىئوتىك دورىلار بىلەن باكتېرىيىنى يوقاتقاندىن باشقا بارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى پەقەت كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ، كېسەللىكنى يىلتىزدىن داۋالىيالمايدۇ. ئادەتتە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ. بىر ئادەم يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولۇپ قالسا، ئۆمۈرۋايەت دورا يېيىشى كېرەك: زىققە كېسىلىمۇ ساقايمايدۇ، زىققە بولۇپ قالسا، پۈركۈگۈچى دورىدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالىدۇ. ئاشقازان يارىسى يىلتىزدىن ساقايمايدۇ، كېسەللەر چوقۇم كىسلاتاغا قارشى دورىلارنى يېنىدىن ئايرىماسلىقى كېرەك. سەزگۈرلۈك ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرمۇ ياخشى بولۇپ بولۇپ كېتەلمەيدۇ، چوقۇم دورا بىلەن كونترول قىلىش كېرەك: بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ. بىمار بىر كۈنى ئاقساپ ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنىڭدەك مىساللار ئىنتايىن كۆپ.
سۇغا نىسبەتەن مۇشۇنىڭدەك تونۇش بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك <<ئېغىز قۇرۇش>> بەدەندە سۇ كەمچىللىكنىڭ ئىپادىسى، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېغىز قۇرۇمىسىلا بەدەنگە سۇ يېتەرلىك بولغان بولۇپ، ئايلىنىشى راۋان دەپ قارايدۇ. تېببىيدا بۇ ئىنتايىن توغرا بولمىغان (كۈلكىلىك) قاراش بولۇپ، ئادەمنى خاتا يولغا باشلايدۇ. كىشىلەر كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، ئىقتىساد سەرپ قىلدى، لېكىن بىردەك ئۈزۈل-كېسىل ئالدىنى ئېلىش ( كېسەللىكتىن ساقلىنىش) تەدبىرىنى تاپالمىدى.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.