ساداقەتمەن بلوگى
-
2012-01-26
كومپيۇتېردا يانفۇنغا ھەقسىز ئۇچۇر يوللاڭ - [تور بىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/189113717.html
ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئىنتىل سەيناسىدىكى hiyal نىڭ يازمىسى بۇلۇپ پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن يوللاندى
خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن دائىم باشقىلارغا تېلىفۇن ئۇرىمەن.كۆپىنچە ئۇتۇقلۇق بولىدۇ،بەزىدە يانفۇن ئېتىك ، توختاپ قالغان بولىدۇ ياكى تېلىفۇننى ئالمايدىغان «بەغرەز»لەرمۇ چىقىپ قالىدۇ،ئىش مۇھىم ،چوقۇم ئالاقىلىشىش كېرەك.بۇ ئەھۋالدا يانفۇن ئىگىسىنىڭ خىزمەتداشلىرىنى ئىزدەيمەن،ئۇلارغا ھاۋالە قىلىمەن،يەنە بولمىسا يانفۇنۇم ئارقىلىق ئۇچۇر يوللايمەن.يانفۇنغا ئۇچۇر مەزمۇنىنى كىرگۈزۈشمۇ بىر ئاۋارىچىلىقكەن،تېخى پۇل كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن توردىن ھەقسىز ئۇچۇر يوللايدىغان تور بېكەت ئىزدىدىم،شۇنداق بېكەتنى تېىپىپ،تىزىملىتىپ،ھازىر ئىشلىتىۋاتىمەن،خېلى يارىدى.ھەقسىز ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ.لېكىن بەزى تەلەپ،چەكلىمىمۇ يوق ئەمەس.مەسىلەن:ھەر كۈنى شۇ بېكەتكە ئەزالىق نامىڭىز بىلەن چىقىسىز،ھەر كۈنى پەقەت 10 تال ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ،ئۇچۇرنى يوللاپ بولۇپ،باشباشتاقلىق قىلىپ،ئۇدا 7 كۈن شۇ تور بېكەتكە چىقمىسىز،كۈندە يوللايدىغان ئۇچۇردىن 2 نى قىسقارتىۋاتىدۇ.ئۇدا 13 كۈن چىقمىسىڭىز يوللىغىلى بولىدىغان ئۇچۇر 0 بولۇپ قالىدۇ،كەمچىللىگىڭىزنى تونۇپ،باشقىدىن كۈندە تور بېكەتكە چىقسىڭىز،ئۇچۇر يوللاش سانىنى ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ.ئەگەر قىزىڭسىز تېمامنىڭ ئاخىرىغا قۇلاق سېلىڭ:
1)تور بېكەتكە چىقىڭ www.3322.com.cn
2 ) دەرھال تىزىملىتىڭ (立即注册)دېگەن يەرنى بېسىڭ ،باسسىڭىز،3322 تور بېكەتنىڭ ئەزالارنى تىزىملاش بەلگىلىمىسى چىقىدۇ (www.3322.com.cn 会员注册条款)،قوشۇلىمەن)(我同意)دېگەن جاينى بېسىڭ
)تىزىملىتىشتا چوقۇم بىر ئېلخەت ئادرىسى بولىشى كېرەك.ئېلخەت ئادرىسىنى تۆۋەندىكى كاتەكچىگە كىرگۈزىمىز،ئاندىن ئاستىغا دەلىللەش كودىنى كىرگۈزىمىز:
4) سىزگە ناھايىتى تېزلا بىر ئېلخەت كېلىدۇ،ئۇنىڭدا بىر مەخپىي نومۇر بار،ئېلخەتتە بۇ تور بېكەتنىڭ كۆزنەك چىقىدىغان ئادرىسى بار،شۇ ئادرىسنى چەكسىڭىز،بىر كۆزنەك چىقىدۇ.شۇ كۆزنەككە ئېلخەتتىكى مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزىسىز،ھەراست،ئارىلىقتا يانفۇن نومۇرىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ،چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇن نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈڭ،يەنە تېخى مەخپىي نومۇرنى بېكىتىسىز،چۈنكى تىزىملىتىش ئوڭۇشلۇق بولۇپ،ئۇچۇر يوللىغىنىڭىزدا قارشى تەرەپنىڭ يانغۇنىدا 06322316612 دېگەندەك رەقەم بىلەن سىز تولدۇرغان يانفۇن نومۇرى كۆرىنىدۇ.دىققەت:تۆۋەندىكى كۆزنەككە نامىڭىزنى تولدۇرىسىز،ئۆزىڭىزنىڭ ئىسىم –فامىلىڭىزنى تولدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ(ئۇيغۇرچە تولدۇرغىلى بولمايدۇ،جۇمۇ،ULY دا يازىسىز)چۈنكى ئۇچۇر يوللىغاندا قارشى تەرەپنىڭ يانفۇنىدا ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇن نومۇرىنى ياكى نامىڭىزنى كۆرنىدىغان قىلىپ يوللىغىلى بولىدۇ،شۇڭا نامىڭىزنى تولدۇرغاندا ناھايىتى ئويلۇنۇپ تولدۇرۇڭ،چۈنكى كېيىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.تۆۋەندىكىسى ئەڭ ئاخىرىدا چىقىدىغان كۆزنەك،نامىڭىز ،مەخپىي نومۇرىڭىز ۋە دەلىللەش كودى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىسىز.
