ﺗــﻮﺭ ﺑــﻪﺕ  خەۋەر  رەسىم  ناخشا  فىلىم  ئـۇچـۇر     
 

  • 2010-09-21

    قىزچاق ،ئەمدى بولدى قىلىڭ ! - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/75358654.html

    _ توختاڭ ، توختاپ تۇرۇڭ ! بىز يەنە پاراڭلىشىپ باقساق بۇلامدۇ ؟ _ يىگىت ئۈتۈنۈش ئارلاشقان كۆزلىرىنى قىزغا تىكتى .
    _ ئارىمىزدا پاراڭلاشقۇدەك ھېچنىمە قالمىدى . بۇندىن كىيىن ھەر ئىككىلىمىز ئۆز يۇلىمىزغا ماڭايلى ، ئەمدى مىنى ئىزدىمەڭ ،_ قىز سوغۇق تەلەپپۇزدا يىگىتكە قاراپ ئېيتتى .
    _ بۇلىدۇ ، سىزنى ئەمدى ئىزدىمەسلىككە ۋەدە بىرەي ، لىكىن ئايرىلىپ كىتىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى بولسىمۇ بىلىپ قالاي ، _ يىگىت يىغىدىن ئۆزىنى ئاران -ئاران تۇتۇپ تۇراتتى .
    _ سەۋەبى ؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي ، مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن ! _ قىز ھاكاۋۇرلۇق بىلەن بۈدرە چاچلىرىنى كەينىگە ئېتىپ قويدى .
    _ سىز ؟  ئەمىسە بۇرۇن مېنى ياخشى كۆرىمەن دىگىنىڭىزنىڭ ھەممىسى يالغان ئىكەندە ؟ _ يىگىت ئېغىر خۇرسانماقتا ئىدى .
    _ شۇنداق ....ھەممىسى يالغان !!! مەن ئەزەلدىن سىزنى ياخشى كۈرۈپ باقمىغان ،_ قىز كەسكىنلىك بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتتى .
    _ بۇنداق يالغان ئېيتىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ بۇرۇنلا ماڭا شۇنداق دىگەن بولسىڭىز ...
    _ بولدى ،ئەمدى سۆزلىمەڭ . مەن ئالدىرايمەن . سىز بۇ سۇئالنى سوراشتىن بۇرۇن ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ ؟ بىز ئارلاشقىلىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى ، لىكىن بۇ بىر يىل ئىچىدە سىز ماڭا نىمە قىلىپ بىرەلىدىڭىز ؟ بولدىلا ، كۆپ سۆزلىمەي . ھەققىي سەۋەبىنى بىلگىڭىز بولسا  بىر ئايدىن كىيىن دەل مۇشۇ جايدا كۈرىشەيلى ! _ قىز شۇنداق دەپ تېز -تېز قەدەملەر بىلەن كىتىپ قالدى .
    يىگىت ئۈن-تىنسىز ئورنىدا تۇرۇپ قالدى ، ئۆزىنى چۈشلەر دەرياسىدا ئۈزىۋاتقاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ خىيالىغا ھېچنىمە كىرمەيتتى ، كاللىسىمۇ قۇپقۇرۇق بۇلۇپ ھېچنىمىنىمۇ ئويلىيالمايتتى ...
    بىر ئاي ئۈتۈپ كەتتى ، بۇ بىر ئاي يىگىت ئۈچۈن تۇلىمۇ ئازابلىق ، تۇلىمۇ ئۇزۇن ئۆتكەن ئىدى . ئۇ قىزنىڭ دىگىنى بۇيىچە بىر ئايدىن كىيىن ئۇنى ئايرىلغان جايدا كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى . شەھەرنىڭ چىراقلىرى پۈتۈن ئەتراپنى خۇددى كۈندۈزدەك يۇرىتىۋەتكەن بۇلۇپ ، قىز تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى . يىگىت خىيالغا چۆككىنىچە قىزنىڭ يىتىپ كىلىشىنى تەقەزاللىق ئىلكىدە كۈتمەكتە ئىدى ، ئۇنىڭ خىيالىغا قىز بىلەن ئارلاشقان مەزگىللەر كىلىشكە باشلىدى :
    _ سىزنى تۇلىمۇ ياخشى كۆرىمەن . سىزدىن ئايرىلسام بۇ ھاياتنىڭ ماڭا قىلچە كىرىكى يوق ..._ قىز يىگىتكە شىۋىرلاپ ئېيتتتى .
