ﺗــﻮﺭ ﺑــﻪﺕ  خەۋەر  رەسىم  ناخشا  فىلىم  ئـۇچـۇر     
 

  • 2011-09-15

    ھەقسىز بوشلۇق ئېلىش ۋە ئۇيغۇرچە بىلوگ قۇرۇش ئۇسۇلى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/161736828.html

    مەزكۇر دەرسلىك روھلان تورىدىكى ماھمۇت ئەپەندى يازمىسىدىن ئېلىندى.
    نۇرغۇنلىغان دوسلار ئۆزىنىڭ بىلوگ قۇرۇش ئارزۇيى بولسىمۇ لىكىن ، قانداق بوشلۇق ئىلىش، ئالغان بوشلۇققا ۋورىد پىرەسنى قانداق قاچىلاشنى بىلەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئازغىنا بىلىمىمگە تايىنىپ بۇ دەرىسلىكنى تۇزدۇم،مۇشۇ دەرىسلىك بويىچە قىلسىڭىزلا ۋوردپىرەستە ئۇيغۇرچە بىلوگ قۇرۇش ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز،خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر –تەكلىپ بىرىشىنى، يول كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    دەسلەپكى تەييارلىق.
    1)      ئېلخەت ساندۇقى دىن بىر سى(qq  خەت ساندۇقىدىن باشقا ئېلخەت ساندۇقى بولسۇن).
    2)    ftp بوشلۇقىغا ماتىريال يوللاشقا لازىم بولىدىغان filezilla  ،FlashFXP  دىگەندەك قۇرال دىتاللار (مىنىڭ ئىشلەتكىنىم filezilla ).
    3)      ئۇيغۇرچە ۋورد پىرەس تور بىتى (http://ug.wordpress.org ) غا كىرىپ، ۋوردپىرەسنىڭ ئەڭ يىڭى  نەشىرىنى چۈشۈرۈپ  پىرىستىن يىشىڭ.ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى wordpress3.1
    1.        ھەقسىز بوشلۇق ئىلتىماس قىلىپ ئىلىش
    1)مەن تۆۋەندە http://www.freewebhostingarea.com نى مىسال قىلىپ سۆزلەيمەن. يۇقارقى ئادرىسقا كىرىپ تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ.
      src=

    src=

    src=

    src=

    2)بۇ يەرنى چېكىپ ، ئالدىنقى سۈرەتتىكى  ئابونىت ئىسمى ۋە پارولىڭىزنى كىرگۈزۈپ باشقۇرۇشقا كىرىڭ.
      src=

    3)ساندان قۇرۇڭ
    src=

    src=

    src=

    src=
        كىچىك خۇلاسە: تىزىملىتىش مۇۋەپپەققىيەتلىك بولغاندىن كىيىن، ئابونىت ئىسمى ۋە پارولىڭىزنى ئىسىڭىزدە مەھكەم ساقلاڭ. ۋە http://www.freeoda.com بۇ ئادرىستىن كىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ ftp ۋە ساندان ھۆججەتلىرىڭىزنى تاپالايسىز.
    ئېسىڭىزدە بولسۇن: ئۆزىڭىزنىڭ ئابونىت ئىسمى ۋە پارولىڭزنى،كىرىش ئادرىسى ۋە بىلوگ ئادرىسىڭىزنى چوقۇم ئىسىڭىزدە ياخشى ساقلاڭ.ۋە ياكى خاتىرە دەپتەرگە كۆچۈرۈپ يىزىۋىلىڭ ھەمدە ئامال بار ئىچىلغان تور بەتلەرنى ئۆچۈرۈۋەتمەي تۇرۇڭ.
    2.ۋوردپىرەسنى سەپلەش
    ئالدى بىلەن  بايا چۇشۇرۇپ  پىرىستىن يىشىپ تەييار قىلىۋالغان ۋوردپىرەسنىڭ مۇندەرىجىسى ئىچىدىكىwp-config-sample.php  ھۆججىتىنىڭ نامىنى wp-config.php قىلىپ ئۆزگەرتىپ ساقلىۋالىمىز.ھەمدە  ھازىر ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن بۇ ھۆججەتنى خاتىرە دەپتەر(记事本) دە ئاچىمىز.
    ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىم بويىچە ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارىمىز.(بۇ يەردە لازىم بولىدىغىنى ساندان ئىسمى، ساندان ئىشلەتكۇچى نامى ۋە ساندان پارولى)، باشقا جايلارغا تەگمەي ساقلايمىز.
    src=

