بىز شۇنداق بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتۇقكى: ئادەتتىكى تۇرۇبا سۈيى كىشىلەر بىلمەيدىغان دورىلىق قىممەتكە ئىگە. سۇ كەمكۈتسىز تەبىئىي دورا ماتېرىيالى. ئۇ بىر قىسىم ئېغىر، تارقىلىشچان كېسەللەرنى داۋالاپلا قالماستىن، يەنە بىر قىسىم ھەر يىلى تۈمەنلىگەن ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ئېلىپ كېتىدىغىنى يۈرەك كېسىلىمۇ، سۇسىزلىق ئالامىتىمۇ؟ مېنىڭ كەسپىي ۋە ئىلمىي نۇقتا نەزىرىمدىن قارىغاندا، سۇسىزلىق ئالامەت ئەڭ چوڭ قاتىل، ئۇ كىشىلەر تەسۋىردىكى قەرقانداق كېسەللەردىنمۇ خەتەرلىك. ھەربىر ئادەمنىڭ <<خىمىيلىك خۇسۇسىيىتى>> ئوخشىمايدۇ. ئوخشاش بولغان سۇسىزلىنىش ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە ئوخشاش بولمىغان ھالدا ئىپادىلىنىدۇ. دوختۇرلار ئۇلاردىكى كۆرۈلگەن ئوخشىمىغان كەسپىي كۆرسەتەكۈچلەرگە ئاساسەن، ئوخشاشمىغان لايىھىنى قوللىنىدۇ. ئۈنۈمىمۇ ئادەملەرنىڭ ئويىدىن ياخشى ياكى ناچار بولىدۇ.
سۇسىزلىنىش ئالامىتى نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنىڭ سەۋەبى. ئوخشاش بولمىغان بەدەنلەردە ئوخشىمايدىغان <<خىمىيىلىك گرافىك>>لار بولىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك سۇسىزلىنىشنىڭ ئالامىتى بولسا سىرتتا ئىپادىلىنىدىغان ئوخشاش بولمىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت. كېسەل ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئوخشاش سۇسىزلىنىشنىڭ ئالامىتىدە ئوخشىمايدىغان ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. ھەمدە بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ.
بىز پەقەت پەك ئەپەندى، پاتروس ئەپەندى ۋە ۋېليام ئەپەندىلەرنىڭ خېتىدە كۆپچىلىك شۇنى ھېس قىلدۇكى، ئوخشىمىغان كىشىلەردە ئوخشاشمىغان ئالامەت بولىدۇ. ھەركۈنى قەرەللىك سۇ تولۇقلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولغان. پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە داۋالاش خىزمىتىدە نۇرغۇنلىغان قورقۇنۇچلۇق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. ھازىر كۆپچىلىك بۇ مەسىلىلەرنىڭ قانداق كۆرۈلگەنلىكىنى، خاتالىق مەنبەسىنىڭ نەدىلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىدۇ. ئۇلار دوختۇرنىڭ تەكەببۇر، مەنمەنچىلىك بىلەن ئاددىي بولغان سۇسىزلىنىش كېسىلىنى داۋالاشتا قوللغانغان ئۇسۇلنى چىداپ قوبۇل قىلىپ كەلدى. ھەقىقىي كېسەللىك مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن.
كېسەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ مەخپىيەتلىكى بولسا، كونكرېت كېسەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈش.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.