• بىلگە قاغان مەڭگۆ تېشى - [تارىخ ۋە تارىخى شەخسلەر]

    2010-10-18

     

    بىلگە قاغان قۇتلۇق قاغاننىڭ ئوغلى . ئۇ تاغىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن 716 - يىلىدىن 734 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . بىلگە خاقان تەختكە چىقىپلا دانىشمەن مەسلىھەتچىسى تۇنيۇقۇق بىلەن ئىنىسى كۆل تېكىننىڭ ياردىمى ئاستىدا تۈركىي خەلقىگەنۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن .تاڭ سۇلالىسىغا ئەل بولغان تۈرك قەبىلىلىرىنىئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ~ تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن . تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن شىمالغا قوغلانغان تۈرك خەلقىنى ئۆتۈكەن تېغىدا قىزغىن قارشى ئالغان . 718 - يىلى قۇمۇقلارغا زەربە بەرگەن .719 - يىلى قارلۇقلارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان .720 - يىلى بېشبالىقتىكى باسمىل قەبىلىسىنى بويسۇندۇرغان .شۇ يىلى يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋاڭ جۈن باشچىلىقىدىكى 300 مىڭ كىشىلىك بىرلەشمەقوشۇنىنى تارمار قىلىپ ، گەنسۇغىچە يېتىپ كەلگەن . 722 - يىلى تاتابىلارنىڭئىسيانىنى بېسىقتۇرغان .بىلگە خاقاننىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيىتى ~ ئەينى چاغدىكىپارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرك خانلىقىنى ساقلاپ قالغانلىقى  بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ .
    734 - يىلى بىلگە قاغان قول ئاستىدىكى ۋەزىرى بۇيرۇق چۇر تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن .
    بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر جايدىنتېپىلغان . قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان . بۇ چوڭ مەرمەر تاشتىن ياسالغان بولۇپ ، جەمىئىي 80 قۇر خەت يېزىلغان . بۇ تاش مىلادى 735 - يىلى يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن ئورنىتىلغان .
    مەڭگۈ تاش تېكىست تەرجمىسى :
    1 . تەڭرىدەك تەڭرى يارالغان تۈرك بىلگە خاقان ، مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام بىلگە خاقان ....نى سىر توققۇز ئوغۇز ئىككى ئەدىر مۇھىم بەگلىرى ۋە خەلقىنى ... تۈرك تەڭرىسى ....
    2 . ئۈستىدە مەن خاقان بولۇپ ئولتۇردۇم . مەن تەختتە ئولتۇرغىنىمدا ھەسرەت چېكىپئۆلۈمنى تىلەپ يۈرگەن تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى ئىنتايىن خوشاللىنىپ ، ئۇلارنىڭ جانسىزكۆزلىرىگە جان كىردى . ئۆزەم تەختكە ئولتۇرۇپ تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مۇھىم قانۇنى تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ بەردىم .
    3 . ( 3 - 23 - كۆل تېكىن ئابىدىسى شەرق تەرەپ (1) - (30) غا ئوخشاش )
    24 . ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم ، (ئۇلارنى) قۇدرەتلىك دۆلىتى بار كۈچلۈك خانلىغىبارلاردىن ياخشى ياشايدىغان قىلدىم . تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنىبويسۇندۇردۇم . (ئۇلارنى) دۈشمەنسىز قىلدىم . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىدى . ئونيەتتە يېشىمدا تاڭغۇتتا ئەسكەر چىقاردىم ، تاڭغۇت خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . ئاشۇنداق قىلىپ ( ئۇلارنىڭ ) ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىلىرى ۋە مال - مۈلكىنىقولغا چۈشۈردۈم . ئون سەككىز يېشىمدا ئالتە جۈپ سوغداتقا
    25 . ئەسكەر چىقاردىم . شۇنداق قىلىپ ( ساغراق ) خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . تابغاچنىڭ تۇتۇقى ۋاڭ بەش تۈمەن ئەسكەر (باشلاپ) كەلدى . بىر مۇقەددەس بۇلاقتا ( ئۇلار بىلەن ) ئۇرۇش قىلدۇق . ئۇ قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە يېشىمدا ، باسمىل ئىدۇقۇت ئۆز ئۇرۇقىمىزدىن ئىدى . ئۇلار تارتۇقچىلاردىن ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈنئۇلارغا يۈرۈش قىلدىم . ق ...(ب) ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . نۇرغۇنلىغان ( ئولجىلارنى ) ئۆيگە يۆتكەتتىم . يىگىرمە ئىككى يېشىمدا تابغاچقا
    26 . يۈرۈش قىلدىم . چاچا سانغۇننڭ سەككىز تۈمەن لەشكىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە ئالتە ياش ۋاقتىمدا ، جىق خەلقى قىرغىزلاربىلەن بىرگە بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى ، كەم دەرياسىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . ئورپەندە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئاز خەلقنى قولغا چۈشۈردۈم .... ھەمدە ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . يىگىرمە يەتتە يېشىمدا قىرغىزلارغا يۈرۈش قىلدىم .
    27 .نەيزە قارنى بېسىپ كۆكمەن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . خاقانى بىلەن سوڭدا تېغىدا ئۇرۇش قىلدىم . خاقاننى ئۆلتۈردۈم ، شۇنداق قىلىپئېلىنى ئالدىم . شۇ يىلى تۈركەش خەلقىغە ئالتاي تېغىدىن ئېشىپ ، ئېرتىش دەرياسىدىنئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . تۈركەشلەرنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . تۈركەش خاقان قوشۇنىشىددەت بىلەن كەلدى .
    28 . بولجۇدا ئۇرۇشتۇق ، خاقاننى ، بۇيرۇقنى ، شادىنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردۈم ..... ئوتتۇز يېشىمدا بەشبالىققا يۈرۈش قىلدىم ، ئالتە قېتىم ئۇرۇشتۇق ... قوشۇننىپۈتۈنلەي يوقاتتىم ... ئۇ يەردىكى كىشىلەر يوقىتىلاتتى ... ئۇلار بىزنى تەكلىپقىلغىلى كەلدى . بۇنىڭ بىلەن بەشبالىق ئاپەتتىن قۇتۇلدى .
    29 .ئوتتۇز بىر يېشىمدا قارلۇقلار غەم - ئەندىشىسىز ھالدا ئۆزىگە ئۆزى غوجابولغاندا بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . مەن تاماغ دىگەن مۇقەددەس بۇلاق بېشىدا ئۇرۇش قىلدىم . قارلۇقلارنى ئۆلتۈردۈم . شۇنداق قىلىپ ئېلىنى ئالدىم ( ئوتتۇز ئىككى ) يېشىمداقارلۇقلار يىغىلىپ ( بىزگە قارشى تۇردى ) ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈم . توققۇز ئوغۇزئۆز خەلقىم ئىدى . جاھان قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن ،
    30 .ئىچىدە غۇم ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . بىر يىل ئىچىدەتۆت قېتىم ئۇرۇش قىلدىم . دەسلەپتە توغۇ شەھرىدە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇنۇم توغلادەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ ، ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى يوقاتتى . ئىككىنچى قېتىم ئاندارغۇدائۇرۇش قىلدىم ... قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئۈچىنچى قېتىم چۇش دىگەن بۇلاق بېشىدائۇرۇش قىلدىم . تۈرك خەلقى ئىككىلىنىپ قالدى .
    31 . ......................................
    32 . ئەھۋال يامانلاشقان ئىدى . بىر قوشۇنى ئۇرۇشقا چىققان ئىدى . يەنە بىر قوشۇنىخان ئوردىسىدا قالدۇرۇلغان ئىدى . ئۈچ ئوغۇز قوشۇنى بېسىپ كەلدى . ئۇلار (بىزنى) ھۇجۇم بىلەن ئالغىلى كەلدى . سىڭار قوشۇنى ئۇرۇشقىلى كەلدى ... بىز ئاز ئىدۇق . قىيىن ئەھۋالدا ئىدۇق . ئوغۇز .... تەڭرى كۈچ - قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ( ئۇلارنى ) ئاشۇ يەردە تارمار قىلدىم .
    33 . تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن تۈرك خەلقى غەلىبەقازاندى . مەن ۋە ئىنىم باشلامچىلىق بىلەن تىرىشمىغان بولساق تۈرك خەلقى ئۆلگەنبولاتتى . تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى سىلەر ئاشۇنداق ئويلاڭلار ۋە ئاشۇنداق بىلىڭلار !ئوغۇزلار تارتۇقچىلارنى (؟) ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈن مەن ئۇلارغا ئەسكەر چىقاردىم .
    34 . ئوردا ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم . ئوغۇزلار توقۇز تاتارلار بىلەنبىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى . ئاغۇ دىگەن جايدا ئىككى چوڭ ئۇرۇش قىلدىم .قوشۇننىمەغلۇب قىلدىم ، ئېلىنى ئالدىم . مەن ئاشۇنداق تىرىشىپ ، تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈنئۆزەم ئوتتۇز ئۈچ يېشىمدا .... ئۇلار ئۈستىگە ئوتولوگ.....
    35 . بېقىۋاتقان باتۇر خاقان ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى . ئۈستىمىزدىكى تەڭرىمۇقەددەس يەر ، سۇ (ئىلاھى) ۋە ئەجدادىم خاقاننىڭ روھى خوشال بولمىغان بولسا كېرەك . توققۇز ئوغۇز خەلقى يەر - سۈيىنى تاشلاپ تابغاچقا باردى . ئۇلار تابغاچ ، يەنە بۇيەرگە قايتىپ كەلدى . مەن ئۇلارنى باقاي دەپ ئويلاپ ..... خەلق ...
    36 . جىنايەت ئۆتكۈز .... جەنۇب تابغاچقا ئۇلارنىڭ ئاتاق - ئابرويى قالمىدى . بۇيەردە ماڭا قۇل بولدى . مەن ئۆزەم خاقانلىققا ئولتۇرغۇنۇم ئۈچۈن ، تۈرك خەلقىنىقىلمىدىم . مەن دۆلەتنى قانۇن - تۈزۈمنى ياخشى (باشقۇرۇشقا) تىرىشتىم ... بىرلىشىپ
    37 . ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . بوي سۇنغانلىرى بوي سۇندى (مېنىڭ) خەلقىم بولدى . ئۆلگەنلىرى ئۆلدى . سېلىنگا دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنلەپ ، قاراغىن دىگەن قىساڭدا ئوردىسى ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم ...ئۇلار تاغقاچىقتى. ئۇيغۇر ئىلتەبەر يۈزچە ئەر بىلەن شەرققە قېچىپ كەتتى ....
    38 . ... تۈرك خەلقى ئاچ قالغان ئىدى . مەن ئۇلارنىڭ يىلقىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپئۇلارنى باقتىم . ئوتتۇز تۆت يېشىمدا ئوغۇزلار قېچىپ كېتىپ .... تابغاچقا قوشۇلدى . مەن ئۇلۇنۇپ ئەسكەر چىقاردىم .... ئوغۇللىرىنى ، قىزلىرىنى قولغا چۈشۈردۈم .
    39 .ئىككى ئىلتەبىرنىڭ خەلقى ..... تاتاس خەلقى خاقانىغا بېقىندى . ئەلچىئەۋەتمىگەنلىكى ۋە ھال - ئەھۋال سورىمىغانلىقى ئۈچۈن مەن يازدا ئۇلارغا يۈرۈشقىلدىم . خەلقنى ئۇيەردىن مەغلۇب قىلدىم . يىلقىسىنى ... قوشۇنى يىغىلىپ كەلدى .
    40 ...... تېغىدا ... بۇرۇنقى يۇرتىدا ئولتۇراقلاشتى . جەنۇبتىكى قارلۇقخەلقلەرگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ، يامتاردوننى ئەۋەتتىم . ئۇ باردى .... (قارلۇق) ئىلتەبەر يوقىتىلىپتىمىش ، ئىنىسى بىر قورغانغا ( قېچىپ كەتكەنمىش )
    41 . تارتۇقچىلار كەلمىدى . ئۇلارنى جازالاي دەپ يۈرۈش قىلدىم . مۇھاپىزەتچىلەرباشلىغى ئىككى ، ئۈچ كىشىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى . ئاددى خەلق خاقانىمىز كەلدى دەپمەدھىيە ئوقۇدى . ( ؟ )
         جەنۇب تەرەپ
    1 . تابغاچنىڭ ئون يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى بىرىنچى كۈنى يوقاتتىم . ئىككىنچىكۈنى پىيادە ئەسكەرلەرنى يوقاتتىم . بىز ... ئېشىپ باردى
    2 . ..... قېتىم ئەسكەر چىقاردىم . ئوتتۇز سەككىز يېشىمدا ئەتىيازدا قىتانغا يۈرۈشقىلدىم ....
    3 . ..... مەن ... يوقاتتىم . ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىسى ۋە مال - مۈلكىنى
    4 . بۇ .... ئاياللارغا ئۆلۈم جازاسى بەردىم ....
    5 . بار ....
    6 . ئۇرۇش قىلدىم ......
    7 . .... بەردىم (؟) باتۇرلى ئولتۇرۇپ بالبال قىلىپ بەردىم . يېشىمدا تاتابى خەلقىقىتاندىن ئايرىلىپ چىقتى ..... تۇڭكەر ....
    8 . قۇغ سانغۇن ئون تۈمەن ئەسكەر باشلاپ كەلدى . تۇڭكەر تېغىدا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدىم . ئۈچ تۈمەن ئەسكەرنى ئۆلتۈردۈم . بىر تۈمەن ئەسكىرى ...
    9 . تاتابىيوقىتىلدى . چوڭ ئوغلۇم ئاغرىپ ئۆلگەندە قۇغ سانغۇننى بالبالقىلىپ تىكلىدىم . مەن ئون توققۇز يىل شار بولدۇم ، ئون توققۇز يىل خاقان بولدۇم . دۆلەتنى باشقۇردۇم ئوتتۇز بىر ....
    10 . تۈركلىرىمگە ، خەلقىمگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردىم . مۇشۇنداقتىرىشىۋېرىپ ئاتام خاقان شۇ يىلى ئونىنچى ئاينىڭ 26 - كۈنى قازا تاپتى . توڭگۇزيىلى بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى قىلدۇردۇم .
    11 . بۇقاق تۇتۇق دادىسى لىسۇن دىگەن چوڭ سانغۇن بەش يۈز ئەرنى باشلاپ كەلدى . مەززىلىك ... ئالتۇن كۈمۈشلەردىن ناھايىتى كۆپ كەلتۈردى . ئۆلۈم رەسمىيىتى ئۈچۈن ( ئىشلىتىشكە) ئىرىق ۋە شاملارنى كەلتۈرۈپ تىكىپ بەردۇق . سەندەل ياغىچىدىنكەلتۈرۈپ ئۆز ....
    12 . مۇنچىۋالا كۆپ خەلق چېچىنى كەستى . قۇلىغى ۋە يۈزىنى قىيما - قىيما قىلىۋەتتى . ئۇلار مىنىشكىلا ئىشلىتىدىغان نەسىللىك ئات ، قارا بولغۇت ، كۆك تىيىنلەردىنھىسابسىز كەلتۈرۈپ ، ھەممىسىنى ئۆلۈم رەسمىيىتىگە تەقدىم قىلدى .
    13 . تەڭرىدەك تەڭرى ياراتقان تۈرك بىلگە (خاقان) نى مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام تۈركبىلگە خاقان تەختتە ئولتۇرغىنىدا ، تۈرك ھازىرقى بەگلىرى ، شىمال تەرەپتىكى كولچوڭباشچىلىغىدىكى تولىس بەگلەر
    14 . ۋە شاداپىق بەگلەر ، ئوڭ تەرەپ (جەنۇب) تەرەپتىكى تامان تارخان تۇنيۇقۇق بويلاپاغاتارقان ۋە بويورۇق ... ئىچ بۇيرۇق سەپەگ كۆل تېكىن باشچىلىقىدىكى ھەرقايسىبۇيرۇقلار ، مۇشۇنداق كۆپ ھازىرقى بەگلەر ئاتام خاقانغا ئىنتايىن ....
    15 . ئىنتايىن ماختىدى . (؟) .... تۈرك بەگلىرى بىلەن خەلقى بىلەن بىرگە ئىنتايىنماختىدى . ئاتام خاقان ( قازا تاپقاندا ) تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقلىرى ئېغىر تاش ۋەيوغان ياغاچلارنى ئەكەلدى ، ئۆزەم ئۈچۈن مۇنداق .....
    شىمال تەرەپ ( ب )
    ( 1-8- قۇرلىرى كۆل تېكىن ئابىدىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى 1 - 11 - قۇرلىرى بىلەنئوخشاش )
    8 . ( ئاتام )
    9 . خاقان ، تاغام خاقان تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈن تەرەپتىكى شۇنچىلا كۆپ خەلقلەرنىتەشكىللىگەنمىش .... تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈنتەرەپتىكى خەلقلەرنى تەشكىللىدىم . تەرتىپكە سالدىم .... قىلدىم ..... ئىنتايىنداغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ ، قىزىمنى تۈركەش خاقانغا ياتلىق قىلدىم .
    10 . يەنە ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ تۈركەش خاقاننىڭ قىزىنىئوغلۇمغا ئېلىپ بەردىم .... بېشى بارلارنى باش ئۇردۇردۇم ، تىزى بارلارنىتىزلاندۇردۇم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى ئاستىمىزدىكى يەر - زېمىن ساقلىغانلىغى ئۈچۈن .
    11 . كۆرۈپ باقمىغان ، ئاڭلاپ باقمىغان خەلقلەر شەرقتە كۈن چىقىشقىچە ، جەنۇبتاتابغاچقىچە ، غەربتە كۈن پېتىشقىچە ، شىمالدا ، ئوتتۇرىسىغىچە بولغان شۇنداق كەڭزېمىندا ئولتۇراقلاشتى . تۈركلىرىم ئۈچۈن ئالتۇن ، كۈمۈش ، مەشۈتلۈك يىپەك ، ئاشلىقتىن چىقىرىلغان ئىچىملىك ، مىنىشكىلا ئىشلىتىدىغان ئات ۋە ئايغىر قارا بولغۇن .
    12 . كۆك تىيىنلەرنى تېپىپ بەردىم .... ئۇلارنى غەم - ئەندىشىسىز قىلدىم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى كۈچلۈك ....
    13 . ئۇلارنى بېقىڭلار ..... قالدۇرماڭلار ! ..... تۈرك بەگلىرى ، تۈرك خەلقىم .... سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ خاقانىدىن ، بېگىڭلاردىن .
    14 . يەر - سۈيۈڭلاردىن ئايرىلماڭلار ، بەخت كۆرىسىلەر ، غەم - ئەندىشىسىز ئۆتىسىلەر ! جاپا چەكمەيسىلەر .... ( شۇندىن ) كېيىن تابغاچ خاقانىدىن كۆپ مۇسۇنكارلارنىكەلتۈردۈم . ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ياندۇرمىدى . ئوردا مۇسۇنكالىرىنى ئەۋەتتى . ئۇلارغا ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى سالدۇردۇم . ئىچى - تېشىنى نەقىشلەتتىم . تاشياساتتىم . كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم .
    15 . ئون ئوق ئەۋلاتلىرىدىن تارتىپ يات ئۇرۇقلارغىچە بۇنى كۆرۈپ بىلگەيسىلەر ! مەڭگۈتاش ياساتتۇردۇم .... سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم .... ئۇ تاش قۇرۇلۇشىنى .....
    غەربىي جەنۇب تەرەپ ( ن. ش )
    بىلگە خاقان (ئابىدى) تېكىستىنى مەنكى يوللۇغ تېكىن : يازدىم . بۇنچە كۆپ قۇرۇلۇش ، نەققاش ۋە سەنئەت بويۇملىرىنى (؟) بىلگە خاقاننىڭ جيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېكىنبىر ئاي تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم . زىننەتلىدىم ....
    شەرقىي جەنۇب تەرەپ
    كۆك ئوڭىنى بويلاپ يۈرۈش قىلىپ ، كېچە - كۈندۈزلەپ يەتتە كېچە - كۈندۈزدە مەن سۇسىز (چۆللەرنى) كېسىپ ئۆتۈپ چوراققا يېتىپ باردىم . (بۇلاڭچىلارغا) كەچكە تېگىپ ....
    غەرب تەرەپ (ش)
    1 . تۈرك ئۈستىدە ( ئولتۇرغان ئانام )
    2 . بىلگە خاقان ( قازا تاپتى ) (؟)
    3 . ياز بولسا ئۈستىمىزدىكى ( تەڭرى )
    4 . دۇمبىغى ( ياكى تۈۋرىكى ) نىڭ داراڭلىشى (ياكى قارسىلدىشى)
    5 . تاغدىكى بۇغىنىڭ چىقىرىشىدەك
    6 . ھەسرەتلىنىمەن . ئاتام خاقان
    7 . قېشىنى ئۆزەم ئورناتتىم .
    غالىپ ئەلكۇت  لاتىن يېزىقى تور خاتىرىسىدىن ئالماشتۇرۇلدى
    مەنبە:http://hi.baidu.com/ghalipelqut/blog/category/Tar





    خەتكۈچ: