تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2011-05-03

    دۇنيادىكى ئون چوڭ كۆچمەنلەر شەھىرى

    1. دۇبەي   ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

    كۆچمەن ئاھالىسى: %71

    ئوتتۇرا شەرققە ئورۇنلاشقان دۇبەي شەھىرى كۆچمەنلەر ئەڭ كۆپ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. 2006-يىلىدىكى نوپۇسنى ئوموميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن ئېنىقلىنىشىچە، بۇ شەھەردىكى بىر مىليون 400 مىڭ نوپۇسنىڭ ئىچىدە بىر مىليون نوپۇس كۆچمەن بولۇپ، ئومومىي نوپوسنىڭ %71 نى ئىگىلىگەن، يەنە بەزى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدە %80، ھەتتا %90 ىنى ئىگىلەيدۇ دېيىلگەن. بۇ شەھەردىكى كۆچمەنلەر ئاساسلىقى ئاسىيا 2-چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن يەنى بېنگال، ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن، يەنە بەزىلىرى غەرب ئەللىرىدىن كەلگەن. دۇبەينىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىدا بۇ كۆچمەنلەرنىڭمۇ تۆھپىسى زور دېيىشكە بولىدۇ.

    2. مىئامى  ئامېرىكا

     كۆچمەن ئاھالىسى: %59.5

    ئەگەر بۇ «ئون چوڭ كۆچمەنلەر شەھىرى» تىزىملىكىدە ئامېرىكىنىڭ بىرەر شەھىرى كۆرۈنمىسە، تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش بولۇپ قالىدۇ. 2000-يىلىدىكى نوپۇسنى ئوموميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن ئېنىقلىنىشىچە، بۇ شەھەرنىڭ 2 مىليون 200 مىڭ نوپوسىنىڭ ئىچىدە، 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن بولۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىسپان تىلى قوللىنىدىغان دۆلەتلەردىن كەلگەنىكەن، مەسىلەن، نىكاراگۇئا، كۇبا قاتارلىقلار. شۇڭا مىئامىدا ئىسپان تىلىمۇ ئىنگىلىز تىلىغا ئوخشاشلا ئوموملاشقان

    3. ترونتو    كانادا

    كۆچمەن ئاھالىسى: %49.9

    ترونتودىكى كىشىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى چەتئەللەردە تۇغۇلغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كانادا ئىزچىل ياش كۆچمەنلەرنى قىزىقتۇرىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەمگەك كۈچىنىڭ قېرىلىشىشىدەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. بۇ شەھەر دۇنيادىكى كۆپ ئامىللىق شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ شەھەرنىڭ يەنە «دۇنيا بويىچە ئەڭ بىخەتەر شەھەر» دەپ نامى بار.

    4. ئامستىردام  گوللاندىيە

    كۆچمەن ئاھالىسى: %47.5

    ئەركىن ۋە ئازادە تۇرمۇش رېتىمى ئامىستىردامنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا نۇرغۇن چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ يەرگە كۆچمەن بولۇپ كېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. بۇ شەھەردە 750 مىڭ نوپۇس بولۇپ، سىرتتىن كەلگەنلەر 350 مىڭ. نۇرغۇن كىشىلەر سۇرىنام، كارىب دېڭىزى ئارىلى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىن كەلگەن.

     

    5. ۋانكۇۋېر   كاندا

    كۆچمەن ئاھالىسى: %45.6

    كانادامۇ يېڭى زىللاندىيەگە ئوخشاشلا ئولتۇراقلىشىش بىر قەدەر ئاسان دۆلەتنىڭ بىرى. ۋانكۇۋېر رۇكىي تېغىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز-ئوكيان كىلىماتىغا تەۋە. ھاۋاسى مۆتىدىل، قار تېيىلىش مەيدانىدىن ئانچىكى يىراقتا ئەمەس. 2006-يىلىدىكى نوپۇسنى ئوموميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %50 كە يېقىن نوپۇسى كۆچمەن بولۇپ چىققان. كۆپ قىسىم كۆچمەنلەر ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىن كەلگەن.

    6. توماس خارت   ئومان

    كۆچمەن ئاھالىسى: %44.61

    ئوماننىڭ 2003-يىلىدىكى نوپوسنى ئوموميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، كۆچمەنلەر %40 نى ئىگىلىگەن، ئەلۋەتتە بۇ سانلىق مەلۇمات توغرىسىدا مۇنازىرىلەر توختاپ باقمىغان. ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، ئومانمۇ ئاساسلىقى نېفىت بايلىقىغا تايىنىدۇ. ئىزچىل سىرتنىڭ مەبلىغىنى ئۆزىگە قىزىقتۇرىۋاتقاچقا، تەرەققىياتىمۇ تېز بولغان. بۇ دۆلەتتە ئاسىيا 2-چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئاساسلىقى قۇرۇلۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. نۆۋەتتە تەخمىنەن 600 مىڭ سىرتتىن كەلگەن كىشى بۇ دۆلەتتە ياشىماقتا، بۇنىڭ كۆپىنچىسى توماس خارت شەھىرىدە بولغان.

    7. خاگۋې   گوللاندىيە

    كۆچمەن ئاھالىسى: %40

    خاگۋې ـــ خەلقئارا سوت تۇرۇشلۇق شەھەر بولۇشتىن باشقا يەنە، 150 خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ باش شىتابى بۇ شەھەرگە ئورۇنلاشقان، شۇڭا خاگۋېنىڭ كۆچمەن شەھىرى بولىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. شۇ شەھەرنىڭ ھۆكۈمەت تورىنىڭ دېيىشىچە، خاگۋېدىكى 474 مىڭ نوپۇسنىڭ ئىچىدە، %40 كە يېقىن نوپۇس گوللاندىيەلىك ئەمەس ئىكەن. ئەڭ قىزىقارلىقى، بۇ شەھەرگە كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياخشى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولۇپ، كۆپ خىل تىل بىلىدىكەن، يۇقىرى مائاشلىقكەن. ئەمما باشقا بىر قىسىم كۆچمەنلەر شەھىرىگە ئاساسلىقى ئىشلەمچىلەر كۆچمەن بولۇپ كېلىدىكەن.

     

    8. ئاۋكلاند   يېڭى زىللاندىيە

    كۆچمەن ئاھالىسى: %39

    ئاۋكلاند بۇ «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆچمەنلەر شەھىرى» ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى. جەنۇبىي قۇتۇپقا جايلاشقان بۇ شەھەرنىڭ مەنزىرىسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ يەرگە كۆچمەن بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى زىللاندىيەنىڭ سودا-سانائىتى تەرەققىي قىلغان، ئاساسىي ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن بۇ دۆلەتكە كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، شۇڭا يېڭى زىللاندىيەدە «ياپونىيە بايرىمى»، «ئىتالىيە بايرىمى» دېگەنگە ئوخشاش بايراملار بار

    9. جەنۋە   شىۋېتسارىيە

    كۆچمەن ئاھالىسى: %37.38

    جەنۋە بىر كىچىك شەھەر، ئەمما بۇ شەھەردە 200 خەلقئارا ئاپپارات بار. مەسىلەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر قانچە تارماق ئاپپارات قاتارلىقلار بۇ شەھەردە. جەنۋەدە 500 مىڭ نوپۇس بولۇپ، %38.37 ى كۆچمەنلەر. ئەمما بۇ كۆچمەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلغان بولۇپ، خەلقئارا ئاپپاراتتا خىزمەت قىلىدۇ.

    10. مەككە  سەئۇدى ئەرەبىستان

    كۆچمەن ئاھالىسى: %37.75

    مەككە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى، ھەج قىلىش سەپىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى، شۇڭا بۇ جاي نۇرغۇن كۆچمەنلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلغان. مەككە يىلىغا تەخمىنەن 400 مىڭ ھەج قىلغۇچىلارنى كۈتىۋالىدۇ. يېقىندا مەككىدە زور تەرەققىياتلار يۈز بېرىپ، بىر قانچە ئېگىز بىنالار سېلىنغان. كەڭ كۆلەمدىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى زور تۈركۈم ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆزىگە جەلب قىلغان.

    http://blog.home.blogbus.com/4573046/posts/form 

     


    收藏到:Del.icio.us




1234