     يىگىت قىزنىڭ سۆزىگە جاۋابەن  تۇلىمۇ چىن ، ساپ ھىسىيات ئارلاشقان كۆزلىرىنى قىزغا تىكىپ ئۇنىڭغا ئېيتتى : 
    _ مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن . سىز بولغاچقىلا بۇ دۇنيا ماڭا شۇنچە مەنىلىك ، ھاياتىم تۇلىمۇ گۈزەل بىلىنىدۇ .
    لەۋلەر بىر -بىرىگە چىڭ جىسىپلاشتى ، بۇلارنى كۈرۈپ تۇرغان ئون تۆت كۈنلۈك تۇلۇنئاي خىجىل بۇلۇپ ئاستا بۇلۇت كەينىگە مۆكىۋالدى .
    _بىزنى ھېچكىم ئايرىۋىتەلمەيدۇ ! بىز بىر -بىرىمىزگە سادىق ھەمراھلاردىن بۇلۇپ بۇ قىسقا  ھاياتىمىزنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى ! _ ئۇلار بىر -بىرىگە ۋەدە بىرىشتى .
    يىگىتنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى ، كۆز چاناقلىرىدىن نەچچە تامچە ياش سىرغىپ ئۇنىڭ لىۋىنى ئاچچىق قىلىۋەتتى . قىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۆزىدىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى تېخىچە ئويلاپ يىتەلمىگەنىدى . تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا بىر -بىرىگە مەھكەم  چاپلىشىپ كەتكەن ئىككە گەۋدە پەيدا بولدى . ئۇ ئۆز كۆڭلىدە ئويلايتتى :
    _ ياق ...ياق ... ئۇ ئەمەس ..ئۇ ..ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ .
    ئىككى گەۋدە يىگىتكە تېخىمۇ يېقىنلاپ كەلدى ، يىگىت شۇندىلا ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلىدى ، كۆردىيۇ ،قاتتىق چۆچۈپ كەتتى .
    _ ئۇ نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ ؟ _ يىگىتنىڭ كاللىسدا تۈمەنمىڭ خىيال ئەگىيتتى ، يۈرىكى بولسا ئەنسىز سۇقۇپ تۇراتتى .
    قىز يېنىدىكى يىگىتكە بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كىيىن يىگىت ئولتۇرغان ئۇرۇنغا قاراپ ماڭدى ، يىگىت تېخىچە قىز بىلەن بىللە كەلگەن يىگىتتىن كۆزىنى ئۈزەلمەيۋاتاتتى .
    _ ئۇ يىگىت كىم ؟ مەن بىلەن ئايرىلىپ كىتىشىڭىزنىڭ سەۋەبى ئاشۇ يىگىت ئۈچۈنمۇ ؟_ يىگىت ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ پەس ئاۋازدا ئېيتتى .
    _  شۇنداق ، ئەمدىغۇ سەۋەبىنى بىلگەنسىز ؟ ئۇ ...
    _ بولدى سۆزلىمەڭ ،_ يىگىت قىزنىڭ سۆزىنى بۈلىۋەتتى ،_ مەن ھەممىنى بىلدىم . لىكىن نىمىشقا شۇنداق قىلىسىز ؟ مەن بىلەن ئارلىشىپ يۈرگەندىمۇ ئۇ يىگىت بىلەن ئارلىشىپ يۈرگەنمىدىڭىز ؟
    _ ياق... ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقىلى ئۇزۇن بولمىدى .لىكىن سىزگە راست گەپنى قىلسام ،_ قىز سەل ئويلىنىپراق ئېيتتى ،_ ئەمىلىيەتتە بۇرۇن سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرەتتىم ، لىكىن سىز ماڭا نىمە قىلىپ بىرەلىدىڭىز ؟ ئاشۇ قۇرۇق سىنى ياخشى كۆرىمەن ، دىگەن گىپىڭىزگە نىمە كىلەتتى ، قورساق تۇيامتى ؟ ئۇ يىگىت مېنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇنىڭ نۇرغۇن پۇلى بار ، ماڭا  ....
    _ ئەمدى چۈشەندىم ، بولدى سىزمۇ جىق سۆزلىمەڭ ، سىز پۇل ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىلىۋاتىسىز شۇنداقمۇ ؟_ يىگىت ئىككىنچى رەت قىزنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتى .
    _ شۇنداق ، توغرا دەيسىز .سەۋەبى  پۇل ئۈچۈن ! پۇل ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم . سىزنىڭ پۇلىڭىز بارمۇ ؟ ماڭا نىمە ئېلىپ بىرىپ باقتىڭىز ؟ ...
    _ خاتالاشتىڭىز ... مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي ئۆلىچمى پۇل ئەمەس ! _ يىگىت كەسكىن تەلەپپۇزدا ئېيتتى .
    _ سىزمۇ خاتالاشتىڭىز . ھازىرقى جەمئىيەتتە قۇرۇق مۇھەببەتكە ھېچنىمە كەلمەيدۇ . بۇرۇن ھىس قىلماپتىكەنمەن ، ھازىر مەن ئۈچۈن پۇل بولسىلا مۇھەببەت دىگەن شۇ ! پۇل بولسىلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بۇلىدۇ . ئۇ ماڭا ھەممىنى قىلىپ بەردى . مېنى جېنىدىن ئەزىز سۈيىدۇ ..._ قىز يىگىتنىڭ سۆزىگە رەدىيە بىرىۋەتتى .
    - - بۇ سىزمۇ ؟ بۇ راستىنلا سىزمۇ ؟ _ يىگىت قىزنى قايتا كۆرگەندەك بۇلۇپ قىزغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى .
    _ ھا....ھا....ھا....قانداق ؟ مېنى تۇنىمايۋاتامسىز ؟ _ قىزنىڭ ساختا كۈلكىسى يىگىتنىڭ قۇلىقىغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى .
    _ ھە ، ئەمدى بىلدىم ! راستىنلا سىز ئىكەنسىز . مەن خاتالىشىپتىمەن ، سىزنى ھەققىي مۇھەببەتنى چۈشىنىدىغان ، پاك ، ئاقكۆڭۈل قىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن . سىزنى ياخشى كۆرگىنىمگە ناھايىتى ئەپسۇسلىنىمەن . بولدى ، بۇندىن كىيىن ھەرئىككىلىمىز ئۆز يۇلىمىزغا ماڭايلى . لىكىن سىزگە شۇنى دەپ قۇياي ، بىر كۈنلەردە مۇشۇ دىگەنلىرىڭىزگە ، قىلغانلىرىڭىزغا پۇشايمان يەپ قالىسىز ! بۇ ئۆتنە ئالەم ....بايا ياخشى دىدىڭىز ، مىنىڭ پۇلۇم يوق . سىزگە ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم . ئەمما مەن ھالال ئەمگىكىم بىلەن ياشايمەن ، ئىككى قۇلۇمغا تايىنىپ گۈزەل كەلگۈسىمنى يارىتىمەن . _ يىگىت شۇنداق دەپ سالماق قەدەملەر بىلەن كىتىپ قالدى .
    ھاۋا گۈلدۈرلەپ ، چاقماق چېقىشقا باشلىدى . قىز يەنە بىر يىگىتنى چىڭ قولتۇقلىغىنىچە كىتىپ قالدى .
    باياتىن بېرى ئۇلارنى يۇرۇتۇپ تۇرغان تۇلۇنئاي نەلەرگىدۇر غايىپ بولغان بۇلۇپ ، شارىلداپ يامغۇر  يېغىشقا باشلىدى .
     ھەش -پەش دىگۈچە ئىككى يىلمۇ ئۈتۈپ كەتتى . يىگىت قىزنى  ئۇنتۇپ كەتكەن بۇلۇپ ، شۇنداق بىر قىز بىلەن ئارلاشقانلىقىمۇ خۇددى رەڭدار چۈشكە ئوخشاش بىلىنەتتى . يىگىت كەسپتە نەتىجە قازىنىپ جىق پۇللارنى تاپتى ، ئۆزى ئايرىم شىركەتمۇ ئېچىپ داڭ قازانغان كارخانىچى بۇلۇپ قالدى .
    داۋامى بار .مەنبە ئادرىسى :  http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/72876304.html
    分享到:

    评论

  • شۇنداق قىلىپ ئوغۇل بويتاق قالدى، ئۇنداق ياخشى كۆرگەن بىرىنى تاپقىچە ياش قىرىققا باردى.
    ساداقەتمەن回复قۇتبىلىك说:
    ئۇزۇن بولدى تورغاچىقالماسلىق سىلەرنىڭ ئىنكاسىڭلار جاۋاپسىز قالدى كەچۇرۇڭلار ھە ! ياق ئۇنداق بولماسلىقى مومكىن
    2010-09-24 13:34:52