ساداقەتمەن بلوگى
-
2010-07-05
تور ئېلانى تارقىتىدىغان ئۇيغۇر شىركىتى بارلىققا كەلدى - [توردا پۇل تىپىش]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/68231401.html
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىلگىرى تور بىكەت قۇرغۇچىلىرى 小样圈 تورىدىن ئېلان ئىلتىماس قىلىپ، تور بېكىتىگە كەتكەن چىقىمنىڭ بىر قىسىمىنى مۇشۇ ئېلان كىرىمى ئارقىلىق قامداپ كېلىۋاتاتت، كېيىن يەنە 信使领航 دېگەن تورمۇ پەيدا بولۇپ ئېلان تەمىنلەشكە باشلىدى، بۇ ئىككى تور بىكەتتىن بارلىق ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى دىگۈدەك ئېلان ئىلتىماس قىلىپ ئىشلەتتى ۋە ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئەمما مۇشۇ يېقىندىن 小样圈 تورى قىسمەن ئۇيغۇرچە تور بىكەتلىرىگە ئېلان تەمىنلەشنى توختاتتى.
信使领航 تورىنىڭمۇ كىرىمى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، كۆپ قىسىمى شۇ تور بىكەت تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان بولدى.
بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ ئۇيغۇرلار ئاچقان 890 ئېلان تورىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،بۇ تور بىكەت ھەر قايسى شىركەت ۋە كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئورنىتىپتۇ ، ھەمدە ھەر قايسى ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىگە تەستىق تۈزۈمى ئورناتقان ئاساستا ئېلان تەمىنلەشكە باشلىدى، بۇ كىچىك جەھەتتىن ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرىدىغان مەنبە بىلەن تەمىنلىگەن بولسا ، چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر شىركەت-كارخانىلىرى ۋە شەخىسلەرنىڭ ئۆزىنى، مەھسۇلاتىنى، تور بېكىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى ۋە تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان بىر داغدام يولنى ئېچىپ بەردى .
شۇڭا شەخسەن ئۆزۈم شۇنداق تەۋسىيە قىلىمەنكى ھەر قايسى ئۇيغۇر كارخانىچىلار ۋە شەخىسلەرنىڭ ئۆزىنى ياكى مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىشتا مۇشۇ تور بىكەتنى تاللىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
سەۋەبى ناھايتى ئاددى، خەنزۇتىلى بىلمىسىڭىزمۇ ئۇلاردىن ئۇيغۇرچە مەسلىھەت سورىيالايسىز، ھەممىسى ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت قىلىدۇ، تىل چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايسىز .
بۇ شىركەت يەنە ئېلان بەرگۈچىلەرنىڭ تەلىپى بۇيىچە ئېلان شەكلى(مودىلى) نى لايىھەلەپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، ھازىر تور بېكىتىمىزدە كۆرىۋاتقىنىڭىزدەك ھەرخىل ئۆلچەمدىكى رەسىملىك ئېلان، ئۇيغۇرچە خەتلىك ئېلان ۋە رەسىم ئۇيغۇرچە خەت بىرىكىپ كەلگەن ئېلان، بەتنى تاقىغاندا ئۆزلىكىدىن ئېچىلىدىغان ئېلان، بەتنى ئاچقاندا ئۆزلىكىدىن تەڭ ئېچىلىدىغان ئېلان، بەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يۇقىرى تۆۋەن ئاقالايدىغان رەسىملىك ئېلان،... قاتارلىق شەكىللىرى بار . ئېلان بەرگۈچىلەر ئۆز مەھسۇلاتى، تور بېكىتى،پائالىيتىنى تەشۋىق قىلىشتا زىيارەتچىلەرنى قايسى ئۇسۇلدا جەلپ قىلىشنى ئويلىسا شۇ خىل ئېلان شەكلىنى تاللاپ ئېلان بەرسە بولىدىكەن.
ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كېرىپ تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىۋالسىىزمۇ بولىدىكەن.
http://ad.890.cn/uy/faq_adw.html
http://ad.890.cn/uy/adw.html
http://ad.890.cn/uy/about.html
ئەمدى ئۇيغۇر تور بىكەت قۇرغۇچىلىرى ئۈچۈن بۇ بىكەتىن ئېلان ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
1. ئاۋال بۇ ئادرىسنى ئاچىسىز .
كىرىڭ
2. ئېچىلغان بەتتىكى تۆۋەندىكىدەك چوڭ ئېلان رەسىمىنى چېكىش ئارقىلىق ياكى بىكەتنىڭ ئۈستى ئوڭ تەرىپىدىكىدېگەن كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق تىزىملىتىش بېتىگە كىرىسىز.
ئېچىلغان بەتتىكى بارلىق كاتەكچىلەرنى ھەقىقىي ، توغرا تولدۇرغاندىن كېيىن ئاستىدىكى قوشۇلۇش كۇنۇپكىسىنى باسىڭىز بولىدۇ .
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: كارتا نۇمۇرى ۋە كارتا ئېگىسىنىڭ نامىنى توغرا تولدۇرۇڭ، خاتا تولدۇرۇپ قۇيۇپ، پۇل باشقىلارنىڭ كارتىسىغا كىتىپ قالسا ياكى پۇل سېلىشقا ئامال بولمىسا ، بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۇلار ئۈستىگە ئالمايدۇ، شۇڭا كارتا ئېگىسىنىڭ ئىسمىنى يازغاندىمۇ كارتىدىكى ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئوتتۇرسىدا چېكىت بولسا چېكىت قۇيۇپ تولدۇرۇنە، چېكىت بولمىسا بۇ يەرگىمۇ چېكىت قۇيماي تولدۇرۇڭ .
ئېلان قويىدىغانلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ئېلان شەكلى پۇل تاپشۇرۋېلىش ئۇسۇلى ۋە ئېلان قۇيۇش ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن تېخىمۇ تەپسىلىي تۇنۇشۇپ چىقىڭ.
http://ad.890.cn/uy/faq_ad.html
http://ad.890.cn/uy/about.html
http://ad.890.cn/uy/ad.html
ئاخىرىدا يەنە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم: ھەر قايسى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ۋە شەخىسلەر ئۆز مەھسۇلاتىڭىزنى تەشۋىق قىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز يەنىلا مۇشۇ تور بىكەتنى تاللاڭ، چۈنكى سىز بىرلا تور بىكەتكە ئېلان ھەققى تاپشۇرۇپ نۇرغۇنلىغان تور بىكەتلەردە مەھسۇلاتىڭىزنى تەشۋىق قىلالايسىز .
يۇقارقىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا قانداق ئېلان بېرىشنى بىلەلمىىسڭىز ياكى چۈشىنەلمىسىڭىز مۇلازىمەتچىلەرگە بىۋاستە تېلىفۇن قىلىش ئارقىلىق مەسلىھەت سورىسىڭىز، سىزگە ناھايتى ئەتراپلىق ھالدا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت قىلىدۇ .
(ئەسكەرتىش: بۇ تور بىكەت مېنىڭ ياكى دوستۇمنىڭ ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇغقىنىمنىڭ ئەمەس، بەلكى يىراقنى كۆرەر، ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك بولغان مەن تۇنۇمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تور بېكىتى، شۇڭا قانداقتۇر مېنى خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن . قاي