مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 829 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ھازىر تىببىي خادىملار سۇنىڭ بەدەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى چۈشەنمەيدۇ. دورا كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ، لېكىن قېرىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالىيالمايدۇ. 

ئۇسساش بولسا بەدەننىڭ سۇغا بولغان چاقىرىقى. بۇ خىل چاقىرىق قىسقا ھەم كۈچلۈك، تەخىرسىز ھەم چىدىغۇسىز بولىدۇ. مۇشۇ چاغدا ئەگەر بىر ئىستاكان سۇ ئىچىلسە بەدەننىڭ سۇغا بولغان تەشنالىقى قانىدۇ. چۈنكى سۇ بەدەننىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرغان بولىدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇسساشنىڭ يوقلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ سۇنىڭ رولىغا بولغان تونۇشى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. كىشىلەر تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىنتايىن ئاز ئويلىنىدۇ: 


سۇ نېمە ئۈچۈن ئۇسسۇزلۇقنى باسالايدۇ؟

سۇ بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن قانداق ئايلىنىدۇ؟ 

سۇنىڭ بەدەندە زادى قانداق مۇھىم رولى بار؟ 

بەدەندە سۇ كەم بولسا نېمە ئۈچۈن ئۇسسايمىز؟

بەدەندە سۇ كەم بولۇشنىڭ يەنە باشقا بەلگە ئالامەتلىرى بارمۇ ؟

 

بىزنىڭ سۇنى چۈشىنىشىمىز ناھايىتى چوڭقۇر بولسىمۇ، لېكىن بەدەندىكى سۇغا بولغان تونۇشىمىز ناھايىتى تۆۋەن. ئەگەر بىز بەدەندىكى سۇنىڭ كونكرېت ئايلىنىش ئەھۋالىنى بىلسەك ئىنتايىن ھەيران قالىمىز - ھەم  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساقلىقنى ساقلاش كۆز قارىشىمىزدا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىز ھەيرانلىق ئىچىدە بەدەندىكى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىنىڭ پەقەت ۋە <<بەدەندە سۇ كەمچىل>> ئىكەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بايقايمىز. بەدەندىكى سۇنىڭ كەمچىل بولۇشى سۇ مېتابولىزمىنىڭ فۇنگىسىيىلىك ۋە بىئوفىزىكىلىق قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئاددىيلىقىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ يېتەرلىك سۇ ئىچىش. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.