5)ئاندىن تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ،ئاندىن مېنىڭ ئۇچۇرۇم (我的短信)نى چېكىسىز
6)مېنىڭ ئۇچۇرۇمنى باسسىڭىزبىركۆزنەك چىقىدۇ
7)بۇ كۆزنەكتىن يانفۇن قىسقا ئۇچۇر(手机短信)نى چېكىسىز،ئەمدى ئۇچۇر يوللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ
8)يۇقىرىدىكى كاتەككە ئۇچۇر يوللىماقچى بولغان يانفۇن نومۇرىنى كىرگۈزىسىز،(چۈشەندۈرىشىدە بىر قېتىمدا 5 يانفۇنغا تەڭلا ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ،دەپتۇ،مەن سىناپ باقمىدىم،يەنە ھەر بىر قىسقا ئۇچۇر خەنزۇچە 50 خەتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن دەپتۇ،ئەگەر ئېشىپ كەتسە،ئىككى تال ياكى 3 تال ئۇچۇر دەپ ئاپتوماتىك ھېساپلايدىكەن،يوللاشقا بولىدىغان ئۇچۇر سانىڭىز مۇناسىپ ئازىيىپ ماڭىدىكەن،مۇشۇ 50 خەت دېگىنى تازا توغرا ئەمەستەك تۇرىدۇ،ئازراقلا ئۇچۇر يازسىڭىز،2 ياكى 3 ئۇچۇر دەپ تۇرىۋالىدىكەن،نەچچە دەپ تۇرىۋالسا نېمە كارىمىز،بىكارلىق بولغانكىن )ئاستىنقى كاتەككە ئۇچۇر مەزمۇنى كىرگۈزىسىز،ئاندىن ئاستىدىكى يوللاش بەلگىسىنى(发送标志) تاللايسىز،ئادەتتە سۈكۈتتىكى تاللاش يانفۇن ،يانغۇننى تاللىسىڭىز،قارشى تەرەپكە سىزنىڭ يانفۇن نومۇرىڭىز كۆرىنىدۇ(ھېلىقى تىزىملاتقاندا كىرگۈزگەن يانفۇن نومۇرى شۇ)،ئەگەر نامىڭىزنى تاللىسىڭىز،قارشى تەرەپكە نامىڭىز كۆرىنىدۇ
دىققەت: تىزىملاش مەشغۇلاتىنى قىلغاندا ئەستايىدىل بولۇڭ،مەنغۇ بىر قېتىمدىلا مۇۋاپىقىيەتلىك تىزىملىغان(بىكارلىق بولغانكىن دەپ ئاچكۆزلۈك قىلىپ،ئىككى خىل نامدا تىزىملىتىپ قويدۇم)،ئېلخەتنى،يانغۇن نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن،تىزىملاش ئوڭۇشلۇق بولماي،باشقىدىن تىزىملاتسىڭىز،سىزدىن باشقا ئېلخەت ئادرىسى ۋە باشقا يانفۇن نومۇرىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ
باشقىچە پىكىر بولسا ئەسلى مەنبەگە كىرىپ كۈرۈڭ
http://www.intil.biz/home/thread-7318-1-1.html