ساداقەتمەن بلوگى
-
2010-11-04
ئاز تولا يالغان سۆزلەپ قويۇڭ - [ئەدەبىيات- سەنئەت]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/82072702.html
تۆۋەندە ئېيتىلغان يالغان سۆزلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ھەتتا ئاللىبۇرۇن ئادەتكە ئايلانغان <<
ئۆلچەملىك جاۋاپلاردۇر >> .
يايمىچى : << بۇ ئەڭ ئاخىرقىسى ،سىزگە ئەرزان بىرەي >>.
چولپانلار :<<بىز پەقەت دوسىت .>>
سىياسەتۋازلار: <<مەن بىر تىيىنمۇ پارا ئالمىدىم .>>
ئەلەر بىر تەرەپتىن ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان چىرايلىق قىزلارغا تىكىلىپ قاراپ يەنە بىر تەرەپتىن ئايالىغا :<<ئۇ سىزدەك چىرايلىق ئەمەس .>> دەيدۇ
ئەمەلدارلارنىڭ ئادەت سۆزى :<<مەن قىسقىچە ئىككى ئېغىز سۆز قىلاي >> .
ئاتا-ئانىلار ھېيىت- بايرامدا بالىسىغا :<<بالام ھېيىتلىق پۇلۇڭنى مەن ساقلاپ بىرەي >> دەيدۇ.
سىرتقا چىقىشقا جابدۇنغان ئاياللار :<<مانا ھازىرلا تەييار بولىمەن .>>
قىزلار ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ كەتكەندە :<<بىز يەنىلا دوسىت بولۇپ ئۆتەيلى.>>دەيدۇ.
قىزلار ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەت تەلىپىنى رەت قىلغاندا :<<سىز بەك ياخشى ،مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن >>دەيدۇ.
قىزلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندە :<<سىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى ،ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان قىزنى تاپالايسىز >> دەيدۇ .
ئەتتىگىنى ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئەرلەر ھەمىشە خوتۇنىغا :<<ئامال قانچە ، خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى ئەمەسمۇ >> دەيدۇ .
ئاددىي كىشىلەر :<< پۇل بولغاننىڭ نىمىسى ياخشى ؟ پۇلى بارنىڭ دەردى بار شۇ >> دەيدۇ ،
مۇئەللىم ئۆگىنىشى نەتىجىسى ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچىغا :<<سەن بەك ئەقىللىق ،تىرىشمايدىغان يېرىڭ بار شۇ >>دەيدۇ
.
يالغان سۆزلەر ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئاڭلايدىغان ۋە دەيدىغان ئۇششاق باھانىلەردۇر . ھاياتلىقتا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يالغان سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ، كۆپچىلىك بۇنداق چاغلاردا ئاز-تولا يۈز-خاتىرە قىلىپ ،، بىر ئاز ۋاقىت بىرىڭلار.