    src=
    3.   بوشلۇققا يوللاش
    Filezilla نى قوزغۇتۇپ مۇۋاپىق ئۇچۇرلار (ftp ئۇچۇرلىرىڭىز) نى توشقۇزۇڭ .ئاندىن تىزلىكتە ئۇلاش (快速连接) نى بىسىڭ.
       src=
    مۇلازىمىتىرغا ئۇلانغاندىن كىيىنكى كۆرۈنۈش.(تۆۋەندىكى رەسىم)
    src=
    سول تەرەپتىكىسى  سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزدىكى ھۆججەتلەر ئوڭ تەرەپتىكىسى مۇلازىمىتىر بوشلۇقى، ئەمدى سىز بايىقى ۋورىد پىرەس مۇندەرجىسىنى سول تەرەپتىكى كۆزنەكتىن تىپىپ، مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھەممە ھۆججەتنى تاللاپ ، مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ يۇقىرىغا يوللاش (上传) نى بىسىپ ۋوردپىرەسنى بوشلۇققا يوللاشنى باشلايمىز
       ئەگەر بوشلۇققا يوللاش  جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش كۆزنىكى  چىقىپ قا لسا رەسىمدە كۆرسىتلگەن ئورۇنلارنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ
      src=
    بوشلۇققا يوللاش جەريانىدا يۇقىرىغا يوللاش مەغلۇپ بولغان ھۆججەتلەر بوپ قالسا قايتىدىن يوللىسىڭىزلا  بولىدۇ.
    ئاخىرقى سۆز
    ۋورد پىرەسنى بوشلۇققا يوللاش تامام بولدى، ئەمدى نىمە ئىش قىلىمىز؟ئەمدى قىلىدىغان ئىش  بىلوگ ئادرىسمىزنى(4- رەسىمگە قاراڭ)زىيارەت قىلىش.
    ئەگەر بايىقى قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى توغرا بولغان بولسا ۋورد پىرەسنىڭ ئۇيغۇرچەقاچىلاش كۆزنىكى چقىدۇ،(ئەگەر خاتلىق ئۇچۇرى چىقسا ياكى باشقا بىنورمال ئەھۋال بولسا يۇقارقى باسقۇچلارنىڭ بىرسىدە خاتالىق سادىر قىلدىڭىز، باشتىن كىلىڭ) ئىككى كاتەكچىنىڭ ئۇستىدىكسىگە بىلوگ نامى( مەسلەن: قارا دەرۋىش تور تۇراسى دىگەندەك) نى توشقۇزىمىز، ئاستىدىكى كاتەكچىگە ئىلخەت ئادرىسىمىزنى تولدۇرىمىز.( ئىلخەت ئادرىسمىزغا ئارقا سەھنىگەكىرىشكە لازىم بولىدىغان ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنغان پارولنى ئىۋەتىپ بىرىدۇ). ئاندىن ۋوردپىرەسنى قاچىلاش دىگەننى باسىمىز.
    ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ۋورد پىرىسنى قاچىلاش تاماملىنىپ، ئارقا بەتكە كىرىش كۆزنىكى چىقىدۇ بۇ يەرگە بايىقى ئىلخەت ساندۇقىڭىزغا ئىۋەتىلگەن پارولنى توشقۇزۇپ باشقۇرۇش بىتىگە كىرىسىز…………
    تۇگىدى، قالغان ئىشلارنى ئاستا ئاستا قىلىۋالىسىز. چۇشەنمىگەن جايلار بولسا  ئىنكاس قاتارىدا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.
    مەنمۇ بۇ ئۇسۇللارنى بىرقانچە قېتىم قايتا-قايتا قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۆز بىلوگىمنى غەلبىلىك قۇرۇپ چىققان ئىدىم. ئەستايىدىل ۋە سەۋرىچان بولۇڭ!!
    مەنبە: قارادەرۋىش تور تۇراسىدىن
    www.darwix.tk
    مەنبە: روھلان مۇنبىرى

    分享到: