ﺗــﻮﺭ ﺑــﻪﺕ  خەۋەر  رەسىم  ناخشا  فىلىم  ئـۇچـۇر     
 

  • 2010-11-04

    قىزلارغا 100 نەسىھەت - [ئەدەبىيات- سەنئەت]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/82071776.html

    تۈزگۈچىدىن
    سىز ۋە بىزگە مەلۇمكى ھاياتنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ قىممەتلىك ھايات جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ئاتا-بۇۋىلىرىمىز ناھايىتى ئىخچام قىلىپ:«ھېكىمەتلىك نەسىھەتكە يېقىن قۇلاق مەڭگۈ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرالايدۇ» دەپ ئېيتىقان.
    دەرۋەقە،كىشى پايدىلىق نەسىھەتلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچىرشىپ تۇرسا،ھاياتىنى گۈزەل مەنالار خەزىنىسىدە سەير قىلدۇرالايدۇ.بۇ خىل سەير ئىنساننىڭ ھاياتىقا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش دەرىسخانىسى بولۇپ،بۇ خىل دەرىسخاننىڭ كۆپلەپ تەسىس قىلىنىشى ئىنسانىيەت،شۇنداقلا جەمىئيەت تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.مەن خەلىقىمىزنىڭ ئۆز مەنىۋىيەت ئالىمىگە تۇلىمۇ ماس بولغان ھېكىمەتلىك نەسىھەتلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچىرشىش ئىستىكىگە ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەتى تېگەر دېگەن مەقسەتتە،قولىڭىزدىكى «قىزلارغا 100نەسىھەت»دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چېقتىم.كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ھېكىمەتلەر زامانىمىز قىزلىرنىڭ ئۆز-ئۆزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىدە ،ئۆز قىممىتىنى بىلىپ يېتىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

    بىرىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورالغىندۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسىمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىيتى مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نۇمۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتبارلىق قىز نامايان بولىدۇ ۋەبۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرۈنىدۇ. ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيىتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.

    ئىككىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ئىپپەت__ ۋىجدانىي پاكلىق، نومۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر. قىزلارنىڭ تەبئىيتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپىسلىك، زىبالىق، ھۇشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى__ يېرىم بايلىق، ئەقلى بولسا خەزىنە. ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا: «ئىنساندا مەڭگۈ تۇردىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر» دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئىسسىق كۆرسىتىدىغان نەرسە__ كىشىنىڭ ھايا ۋە ئىپپىتىدۇر. ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن قىز ھامانەم ھەقىقىي ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

    ئۈچىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك__ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بولىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەخىتلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەخىتسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تىل __ يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلىسا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلگە كەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ، كىشلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈكۈت قىلىش بىلەن ماختان. ھەر نەرسىنىڭ دەلىلى بار. ئەقىلىنىڭ دەلىلى – پىكىر، پىكىرنىڭ دەلىلى – سۈكۈتتۇر. سەن سۈكۈت قىلش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىڭگە يېتەلەيسەن. سۈكۈتتىن يىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ.

    تۆتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، كىشنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما. ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭدا بىراۋ مەسىلە سورىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر، ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى سۆزلىمە، كۈچۈڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ھەر ئىشتا ئوتتۇرا ھاللىقنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرىگە سۆزۈڭ بولسا، ئاشكارا سۆزلە، زۆرۈر بولمىسا، پىچىرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ھەر تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىساڭ گۇياكى ئاجىزلىقتىن كۈچلەنگەندەك ئاڭلىغىن. بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن – كەلمىسۇن، جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا. چۈنكى، سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىن چىقىدۇ.

    بەشىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتىنى، قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى سىلىق-سىپايە، دەل جايىغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر. سۆزلىگەندىمۇ راسىت سۆزلەش، گەپنى قسقا، مېغىزلىق قىلىشقا ، مەنلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشىلەرنى بىزار قىلىماسلىق كېرەك. خەلىقىمىز تولا گەپ قلىدىغان كىشلەرنى ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا دەپ ئاتايدۇ. كۆپ گەپ قلغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلتىدۇ، خاراكتېرىدىن مەمەدانلىق چىقىپ تورىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قلىشدىكى مەقسىتى ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر.

    ئالتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ئىپپەتلىك قىزلار ئۆزلىرىگە تەلەپچان،ھايالىق بولىدۇ. يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىش، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەردە قىزلىق شەنىگە يارىشا ئىش تۇتىدۇ. كىشلەر ئارىسدا كالتە، تار، كۆكرىكى چوڭ كىيىملەرنى كىيىش، مەمەدانلىق، چاكىنا قىلىق، ئورۇنسىز ھەركەتلەرنى قىلىشنى ئۆزلىرىگە ھار ئالىدۇ. ئىپپەتلىك قىزلار، بولۇپمۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا، چوڭلار بار سورۇنلاردا ئۆزلىرنى قانداق تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ. ھەربىر قەدىمىنى ئويلاپ باسىدۇ. قىز بالا ئۆزىنىڭ تەبئىي چىرايى بىلەن يېقىملىقتۇر. ئۇنىڭغا يەنە پەرداز قىلىش ئۇنى سۈنئىيلەشتۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھەددىدىن زىيادە پەرداز قىلىش، كەلسە-كەلمەس زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاش، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىش قىزلارنى يەڭگىلتەك، قونچاق سۈپەت كۆرسۈتۈپ قويۇشى مۇمكىن.

    يەتتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، دانالار ئىلىمنى مال-مۈلۈكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ. ئېيىتشلىرىچە، ئىلىم مېغىز بولسا، بايلىق ئۇنىڭ پوستى، ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر. دانا كىشىلەر ھەر دائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئاۋۋال پەزىلەتلىك كىشلەردىن مىراس قالۇر، مال-بايلىق بولسا ھارۇن ۋە ھاماننىڭ مىراسىدۇر؛ ئىككىنچى، ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلىدۇ؛ ئۇچىنچى، ئىلىملىك كىشىنىڭ دوستى كۆپ بولسا، مالدار كىشنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ؛ تۆتىنچى، مالدار كىشىلەر ئۆتە خەسىس ۋە بېخىل بولسا، ئالىم كىشلەر ساخاۋەت ئىگىسى بولىدۇ؛ بەشىنچى، ئىلىم كىشىگە دۇنيادا ئابرۇي كەلتۈرسە، مال-دۇنيا ئازاپ كەلتۈرىدۇ.

    سەككىزىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ئۈچ خىل كىشى ھېكىمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىرىدۇر. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋىردىغانلار، بۇنداق كىشىلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تائامنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسىنىڭ ھەزىم قىلىشقا ئاجىز كېلىشىدىن قورقىماي يەۋېرىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، بۇنداق كىشىلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈشمىندۇر. ئۈچىنچىسى، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار، بۇنداق كىشىنىڭ ئىشى ئاخىر ھەسرەت-نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ.

    توققۇزىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ياخشى خويلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مىجەز-خاراكتېردا خاسلىققا ئىگە، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ياراملىق قىز بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىزىنى كىچىكىدىن باشلاپ تۈجۈپلەپ تەربىيلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە ، شۇنداقلا قىزلارمۇ ئېسىنى تاپقاندىن كېيىن ئۈنسىز تەربىيە ۋە ئەتراپىدا يۈز بىرۋاتقان ياخشى-يامان ئىشلارنى جايىدا پەرىقلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئۈزىنى تەربىيلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق تەربىيلەنگەن قىزلارنىڭ گۈزەللىكى، پەزىلەت غۇنچىسى قەلب تۆرىدە ئېچىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭغا چىراي گۈزەللىكى قوشۇلسا بۇنداق گۈزەللىك كامالەتكە يەتكەن گۈزەللىك ھېسابلىندۇ.

    ئونىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، شىجائەت، ساخاۋەت ۋە خۇشخۇلقلۇق ئەڭ ئەلا پەزىلەتلەردىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر ھەر دائىم ئۇلۇغلۇق سەرمايىسىدىن بەھرىمەن بولۇر. مەزكۇر سۈپەتلەر ئىچىدە خۇشخۇلقلۇق ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، شىجائەت ناگان-ناگاندا ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ، ساخاۋەت ئالىي پەزىلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى مۇيەسسەر بولۇۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسدىن چىقىش ئۈچۈن، كىشلەرگە ھەر خىل شەرت-شارائىتلار كېرەك. ئەمما، خۇشلۇلقلۇق شۇنداق نەرسىكى، ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئېرشەلەيدۇ. يېقىملىق خۇلق ئىگىسىدىن چوڭ-كىچىكنىڭ بارچىسى خۇرسەن بولىدۇ. بۇنداق خۇلق ئىگىسى باشقىلارنى خۇرسەن قىلىشتىن تاشقىرى، ئۆزىمۇ دائىم خۇرسەن يۈرىدۇ. باشقىلاردىن بولسا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق قايتىدۇ.

    ئون بىرىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، دەۋىرداشلىرىڭدىن ئەقىل-پاراسەتتە، ئىلىم-پەن جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇش تۇلمۇ نومۇسلۇق ئىش. ئادەم تۇرۇپ ئادىميلىك قابىليەتكە ئىگە بولالماسلىق، ئادەم تۇرۇپ ئادەمدەك ياشىيالماسلىقتەك ئېغىر مەھرۇملۇق بولمايدۇ. شۇڭا، ئىنسان بالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەيىب بىلىمسىزلىكتۇر. نومۇس قلىش توغرا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ نادانلىقدىن نومۇس قىل، خورلۇق ھىس قىلىش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بىلىمسىزلىكىڭدىن خورلان. بىلىمسىزلىك سېنى ئىنسانىي تويغۇدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇڭا، سەن ئالدىنۋاتقانلىقىڭنىمۇ ، ھاقارەتلىنۋاتقانلىقىڭنمۇ ھېس قىلالمايسەن. نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى توغرا پەرىقلەندۈرەلمەيسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قانچلىغان ھاقارەت تامغىسىنىڭ بېسىلۋاتقانلىقنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرەلمەيسەن.

    ئون ئىككىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نامىغا ئىلەشكەن يامان داغ_ نومۇسىنىڭ كېتىشى بەكمۇ قىيىن. بەزىدە بايقىماي بېسىلغان تىكەننىڭ جەبىرنى بىر ئۆمۈر تارتىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ئۇ كىشىنى ئۆمۈرۋايەت گۇمان، شۈبھە قىيناقلىرىغا دۇچار قىلىدۇ. بۇلارغا كۆپىنچە ئويلىماي ئىش قلىش، ئىرادىنىڭ تىزگىننى ئازراقلا بوش قويۇۋېتىش سەۋەب بولىدۇ. ئىنسانىي پەزىلەتلەر، مەنىۋى، مەنىۋى قەدىر-قىممەتلەر ھەققىدە سۆز بولسا ئۇلارنىڭ قىزلاردا ئەڭ ئالىي دەرىجىدە بولۇشى تەلەپ قىلىندۇ. چۈنكى قىز بالا مىللەتنىڭ كۆركى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھېسابلىندۇ. شۇڭا قىزلار ناھايىتى نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك، سەۋىر-تاقەتلىك، ئاقىل، مېھرىبان بولۇشى كېرەك. ئەيىب ياكى گۇناھ ئىش قىلىپ قويغان باشقا ھەممە كىشىلەر ئەپۇ قلىنىشى مۇمكىن، پەقەت قىز بالا ئەپۇ قىلىنمايدۇ.

    ئون ئۈچنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، راھەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ راھەتنىڭ قەدىرگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆڭلۈڭگە دائىم ئارزۇ-ئۈمۈت يار بولسۇن. تېنىڭ نەپەس ئېلىپ قانغان ھالەتتىمۇ روھىڭ مەڭگۈ ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھەممىگە ئېرىشسەڭ، ئۇ ھالدا ھەممە ئۈمىتسىزلىك ۋە نارازىلىققا ئۆزگىرىدۇ. ئاقىل بولغانلارمۇ باشقا شەيئىلەرنى چۈشىنىپ ھەۋىسىنى قاندۇرۇشى لازىم. ئۈمىد بىزگە ھايات بېغىشلايدۇ، ئەمما قۇرساق تويغۇزۇۋېلىپ تاماشا بىلەن ئۆتۈش جاننى ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقنى قايتۇرغاندا ئۇلارنى قانائەتلەندۈرمەسلىك لازىم. ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىگە ھاجىتى چۈشمىگەندە، ئۈزۈڭگە ھەممە يەردە ئاگاھ بولۇشۇڭ لازىم. ھەر قانداق خۇشاللىق ئۇلارنى خۇشال قىلالمايدۇ. ئارزۇنىڭ ئاخىرى غەم-قايغۇ دېمەكتۇر.

    ئون تۆتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھەر ۋاقىت پەزىلىتىڭىزنى ساقلاپ، پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولغايسىز. تاكى جەمئىيەتتە كىشىلەر سىزگە ھەۋەس قىلىپ:«بۇ كىمنىڭ قىزىدۇ؟، نېمە ئىش قىلدىغاندۇ؟ ئەجەب ئەدەپلىك قىزكىنا» دەپ ئېغىزىنى چاكىلدىتىپ قالسۇن. سىزدىن ھەرگىز ئەدەبسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن، ئەگەر سىزدە كىچىككىنە ئەدەپسىزلىك سېزىلىپ قالسا، شۇ ھامان شەنىڭىز بولغىندۇ، ئابرۇيىڭىزنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىز. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسنى چىڭ ساقلىيالىسڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىي قىممىتىڭىزنى، بولۇپمۇ قىزلىق قەدىر-قىممىتىڭىزنى قولىڭىزدا تۇتالايسىز، ئەڭگۈشتەر قولىڭىزدا بولىدۇ، بۇ ئەڭگۈشتەرنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويدىڭىزمۇ، ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۈرسىز.

    ئون بەشىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، دېڭىز كەڭ بولغانلىقتىن ھەممە دەريا-ئېقىنلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ. باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئۆزىگە پايدا يەتكۈزگەنلىك، باشقىلارغا زىيان سېلىش ئۆزىگە زىيان سالغانلىق، باشقىلارغا يول قويۇش ئۆزىگە يول قويغانلىق، باشقىلاغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ. باشقىلارغا يول قويۇشنى ئۆگىنۋېلىڭ! باشقىلاغنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئىززەت تاپىسىز، يول قويسىڭىز نىيتىڭىزگە يېتىسز. ھۆرمەت قىلىشتا ناھايىتى ئىھتىياتچان بولۇش، ئىشنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماسلىق، ھەممىسىگە سەل قارماسلىق كېرەك. يول قويۇشتا ھەر قانداق ئىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، تۆھپىنى يالغۇز ئىگىلىۋالماسلىق، خاتالاشقاندا باشقىلارغا دۆڭگىمەسلىك كېرەك.

    ئون ئالتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، مۇغەمبەر ئادەملەر ھەمىشە يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن باشقىلارنى دەي-دەيگە سالىدۇ. شۇڭا زەربىگە ئۇچىرغان، خورلانغان ۋە ئاھانەتكە قالغان چاغلىرڭىزدا، سۇغۇققانلىق بىلەن ئەستايدىل ئويلىنىپ، ئىشنىڭ باش-ئايغىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بىر قارارغا كېلىڭ. بولۇپمۇ بەزىلەر سزگە بەزىبىر ئىشلاردىن ئالاھىدە ئۇچۇر بەرگەن چاغلاردا ئۇنىڭ دىگەنلىرنى ئىنچىكە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا باشقا بىر غەيرىي نىيەتنىڭ بار-يوقلۇقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىڭ. چۈنكى نۇرغۇن ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددىي بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان بىرەر مۇددىئا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا كۆڭلىڭىزدە ئېدىتلىق سان بولسۇن؛ھەرگىز باشقىلارنىڭ قول چۇمىقىغا ئايلىنىپ قالماڭ.

    ئون يەتتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ئۆزىڭىزگە توغرا تۇنۇشتا بولمىسڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنمىسڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشىڭىز تېخمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش، تىزگىنلەش داۋامىدا، ئۆزلۈكنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلنىشى مۇقەررەر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئۆزىمىزنى توغرا تۇنۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايدىغان يوشۇرۇن ئېڭىمىزنى ئويغىتالىشىمىز، ئاندىن تامامەن يىپيېڭى گۈزەل ھاياتنى يارتالىشمىز مۇمكىن. ئۆزىگە ئىشنىش_ مۇمكىنسىزلىكنى مۇمكىنچىلىككە، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك_ئەسلىدىكى مۇمكىنچلىكنى مۇمكىنسىزلىككە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

    ئون سەككىزىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ئاقىللارنى ئۆزلىرنى دۈشمەن ھىيلە-مىكىرسىدىن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. دۈشمەننىڭ يامان سۆزلىرى بىلەن يولدىن چىقمايدۇ. غاپىل كىشىلەر بولسا دۈشمەننىڭ يالۋۇرۇشى ۋە مۇلايىملىقنى كۆرۈپ، ئاداۋەتنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشنا بولىدۇ. ئۇلار دۈشمەننىڭ سىرتىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بىلەن كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىندىغانلىقنى بىلمەيدۇ. ھەر قانداق دۈشمەننىڭ كىشگە قەسىت قىلىشىغا قۇدىرتى يەتمىسە، ھىيلە ئىشلتىپ يېقىنلىق قىلىپ، نەسىھەت يولنى تۇتىدۇ ۋە مەھرۇم بولۇۋېلىپ، سىرلىرددىن ۋاقىپ بولىدۇ_دە، پۇرسەت تاپسا ئۆز ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، تۈرلۈك زىيانلارنى سالىدۇ. ئەگەر ئۇ زىيان سالسا، ئوتلۇق چېقندەك جان خامىندىن باشقىسىنى كۆيدۈرمەيدۇ ۋە قازا ئوقىدەك مۇرات نىشانىسدىن بۆلەك نەرسىگە خاتالىشىپ تەگمەيدۇ.

    ئون توققۇزىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ئەگەر بىرى سىنڭ ئەيىب، نوقسانلىرىڭنى ئېيتىسا، قۇبۇل قىلىپ كەمچىلىكىڭنى تۈگىتىشكە تىرش. سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆز ھالىنى ئېيتىپ كەلگەن كىشىنى زادى كەمسىتمە، بەلكى ياردەم قىلىپ، ئۇنى مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇر. ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل، ئۇلارغا مېھرىبان بول. چۈنكى كىچىكلەر سېنىڭ ئېكىنزارىڭدۇر، ھەممە ئىشڭ ئاشۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتىدۇ. ئەگەر تېرىلغۇلىرىڭ ۋەيران بولسا، تىرىكچىلىكىڭ قىيىنچىلقتا ئۆتىدۇ. دوستۇڭغا ياخشى نىيەتتە بول. خەلىقنىڭ ئالقىشغا ئىگە بولۇشنى ئىزدىسەڭ، ئالىيجانابلىق يولىنى تۇت.

    يىگىرمىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ئەگەر قىز بالا گۈزەل، خۇش قامەت، زىبۇ-زىننەتلىرى جايىدا بولسىمۇ مۇئامىلسى قوپال، چېچىلاڭغۇ بولسا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىلىنى ئاغرىتسا، ئىشنىڭكى، ئۇنى ھېچكىم، ھېچقاچان گۈزەللەر سېپىگە قوشمايدۇ، ئۇنڭدىن كۆڭلى قالىدۇ. ھېچقانداق نەرسە كىشىنىڭ ئەقلىنى مۇئامىلە كەبى نامايان قىلالمايدۇ. قىزلار ئۆزىگە قانچىلىك زىننەت بەرمىسۇن، مۇئامىلە مەدەنىيتىنى، مۇئامىلە سەنئىتنى بىلمىسە ھېچقاچان ئۆزگىلەرنىڭ ھۆرمەت ئېتبارىغا سازاۋەر بولالمايدۇ. يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈنمۇ قىزلاردا ئالدى بىلەن مۇئامىلە سەنئىتى يوقۇرى بولۇشى كېرەك.

    يىگىرمە بىرىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، سۆزلەش يۇلى ئېگىز-پەس ۋە خەۋپلىك بولۇپ، كۆپ خەتەرلەر ئۇچرايدۇ. ئويلىماي-پىكىرلىمەي تۇرۇپ بىرەر سۆزنى ئىزھارلاشقا لەۋنى ئاچماسلىق كېرەككى، ئويلىماي ئېيتلغان سۆز كۆپلىگەن باشلارنى ئۆلۈم جەۋگاننىڭ توپىسىغا ئايلاندۇرغان، جان خەزىنىسىنى زاۋاللىق ۋە نوقسان قىمارىغا ئۇتقۇزغان. سۆزلەشتە بىر نەچچە قائىدە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە رىئايە قىلماق لازىم. بىرىنچىسى شۇكى، سەۋەبسىزلىك ۋە بىمەھەللىك كىلىتى بىلەن سۆزلىشش قۇلۇپىنى ئاچماسلىق كېرەككى، گەرچە سۆز گۆھىرى توغرا ۋە ئېنىق بولسىمۇ، بىۋاقىت ۋە ئورۇنسىز ئېيتىلسا، ئىدراك بازىرىنىڭ گۆھەرشۇناسلىرى ۋە قائىدە بىلگۈچىلىرى نەزەرىدە ئېتباردىن چەتتە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى ئاڭلاشقا رىغبەت قىلمايدۇ.

    يىگىرمە ئىككىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، يادىڭدا بولسۇنكى، تۇرمۇشتا پۇل دىگەن ھەقىقەتەن تۇلىمۇ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك نەرسە، پۇل بولمىسا ھاياتتا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالدىغان گەپ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى، پۇلغا ئەسىر بولۇپ ئۆزىنى بولغىماسلىقى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قەدىرلىكتۇر. ئۆزىنى پۇل قاپقىندىن ئامان ساقلىيالىغان ئادەملا ھەقىقىي قەدىر-قىممەتكە ئېرشەلەيدۇ. ئۇنداق چىن-دۇرۇس ئادەمنى كۆزگە سۈرتىسمۇ ئەرزىيدۇ. پۇل تاپ، لېكىن_پۇلنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالما. پۇل دېگەن ئازىزمۇ قىلىدۇ، خارمۇ قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئىماننى، ۋىجداننى بولغاپ ئىنساني پەزىلەتنى يەرگە ئۇرۇش خارلىق دېگەن شۇ.

    يىگىرمە ئۈچنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، بىلىڭكى، گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىگە يار قىلغان، ھايا، نومۇس چۈمپەردىسگە چۆمكەلگەن، لېۋەن، ياخشى خۇيلۇق، ئىپپەت گۆھىرنى چىڭ ساقلىغان، پەزىلەت غۇنچىسىنى يۈركىدە ئېچىلدۇرالىغان، سىپايە، قائىدە-يوسۇنلۇق، جەلىپكار، سېپى ئۆزىدىن ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىغا خاس خىسلەتنى يېتىلدۈرگەن بولسىڭىز، مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان بولسىڭىز مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ، ئۇقۇتقۇچىلىرڭىزنىڭ سىزگە چىن يۈركىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ؛ ئەگەر سىز كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەپ قالسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ سىزگە قايىللىقىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ. شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي جەلىپ قىلىش كۈچىڭىزنى ھېس قىلسىز ۋە ئۇنىڭ تۈرتىكىسدە ھەممە ھۆرمەتلەيدىغان شەخىسكە ئايلىنسىز.

    يىگىرمە تۆتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ئېغىر-بېسىقلىقنى خۇددى بىر گۈھەر دېسەك، مۇلايىملىق باشقا كاندىن ئېلىنغان مەدەندۇر. بۇلار ئارقىلىق سەن شاھ بىلەن گاداينى ئۆزۈڭگە ئىتائەت قىلدۇرالايسەن. ئوچۇق چىراي، ئەخلاقلىق بولۇش كىشنى ئادەملەر ئارسىدىكى زىددىيەتلەردىن ئارازچىلىق ۋە پىتنە-پاساتلاردىن خالىي قىلىدۇ. مۇلايىم ۋە ئەدەپلىك بولۇش ئىنسان ۋوجۇدىنىڭ مېۋىلىك بېغىدۇر، ئادەملىك تېغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلار بىلەن تولغان زەر كاندۇر. بۇ كاننىڭ بايلىقلىرى چەكسىزكى قېزىپ-قېزىپمۇ تۈگەتكىلى بولماس. ئۇنىڭدا چېچەكلىگەن مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى پۈتكۈل يەر-جاھاننى دائىما ئىللىتىپ تۇرغاي.

    يىگىرمە بەشىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، دۇنيانىڭ قانۇن-قائىدىلىرى مەۋجۇت بولسا، ئادەمگە ئادەمگەرچىلىك قىلىش ئۇنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. كىشى ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشلىق بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ. كىمنىڭ ياخشى نام بىلەن جېنى چىقسا، ئۇنىڭ ياخشى نامى دۇئا بىلەن داۋاملىق يادلىندۇر، ئۆلگەندىن كېيىن، كىم ياخشى دۇئا بىلەن يادلانسا، ئۇ قايتىدىن تۇغۇلۇپ، يەنە بىر ھايات باشلىغاندەك بولىدۇ. مەيلى يەرنىڭ ئۈستىدە بول ياكى يەرنىڭ ئاستىدا بول، ياخشى نامىڭ مەشھۇر بولسا، شۆھرىتىنى ئۆزۈڭ كۈرسەن.

    يىگىرمە ئالتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، بىلىم بىلەن جاسارەت ئۇنتۇلماستۇر، دېمەك ئۇلار سېنىمۇ ئۇنتۇلماس قىلىپ قويالايدۇ. سەن قانداق بىلىم ئىگەللىگەن بولساڭ، شۇنداق ئادەم بولسەن. ھەقىقى ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولساڭ، خالىغىنىڭچە ئىش قىلالايدىغان بولسەن. ھېچنېمىدىن خەۋىرى يوقلار ئۆزىنى قاراڭغۇ دۇنياغا قاماپ قويغان بىلەن باراۋەر. جىسمانىي قۇدرەت ۋەئەقلى قابىليەت گۇيا ئىككى قول ۋە ئىككى كۆزگە ئوخشايدۇ. پاراسەتلىك، ئەمما جاسارەتسىز بولغانلارنىڭ پاراسىتى مېۋە بەرمەيدۇ.

    يىگىرمە يەتتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، مۇنۇ ئون گۈزەل خىسلەت ئادەمگە بەخىت-قۇت كەلتۈرىدۇ؛ ھايا، مۇرۇۋۋەت، ساداقەت، تەۋازۇ، ئەمگەك، سېخىيلىق، نومۇس، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، ئادالەت، ھلىم (مۇلايىملىق) ۋە شىجائەت. مۇنۇ ئون يامان خىسلەت ئادەمنى بەخىتسىزلىك-پالاكەتكە سۆرەيدۇ: ھەسەت، ئاداۋەت، بېخىللىق، تەكەببورلۇق، يالغانچىلىق، مۇناپىقلىق، چېقىمچىلىق، خيانەت، جاھىللىق ۋە ھۇرۇنلۇق. كىمنىڭ ھىممىتى ئۈستۈن بولسا، شۇنىڭ قەدىر-قىممىتىمۇ ئۈستۈن بولغۇسى. بىراۋ ئەدەپ ئۈگەتسە، ئۈگەنمىگەن كىشى ھايۋان؛ ئۆزىرە سورىسا، قوبۇل قىلمىغان كىشى شەيتاندۇر.

    يىگىرمە سەككىزىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ئېيتقان سۆزدىن يانمايدىغان، ۋەدىسىدە تۇردىغان ئادەم بۈگۈن سۆزلىگەن سۆزىدىن ئەتىسى كۈنى تېنىۋالمايدۇ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ. كىشى ۋەدە قىلىپ، قىلىغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىسا، خەلىقنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنچىسى ئاشىدۇ. ۋەدىنىڭ ئاپىتى__ ۋەدىسگە ۋاپا قىلماسلىق ياكى ئۇنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشتۇر. ۋەدىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، ۋەدە قىلىغۇچى باشقىلار ماقۇل بولغۇدەك بىرەر سەۋەپ كۆرسۈتەلمىسە، كىشلەر ئۇنىڭدىن ۋەدە تەلەپ قىلمايدىغان ، ۋەدە بەرسىمۇ ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش چىن ئىنسانلىق خىسلىتىدۇر.

    يىگىرمە توققۇزىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ئىنسانلار ئۈچۈن ھايا- ئىنتايىن شەرەپلىك بىر خىسلەت ۋە ئۇلۇغۋار ئەخلاقتۇر. ھايا- ئادەمزات جەمئىيەتنىڭ گۈزەل ۋە تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم بىر شەرتتۇر. ھايادىن ئىبارەت بۇ ئەخلاق كىشىلەر ئارىسىدىن يوقىلىپ كەتسە، كىشى-كىشىدىن سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۇيالمايدىغان بۇلۇپ قالسا، ئالەمنىڭ نىزامى بۇزۇلىدۇ. خەلقئارا ئېسىل رەسمىيەتلەر يوقىلىدۇ. مەئىشەت ئامانلىقىغا زور بالالار توغۇلىدۇ. كىشىلەر بىر- بىرىنىڭ ھەققىدە دىيانەت ۋە ساداقەت ساقلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۈچلۈكلەرئاجىزلارنى تالاپ ۋەيران قىلىدۇ. ھايا-كىشىلەرنى ناچار ئەخلاق ۋە قىلىقلاردىن چەتكە تارتىدىغان تەبىئى كۈچتۇر. ئىنسانغا ھايادىن تولۇق پايدا ۋە مەنپەئەت باردۇر،ياخشى خۇي- ئەخلاق مېۋىسى ھايانىڭ سۈيى ۋە ئاپتىپىدىن پەرۋىش تاپمىسا، تولۇق پىشالمايدۇ.

    ئوتتۇزىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم،ھۆكۈماللار خۇشخۇيلۇقنىڭ بەلگىسى ئون خىل بولىدۇ دەيدۇ. بىرىنچى، ياخشى ئىش توغرىسىدا كىشىلەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماسلىك. ئىككىنچى، ئۆز نەپىسىدىن ئۆزلىكىدىن ئىنساپ كۆرسىتىش. ئۈچىنچى، كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەسلىك. تۆتىنچى، كىشىلەردىن نا لايىق ئىشلار سادىر بولسا، ئۇنى ياخشىلىققا سېلىش. بەشىنچى، گۇناھكار گۇناھىدىن ئۆزرە ئېيتىپ كەلسە قوبۇل قىلىش، ئالتىنچى، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى ھەل قىلىش. يەتتىنچى، كىشىلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن مۇشەققەت تارتىش. سەككىزىنچى، ئۆز نەپسىنى كۆزلىمەسلىك. توققۇزىنچى، باشقا كىشىلەرگە چېھرىدىن مېھرىنى كۆرسىتىش. ئونىنچى، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىش.

    ئوتتۇز بىرىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم،ساخاۋەت_ ئۆزگىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش دېمەكتۇر. ئېھسان__ كىشلەرگە ياخشىلىق قىلىش دېمەكتۇر. ساخاۋەت__ ئىنسانلانىڭ كىشىلەر ئارسىدىكى ياخشى نام ۋە ياخشى سۈپەت قالدۇرۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. جىمى ئادەمزات ئۈچۈن مەيلى ئۇ شاھ بولسۇن، گاداي بولسۇن، ئالىم بولسۇن، باي بولسۇن__ ھەممىسىگە ساخاۋەت ۋە ئېھساندىن ئارتۇق سۈپەت ۋە پەزىلەت يوقتۇر. ساخاۋەت__ خۇددى جەننەتنىڭ دەرەخلىرىگە ئوخشاش، جەننەتنىڭ دەرەخلىرى بولغاندىمۇ ئاللاتائالانىڭ رازىلىق ئېرىقلىرىنىڭ لېۋىدە ئۆسكەن دەرەختۇر. ساخاۋەت بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نام_شەرەپ بولسا ئۇنىڭ چېچەكلىرىدۇر.

    ئوتتۇز ئىككىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھايا-گۈزەللىك دەرىخنىڭ بىر شېخى، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مۇھىم شەرتتۇر. ئىنساندىن ھايا كۈتۈرۈلسە، ھېچ كىشى ھېچ كىشىدىن ئۇيالمايدىغان بولىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ ياخشى رەسىمى-قائىدىلەر تۈگەپ كىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئىشلىرى ۋەيرانچىلىققا يۈزلىنىدۇ، ئىنسابسىزلىق ئەۋىج ئېلىپ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك ئېتىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغان بولىدۇ.
    ئادالەت قانات يايدۇرۇلسا، ساختىلىققا ئۇرۇن قالماس، ئادالەت ھاۋاسى مەملىكەتكە گۈزەللىك بەخىش ئېتەر.
    ئادالەت بىر ئاپتاپتۇركى، ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قاراڭغۇلۇق يۇرۇغاي.

    ئوتتۇز ئۈچنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، قىزلانىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، گەپ-سۆزى نازاكەتلىك، يېقىملىق بولۇشى كېرەك. ئۇلارغا ئارتۇقچە ھەرىكەت، قوپال سىلكىشلەر ياراشمايدۇ. نازاكەت، يېقىملىق دېگەندە مۇلايىملىق، ئىش-ھەركەتتىكى نازۇكلۇق، يۇمشاقلىق چۈشىنىلىدۇ. قاتتىق سۆزلەش، قاتتىق كۈلۈش، قوللىرىنى شىلتىپ ھەممىنى ئۆزىگە قارىتىش قىزلارنى نازاكەتتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دەرھەقىقەت، تىلى يېقىمىلىق، چىرايى گۈلگۈن قىز-ئاياللار ئۆز ئائىلىسىنىڭ بەخىت-سائادىتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ بەختى بولۇپلا قالماي، ئۆز ئېلىنىڭمۇ كۆرىكىدۇر.

    ئوتتۇز تۆتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، يىلتىز ئىزدىگەن كوچىلارغا قىلغان ساياھىتىڭىزدە دائىم ئۆتمۈشنىڭ ئاجايىپ جەزبىگە تولغان ئىللىق قوينى ئارقىلىق سىزنى ئالەمچە ھېسلار قۇچىقىدا ئەللەيلەيدۇ، ئۆتمۈش، ئەجدادىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىيتىدىن ئىلھام ۋە ھاياتىي كۈچ ئالدىغان ئەۋلاتلىرىمىزنى كۆپەيتىدۇ، شۇنداقلا پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن دادىل يول ئاچالايدىغان جاسارەتكە ئىگە ئىلىم گىگانىتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ؛ يىلتىز ئىزدەش دائىم سەمىڭىزدە بولسۇن، يىلتىز ئىزدەش روھى دائىم سىزگە ھەمراھ بولسۇن، شۇندىلا سىز ئۆز قەددىڭىزنى مەغرۇر كۈتۈرۈپ، ئۆتمۈشكە ئۆتمۈش كۆزىدە قاراپ، كېلەچەككە ئۈمىدۋار نەزەر تاشلاپ، پارلاق كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن، كەلگۈسىدىكى ئەۋلادىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بېرەلەيسىز.

    ئوتتۇز بەشىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، سىز قايغۇ-ھەسرەت چەككەندە ياخشىسى بىرەر نەرسە ئۈگىنىڭ، ئۆگىنىش سىزنى مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغۇزىدۇ. سىز قېرىپ كېتىشڭىز، تۈن بويى ئۇخلماسلىقىڭىز، مۇھەببەتتە، ئوڭۈشسىزلىققا ئۇچىرشىڭىز مۇمكىن. ئەتراپىڭىزدىكى دۇنيانىڭ بىر توپ تەلۋىلەر تەرپىدىن ۋەيران قىلىنۋاتقانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇشىڭىز مۇمكىن.نامىڭىزنىڭ يامان غەرەزلىك كىشىلەر تەرپىدىن بۇلغىنۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىشىڭىز مۇمكىن. بۇ چاغدا قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىرلا ئىش بار__ ئۇ بولسىمۇ ئۆگىنىش. كىشلىك دۇنياسىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەپلىرىنى تەتقىق قىلىڭ. ئۆگىنش ۋە پەقەت ئۆگىنىشلا روھىڭىزنى مەڭگۈ قېرىتمايدۇ، سىزنى مەڭگۈ يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمايدۇ، رۇھىي ئازاپتىن مەڭگۈ خالاس قىلىدۇ. مەڭگۈ پۇشايمانغا قويمايدۇ.

    ئوتتۇز ئالتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھۈنەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ناتىقلىقتۇر. تەڭرىم ئىنساننى ھەممە مەخلۇقاتتىن كاتتا قىلىپ ياراتتى. باشقا جانلىقلاردىن ئادەمنىڭ بەدىنىدە ئون نەرسىنى زىيادە قىلىدى. ئۇ ئون نەرسىدىن بەشى بەدەننىڭ ئىچىدە، بەشى بەدەننىڭ تېشىدا. بەدەننىڭ ئىچىدىكى بەش نەرسە: پىكىر قىلىماق؛ يادىغا(يادقا) ئالماق؛ بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالماي، كۆڭلىدە ساقلىماق؛ خىيال قىلماق؛ سۆزلىمەك.
    بەدەننىڭ تېشىدىكى بەش نەرسە: ئاڭلىماق؛ كۆرمەك؛ پۇرىماق؛ سىيلىماق(سىيلاش ئارقىلىق قاتتىق-يۇمشاقنى بىلىش)؛ تېتىماق (تېتىش ئارقىلىق ئاچچق-تاتلىقنى بىلىش). بۇ نەرسىلەر ھايۋانلارغا نىسىپ بولغان ئەمەس. نىسىپ بولدى دېگەندىمۇ، ئادەمدە بولغان دەرىجىدە ئەمەس، ئۇشبۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ئۆزىگە جانلىقلارغا پادىشاھتۇر.

    ئوتتۇز يەتتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە ياخشلىققا (ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغۇچى بۇ ئىككىسى بىر تۇغقاندۇر. زامانە ئۇلارنى بىر-بىردىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ. قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن پۇشايمان قىلىما. ياخشلىقىڭ ياكى يامانلىقڭنىڭ جازاسىنى ئۇشبۇ دۇنيادىلا كۆرىسەن. چۈنكى، سەن بىراۋغا ياخشىلىق قىلساڭ، ئۇ كىشى قانچىلىك راھەتلەنگەن ۋە خۇشال بولغان بولسا، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىمۇ ھەسسىلەپ خۇشاللىق ۋە راھەت سەزگۈسى پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بىر كىشىگە يامانلىق قىلىساڭ، سېنىڭ كۆڭلىڭدىمۇ ھەسسىلەپ پۇشايمان ۋە غەشلىك پەيدا بولىدۇ. دەر ھەقىقەت، نەزەر سالغىنكى، كىشىنى خۇشال قلىساڭ، ئۆزۈڭمۇ خۇشال بولىسەن. كىشىنى رەنجىتسەڭ، ئوخشاشلا ئۆزۈڭمۇ رەنجىيسەن.

    ئوتتۇز سەككىزىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھەر قانداق ئادەم ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇ جاھانغا بارماستىن ئىلگىرى، ئۇشبۇ دۇنيادىلا كۆرگۈسىدۇر. بۇ سۆزنى ھىچ كىشى ئىنكار قىلالمايدۇ. سەن ۋە مەن ھەم بۇ سۆزدە بەرھەقدۇرمىز. شۇڭا، قۇدرىتىڭ يەتسىلا كىشىگە ياخشىلىق قىلىشتىن باش تارتىما. قىلىغان شۇ ياخشلىقىڭ ھامان بىر كۈنى ساڭا مېۋە بېرىدۇ. قۇدرىتىڭنىڭ بارىدا ياخشلىق قىلىشتىن توختىما. خالايىققا ئۆزۈڭنى ياخشلىق ۋە ۋە ياخشى پېئلىڭ بىلەن كۆرسەتكىن. يامانلىق بىلەن كۆرۈنۈشتىن ساقلان. تىلىڭدا بىر خىل، دىلىڭدا بىر خىل بولمىغىن. ھېچقاچان بۇغداي كۆرسۈتۈپ ، ئارپا ساتما. ھەممە ئىشلاردا ئۆزۈڭنىڭ ھالىغا ئۆزۈڭ يەت.

    ئوتتۇز توققۇزىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھەر كىشى ئۆز ھالىغا ئۆزى يەتسە، كىشىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ. ئەگەر غېمىڭ ۋە شادلىقىڭ بولسا، كۆرگەنلا كىشى ئالدىدا ئاشكارا قىلىۋەرمە. غېمىڭگە غەم ۋە شادلىقىڭغا شاد بولىدىغان مۇڭداش تېپىپ ئاندىن ئېيىتقىن. ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھالىتىڭگە تېز سۆيۈنمە ۋە ھۇدۇقما. بۇنداق قىلىش، يەنى تېز سۆيۈنۈش ۋە ھۇدۇقۇش گۈدەكلەرنىڭ ئىشىدۇر. ئازغىنا بىر ئىش ئۈچۈن تەبئىتىڭنى ئۆزگەرتىمە. ئەقىل ئىگىلىرى بۇنداق ھالەتنى خوپ كۆرمەيدۇ. شۇنى بىلگىنكى، ھەر قانداق شادلىقنىڭ ئاخىرىدا قايغۇسى بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى شادلىق دەپ بىلمە. ئوڭۈشسىزلىققا دۈچ كەلگەن ۋاقتىڭىدا ئۈمىدۋار بول. ئۈمىدسىزلىك ئىشكىنى ئۈمىد ئىشىكى بىلەن تاقا.

    قىرىقىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھەممە ئىشنىڭ نەتىجىسىنى بۇ جاھاندى ئۆتكۈلۈك ۋە بۇ ئالەمدىن كەتكۈلۈك دەپ بىل. ھەققانىي ۋە توغرا ئىشلارنى ئىنكار قىلىشتىن ساقلان. ئەگەر كىشى ساڭا ئاچچىقلىسا، سەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى خامۇشلۇق بىلەن پەس قىل. ئەخمەقنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بىرىشتىن ئۆزۈڭنى تارت ۋە ھېچ كىىشىنڭ ئەمگىكىنى زايا قىلما. خۇدا رىزاسى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىل. ئۆز يۇرتۇڭدىكى يېشى چوڭ، قېرى كىشلەرگە كۆپ ئىززەت قىل. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆز قەبىلىسدىكى قېرىلار، شۇ قەبىلە ئۈممەتلىرى ئارىسىدا پەيغەمبەرگە ئوخشاشتۇر» دېگەن. قېرىلارنىڭ سۆھبىتىگە تولا ھېرىس بولما. ئۇلارنىڭ ئەيىب-نوقسانلىرىنى بىلىپ قېلىشتىن ساقلىنالايسەن. ئەمما، قېرىلارنىڭ ھۈنەر-پەزىلەتلىرىگە نەزەر سال. ئەيىب-نوقسانىلىرىغا كۆز سالما. كىشىنىڭ ئەيبىگە كۆز سېلىش ئەيبتۇر.

    قىرىق بىرىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھۇرۇنلۇق بەدەننى بۇشاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر بەدىنىڭ سېنىڭ پەرمانىڭغا بويسۇنمايدىكەن، سەن خاتىرجەم بولالمايسەن. چۈنكى بەدەننىڭ سۇس ۋە بوشاڭ بولۇشى خاتىرجەملىكىڭنى قوبۇل قىلالمايدۇ. بەدىنىڭ ئۆز مەيلىچە ئەمەس، بەلكى سېنىڭ خاھىشىڭ بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. سەن خالىمىساڭ ياكى سېنىڭ ماقۇللۇقۇڭ بولمىسا، بەدەن ھېچبىر ھەرىكەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. بەس، سەن چېنىقتۇرۇش بەدىلىگە بەدىنىڭنى پەرمانىڭغا بويسۇندۇر. قەھرىڭ بىلەن ئىتائىتىڭگە كەلتۈر. ھەر قانداق كىشى ئۆز بەدىننى پەرمانىدا تۇتالمىسا، ھۈنەردىن بەھرە ئالالمايدۇ. قاچانكى بەدىنىڭنى ھۈنەر ئۆگىنىشكە__ پەرمانىڭغا بويسۇندۇرساڭ، ھۈنەر بىلەن ئىككىلا جاھاندا سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك تاپالايسەن.

    قىرىق ئىككىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھەممە ياخشىلىق ۋە ئوبدانلىقنىڭ ئاساسى مۇنۇ سەككىز ئىش بىلەندۇر: بىرنچىسى، ئىلىم ئۆگەنمەك؛ ئىككىنچىسى. نەپسىنى يىغماق، تائەت-ئىبادەت بىلەن بولماق؛ ئۈچىنچىسى، ياخشىلار، تەقۋادارلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولماق؛ تۆتىنچىسى، راسىت سۆزلىمەك؛ بەشىنچىسى، ئىخلاس ۋە ئېتقادىنى دۇرۇس قىلماق؛ ئالتىنچىسى، كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزۈشتىن يىراق بولماق؛ يەتتىنچىسى، باشقىلانىڭ ئېغىرىنى كۆتەرمەك؛ سەككىزىنچىسى، شەرىم-ھايالىق بولماق.
    ئومۇمەن بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئاساسى يەنىلا شەرىم-ھايادۇر. بىراق، «ھايا، يەنى ئارتۇقچە تارتىنچاقلىق رىزققا توسالغۇ بولىدۇ» دېگەن گەپمۇ بار. بەزىدە تارتىنچاقلىق چىكىدىن ئاشسا، ئۇۋالچىلىققا قالىسەن، شۇڭا ئارتۇقچە تارتىنچاقلىق قىلمىغىنكى، ئىشلىرىڭدا يېتەرسىزلىك كۆرۈلمىسۇن ۋە پايدىلىق ئىشىڭدا زىيان بولمىسۇن.

    قىرىق ئۈچىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھەر قاچان ياخشىلىق قىلدىغانلارنى ياكى ئۇلارنىڭ (ياخشىلارنىڭ) ياخشى ئىشلىرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما. ساڭا ھاجىتى چۈشكەنلەرگە ئىزا قىلما ھەم ئۇلارنى ھىممەتسىز ياندۇرما. خۇشخۇيلۇق بىلەن ئاتالماقنى ئۆزۈڭگە كەسىپ قىل. كىشىلەر يامان دەيدىغان خۇيدىن يىراق بول. زىيانكار بولمىغىن، يەنى زىيانلىق ئىش قىلمىغىن، چۈنكى زىيانلىق ئىشتىن موھتاجلق ھاسىل بولىدۇ ۋەمۇھتاجلىقتىن نامراتلىق ھاسىل بولىدۇ. ھەمىشە ياخشى ئىش قىلىشقا تىرشقىن. ئاددىي خەلىقنىڭ ۋە جاھىللارنىڭ سېنى ياخشى ۋە ئوبدان دېگىنى ھېساب ئەمەس، تا ئاقىللار-ئىلىم ئەھلى سېنى ئوبدان ۋە ياخشى دېگەي!
    ھەممە تائىپە بىلەن چىقىشىپ ئۆتكىن. دوست بىلەن دۈشمەننى ئارلاشتۇرۋەتمە. ھېچ كىشىگە يامانلىق قىلىشنى ئۆگەنمىگىن، بولمىسا، يامانغا يانتاياق بولۇپ قالىسەن.

    قىرىق تۆتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، كىشىلەرنىڭ نەپىرتىگە-تەنقىدىگە ئۇچىرماي دېسەڭ، قىلىمىغان ئىشنى قىلغاندەك كۆرسەتمە، يەنى قۇيرۇق كۆرسۈتۈپ، ئۆپكە ساتما. ئەگەر ئۇياتقا قالماي دېسەڭ، ئۆزۈڭ يەردە قويمىغان نەرسىنى ئۈستۈن كۆتۈرمە. يەنى خىيالىڭغا كەلگەن ئىشنى قىلما. ئەگەر ئۆزۈڭدىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالماي دېسەڭ، ئۇلۇغلارنى كەمسىتمە. ئەگەر تۈگىمەس پۇشايمانغا قالماي دېسەڭ، كۆڭلۈڭنىڭ خاھىشىچە ئىش قىلما. ئەگەر ئۇلۇغلار، زېرەك ئادەملەر جۈملىسىدىن بولاي دېسەڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزگىلەرنىڭ ئەينىكىدە كۆرۈپ باق. ئەگەر قەدىر-قىممىتىنمىنى ساقلاي دېسەڭ، ئاۋۋال ئۆزگىلەرنىڭ قەدىرنى بىلگىن. ئەگەر كىشلەرنىڭ ماختىشىغا ئىرشەي دېسەڭ، پاراسەتسىز، كەم ئەقىل كىشىلەرگە سىرىڭنى ئاشكارا قىلما. ئەگەر خەلىق ئارىسىدا ئابرۇي تاپاي دېسەڭ، ئاش-ناننى، يەنى داستىخىنىڭنى كەڭرى قىل.

    قىرىق بەشىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھەر قانچە بىلىملىك بولساڭمۇ، ئۆز بىلىمىڭدىن مەغرۇرلانما. بىرەر ئىش ئالدىڭغا كەلسە، ئۇ ئىشنى ئۆزۈڭ پۈتۈنلەي ھەل قىلالايدىغان بولساڭمۇ، ئۆز خاھىشڭغا بېرىلمە ۋە ئۆز بىلىمىڭگە ئىشىنىپ كەتمە. ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتكەن كىشى ھەمىشە پۇشايماندىن خالىي بولالمايدۇ. باشقىلار بىلەن كېڭشىشتىن نومۇس قىلما. ئاقىل قېرىلار ۋە يېقىن دوسلىرىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ تۇر. مۇھەممەت ئەلەيھسسالام پەيغەمبەر ۋە ھېكىمەت ئۆگەتكۈچى بولسىمۇ، ھەقسۇبھانەۋەتەئالا مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىشقا بۇيرۇپ: «يا مۇھەممەد، ئىشلىرىڭدا ساھابىلىرىڭ، سىرداش دوسىت-يارەنلىرىڭ بىلەن مەسلىھەتلەشكىن، تەدبىر سەندىن، نۇسرىتى مەندىن» دېگەن. بىر كىشنىڭ ئەقلى ئىككى كىشىنىڭ بىلەن باراۋەر بولالمايدۇ ۋە بىر كۆز ئىككى كۆز كۆرگەننى كۆرەلمەيدۇ.

    قىرىق ئالتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، مېھماننىڭ ھەققى ۋاجىپتۇر. لېكىن مېھمان قىلساڭ مېھمان بولۇشقا، يەنى ھۆرمەتلەشكە، ئۇلۇغلاشقا لايىق ۋە مېھماندارچىلىققا ئەرزىگۈدەك ئادەمنى مېھمان قىل. نادان، نائەھلى ۋە پەسكەش، بېخىل كىشلەرنى مېھمان دەپ ئۆيۈڭگە يۇلاتقۇچى بولما. ئۇنداق كىشىلەر ئۇلۇغلاش_ھۆرمەتلەشكە ئەرزىمەيدۇ. بىلىشىڭ كېرەككى، مېھماندارچىلىق ۋە ھۆرمەت – ئىززەتنى كۆرگەنلىكى كىشىگە قىلغۇلۇق ئەمەس. ئەگەر باشقىلارنىڭكىدە مېھمان بولۇش توغرا كەلسە، بولار-بولماس كىشىنىڭ مېھماندارچىلىقىغا بارما. ئەگەر بارماقچى بولساڭ، بەك ئاچ قۇرساق بارما،بەك توقمۇ بارما. چۈنكى ھېچنىمە يېمىسەڭ ئۆي ئىگىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. كىشىلەر رەنجىيدۇ. ناۋادا كۆپ يېسەڭ «قارنى يامان» دېگەن ئاتاققا قالىسەن. مېھماندارچىلققا بارساڭ، بىر يەردە، يەنى ئۆزۈڭگە لايىق ئورۇندا ئولتۇرغىن.

    قىرىق يەتتىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، كىشى مۇلايىم تەبئەتلىك بولمىغۇچە ئاشىق بولمايدۇ. چۈنكى ئىشىقنىڭ ئۆزى مۇلايىملىقتۇر. كىشى خاراكتېرىنىڭ مۇلايىملىقىدىن ئىشىق پەيدا بولىدۇ. «ھەر كىشى ئاتىسغا ئوخشىسا، ئۇنىڭغا زۇلۇم يەتمەيدۇ» دېگەن گەپ بار. شۇڭا ئىشىق دېمەك-مۇلايىملىق دېمەكتۇر. ئەگەر مۇلايىملىقتىن مۇلايىملىق توغۇلسا، ئۇنداق مۇلايىملىق ھېچبىر تاپا-تەنىگە قالمايدۇ. كۆرمىدىڭمۇ؟ قېرىلاردىن، يەنى قېرىلارغا قارىغاندا يىگىتلەر تۇلاراق ئاشىق بولىدۇ. چۈنكى يىگىتلەرنىڭ تەبىئىيتى قېرىلارنىڭ تەبئىيتىدىن يېقىملىقراق ۋە نازۇكراق بولىدۇ. ئادەتتە قوپال تەبىئەتلىك، ھۇرۇن كىشى ھەرگىزمۇ بىراۋغا ئاشىق بولمايدۇ. چۈنكى ئىشىق شۇنداق بىر ئاغرىقتۇركى، ئۇ نازۈك روھلارغا تولاراق ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەر ئامال بىلەن ئاشىق بولۇشتىن ساقلان. ئاشىقلىقتىن پەرھىز قىلغىن. ئاشىقلىق بالا ۋە ئاپەتلىك ئىشتۇر.

    قىرىق سەككىزىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھەر قانداق بىر ئىش سۆز ياكى بىرەر كىشىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ ئىش ئۈچۈن پۇل خەجلىمە. زۆرۈر بولدىكەن، پۇل خەجلەشتىن ئايانما. چۈنكى پۇلسىز كىشنىڭ ئىشىنىڭ قەدىرى بولماس! شۇنى بىلىگىنكى، ئادەملەرنىڭ تۇلىسى مەنپەئەتى بولمىسمۇ دۇنيادارلار (بايلار) نى دوسىت تۇتىدۇ؛ زەرىرى يەتمىسمۇ كەمبەغەللەرنى يامان كۈرىدۇ. ئادەملەرنىڭ ھال-ئەھۋالىنىڭ يامانراقى مۇھتاجلىقتۇر. شۇڭا ياخشى ئاتاققا ئىرشەي ، ياخشى نام بىلەن زىننەتلىنەي دېسەڭ، مۇھتاجلارغا خەيرى-ئھسان قىل. ھەر كىشىنى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ رازى قىلشقا تىرش. ئەمما ئىسراپچلىقمۇ قىلما. ئىسراپچىلىقنى خۇدايتائالانىڭ دۇشمىنى دەپ بىل. بۇ ھەقتە خۇدايتائالا ئۆز كالامدا خەۋەر بېرىپ:« ئىسراپ قىلماڭلار، خۇادايتائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ» دېگەن.

    قىرىق توققۇزىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، دوستۇڭنى تەڭلىك، يەنى قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردا سىنا، مەئىشىتىڭ پاراۋان، يەنى باي-باياشات چاغلىرىڭدا ھەممە ئادەم ساڭا دوستلۇق بىلدۈرىدۇ. دوستىلىرڭدىن كۆڭلۈڭ ئاغرىغان ۋاقىتلاردا ھەم ئىلگىركىدەكلا خۇش مۇئامىلىدە بول. ئەمما دوستىلىرڭغا سىرىڭنى ئېيتقۇچى بولما. چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاراڭلاردا نىزا-خۇسۇمەت پەيدا بولۇپ قالسا، دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ__دە ، ئېيتىقان مەخپىيتىڭ ساڭا زىيان ئېلىپ كىلىدۇ. كېيىن پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ پايدىسى بولمايدۇ. ئەگەر كەمبەغەل بولساڭ، دۇنيادارلار بىلەن دوسىت بولما، چۈنكى كەمبەغەللەرنى ھېچ كىشى دوسىت تۇتمايدۇ. خۇسۇسەن، ئۆز مەرتىۋەڭدىكى ئۆزۈڭ بىلەن باراۋەر ، تەڭ دەرىجىدىكى كىشىنى دوسىت تۇتقىن. ناۋادا سەن باي بولساڭ، كەمبەغەللەرنى دوسىت تۇت. كەمبەغەللەرنى دوسىت تۇتۇش ناھايتىمۇ ئۇلۇغ سائادەتتۇر.

    ئەللىكىنىچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھەر قاچان دوستىلىرىڭنىڭ ھەققىدە كۆڭلۈڭنى دۇرۇس تۇت. ئىشلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر دوستۇڭ ھەققىدە سەندىن ھېچ گۇناھ ئۆتمەي تۇرۇپمۇ، ئۇ ، يەنى دوستۇڭ سەندىن كۆڭۈل ئۈزسە، ئۇنىڭغا ئۆزىرە ئېيتىشقا ئالدىراپ كەتمە. چۈنكى ئۇنداق كىشى دوستلۇققا لايىق ئەمەستۇر. تەمەگەر، يەنى سەندىن پايدا ئۈمىد كۈتىدىغان دوستتىن ھەم يىراق بولغىن، چۈنكى ئۇنداق ئادەم سەن بىلەن پەقەت بىرەر نەرسىنىڭ تەمەيدىلا دوسىت بولىدۇ. يەنە ھەسەتخور كىشىلەر بىلەنمۇ دوسىت بولما، چۈنكى ئۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدىن ھەسەت زەھرىنى چىقىرىپ بولماس. ھەسەتخور كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارغا ئازار يەتكۈزمەك، ئاداۋەت تۇتماقنىڭ قەستىدىلا يۈرۈيدۇ. سېنىڭ دوستلۇق قىلغىنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسىر قىلمايدۇ.

    ئەللىك بىرىنچى نەسىھەت
    ئەي قىزىم، ھېچ كىشىنى ئۆزۈڭگە دۈشمەن قىلۋالماسلىققا تىرىش، ئەگەر بىراۋ ساڭا دۈشمەن بولسا، قورقىمغن ۋە غەم يېمگىن، گەرچە سەن دۈشمەنلىك قىلمىساڭمۇ، باشقا بىرى ھامان ساڭا دۈشمەنلىك ئارزۇسىدا بولىدۇ. ئەمما دۈشمەننىڭ ئاشكا

    分享到: