تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2011-05-02

    ئالتىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

      ئومۇمىي نوپۇسنىڭ جىنس نىسبىتى 105.20: 100.00گە چۈشتى
      گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، خېنەنلەرنىڭ دائىملىق نوپۇسى ئالدىنقى قاتاردا تۇردى
      شەھەر-يېزا نوپۇسى نىسبىتى %49.68كە ئۆستى
      خەلق گېزىتىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جيەنتاڭ بۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 6-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېلىمىز ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 1 مىليارد 370 مىليون 536 مىڭ 875 كە يەتكەنلىكى ئېنىقلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى تىزىمغا ئالدۇرغان نوپۇس ۋە خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ نوپۇسى جەمئىي 1 مىليارد 339 مىليون 724 مىڭ 852. 2000-يىلىدىكى 5-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا، ئون يىلدا 73 مىليون 900 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن، 1990-يىلدىن 2000-يىلغىچە بولغان ئون يىلدىكى ساپ كۆپەيگەن ئادەم سانىدىن 56 مىليون ئازىيىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى 0.5 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىگەن. بۇ ئون يىلدىكى نوپۇس سانىنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكىنى، نوپۇس ساپاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىنى، شەھەرلىشىش مۇساپىسىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى، شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ياشانغانلار كۆپىيىش يۈزلىنىشىنىڭ تېزلەشكەنلىكى، ئاقما نوپۇس كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورايغانلىقى، تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ جىنس نىسبىتىنىڭ ئۆرىرەك بولغانلىقى قاتارلىق خىرىسلارنىمۇ ئاشكارىلىدى.

      6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە جەمئىي401 مىليون 520 مىڭ ئائىلە، بىر مىليار 124 مىليون 610 مىڭ ئائىلە نوپۇسى بولۇپ، ھەربىر ئائىلىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.10 ئادەم توغرا كەلگەن، 2000-يىلدىكى 3.44 ئادەمدىن 0.34 ئادەم تۆۋەن بولغان. ئەرلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 51.27 پىرسەنتىنى، ئاياللار 48.73 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، نوپۇسنىڭ جىنس نىسبىتى 2000-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولغان 106.74: 100.00 تىن تۆۋەنلەپ 105.20: 100.00گە چۈشكەن. شەھەر-بازارلاردا تۇرىۋاتقان نوپۇس 665 مىليون 570 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 49.68 پىرسەنتىنى، يېزىلاردا تۇرىۋاتقان نوپۇس 674 مىليون 150 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 50.32 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. 2000-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، شەھەر-يېزا نوپۇس نىسبىتى 13.46 پىرسەنت پوئىنتى ئۆسكەن. دائىملىق نوپۇس بويىچە تىزغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىسى ۋە جياڭسۇ ئۆلكىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. (جۇ جيەنخۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

      مەنبە: خەلق تورى


    收藏到:Del.icio.us




1234