• 2010-09-12

    سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(7) - [ئەتراپىمىزدا]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74780031.html

    ياردەم ۋە چەكلىمە: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(7)

    بىراق، خرۇشېۋنىڭ خاراكتېرىدىن ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا يادرو ياردىمى بېرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ، تەيۋەن دېڭىزى كرىزىسىدە يۈز بەرگەن يەنە بىر ئىش بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن، چۈنكى ئۇ خرۇشېۋنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە جاراھەتلەندۈرۈپ، ھەتتا خرۇشېۋنىڭ كېيىنكى ئەسلىمىلىرىدە دائىم بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى ۋېنجۇ رايونى ھاۋا جېڭىدە گومىنداڭ ھاۋا ئارمىيىسى ئەينى چاغدا ناھايىتى ئىلغار ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ «شالدىراق قۇيرۇق يىلان» بەلگىلىك ھاۋادىن ھاۋاغا ئېتىلىدىغان بىر نەچچە دانە تىزگىن بومبىنى ئاتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە بىرسى يەرگە چۈشكەندىن كېيىن پارتلىمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىرى بۇنى ئۇققاندىن كېيىن، دەرھال موسكۋاغا دوكلات قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىنتايىن زور قىزىقىشىنى قوزغىدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ نەچچە قېتىم سورىسىمۇ، جۇڭگو تەرەپ باشتا پىسەنت قىلمىدى، كېيىن يەنە:« بۇ تىزگىن بومبىنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، بەرگىلى بولمايدۇ.» دەپ رەت قىلدى. بۇ جاۋاب خرۇشېۋنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جۇڭگوغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك P-12 تىپلىق ئوتتۇرا مۇساپىلىق تىزگىن بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشقا ئائىت ماتېرىياللارنى تەمىنلەشنى رەت قىلىشنى قارار قىلدى، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇسۇلىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. نەچچە ئايدىن كېيىن، جۇڭگو بۇ ئاللىقاچان كۆپ قېتىم چۇۋۇلغان «شالدىراق قۇيرۇق يىلان» بەلگىلىك تىزگىن بومبىنى نائىلاج تاپشۇرغان چاغدا، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ تەتقىقاتچىلىرى بىر ھالقىلىق زاپچاس ــــ ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئوق بېشى سېنزورىنىڭ كاملىقىنى بايقىدى. سوۋېتلىكلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ زاپچاس بەلكىم يۈتۈپ كەتكەن بولۇشىمۇ، ۋە ياكى جۇڭگو تەرەپ قەستەن ئېلىپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى، بىراق قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئىش خرۇشېۋنى جۇڭگو بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا ياردەم بېرىش ھەققىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدۇردى ھەمدە جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە ئاللىقاچان چوڭقۇر كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. شۇڭلاشقا، خرۇشېۋ ئوتتۇرا تىپلىق ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىكى مىنىستىرى سىلاۋىسكىن بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، P-12 تىپلىق تىزگىن بومبا قاتارلىقلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى جۇڭگوغا تەمىنلەشكە بولىدىغانلىقىنى، بىراق «ئاتوم بومبىسىنى يەنە قايتا ئويلىشىپ باقىدىغان»لىقىنى قارار قىلدى. گەرچە ئاتوم بومبىسى تېخنىكىسى ئاللىقاچان مەخپىيەتلىك ئەمەس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما خرۇشېۋنىڭ قارىشىچە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشىغا تېخى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق ياردەم بېرىش-بەرمەسلىكى جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق ئىدى، ئەگەر ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولمىسا، ئۇنداقتا «ئۇلارنىڭ ئاتوم بومبىسى تېخنىكىسىنى ئىگىلىشى يەنىلا قانچە كېچىكسە شۇنچە ياخشى ئىدى.»
