ﺗــﻮﺭ ﺑــﻪﺕ  خەۋەر  رەسىم  ناخشا  فىلىم  ئـۇچـۇر     
 

  • 2010-07-04

    Google ئېلانىدا ھالقىلىق سۆز چاقىرىش - [Googleبىلىملرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/68029876.html

    نۆۋەتتە نۇرغۇن تور بىكەتلەر گوگلېنىڭ ئېلانىنى بېكىتىگە قۇيۇپ،  تور بېكىتىنىڭ بىر قىسىم چىقىملىرىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ھەم شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. جۈملىدىن روھلان تور بېكىتىمىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئورۇنلارغا بۇ ئېلاننى قويدۇق.
    نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر تور بېكىتىدىكى ئېلاننى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلان كودىغا خەنزۇچە تىل كودى ياكى ئېنگىلىزچە تىل كودىنى مەجبۇرى قىستۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا بېكەتىكى ئېلاننىڭ كۆرۈلۈشىنى نورماللاشتۇرۇپ، ھەقسىز ، ئاممىۋى ئېلان چىقىۋېلىشنى توسقىلى بولسىمۇ ئەمما بېكەتتىكى ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ ماس كەلمەسلىكى تۈپەيلى ئېلاننىڭ چېكىلىش باھاسى ناھايىتى تۆۋەن بولماقتا، جۈملىدىن روھلان تور بېكىتىگە قۇيۇلغان ئېلانلاردىمۇ 5-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇيۇلغاندىن باشلاپ، بىر قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى چېكىلىش سوممىسى 0.8 دوللار، ئەڭ تۆۋەن چېكىلىش سوممىسى 0.01 دوللار بولدى.
    مەن ئىلگىرى بىلىك كۇلۇبىدا ساقلىۋالغان ھالقىلىق سۆز ئارقىلىق يۇقىرى باھالىق ئېلانلارنى بېكەتكە باشلاپ كىرىش  ھەققىدىكى تېمىنى بېكەتكە يوللاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈممۇ سىناپ بىر قانچە يۇقىرى باھالىق ھالقىلىق سۆزلەرنى تېپىپ چىقتىم.
    شۇڭا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تور بىكەت باشلىقلىرى ۋە بلوگداشلارغا ھالقىلىق سۆزلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
    بۇ قېتىم تۇنۇشتۇرۇلىدىغان ھالقىلىق سۆز [dedicated hosting ]  بولۇپ، بۇنىڭ خەنزۇچە مەنىسى مەخسۇس ئىشلىتىلدىغان مۇلازىمىتىر دېگەنلىك بولىدىكەن.
    سىز بەلكىم مۇشۇ [dedicated hosting ] دېگەن ھالقىلىق سۆزنى ئىشلىتىپ، مۇشۇ ھەقتىكى بىلىمىڭىز بىر قەدەر يۇقىرى بولسا مۇشۇ ھەقتە ياخشى ماقالىدىن بىرنى يېزىپ چىقالىسىڭىز، بۇ [dedicated hosting ] دېگەن ھالقىلىق سۆز ئىشلىتىلگەن قىممەت باھالىق ئېلاننى باشلاپ كېلەلىشىڭىز مۇمكىن. تور بىكەتنى زىيارەت قىلغۇچىلارمۇ شۇ ئېلان قۇيۇلغان تور بىكەت جۈملىدىن مۇشۇ تور بكەتتىكى مەزكۇر يازمىدا [dedicated hosting ] دېگەن سۆز بار ئېلانلارنى ئۇچرىتىپ قالغاندا بىكەتنى قوللاش ۋە بىكەتتتىكى مەزمۇنلارنى يوللاۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بىر قېتىملا چېكىپ ، ئېچىلغان بەتنى تولۇق ئېچىلغاندا ئانچە-مۇنچە زىيارەت قىلىپ قۇيۇپ تاقىۋەتسە ئويلىمىغان يەردىن بۇ [dedicated hosting ] نىڭ  بىر قېتىملىق چېكىلىشى 100 دوللار ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ھالقىلىق سۆز [dedicated hosting ] نىڭ بۈگۈن تەكشۈرگەندىكى بىر قېتىملىق چېكىلىش باھاسى 145 دوللار ئىكەن.
    ئەمما بۇ بىر خام خىيال بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشقا تامامەن ئەرزىيدۇ، ھالقىلىق سۆزنى باشلاپ كىرىش ھەققىدكى تېما ئەينى ۋاقىتتا بىلىك كۇلۇبىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە نۇرغۇن تور بىكەت باشلىقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن تېما ئىدى.

    分享到: