• 1899-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى شىۋېتسىيىلىك سەيياھ(ئېكسپېدىتسىيىچى) سىۋېن ھېدىن ئىككى ئادەمنى باشلاپ يەكەن ناھىيىسىدىن قۇلۋاققا ئولتۇرۇپ تارىم دەرياسىنىڭ مەنبەسى بولغان زەرەپشان دەرياسىدىن باشلاپ ئېقىپ، 12-ئاينىڭ 7-كۈنى دەريا يولى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن كورلىدا قىرغاققا چىققان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، زور كەلكۈن مەزگىلىدە تارىم دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىمى نىيە دەرياسىدىن ئېقىپ لوپنۇر كۆلىگە بېرىشقا كەتكەن ۋاقىت «ئىنجىل»دىكى 110 كۈن بىلەن ئۆز ئارا ماس كېلىدۇ.

  • 7-يۇقىرىقى خۇلاسىلەرنىڭ ئىسپاتلىنىشى

    1-ئىسپات:

    ئېدېن، يېڭى ئېدېن، پامىر ئېگىزلىكى ۋە قەدىمقى ئۈدۈننىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۆت دەرياسى بار.

    «قۇرئان» ۋە «ئىنجىل ھەدىسلىرى» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

    جەننەت بېغى (ئېدېن)دا تۆت دەريا ئاللاھنىڭ كۇرسى ئاستىدىن ئېقىپ چىقىدۇ، بۇ تۆت دەريا بولسا رەڭگى ئۆزگەرمەس سۇ دەرياسى، تەمى ئۆزگەرمەس سۈت دەرياسى، كۈچلۈك شاراپ دەرياسى ۋە ساپ ھەسەل دەرياسىدىن ئىبارەت.

    «ئىنجىل»دا مۇنداق دېيىلىدۇ:« ئىلاھ ئۆزىنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئادەمنى ياراتتى، ئىلاھ ئېدېن ( يەنى جەننەت)نىڭ شەرقىدە ئېدېن باغ (يەنىلا ئېدېن دەپ نام بېرىلدى) دەپ ئاتىلىدىغان بىر باغ (ئېدېن باغ)نى بىنا قىلدى.»

  • تۆۋەندىكى ئىسپاتلارغا قارالسۇن:

    «ئىنجىل»نىڭ خەنزۇچىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلار:

    يەھۋا ئۇنىڭغا (ئادەمنى كۆرسىتىدۇ، تۆۋەندىكىلىرىمۇ ئوخشاش) تاپىلاپ (ئىگىسى ماشىنا ئادەمگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ) مۇنداق دېدى:«باغدىكى ھەر خىل مېۋىلەردىن خالىغانچە يېسەڭ بولىدۇ، ئەمما ساۋاپ ۋە گۇناھنى ئايرىيدىغان دەرەختىكى مېۋىنى يېسەڭ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنى يېگەن كۈنۈڭ ئۆلۈپ كېتىسەن! (چۈنكى ماشىنا ئادەم «روھ»قا ئىگە بولسا، ئىجادىيلىققا ئىگە بولىدۇ، قايتا كلونلاپ كۆپەيتكىلى بولمايدۇ، يەنى ئۆلىدۇ.)» يەھۋا يەنە مۇنداق دېدى:« ئۇ ئادەم يالغۇز ياشىسا بولمايدۇ، مەن ھەمراھتىن بىرنى ياساپ ئۇنىڭغا ياردەملەشتۈرەي.» يەھۋا ئۇنى قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق قىلدى، ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئاندىن ئۇنىڭ بىر قوۋۇرغىسى ئېلىنىپ، گۆش بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى. يەھۋا ئاشۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىن ئالغان قوۋۇرغا بىلەن بىر ئايالنى ياراتتى…

  • رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئادەم بىلەن ھەۋۋا «جەننەت»تىن قوغلانغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدىكى مۇۋاپىق بىر جايغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇلار بۇرۇن ئۆزلىرى تۇرغان ماكانى «جەننەت»تىكى «ئېدېن باغ»نى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ يېڭى ماكانىغىمۇ «ئېدېن باغ»(ئېنگلىزچە Eden) دەپ نام قويىدۇ، ئۇ جاينىڭ قەيەردىلىكى تا ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىدى، ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە بۇ سىر ئاخىرى ئېچىلدى.