• 2010-07-05

    Googleنىڭ قۇرغۇچىسى سېرگىي برېن - [Googleبىلىملرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/68156532.html

    Google نىڭ قۇرغۇچىسى سېرگىي برېن(Sergey Brin) مۇسكۋادا تۇغۇلغان،مايرىلاند ئۇنۋىرستىتنىڭ ئوقوغۇچىسى بولۇپ،ماتېماتىكا ۋە كومپىيۇتىر كەسپىنىڭ باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.ئارقىدىنلا ئۇ سىتەنفۇرد ئۇنۋىرستىتىغا كىرىپ كومپىيۇتىر كەسپىنى داۋاملىق ئوقۇغان.ئۇ ھازىر كومپىيۇتېر تەتقىقاتى دوكتۇرلار سىنىپىدىن توختاپ،بارلىق كۈچىنىGoogle شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىغا سەرىپ قىلدى.
    Sergey Brinئاتىسى Michael Brin ماتېماتىك بولۇپ،بۇرۇن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پىلان كومتىتىدا خىزمەت قىلغان.1979-يىلى ئامىرىكىغا كۆچۈپ بارغان. Michael:«مىنىڭ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىمدىكى سەۋەب يالغۇز ئۆزۈمنىڭ سەۋەبىدىن باشقا يەنە Sergey نىڭ كەلگۈسىنى ئويلىدىم.شۇ ۋاقىتتا مەن سېرگىينىڭ كەسپى سودىگەر بولۇشىنى ئويلىمىغان،پەقەت ئوڭۇشلۇق ھالدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىشنى ھەمدە جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.ئەلۋەتتە،ئەڭ ياخشىسى ماڭا ئوخشاش بىر پىروفېسسور بولۇشنى ئۈمىد قىلغان» دىگەن.لېكىن Sergey ئۇنىڭ ئارزۇسىدىن چىقمىغان ھەمدە ئوقۇشنى تاشلاپ لارىي بىلەن بىرلىكتە ھەممە ئادەم خەۋەردار بولغان ئىزدەش ماتورى Googleنى قۇرغان.
    1998-يىلى 9-ئايدا 25ياشلىق پاگ ۋە 24 ياشلىق برېن شېرىكلىشىپ شىركەت قۇرۇشنى قارار قىلغان،شىركەت تەمىنلىگەن بىردىنبىر مۇلازىمەت ئىزدەش ماتۇرى بولغان.ئىككى ئادەم سودا پىلانى جەھەتتە ھېچنېمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا Ciscoشىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورلىقىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا بىرىنچى قېتىملىق مەبلەخ100مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئىرىشكەن . بىر كۈنى ئۇلار نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى پەقەت بىرنەچچە يېتەكچىلا بىلىدىغانBack Rub سىستېمىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىپ ھەيران قالغان . ئۇلار خۇشال بولغان ھالدا Back Rub نى سېتىشقا تەييارلىق قىلغان . لېكىن ، شۇ ۋاقىتتا ھەرقايسى چوڭ گۇرۇھ تور بېكەتلىرى بۇ تېخنىكىغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان ، شۇڭا پاگ ۋە برېن ئۆزلىرى ئىش باشلاشنى قارار قىلغان . شۇنىڭ بىلەن 1998- يىلى 9- ئايداgoogle بىرگاراژدا دۇنياغا كەلگەن . بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ، شىركەتتە پاگ بىلەن برېندىن باشقا بىرلا ياللانما خادىم Craig Silverstein بار ئىدى . ئۇ ھازىر google نىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسى .


    收藏到:Del.icio.us




* M4 E. T1 J* ^7 R5 a