ھەركۈنى ئاز دېگەندىمۇ 6-8 ئىستاكان سۇ ئىچىشىڭىز كېرەك.
ھاراق، قەھۋە ۋە تەركىبىدە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكلەر سۇغا ھېساب بولمايدۇ.
ئاشقازان يارىسى بار بىمارلارنى كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، سۇ ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى تاماقتىن بۇرۇن يەنى ئەتىەەنلىك، چۈشلۈك، كەچلىك تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى، تاماقنى يەپ ئىككى يېرىم سائەتتىن كېيىن يەنە ئوخشاش مىقداردا سۇ ئىچىش كېرەك. بۇ ئادەم بەدىنى ئېھتىياجىلىق بولغان ئەڭ تۆۋەن چەك. بەدەندە سۇ كەم بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن تاماقتىن ئىلگىرى ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك.
ئۇسسىغان ھامانلا سۇ ئىچىش كېرەك. سۇ ئىچىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەخشىپ سۇ ئىچىش مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈمىمۇ زر دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ. سۇ ئىچىش ۋاقتىنى تاماقنىڭ ئالدىغا توغرىلىغاندا قاننىڭ تاماقتىن كېيىن قويۇلۇېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قان قويۇق بولسا ھۈجەيرە ئەتراپىدىكى سۇنى سۈمۈرىۋالىدۇ.
سۇسىزلانغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۇ ئەڭ نەپ بېرىدىغان دورا ھېسابلىنىدۇ. بەدەننىڭ سۇسىزلىنىشىنى قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ھامان چوڭ كېسەلەرگە سەۋەب بولىدۇ. سۇ ئىچىشكە كۆڭۈل بۆلسەك ۋە ئۇنى تەڭشەپ تۇرساق، ھازىرقى زاماندىكى زور كۆپچىلىك چوڭ كېسەللەردىن ساقلىنالايمىز.
بىز ۋېليام گېلنىڭ خېتىنى بۇ كىتابقا كىرگۈزدۇق. بۇ بىر ناھايىتى ياخشى مىسال، ئۇ سۇنىڭ بىر خىل ياخشى دورا ئىكەنلىكىنى، ھەرخىل سۇزۇلما خاراكتېرلىك سۇسىزلىنشنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئەسلىدىكى خەتنىڭ ھەجمى بەك چوڭ، كىتاب بېتى بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇ خەتنى قايتىدىن بېسىپ چىقتىم. كۆپچىلىك خەت ئارقىلىق گېلى ئەپەندىنىڭ ناھايىتىمۇ بىلىملىك ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇ ئادەم ئۆزىگە خاس ئەقىل كۆزى بىلەن سوزۇلما خاراكتېرلىك سۇسىزلىنىش كېسىلىنىڭ قوزغاش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرخىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئەستايىدىل كۆزەتكەن. شۇڭا مەن ئۇنىڭ خېتىنى بۇ بابقا قىسۇترۇپ، كۆپچىلىكىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقچىمەن. مەن كۆپچىلىكنىڭ بىر ئاددىي ھەقىقەتنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىر ئىستاكان سۇ تەبىئىي سىرلىق ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، ھەرقانداق دورىدىنمۇ ئۈنۈملۈك، مەن بۇ كىتابتا كۆپلىگەن كېسەللەرنىڭ كېلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن. لېكىن سىلەرنىڭ كاللاڭلاردا يەنە نۇرغۇنلىغان خاتا دورا ئىشلىتىش ئۇقۇمى مەۋجۇت، بىراق مەن سۇ ساتقۇچى ئەمەس.
ھۆرمەتلىك باتىمەن دوكتور:
بىر يىل ئىلگىرى ماسېر تەيۋوز سىزنىڭ كىتابىڭىزنى ماڭا سوۋغات قىلغان ئىدى. مەن ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن كۆپ نەپكە ئېرىشتىم. مېنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىممۇ زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.