-
2010-09-12
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(5) - [ئەتراپىمىزدا]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/74778183.html
ياردەم ۋە چەكلىمە: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(5)
ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى يالغۇز ئۈسكۈنە، چېرتيوژ ۋە تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە زور تۈركۈمدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى جۇڭگوغا ئەۋەتتى. زاۋۇت ئورنىنى تاللاش، لايىھىلەشتىن تارتىپ، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەشكىچە، بولۇپمۇ، جۇڭگونىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كىتاب ۋە ماتېرىياللارنى چۈشىنىشى، جۇڭگو تېخنىك ئىشچىلىرىنى تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ مەشغۇلات ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم قىلىش جەھەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھىم رول ئوينىدى. سابىق «2-ماشىنىسازلىق سانائەت مىنىستىرلىكى»نىڭ ئورۇنباسار مىنىستىرى يۈەن چېڭلۇڭ ئەسلەپ:« ئەينى يىللاردا، دۆلىتىمىز يادرو سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇشقا نىيەت قىلغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىزنى قوللىدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2-ماشىنىسازلىق سانائەت مىنىستىرلىكىگە خىزمەتكە ئەۋەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى مىڭدىن ئاشىدۇ.» دېگەن ئىدى. ئاتوم بومبىسىنى ياساش تەرتىپىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جەمئىي ئالتە تۈرلۈك زاۋۇت (مەيدان) بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمىدە، بۇ كارخانا ياكى بازىلار 1957-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن لايىھىلەش (سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى دەسلەپكى ۋە ئاساسىي قول ھۈنەر لايىھىلىشىگە مەسئۇل بولدى، جۇڭگو تەرەپ قۇرۇلۇش قىلىش ۋە قوشۇمچە لايىھەلەشكە مەسئۇل بولدى) ۋە قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىغا كىردى، بۇ جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. مەسىلەن: رودا قازىدىغان ئۇران كانى (خۇنەن چېنشيەن، داپۇ ۋە جياڭشى شاڭراۋ)، رودا ئېزىدىغان «قۇمدىن ئالتۇن ئايرىۋالىدىغان» مېتال تاۋلاش زاۋۇتى (خۇنەن خېڭياڭ)، ئۇران دىئوكسىد ئايرىۋالىدىغان ۋە يادرو يېقىلغۇ تايىقى ياسايدىغان يادرو يېقىلغۇ زاۋۇتى (باۋتۇ يادرو زاپچاسلىرى زاۋۇتى قاتارلىقلار)، قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ياسايدىغان يادرو كېڭەيتىش زاۋۇتى (لەنجۇ ئۇران قويۇلدۇرۇش زاۋۇتى ۋە جيۇچۈەن ئاتوم ئېنېرگىيىسى بىرلەشمە كارخانىسى قاتارلىقلار)، ئاتوم بومبىسى ياسايدىغان يادرو قوراللىرى تەتقىق قىلىپ ياساش بازىسى (20-بازا) ھەمدە يادرو تەجرىبە مەيدانى (21-بازا) قاتارلىق يادرو سانائىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئاساسىي ۋە قوشۇمچە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىردەك 1958-يىلى 5-ئايدىن كېيىن كەينى-كەينىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى. شۇ يىلى 9-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم بېرىپ ياسىغان 7000 كىلوۋاتلىق ئېغىر سۇ رېئاكتورى ۋە دېئامېتىرى 1.2 مېتىر كېلىدىغان ئايلانما تېزلەتكۈچ جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ «ئاتوم ئېنېرگىيسى دەۋرىگە قاراپ سەكرەپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى»دىن دېرەك بېرەتتى. نيې رۇڭجېن ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىدا:« ئاتوم رېئاكتورى ۋە ئايلانما تېزلەتكۈچنىڭ پۈتكۈزۈلۈشى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىلمىي تېخنىكىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاتوم قوراللىرىنى پەقەت جاھانگىرلارلا مونوپۇل قىلىۋالالمايدۇ.» دېدى. شۇندىن كېيىنكى 1959-يىلى، جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى زور تەرەققىي قىلغان بىر يىل بولدى، يادرو يېقىلغۇسىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن يادرو پارتلىتىشىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى سىستېما تەڭلا ئىلگىرىلىدى، ۋەزىيەت كىشىنى سۆيۈندۈرەتتى.
