• 2010-09-10

    سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(4) - [ئەتراپىمىزدا]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74698674.html

    ياردەم ۋە چەكلىمە: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(4)

    دەل جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى سۆھبىتى قاتمال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغاندا، 1954-يىلىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش، سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيە ئىچىدىكى كۈرەشنىڭ كەسكىنلىشىشى خرۇشېۋنىڭ يادرو ياردىمى جەھەتتەجۇڭگوغا قاراتقان چەكلىمىسىنى يەنە بوشاشتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1957-يىلى 6-ئايدا سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي ئومۇمىي يىغىنى مالېنكوۋ (Malinkov)، كاگانوۋىچ (Kaganovich)، مولوتوۋ (Molotov)لارنىڭ پارتىيە تەشكىلىگە قارشى قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە تەنقىدلىدى ھەمدە ئۇلارنى مەركىزىي رەھبەرلىك قاتلىمىدىن چىقىرىۋەتتى. بۇ قېتىملىق كۈرەش سوۋېت كومپارتىيىسى 20-قۇرۇلتىيى ۋە پولشا-ھۇنگرىيە(ۋېنگرىيە) ۋەقەسىدىن كېيىنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيە ئىچىدىكى ئىدىيىۋىي لېنىيە(لۇشيەن) ئىختىلاپىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق چوڭ ئاشكارىلىنىشى ئىدى. خرۇشېۋ پەۋقۇلئاددە ۋاسىتە قوللىنىپ ئۆزىنىڭ رەقىپلىرىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەت كومپارتىيىلىرى، بولۇپمۇ، جۇڭگونىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، يەنى مەركىزىي ئومۇمىي يىغىن ئاياغلىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئورۇنباسار دىپلوماتىيە مىنىستىرى پاتورىچېۋ (Patorichev) ھەرقايسى سوتسيالىستىك دۆلەتلەر ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي ئالاقە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ئاندروپوۋ (Andropov) ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى مەدەنىيەت كومىتېىتى رەئىسى ژۇكوۋ (Zhukov) يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو ئەلچىخانىسىدىكى چېن چۇ ۋە جاڭ ياڭۋۇلارنى ياردەملىشىشكە ئىزدەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئايدىكى ئومۇمىي يىغىن ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى. 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، خرۇشېۋ يەنە مىكويان (Mikoyan)نى جۇڭگو خاڭجۇغا مەخسۇس ئەۋەتىپ، ماۋزېدۇڭ ۋە باشقا جۇڭگو رەھبەرلىرىگە سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئايدىكى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ جەريانىنى ھەمدە خرۇشېۋنىڭ مولوتوۋنىڭ جۇڭگوغا تۇتقان پوزېتسىيىسىدىكى بىر قىسىم خاتا قاراشلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خرۇشېۋ بىلەن مولوتوۋ قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى-تاشقى سىياسەت جەھەتتىكى ئىختىلاپلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. مىكويان جۇڭگونىڭ خرۇشېۋ رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەيدانىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، جۇڭگو مەركىزىي سىياسىي بيۇروسى كېچىلەپ يىغىن ئېچىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيە ئىچىدىكى كۈرەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى، يىغىندا جەزملەشتۈرۈلگەن ئاساسىي يېتەكچى پرىنسىپ بولسا، ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىش، ئىكككى گورۇھنىڭ ھەق-ناھەق كۆز قارىشىنى ئېنىق ئايرىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى قوللاش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2-كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»دە سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خەۋىرى ۋە قارارىنى بېسىش قارار قىلىنغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ماۋزېدۇڭ مىكوياننىڭ ئەھۋال مەلۇماتىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال جۇڭگو مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئاللىقاچان سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قوللاشنى قارار قىلىپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن، خرۇشېۋ «بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم» قىلىپ، دەرھال جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى ۋە تىزگىن بومبىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش جەھەتتە ئاكتىپلىقىنى ئىپادىلىدى.
    ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتى تەرەققىيات پىلانى تېخى بېكىتىلمىگەنلىكتىن، 1956-يىلى 8-ئايدىكى ئاتوم ئېنېرگىيىسى كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كەلدى، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى نيې رۇڭجېن جۇ ئېنلەيگە قايتا دوكلات يېزىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مەسلىھەتلىشىشىنى ئۈمىد قىلدى. جۇئېنلەي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بېجىرىشىگە تەستىق سالدى. نيې رۇڭجېننى تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇرغىنى شۇ بولدىكى، بۇ قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن تېز بولدى، 20-كۈنى ئارشىپوۋ (Arkhipov) دۆلەت مۇداپىئە يېڭى تېخنىكىسى ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى ۋاقىت كېلىشىپ يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جاۋاب بەردى. 22-كۈنى نيې رۇڭجېن ئارشىپوۋنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلدى، ئىككىيلەن مىھمانخانە ئۆيدە ناھايىتى خۇشال كۆرۈشتى. ئارشىپوۋ دۆلەت مۇداپىئە يېڭى تېخنىكا ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ھەرقانداق مەسىلىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نيې رۇڭجېن دوكلات قىلغاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ، جۇئېنلەيلەر نيې رۇڭجېننىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا سۆھبەتلىشىشكە بېرىشىغا قوشۇلدى.
    نيې رۇڭجېن، سوڭ رېنچيۇڭ، چېن گېڭ رەھبەرلىكىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى موسكۋاغا يېتىپ باردى. سۆھبەت 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلىنىپ، ھەربىي ئىشلار، ئاتوم، تىزگىن بومبا، ئۇچقۇ، سىمسىز رادىئو قاتارلىق بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى. گەرچە سۆھبەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ يەنىلا بىر قىسىم ساقلاپ قالغان يەرلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىنتايىن دوستانە ۋە قىزغىن ئىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك تاشقىي ئالاقە كومىتېتىنىڭ رەئىسى پېرۋۇشىن (Pervukhin) سۆھبەت جەريانىدا ھەتتا جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان بەزىبىر مەھسۇلاتلارنىڭ تىپى، ئىقتىدارىنى ئاللىقاچان ئارقىدا قالدى دەپ قاراپ، يېڭىلانغان مەھسۇلات تىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلدى. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ كېلىشىم دەسلەپكى لايىھىسىنى تاپشۇردى، پېرۋۇشىن نيې رۇڭجېنغا:« بۇ خىل كېلىشىم سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە تارىخىدا تېخى تۇنجى قېتىملىقى، چۈنكى جۇڭگو ئەڭ ئىشەنچىلىك، ئەڭ ئىشىنىپ تاپشۇرۇشقا بولىدىغان دوستتۇر. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بالدۇرراق پىلان تۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى. نيې رۇڭجېن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە مەسلىھەتچىلەرنى يىغىپ يىغىن ئاچقاندا:« سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ھەقىقەتەنمۇ بەك قىزغىن، بەك سەمىمىي، بەك سېخىي بولدى. جۇڭگو بۇ ياردەمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، دۆلەت مۇداپىئە ماددىي ئاساسىنى 2-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرلىرىدا يېڭى بىر پەن-تېخنىكا سەۋىيسىگە سەكرەپ ئىلگىرىلىتەلەيدۇ.» دېدى. خەۋەر دۆلەت ئىچىگە تارقالغاندىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇئېنلەي پېڭ دېخۈەي، لى فۇچۈنلەرگە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەسئۇللىرى يىغىنى چاقىرىپ تەتقىق قىلىشنى ھاۋالە قىلدى. سوڭ رېنچيۇڭ ۋە جاڭ ليەنكۈيلەرنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقانلار بىردەك سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان ياردەم تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارىغاچقا، ئاكتىپلىق بىلەن قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشقا، ئىمزا قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ھەرقايسى جەھەتلەردە داۋاملىق كونكرېت سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلۇشتى.
    10-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى «يېڭى تىپتىكى قوراللار ۋە ھەربىي ئىشلار تېخنىكىلىق جابدۇقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە جۇڭگودا ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىق ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىم» (قىسقارتىلىپ «دۆلەت مۇداپىئەسى يېڭى تېخنىكا كېلىشىمى» دەپ ئاتالدى)نى رەسمىي ئىمزالىدى. كېلىشىم جەمئىي بەش باب 22 ماددا بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىق ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتى قۇرۇشىغا، جۇڭگونىڭ ئاتوم بومبىسى تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىدىغان ھەمدە ئاتوم بومبىسىنىڭ ئوقۇتۇش مودېلى ۋە چېرتيوژ، سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئاتوم بومبىسى ياساشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى سۈپىتىدە، جۇڭگوغا ئۇران قويۇلدۇرۇشنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان سانائەت ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىپ بېرىدىغان ھەم گاز كېڭەيتكۈچى زاۋۇتىنىڭ دەسلەپكى ئىش باشلىشىغا لازىملىق يېتەرلىك مىقداردىكى ئۇران گېكسافتورىد بىلەن تەمىنلەيدىغان؛ 1959-يىلى 4-ئايدىن بۇرۇن جۇڭگوغا ئىككى روتىغا يەتكۈدەك قىرغاقتىن كېمىگە ئېتىلىدىغان تىزگىن بومبا جابدۇقلىرىنى تاپشۇرىدىغان، دېڭىز ئارمىيىسىگە بىر تىزگىن بومبا قىسمى قۇرۇشقا ياردەملىشىدىغان؛ جۇڭگونىڭ تىزگىن بومبا تەتقىق قىلىپ ياسىشى ۋە قويۇپ بېرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى لايىھىلىشىگە ياردەم بېرىپ، 1961-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تىزگىن بومبا ئەۋرىشكىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەمدە تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ئەۋەتىپ تىزگىن بومبا تەقلىد قىلىپ ياسىشىغا ياردەملەشتۈرىدىغان؛ جۇڭگوغا ياردەملىشىپ ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلىدىغان قارىغا ئېتىش مەيدانىنى لايىھەلەيدىغان ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيىلەيدىغان بولدى، ۋەھاكازالار.[4] بىر قىسىم سانائەت ياردەم تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش دائىرىسى ھەمدە جۇڭگوغا تاپشۇرىدىغان لايىھە ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ قەرەلى قاتارلىقلار كېلىشىمدە كونكرېت بەلگىلەنمىگەنلىكتىن، 1958-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتى جەھەتتە تېخنىكىلىق ياردەم بېرىشى ھەققىدىكى قوشۇمچە كېلىشىم» (قىسقارتىلىپ «يادرو كېلىشىمى دەپ ئاتىلىدۇ)نى ئىمزالىدى، كېلىشىمدە ھەر بىر تۈرنىڭ ھەممىسىنىڭ دائىرىسىگە ئېنىق، كونكرېت بەلگىلىمە بەلگىلەندى، تۈرنىڭ لايىھىلىنىپ تاماملىنىش قەرەلى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تەمىنلەشنىڭ قەرەلى قاتارلىقلارمۇ تەخمىنەن بېكىتىلدى، كۆپ سانلىق تۈرلەرنىڭ تاماملىنىش قەرەلى 1959-يىلى ۋە 1960-يىلى ئىدى. «دۆلەت مۇداپىئەسى يېڭى تېخنىكا كېلىشىمى» ۋە «يادرو كېلىشىمى» جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگونىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتى «يادرو سانائىتى قۇرۇلۇشى ۋە يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىكى يېڭى باسقۇچقا كىردى».
    ئۈچىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا بولغان ياردىمى ۋە چەكلىمىسى
    1957-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە پۈتكۈل 1958-يىلىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە تىزگىن بومبا تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتىكى ياردىمى نورمال ۋە ئوڭۇشلۇق بولدى. 1958-يىلى 6-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم قىلغان تەجرىبە خاراكتېرلىق ئېغىر سۇ رېئاكتورى ۋە ئايلانما تېزلەتكۈچ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىلدى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو فىزىكىسى تەتقىقاتىدىكى تېخنىكىلىق جابدۇقلار ۋە شارائىتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇش جەريانىدا تەربىيىلەنگەن ئىختىساس ئىگىلىرى ھەمدە ئىشلىتىش جەريانىدا ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگونىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تېنچ يول بىلەن پايدىلىنىش ئىشلىرىغا يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىغىمۇ ۋاسىتىلىق ئاساس سالدى. خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئىشەنچكە تولغان ھالدا:« ئاتوم بومبىسى مانا مۇشۇنداق يوغان نەرسە، ئۇ نەرسە بولمىسا، باشقىلار سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇنداقتا ياخشى، بىز ئازراق ياسايلى. ئاتوم بومبىسى، ۋودورود بومبىسى، قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان تىزگىن بومبىلارنى ياساشقا، مېنىڭچە، ئون يىل تىرىشساق تامامەن يېتىشى مۇمكىن.» دېدى. ئۇندىن باشقا، سوۋېت ئىتتىپاقى كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگونى بىر نەچچە خىل تىزگىن بومبا، ئۇچقۇ ۋە باشقا ھەربىي جابدۇقلارنىڭ ئەمەلىي جىسىم ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلىدى، تىزگىن بومبا، ئاتوم ئېنېرگىيىسى قاتارلىق مۇتلەق مەخپىي تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇردى، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى جۇڭگوغا ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە ئىلغار قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئەھۋالى ھەمدە تېخنىكىسىنى پىششىق بىلىشى ۋە ئىگىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. نيې رۇڭجېننىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياردىمى جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىنىڭ باشلىنىش خىزمىتىدە ئىنتايىن زور رول ئوينىغان ئىدى، بولۇپمۇ، تىزگىن بومبا تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە تەجرىبە بازىسى قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى تېزلەتكەن ئىدى. مۇشۇ ئاساستا، جۇڭگو «سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزلەشتۈرۈش، تەتقىق قىلىپ لايىھىلەش ۋە سىناق قىلىپ ياساش خىزمىتى»نى باشلىغان ئىدى.


    收藏到:Del.icio.us