ﺗــﻮﺭ ﺑــﻪﺕ  خەۋەر  رەسىم  ناخشا  فىلىم  ئـۇچـۇر     
 

  • 2010-11-14

    يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھېكمەتلىرىدىن - [ئەدەبىيات- سەنئەت]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/83801986.html

    كىشى كۆڭلىگە ياخشى نىيەت پۈكسە، دۇنيادا ھەممە ئىشى تىلىگىنىدەك بولىدۇ. ياخشى نىيەت قىلغان كىشىگە ياخشىلىق كېلىدۇ، ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسىمۇ، ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

       ※ ئادەمگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئادىمىي بولۇش كېرەك، كىشى ئادەمگەرچىلىكنىڭ ئۇلىنى ئەنە شۇنداق قۇرۇپ چىققان.
       ※ كىمنىڭ ئەسلىي ياخشى بولسا، ھەرىكىتى يېقىملىق بولىدۇ، ياماننىڭ ئەسلىگە ئۆزى، ھەرىكىتى گۇۋاھتۇر.
       ※ كىشىلەردىن يامانلىما، ئۇششاق سۆزلىمە، توغرا سۆزلە، سۆزلەشكە تېگىشلىك سۆزنى يوشۇرما.
       ※ تىرىكلىكنى ئىزدىمە، ياخشى نام چىقىرىشنى ئىزدە، نامىڭ ياخشى بولسا، تىرىك ۋە شاد ياشىغىنىڭ شۇ.
       ※ ياخشى خۇلقلۇق كىشى موھتاجلىققا چۈشۈپ قالسا، قىلىقلىرى ۋە ياخشى مىجەز – خۇلقىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
       ※كىشىگە مال – دۇنيا كېرەك ئەمەس، ياخشى خۇي كېرەك، شۇنداق كىشى زۆرۈر بولغاندا، ھەممە ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.
       ※ ياخشى قىلىق نۇرغۇن ياخشىلىقلار ئۈچۈن سەرمايىدۇر، مىجەز – خۇلقى ياخشى بولسا مىڭ تۈرلۈك شادلىقلارغا ئېرىشىدۇ.

    分享到: