ﺗــﻮﺭ ﺑــﻪﺕ  خەۋەر  رەسىم  ناخشا  فىلىم  ئـۇچـۇر     
 

  • 2010-08-11

    ئەركەكلەرگە - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/72541987.html

    ھېچ بىلمىدىم سەن ياشايسەن قانداق بىر ئويدا؟
    سەن ئولتۇرساڭ راھەت سۈرۈپ بەھۇزۇر ئۆيدە،
    شۇ ئايالىڭ نان دەردىدە قاي كوچا – كويدا؟
    ئەركەك ئۈچۈن ئار ئەمەسمۇ ئايال خار بولسا؟

    ئەركەك ئۆيدە بىخىرامان سوزۇلۇپ ياتار،
    خوتۇننىڭ ھەر تاڭى ئاچچىق ئەلەملىك ئاتار.
    ئەرلەر بىغەم، خوتۇن قولى مېھنەتتە قاتار،
    ئەركەك ئۈچۈن ئار ئەمەسمۇ ئايال خار بولسا؟

    سەدىقىلەر سوراپ يۈرەر ئاياللار زار – زار،
    ئاياللاردىن قەد كۆتەردى ‹‹ غەلىتە بازار ››،
    دۇنياغا ھەم مەشھۇر ‹‹ ئۇيغۇر چىمەنزار ››،
    ئەركەك ئۈچۈن ئار ئەمەسمۇ ئايال خار بولسا؟

    ئالپامىشۇ ئوغۇزخانلار ئەمدى چۆچەكمۇ؟
    ‹‹ ئەركەك ›› دېگەن نام كىملەرگە ئەمدى ئەرمەكمۇ؟
    خوتۇنىغا قاراپ قالغان ئەركەك ئەركەكمۇ؟
    ئەركەك ئۈچۈن ئار ئەمەسمۇ ئايال خار بولسا؟

    ئەمما بەش قول بىباراۋەر، باراۋەر بولماس،
    كىم بۇ گەپتىن ساۋاق ئالار، كىم پەرۋا قىلماس.
    ئاياللارنى ئاسراڭ، يوقىسا كېلەچەك بولماس،
    ئەركەك ئۈچۈن ئار ئەمەسمۇ ئايال خار بولسا؟

    ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئەركەكلەرگە

    分享到: