ﺗــﻮﺭ ﺑــﻪﺕ  خەۋەر  رەسىم  ناخشا  فىلىم  ئـۇچـۇر     
 

  • 2011-09-15

    كومپىيۇتېرنىمۇ ئالدىغىلى بولىدىكەن - [كومپىيۇتېر بىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/161736037.html

    تورنىڭ ئاستىلاپ كىتىشىنى سېستىمىدىن كۆرۈپ سېستىمىنى قايتا قاچىلىغانتىم، ئەمما يەنىلا قازاندىكى بار نەرسە چىقتى، بوپتۇلا دەپ ياماقلىرىنى ياماپ، بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ قارىسام كۆرسىتىش كارتىسىنى تونىماپتۇ، زاپاسلاپ ساقلاپ قويغان قوزغاتقۇچلارنى ھەممىنى كۆرسەتسەممۇ يەنە بىر خىل تورىدۇ، ئاچچىقىمدا 驱动精灵2011 گە تاشلاپ بەردىم، خېلى ئۇزۇن مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمەن دەيدۇ، بوپتۇلا دەپ قايتا قوزغىتىپ قارىسام يەنە تونىمىدىم دەپ بىزىرىپ تۇرىدۇ، يەنە ئىزدە دىسەم يەنە بورۇنقى مەشغۇلاتلىرىنى قىلىپ يەنە قايتا قوزغىتىمەن دەيدۇ، ئۇدا 3 قېتىم قايتا قوزغىتىپ بەردىم، يەنىلا تونىماپتۇ، 驱动精灵2011 مۇندەرىجىسىگە قارىسام كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ پىروگىراممىلىرىنى چۈشۈرۈپتۇ، ئەمما يەنە تۇنىتالماپتۇ، پىرىستىن يىشىۋېتىپ قولدا كۆرسىتىپ بەرسەم بىر ھۆججەتنى تەلەپ قىلدى، ئۇنىمۇ كۆرسىتىپ بەردىم، ئاز قالغاندا يەنە nvdata.bin بولمىسا تۇنىمايمەن دىمەسمۇ، ھە بوپتۇ دەپ مۇندەرىجىگە قارىسام ھېچيەردە يوق، بورۇنقى زاپاسلىغانلىرىمغا قارىسام ئۇ يەردىمۇ يوق، بېشىمدىن تۈتۈن چىقتى، بىر مۇنچە قىلغان ئىشلىرىم قاراپ تۇرۇپ بىكار بولامدۇ؟ ياق، مەن بۇنىڭغا يول قويمايمەن، nvdata.bin دىگەن خەتنى كۆچۈرۈپ بەيدۇغا باسسام بىر مۇنچە بىر نەرسىلەر تۇرىدۇ، بىر-بىرلەپ كۆرسەم ھەممىسى مەن يولۇققان ئەھۋالغا يولۇقۇپتۇ، ئەمما بىرسىمۇ ھەل بولماپتۇ، ئەمدى قانداق قىلاي؟ سېستىمىنى مۇشۇ بىر ھۆججەت ئۈچۈنلا قايتا قاچىلىشىم زۆرۈرمۇ؟ بۇ دىگەن بىر مۇنچە ۋاقىت ئىستىراپچىلىقى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرىنى خورىتىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟
    كۆپ ئويلاندىم، خاتىرە دەپتەرگە بىر نىمىلەرنى يېزىپلا نامىنى ئۆزگەرتىپ كۆرسىتىپ بىرىشنىمۇ ئويلىدىم، ئەمما بۇنىڭدا تاساددىبى باشقا بىرەر ئەھۋال يۈز بەرسە قانداق قىلىمەن؟ بىر مۇنچە ماتېريالدىن ئايرىلىدىغان ئىش بولۇپ قالسىچۇsrc= ؟ تۈگەشتىمما؟ ئۇنداق ئەمەس، يازمىنىڭ ئاخىرنى تەپسىلى كۆرۈڭ، ھامان كارغا كىلىپ قالىدۇ.
    بۇنچىلىك كۆپ خەت يازمىغىلى خېلى بوپتىكەن، قوللىرىم ئاغرىۋاتىدۇيا....src=  بىر دەم چىداپ ھەممىنى يېزىۋېتەي ئەمدى:
    بەيدۇدىن سورىسام-سورىسام ھېچ بىر نەرسە چىقاي دىمەيدۇ، يەنە ئازراق ئىزدەپ باقاي، بولمىسا سېستىما قاچىلاش ئاسان ئىش دەپ بىر بەت ئۆرۈسەم يەنە شۇنداق مەزمۇندىكى بىر تېما باركەن، ئۇنىمۇ كۆرۈپ باققۇم كەلدى، ئېچىپ قارىسام ئۇنىڭدىمۇ شۇنداق ياردەم سوراپتۇ، ئادىتىم بۇيىچە ھەممە ئىنكاسنى كۆرۈپ باقاي دەپ قارىسام بىر نىمىلەرنى كالدىرلاپتۇ(خەنزۇچىنى بىلمىگەنلىكتىن مەزمۇنىنى ئۇقمىدىم) يەنە بىر تور بەتنىڭ ئادرىسى باركەن، ئۇنىمۇ كۆرەي دەپ كىردىم، بىر مۇنچە بىر نەرسىلەرنى دەپتۇ، يەنە nvdata.bin توغرىسىدىمۇ خەتلەر تۇرىدۇ، قوشۇمچىنىڭ 3-سىنى چۈشۈرۈپ بىر نەرسىلەرنى قىل دەپتۇ، چۈشۈرەي دىسەم يولۇچىغا كۈن يوق، يوقال دىمەسمۇ، مەنمۇ سىنىڭ بىر ئەزايىڭ دەپلا تېزىملىتىپ كىرىپ كۆرسەم 4دانە قوشۇمچە باركەن، ساناپ 3-سىنى چۈشۈردۇم، ئەمما مەن بۇنداق دېتالنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا ئىشلىتىشنىمۇ بىلمىدىم، دېتالنىڭ ئىسمى IMEI_Editor كەن، قارىسام ئاستىدا بىر مۇنچە 0 باركەن، بۇ نىمە سانلاردۇ؟ ئاز تولا ئۆزەم بىلگەنچە ئۆزگەرتىپ 确定قىلسام بىر مۇنچە ھەرىپ، سانلارنى ساناپ تامام دەيدۇ، دېتالنىڭ مۇندەرىجىسىنى تاقىمىغان بولغاچقا بىر دانە ھۆججەت پەيدا بولغانلىقىنى كۆردۈم، نامىنى nv-data.bin قويۋاپتۇ، ئۇنى كۆرسەتسەم يەنە تۇنىمىدى، ئارلىقتىكى سىزىقنى ئۆچۈرۈپلا كۆرسىتىپ بەرسەم سەن ناھايتى ياخشى قىلدىڭ، قايتا قوزغىتىمەن دەيدۇ، يەنە نىمە كارامىتىڭ باركىن دەپ بوپتۇلا دىسەم قايتا قوزغالدى، ماۋۇ كارامەتنى كۆرۈڭ، زاۋۇت تەرەپ تەمىنلىگەننى تونىماي ئۆزەم ياساپ قويغان ساختا ھۆججەتنى تونىغىنىنى دەيمەن، بىر ئوبدانلا تونۇپتۇ، شۇڭا سەيناداشلارنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسا ئاز تولا ئالداپ تونۇتىشى ئۈچۈن كوتۇلداپ قويدۇم، تېمىنى تەپسىلى ئوقۇغانلار بىر مۇنچە كاپشىپ دەيدىغىنىڭ مۇشۇمىدى دىيىشى تۇرغانلا گەپ، ئەمما تەپسىلى دىمىسەم ئىسىڭىزدە قالمايدۇ، شۇڭا كۆپرەك سۆزلىۋەتتىم، كەچۈرۈڭلار ھە....src=
    ئاخىرغا دېتالنى قوشۇمچە قىلىپ قوياي، ساقلاپ قويساڭلار بىر كۈنلەردە مەندەك ئەھۋالغا يولۇقساڭلار سىلەرمۇ مۇشۇنداق ئالدامچىلىق قىلىپ باقارسىلەر.
    دېتالنىڭ كۆرۈنۈشى:
    01.JPG

    ئۈلۈشكۈن 21:01 چىقىرىش
    چۈشۈرۈش (23.2 KB)


    ئاۋۇ قىزىل دائىرىگە ئېلىپ قويغان يەردىكى سانلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە بولىدىكەن ھە.
    دېتالنى چۈشۈرۈڭ: src=

    分享到: