• كۆپچىلىككە مەلۇم، بۈگۈنكى كۈندە Google كۈندىن - كۈندىن كۈچىيىپ، سىزنى خىلمۇ - خىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، سىزگە تۇيدۇرماي سىزنىڭ بەزىبىر ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىدۇ. سىز بۇ ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ يىغىلىشىغا چوقۇم قوشۇلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا Google نىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالمايسىز، بۇ مۇلازىمەتلىرىنى سىز خالىغانچە تەڭشىيەلەيسىز، ھەتتا پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا تەئەللۇق قىلىپ تەڭشىۋالالايسىز، بۇ خۇددى ئۆز تور بېتىڭىزنى ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشىگەندەك بىر ئىش. ئەمما سىز شۇنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ Google نىڭ بۇ قىلىقى ھەل ھەددىدىن ئاشتىمۇ قانداق؟ سىز بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بىلەن ئۆزى خالىغانچە تەڭشەش (شەخسىلەشتۈرۈش، 个性化)نىڭ قايسىسى بەكرەك مۇھىملىقىغا جاۋاب تېپىڭ.

  • 1899-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى شىۋېتسىيىلىك سەيياھ(ئېكسپېدىتسىيىچى) سىۋېن ھېدىن ئىككى ئادەمنى باشلاپ يەكەن ناھىيىسىدىن قۇلۋاققا ئولتۇرۇپ تارىم دەرياسىنىڭ مەنبەسى بولغان زەرەپشان دەرياسىدىن باشلاپ ئېقىپ، 12-ئاينىڭ 7-كۈنى دەريا يولى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن كورلىدا قىرغاققا چىققان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، زور كەلكۈن مەزگىلىدە تارىم دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىمى نىيە دەرياسىدىن ئېقىپ لوپنۇر كۆلىگە بېرىشقا كەتكەن ۋاقىت «ئىنجىل»دىكى 110 كۈن بىلەن ئۆز ئارا ماس كېلىدۇ.

  • 7-يۇقىرىقى خۇلاسىلەرنىڭ ئىسپاتلىنىشى

    1-ئىسپات:

    ئېدېن، يېڭى ئېدېن، پامىر ئېگىزلىكى ۋە قەدىمقى ئۈدۈننىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۆت دەرياسى بار.

    «قۇرئان» ۋە «ئىنجىل ھەدىسلىرى» دە مۇنداق دېيىلىدۇ:

    جەننەت بېغى (ئېدېن)دا تۆت دەريا ئاللاھنىڭ كۇرسى ئاستىدىن ئېقىپ چىقىدۇ، بۇ تۆت دەريا بولسا رەڭگى ئۆزگەرمەس سۇ دەرياسى، تەمى ئۆزگەرمەس سۈت دەرياسى، كۈچلۈك شاراپ دەرياسى ۋە ساپ ھەسەل دەرياسىدىن ئىبارەت.

    «ئىنجىل»دا مۇنداق دېيىلىدۇ:« ئىلاھ ئۆزىنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئادەمنى ياراتتى، ئىلاھ ئېدېن ( يەنى جەننەت)نىڭ شەرقىدە ئېدېن باغ (يەنىلا ئېدېن دەپ نام بېرىلدى) دەپ ئاتىلىدىغان بىر باغ (ئېدېن باغ)نى بىنا قىلدى.»

  • تۆۋەندىكى ئىسپاتلارغا قارالسۇن:

    «ئىنجىل»نىڭ خەنزۇچىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلار:

    يەھۋا ئۇنىڭغا (ئادەمنى كۆرسىتىدۇ، تۆۋەندىكىلىرىمۇ ئوخشاش) تاپىلاپ (ئىگىسى ماشىنا ئادەمگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ) مۇنداق دېدى:«باغدىكى ھەر خىل مېۋىلەردىن خالىغانچە يېسەڭ بولىدۇ، ئەمما ساۋاپ ۋە گۇناھنى ئايرىيدىغان دەرەختىكى مېۋىنى يېسەڭ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنى يېگەن كۈنۈڭ ئۆلۈپ كېتىسەن! (چۈنكى ماشىنا ئادەم «روھ»قا ئىگە بولسا، ئىجادىيلىققا ئىگە بولىدۇ، قايتا كلونلاپ كۆپەيتكىلى بولمايدۇ، يەنى ئۆلىدۇ.)» يەھۋا يەنە مۇنداق دېدى:« ئۇ ئادەم يالغۇز ياشىسا بولمايدۇ، مەن ھەمراھتىن بىرنى ياساپ ئۇنىڭغا ياردەملەشتۈرەي.» يەھۋا ئۇنى قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق قىلدى، ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئاندىن ئۇنىڭ بىر قوۋۇرغىسى ئېلىنىپ، گۆش بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى. يەھۋا ئاشۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىن ئالغان قوۋۇرغا بىلەن بىر ئايالنى ياراتتى…

  • رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئادەم بىلەن ھەۋۋا «جەننەت»تىن قوغلانغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدىكى مۇۋاپىق بىر جايغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇلار بۇرۇن ئۆزلىرى تۇرغان ماكانى «جەننەت»تىكى «ئېدېن باغ»نى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ يېڭى ماكانىغىمۇ «ئېدېن باغ»(ئېنگلىزچە Eden) دەپ نام قويىدۇ، ئۇ جاينىڭ قەيەردىلىكى تا ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىدى، ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە بۇ سىر ئاخىرى ئېچىلدى.

  • ئالدىنقى كۈنى توردىن تور ئالبۇمى ئىزدەپ يۈرۈپ، Google نىڭ خەرىتىسىدىكى مەنزىرە رەسىملىرى ئۈچۈن تەمىنلىگەن سۈرەت بوشلۇقى (بۇنى Google سېتىۋاپتىكەنمىش) غا سۈرەت يوللاۋېتىپ، بىر سۈرەتكە ئورۇن بەلگىلەپ قوياي دەپ شۇنداق باسسام، قارىمامسىز، خەرىتىدە مېنىڭ تۇرۇشلۇق جايىم چىقىۋاتمامدۇ؟ قورقۇپلا كەتتىم. شۇنىڭغا قارىغاندا، Google  ئورۇن بەلگىلىگەندە ئابونتنىڭ IP ئۇچۇرىغا ئاساسەن بەلگىلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ  IP ئىسكىلاتىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن.

  • كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتقان تەتىل كۈنلىرىنىڭ بىردىنلا بىزدىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكىنىگە قاراپ، ھەممەيلەن گاڭگىراپلا قېلىشتۇق. نېمە ئامال؟ «ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ، بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىقىڭ شۇ» دەپتىكەن كونىلار.

  • Waiting for youمەھەللىمىزدە خېلى داڭقى بار، نەچچە يەردە تارماق دۇكىنى بار بىز ئاشپۇزۇل بولىدىغان، تامىقى خېلى ئوخشايتتى، بولۇپمۇ خولۇپ ئېشى(دېھقان ئېشىمۇ دەپ قويىدۇ، چۆپنى نېپىز يېيىپ، ئىككىلىك كەڭلىكتە ئۇزۇن-ئۇزۇن كېسىپ شىورپىغا سېلىپ پىشۇرىدىغان، ئادەتتە ئۇنىڭغا نەچچە پارچە گۆش، سەۋزە-چامغۇر دېگەندەكلەرنى سېلىپ ئېلىپ چىقىدۇ، بولۇپمۇ كەچلىك تاماققا يېسە بەك سىڭىشلىك.) بىلەن زىخ كاۋىپىنى يەيدىغانغا مەن بەك ئامراق ئىدىم.

  • Heart for you قايسى كۈنى ئاپتۇبۇسقا چىقىپ قالدىم، يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا 11~12 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىزچاق، ئۇنىڭ كەينىدە ئۇنىڭ ئانىسى ئولتۇرغان بولۇپ، ئاپتۇبۇس ئىچىدە ئادەم شالاڭ ئىدى. بىرنەچچە بېكەت ماڭغاندىن كېيىن، ئاپتۇبۇسقا بىر 50~55 ياشلار چامىسىدىكى ئايال چىقتى. ھېلىقى قىز بۇ ئايالنى كۆرۈپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئورنىنى بۇ ئايالغا بوشىتىپ بەردى. ھېلىقى ئايال رەھمەتمۇ دېمەستىن، ئورۇندۇققا موككىدە ئولتۇرۇپ، دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى.

  • Where are girls مەن بەزىلەرگە بەك ھەيران. «بۇ دۇنيادا تىرناقتا توختىغۇدەك قىز قالمىدى» دەپ قايناپلا كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قايناشلىرىنى ئاڭلاپ مەنمۇ بەزىدە راستىنلا شۇنداق قىزلار قالمىغانمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئەمما ئىنچىكىلەپ ئويلاپ باقسام، شۇ «تىرناقتا توختىغۇدەك قىز»لارنىڭ قالمايۋاتقانلىقىغا يەنىلا بىز ئەرلەر سەۋەپچىكەنمىز.