    خرۇشېۋنىڭ غەرىزى بويىچە، سوۋېت تەرەپ خىلمۇ-خىل باھانە كۆرسىتىپ، كېلىشىمگە ئاساسەن جۇڭگونى تەمىنلەشكە تېگىشلىك ئاتوم بومبىسى ئوقۇتۇش مودېلى ۋە چېرتيوژ، سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەشنى كېچىكتۈردى. ئاۋال مەخسۇس ساقلاش ئىسكىلاتى بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، جۇڭگو مەخسۇس ئىسكىلاتنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش شارائىتىنىڭ يېتىشمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو مۇناسىپ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان، سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇتەخەسسىسلىرى رازى بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ 1958-يىلى 10-ئايدا ئالاقە ئەۋەتىپ:« مودېل ۋە تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار 11-ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى. بىراق قەرەلى توشقاندا، موسكۋا يەنىلا يۆتكەشنى باشلاش بۇيرۇقىنى چىقارمىدى. رۇسىيىدىكى گېزىتكە بېسىلغان بىر ئاغزاكى بايان قىلىنغان تارىخىي ماتېرىيالدا ئىسپاتلىنىشىچە، جۇڭگوغا تەمىنلىنىدىغان ئاتوم بومبىسى ئەۋرىشكىسى (يەنى ئوقۇتۇش مودېلى) ھەمدە تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار بۇندىن يېرىم يىل ئىلگىرىلا ئىككى-ئۈچ ۋاگونغا قاچىلىنىپ قوغۇشۇن پېچەت بىلەن پېچەتلىۋېتىلگەن ھەمدە مۇھاپىزەتچىلەر كېچە-كۈندۈز مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئىدى. بىراق ئىزچىل ھېچقانداق بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىنمىغانلىقتىن، ھېچكىممۇ قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمىگەن ئىدى. بۇ ئىش تاكى 1959-يىلىنىڭ ئوتتۇرىغىچە سۆرەلدى، ئەڭ ئاخىرىدا، خرۇشېۋ بىر قېتىملىق مەخسۇس يىغىن ئاچتى، مۇزاكىرىنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، ۋاقتىنچە جۇڭگوغا ئاتوم بومبىسىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تەمىنلىمەسلىك قارار قىلىندى. 1959-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، دەل جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇشۇ ئىش توغرىلىق سۆھبەتلىشىشكە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ئەۋەتىدىغان بىر پارچە خەتنى ماقۇللىدى. خەتتە:« سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە باشلىقلىرىنىڭ يادرو قوراللىرى سىنىقىنى چەكلەش شەرتنامىسى ھەققىدىكى جەنۋە يىغىنىدىكى سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، خەلقئارادىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگوغا يادرو قوراللىرى ئەۋرىشكىسى ۋە تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تەمىنلەش ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈلدى.» چۈنكى «غەرپ دۆلەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو قوراللىرى ئەۋرىشكىسى ۋە لايىھىلەشتىكى تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى جۇڭگوغا بېرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپسا، سوتسيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خەلقئارادىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن». يەنە ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، «غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى چەكلەش مەسىلىسى ھەمدە خەلقئارادىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۈزۈل-كېسىل يۇمشىغان»دىن كېيىن، ئاندىن بۇ مەسىلە قارار قىلىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارىشىچە، بۇنداق قىلىش جۇڭگونىڭ تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى «جۇڭگونىڭ بۆلۈنمە ماددا ئىشلەپچىقىرىشىغا ئاز دېگەندىمۇ يەنە ئىككى يىل ۋاقىت كېتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئاندىن يادرو قوراللىرى تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.» دېيىلگەن ئىدى. 6-ئاينىڭ 26-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكى مەسلىھەتچى سۇدارىكوۋ (Sudarikov) جۇئېنلەيگە بۇ خەتنى تاپشۇردى.
    شۇنداق دېيىش لازىمكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئاتوم بومبىسىنىڭ ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلەشنى ۋاقىتلىق توختىتىشى پەقەت بىر سىگنال بولۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق جۇڭگونى ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەد قىلغان ئىدى، ھەرگىزمۇ ئىلغار قوراللار جەھەتتە جۇڭگوغا ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈشنى مەقسەد قىلغان ئەمەس ئىدى. دەل مۇشۇ سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگوغا ئاتوم بومبىسى ئەۋرىشكىسىنى تەمىنلەشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغان پەيتتە، سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي سېكىرتارىياتى جۇڭگوغا دۆلەت مۇداپىئەسى كەسپىي تېخنىكىسى جەھەتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئەۋەتىش ھەققىدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ماقۇللىدى. خرۇشېۋ ئۆز قولى بىلەن ئىمزالىغان سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار يىغىنى قارارىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 1959-يىلى 9-ئايدا ئالتە نەپەر دۆلەت مۇداپىئەسى كەسپىي تېخنىكىسى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جۇڭگوغا ئەۋەتىپ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلدۇرۇش، ئەۋەتىش ۋاقتى بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا تۆۋەندىكى كەسىپلەر بويىچە جۇڭگو تېخنىك خادىملىرىنى تەربىيىلەش دەپ بېكىتىلدى: ھەربىي ئىشلار ــــ ئېلېكترون ــــ ئوپتىك ئەسۋاپلار؛ كۆپ ئۈگىلىك راكېتا لايىھىلەش؛ ھىدروئاكۇستىكا ئۈسكۈنىلىرى؛ راكېتانى تىزگىنلەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھېسابلىنىشى ۋە تۈزۈلۈشى؛ ئىنفىرا قىزىل نۇر تېخنىكىسى ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ئۆزلىكىدىن يول باشلاش بېشى؛ تانكا زەمبىرىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسى ھەمدە زېنىت توپنىڭ قارىغا ئېلىش ئەگەشمە سىستېمىسىنىڭ لايىھىسى؛ يۇقىرى قۇۋۋەتلىك راكېتاغا ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇق يېقىلغۇ تېخنىكىسى.
    ئەمما، 1959-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچى پرىنسىپى بارغانسېرى روشەنلەشتى. 1960-يىلى 2-ئايدىكى جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ ىر پارچە دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى يېڭى تېخنىكىسى جەھەتتىكى بارلىق تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسىگە كۆرۈنەرلىك سوغۇق، ئارقىغا سۆرەش ياكى رەت قىلىش ئىنكاسىدا بولغان. جۇڭگوغا پەقەت ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تەمىنلەش خىزمىتى ئاستىلىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلىرىنى باشقۇرۇشمۇ كۈچەيتىلدى. 1959-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، تەرتىپ نومۇرى No3766-x بولغان بىر نۇسخا دوكلات سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا يوللاندى. دوكلاتتا ئاكادېمىك رابوتنوۋ (Rabotnov)نىڭ بېيجىڭ مېخانىكا تەتقىقات ئورنىنى زىيارەت قىلغاندىكى ئەھۋاللار تىلغا ئېلىنغان ئىدى. زىيارەت مەزگىلىدە، «جۇڭگو ئالىملىرى ئاكادېمىك رابوتنوۋدىن مىەىپىي مەسىلىلەرگە ئائىت بىر قاتار ئاخبارات ۋە خەۋەرلەرگە ئېرىشمەكچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاكادېمىك رابوتنوۋنىڭ بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ كۆپ سانلىق تەجرىبىخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە پۇرسەت بېرىلمىدى.» دوكلاتتا جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىدا مەخپىي تەتقىقات ساھەسىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاشۇ «مەخپىي خىزمەتكە قاتنىشىۋاتقان مۇھىم ئالىملار ۋە خىزمەتچى خادىملار دۆلەت سىرتىغا خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن»دىن كېيىن، دائىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارالدى. خرۇشېۋنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، 1960-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي سېكىرتارىياتى بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدى. سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ھەر قايسى سوتسيالىستىك دۆلەتلەر كومپارتىيىسى ئالاقە مىنىستىرلىكى مىنىستىرى ئاندروپوۋغا تەكلىپ بېرىپ، «سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى ۋە ئالىي مەكتەپ خىزمەتچىلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس بىر قارار چىقىرىش لازىم.» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاندروپوۋ، سوۋېت كومپارتىيىسى ئىلىم-پەن ۋە ئالىي-ئوتتۇرا مەكتەپ مىنىستىرلىكى مىنىستىرى كىرىلىن (Kirilin) ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرلىكى مىنىستىرى سېربىن (Serbin) سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى قارار»ىنىڭ ئورگىنالىنى يېزىپ تەييارلىدى ھەمدە 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى سېكىرتارىيات يىغىنىدا ماقۇللاندى. قاراردا:« مەخپىي ۋە مۇتلەق مەخپىي ماتېرىياللارنى ئىگىلەشتىكى جەزملەشتۈرۈلگەن تەرتىپكە قەتئىي رىئايە قىلىش لازىم، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالدىنئالا تۈزۈلگەن كېلىشىم دائىرىسىدىن ھالقىغان مەخپىي ماتېرىياللارنى ھەمدە ھازىر بار بولغان مەخپىي خىزمەتكە تېگىشكە يول قويۇش ھەققىدىكى كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىگىلىشىگە يول قويماسلىق لازىم.» دەپ بەلگىلەندى.


    收藏到:Del.icio.us