-
2010-07-05
Adsense ھېساباتىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا - [دەرىسلىك]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/68156847.html
1. Adsense ھېساباتى توختىتىلغاندىن كىيىن قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
Adsense ھېساباتى چەكلەنگەندىن كىيىن Adsense ھېسابات باشقۇرۇش سەھنىسىگە كىرگىلى بولمايدۇ، كىرىم ئەھۋالىنى كۆرگىلى ۋە باشقا مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ ھەمدە Adsense گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن Adsense ھېساباتىڭىزنىڭ توختىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەتنى تاپشۇرۇپ ئالىسىز. توربېتىڭىزدە ئاممىۋىي ئېلان كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ ، بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاممىۋى ئېلانمۇ كۆرۈنمەيدۇ.
2.Adsense ھېساباتىنىڭ توختىتىلىش سەۋەبلېرى قايسى؟
ئۆزى ئۆزىنىڭ ئېلانىنى چېكىش، يەنى Adsense ھېساباتىغا كىرگەن ۋاقىتتا ئىشلەتكەن كومپيۇتېردا ئۆزىنىڭ ئېلانىنى چېكىش.
باشقىلارنى ئېلانىنى چېكىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ، يەنى تور بېتىگە ئېلاننى چېكىپ قويۇڭ دىگەندەك مەزمۇننى قوشۇش.
مەجبۇرى چەكتۈرۈش ، ھەرخىل كودلار ئارقىلىق ئېلاننى مەجبۇرى چەكتۈرۈش ياكى چېكىشكە مەجبۇرلاش.
مەزمۇنى ساغلام بولمىغان توربېكەتكە ئېلان قويۇش. بۇنداق قىلغاندا Google بىرىنجى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ، ئىككىنجى قېتىم ھېساباتنى بىۋاستە توختىتىۋىتىدۇ.
收藏到:Del.icio.us