تىزگىن بومبا تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتە، 1957-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، P-2 تىپلىق تىزگىن بومبا ۋە ئۇنىڭ ئەسۋاپ-ئۈسكۈنىلىرى قاچىلانغان 3770-قېتىملىق خەلقئارالىق پويىز مانجۇرى پويىز ئىستانسىسىغا ئاستا-ئاستا كىرىپ كەلدى، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى تۆمۈريول رېلىس ئارىلىقى ئوخشىمىغانلىقتىن، چوقۇم مانجۇرى پويىز ئىستانسىسىدا يۈك چۈشۈرۈش، يۈك بېسىش ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملاش لازىم ئىدى. ئەينى يىلى توپچىلار تەلىم-تەربىيە چوڭ ئەترىتىدە تېخنىكا ئورۇنباسار ئەترەت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن خۇاڭ دىفېينىڭ ئەسلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئاشۇ قېتىملىق پويىز ئون نەچچە ۋاگوندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، پويىزنىڭ باش-ئاخىرىدىكى ئىككى ۋاگوندا سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بار ئىدى. ئۇلار جەمئىي 102 ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئوفىتسېرلار 37 نەپەر، ئەسكەرلەر 65 نەپەر ئىدى. پويىزغا ئىككى دانە P-2 تىپلىق يەردىن يەرگە ئېتىلىدىغان مەشق تىزگىن بومبىسى، بىر باتالىيونغا يەتكۈدەك ئاساسلىق تېخنىكىلىق جابدۇقلار، يەر يۈزىنى ئۆلچەش، ئېتىش، توغرىلاش، توشۇش، قاچىلاش جابدۇقلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 45 دانە جابدۇق بار ئىدى. 12-ئاينىڭ 24-كۈنى پويىز ئوڭۇشلۇق ھالدا توپچىلار تەلىم-تەربىيە چوڭ ئەترىتى تۇرۇشلۇق جايغا كەلگەندە، پېڭ دېخۈەي ئۆز قولى بىلەن P-2 تىپلىق تىزگىن بومبىغا چىگىلگەن قىزىل شەلپەرنى يېشىپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مەيداندىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە:« بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى چوڭ ئاكىمىز بىزگە بالا قىلىپ بەرگەن‹ئوغۇل›، ۋەتىنىمىز ئۇنى سىلەرگە ئامانەت قىلىپ تاپشۇردى، سىلەر ئۇنىڭغا ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان ئوغلۇڭلاردەك مۇئامىلە قىلىشىڭلار كېرەك، جۇمۇ!» دېدى. نەچچە كۈندىن كېيىن، مايور گېنېرال گەيدۇكوۋ (Gaidukov) باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، جۇڭگونىڭ تىزگىن بومبا سىنىقى قارىغا ئېتىش مەيدانىنى تەكشۈرۈپ لايىھىلەش خىزمىتىنى باشلىدى.
1958-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، توپچىلار تەلىم-تەربىيە چوڭ ئەترىتى 1-قەرەللىك مەشق سىنىپى ئوقۇش باشلىدى. P-2 تىپلىق تىزگىن بومبا گەرچە ئاللىقاچان سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش سېپىدىن چېكىندۈرۈلگەن دېيىلسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ھەربىيلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنىلا كەم بولسا بولمايدىغان رول ئويناۋاتاتتى. مەشققە قاتناشقان كۇرسانتلار 533 ئادەم، ئۇندىن باشقا پراكتىكانتلاردىن 150 ئادەم بولۇپ، 23 كەسپىي ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ، ۋەزىپىسى بويىچە ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئوقۇتۇش شەكلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى تىزگىن بومبا باتالىيونى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بىۋاسىتە ئوقۇتقۇچىلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئۇلار ئالدىنقى ئۈچ ئايدا پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ قولمۇ-قول ئۆگىتىپ مەشقلەندۈرۈشى قوبۇل قىلىندى، ئاندىن ئۆزلىرى مۇستەقىل تەربىيىلىنىشكە تەشكىللەندى. 1959-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى مەشق ئاخىرلاشقاندا، يەردىن يەرگە ئېتىلىدىغان تىزگىن بومبا كەسپىي تېخنىكا تايانچلىرىدىن جەمئىي 1357 ئادەم تەربىيىلىنىپ، جۇڭگو تىزگىن بومبا قىسمىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە زور بىر تۈركۈم تېخنىكا ئىختىساس ئىگىلىرى، يېتەكچى ۋە باشقۇرغۇچى كادىرلار تەربىيىلەندى. مۇشۇ مەزگىلدە، 1958-يىلى 9-ئايدا، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ شتاتى ئاستىدا تىزگىن بومبا مەكتىپى رەسمىي قۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئارمىيىگە ئېھتىياجلىق يەردىن يەرگە، يەردىن ھاۋاغا، قىرغاقتىن كېمىگە ئېتىلىدىغان تىزگىن بومبا قاتارلىق ھەربىي قوراللارنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكلىرى ۋە قوماندان كادىرلىرىنى تەربىيىلەشكە مەسئۇل بولدى. مەكتەپ سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن شتات تەسىس قىلدى ھەمدە گۇشېۋ (Gusev)، نىكولايېۋ (Nikolaev) قاتارلىق 12 نەپەر مۇتەخەسسىسنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن كېڭىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، 1958-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگونىڭ تۇنجى يەردىن ھاۋاغا ئېتىلىدىغان تىزگىن بومبا قىسمى بېيجىڭدا رەسمىي قۇرۇلدى، شەرتلىك بەلگىسى 543-قىسىم. 11-ئاينىڭ 27- ۋە 29-كۈنلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن تۆت يۈرۈش سام-2 تىپلىق يەردىن ھاۋاغا ئېتىلىدىغان تىزگىن بومبا بېيجىڭغا يۆتكەپ كېلىندى، ئۇنىڭ ئىككى يۈرۈشى ھاۋا ئارمىيە قىسمىنى قوراللاندۇرۇش، بىر يۈرۈش 5-ئىدارىنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىشى، بىر يۈرۈشى 20-بازىنىڭ سىناققا ئىشلىتىشى ئۈچۈن بېرىلدى. ئوقۇتقۇچىلىققا كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىي 95 ئادەم بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا كەلگەن ئىدى. ئەينى يىلى تىزگىن بومبا قىسمىنى تەشكىللەپ قۇرۇشقا مەسئۇل بولغان جاڭ بوخۇا ئەسلەپ:« سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى كەلگەندىن كېيىن، بىز بىرلىكتە ئوقۇتۇش پروگراممىسى، پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ، كەسپلەر بويىچە سىنىپلارغا ئايرىدۇق. 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش مەشقى رەسمىي باشلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دەرس سۆزلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەن ھاۋا ئارمىيە ئورگىنىدىن 53 نەپەر روس تىلى تەرجىمانى ئېلىپ، تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئوقۇتۇشقا ھەمكارلاشتۇردۇم. بۇ قەرەللىك مەشققە قاتناشقانلار 1-باتالىيوندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە 2-،3-باتالىيوننىڭ باتالىيون-روتا (ئىسكادىرون) كادىرلىرى ھەمدە ئورگان، مەكتەپ، بازا قاتارلىق 16 ئىدارىدىن جەمئىي 464 ئادەم بار ئىدى. نەزەرىيىۋىي مەشق ئون يەتتە كەسپكە بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلدى، ھەربي قورال ۋە مەشغۇلات مەشقى تۆت تۈرگە بۆلۈندى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمەلىي ئۇرۇش قىسىملىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ تىزگىن بومبا باتالىيونى ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئۆگىتىشنى ھۆددىگە ئالغان ئىدى.» دېدى. 1959-يىلى 4-ئايدا راست ئوق بىلەن قارىغا ئېتىش ئىمتىھانىدا نەتىجە بىردەك ئەلا بولدى. ئاندىن كېيىن، قارىغا ئېتىش مەيدانىدا ھەربىي قورال-جابدۇقلارنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تىزگىن بومبا باتالىيونى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى مەشق ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن دۆلىتىگە قايتتى. 1959-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، تىزگىن بومبا 2-باتالىيونى باشلىقى يۆ جېنخۇا قىسىمغا يېتەكچىلىك قىلىپ بېيجىڭ ئاسمىنىدا گومىنداڭ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىر دانە RB-57D تىپلىق يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى رازۋېدكا ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، دۇنيا ھاۋا مۇداپىئەسى ئۇرۇش تارىخىدىكى يەردىن ھاۋا ئېتىلىدىغان تىزگىن بومبىنىڭ دۈشمەن ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش نەمۇنىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. ليۇ يالوۋ كېيىن خۇلاسىلەپ:« 1959-يىلىدىكى بۇ جەڭ، پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى بىزگە ئۆگەتكەن ئۇسۇل بويىچە ئېلىپ بېرىلدى.» دېدى.
بىراق شۇنىمۇ تىلغا ئېلىش زۆرۈركى، سىياسىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو ياردىمىدە ئېلىپ قالغان جايلىرىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بۇ جەھەتتە، جۇڭگوغا كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۆزىمۇ بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. 1958-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو قوراللىرى لايىھىلەش مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگوغا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئەۋەتىش خىزمىتىگە مەسئۇل ئوتتۇرا تىپلىق ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىكىدىكى ئىدارە باشلىقى پاۋلوۋ (Pavlov) ئۇلارغا:« جۇڭگولۇق يولداشلارنىڭ يېنىغا بېرىش ھەمدە ئۇلارغا نېمىنىڭ يادرو قورالى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىش كېرەك، ئۇلار ئاتوم بومبىسى ياسىماقچى بولسا، بىز ئۇلارغا ئاتوم بومبىسىنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشىمىز كېرەك.» دېگەن ئىدى. بىراق سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى دەرس بېرىدىغان مەزمۇنلار قاتتىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، يۇقىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ھەربى مۇتەخەسسىس چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقى 1951-يىلى سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاشۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىش جەريانىنى چۆرىدەپ ئۆزى مەسئۇل بولغان مەزمۇننى سۆزلەپ بېرىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ چېرتيوژ لايىھىسى ۋە 1949-يىلى پارتلاتقان ئاشۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ تېخنىكىسىنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتكەن ئىدى، بىراق «سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 1951-يىلىدىكىنمۇ ئىلغارراق پىلان لايىھىسىنى جۇڭگولۇقلارغا ئېيتىپ بېرىشقا تېخى رۇخسەت قىلمىغان ئىدى». گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئالىم بولۇش سۈپىتىدە، جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى يەنىلا مەسئۇلىيەتچان بولدى. گاۋرىلوۋ (Gavrilov) ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلاش جەريانىدىكى فىزىكىلىق سۈرەتلەرنى ھەمدە پارتلاشتىن ھاسىل بولغان زەربە دولقۇنىنىڭ فىزىكىلىق ھادىسىسى ۋە قويۇپ بەرگەن ماددا ھالىتىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ بەردى؛ نېگىن (Negin) ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۈزۈلۈش پرىنسىپى ــــ سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئىچىدىكى نېيترون ئوت ئالدۇرۇش قۇرۇلمىسىغىچە سۆزلەپ بەردى؛ ماسلوۋ (Maslov) ئوق يولى قۇرۇلمىسى ئىچىگە ئاتوم بومبىسى ھەمدە ئاپتوماتىك قۇرۇلما ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قانداق قويۇشتىن دەرس بەردى. باشلىنىشتا، مۇتەخەسسىسلەر قۇرۇلما سخېمىسىنى پەقەت دوسكىغا سىزىپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنگەن بولۇپ، چۈنكى ئۇلار ماتېرىيال كىتاب سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلىپ كەلمىگەن ئىدى ــــ جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى كېلىشىمىگە ئاساسەن، ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېيىنكى ئىشلار ئىدى. بىراق، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى دەرستە سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنى خاتىرىلىۋېلىشى تولۇق ئەمەس ياكى چۈشىنىشتە خاتالىق بارلىقىنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى دەرستە سۆزلىگەن نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۇلارغا كۆچۈرۈپ بەردى. قىسقىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالاقىدار تەرەپلىرىنىڭ قارىشىچە، موسكۋانىڭ يول قويغان ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر بىلىدىغان دائىرە ئىچىدە جۇڭگولۇقلار ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق نەرسىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى.
收藏到:Del.icio.us