• 2010-09-04

    سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(3) - [ئەتراپىمىزدا]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74310245.html

    ياردەم ۋە چەكلىمە: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(3)

    ئىككىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا ياردەم بېرىش يېتەكچى پرىنسىپىدا بۆسۈش خاراكتېرلىق بۇرۇلۇش بولدى.
    گەرچە ئاتوم ئېنېرگىيسىدىن تېنچ يول بىلەن پايدىلىنىش يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشنىڭ تېخنىكا ئاساسى بولالىسىمۇ، ئەمما بۇ بىر قەدەم ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى، ئۇراندىن ئاجرىتىش، ساپلاشتۇرۇشتىن، يادرو پارتلىتىشىغا ئىشلەتكۈچە بىر قاتار مەخسۇس تېخنىكا ۋە ھۈنەرنى ئىگىلەشكە توغرا كېلەتتى. ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ بىر قەدەمنى ئېلىش ئۈچۈن بەش يىلدىن يەتتە يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلغان ئىدى، جۇڭگونىڭ ئەينى يىللاردىكى سانائەت ئاساسى ۋە ھۈنەر-تېخنىكا سەۋىيسىدىن ھەمدە ئەينى چاغدىكى غەرپ ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي تېخنىكا قامىلى يۈرگۈزۈۋاتقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش مۇھىتىدىن ئېيتقاندا، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن، پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگىلا تايىنىشقا توغرا كېلەتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى، جۇڭگونىڭ غەرپ ئەللىرىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك سۈرئەتتە ئاتوم بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىق پارتىلىتالىشى، قانداق قىلىپ بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، گەرچە بۇ تولۇق بولمىغان ياردەم بولسىمۇ، بىراق، موسكۋا يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتە جۇڭگوغا قىلغان ياردىمىدە ئەڭ دەسلەپتە ئىككىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئىدى.
    يادرو قوراللىرى تېخى ئەمدى ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاندا، جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇنى توشۇغۇچى قورال ــ تىزگىن بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياساش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا باشلىغان ئىدى. 1956-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى پېڭ دېخۈەي سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىشلار باش مەسلىھەتچىسى پېترۇشېۋسكي (Petrushevsky) بىلەن كۆرۈشكەندە:« جۇڭگو مەركىزىي سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئېچى، جۇڭگونىڭ سانائەت تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاشقانلىقى ئاساسىدا، جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە قوشۇلدى ھەمدە راكىتا قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىماقچى بولۇۋاتىدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جەھەتتە چېرتيوژ، سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. موسكۋانىڭ يوليورۇقىنى ئالالمىغاچقا، پېترۇشېۋسكي ئىپادە بىلدۈرەلمىدى. 1-ئاينىڭ 20-كۈنى پېڭ دېخۈەي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 57-قېتىملىق دائىملىق خىزمەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، تىزگىن بومبا تەتقىقاتى ۋە ياساپ چىقىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا دوكلات يوللاشنى قارار قىلدى. پېڭ دېخۈەي:« نۆۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىمىز چوقۇم تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم بەرسە، بىز ئۆگىنىمىز.» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئازادلىق ئارمىيە تەلىم-تەربىيە باش نازارەتچىلىك بۆلۈمى مۇۋەققەت بۆلۈم باشلىقى يې جيەنيىڭ، ئورۇنباسار باش شتاب باشلىقى چېن گېڭ ۋە تېخى ئەمدىلا ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەن تىزگىن بومبا مۇتەخەسسىسى چيەن شۆسېنمۇ جۇڭگونىڭ ئۆزى تىزگىن بومبا تەتقىق قىلىپ ياساش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇئېنلەي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، چيەن شۆسېننىڭ جۇڭگودا تىزگىن بومبا تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئاڭلىدى. يىغىن تىزگىن بومبا ھاۋا قاتنىشى ئىلمىي تەتقىقاتى جەھەتتىكى رەھبىرىي ئورگان ــ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ھاۋا قاتنىشى سانائىتى كومىتېتى قۇرۇشنى، مۇدىرلىقىنى نيې رۇڭجېن ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلدى. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، نيې رۇڭجېن «جۇڭگو تىزگىن بومبا تەتقىقاتى خىزمىتىنى قۇرۇش ھەققىدىكى دەسلەپكى پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي ھەربىي ئىشىلار كومىتېتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى يىغىن مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس تېمىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. جۇئېنلەي يىغىندا:« تىزگىن بومبا تەتقىقاتىدا ئالدى بىلەن ئازراق بۆسۈش ھاسىل قىلىنسا بولىدۇ، بارلىق شارائىتلارنىڭ تەل بولۇشىنى ساقلاپ تۇرسا بولمايدۇ. دەرھال كۈچ ئاجرىتىپ، ئاپپارات تەشكىللەپ، ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش لازىم.» دەپ يوليورۇق بەردى. شۇ يىلى 7-ئايدا، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن جۇڭ فۇشياڭ ئىدارە باشلىقى بولغان تىزگىن بومبا باشقۇرۇش ئىدارىسى (دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 5-ئىدارىسى) رەسمىي قۇرۇلدى. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، چيەن شۆسېن مۇدىر بولغان تىزگىن بومبا تەتقىقات ئورنى قۇرۇلدى، ئۇنىڭ قارمىقىدا ئون تەتقىقات ئىشخانىسى تەسىس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگونىڭ تىزگىن بومبا تەتقىقات ئىشلىرى ئىزىغا كىرىشكە باشلىدى.
    يادرو ئېنېرگىيىسى ئاساسىي تەتقىقاتى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، تىزگىن بومبا تەتقىقاتى بولسا تامامەن ھەربىي ئىشلار مەقسىدىگە تەۋە ئىدى ھەم ئاتوم بومبىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى، شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ جەھەتتە تەبىئىيلا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنگلىيە، ئامېرىكا بىلەن يادرو سىنىقىنى توختىتىش مەسىلىسىنى قىزغىنلىق بىلەن مۇزاكىرە قىلىۋاتاتتى. 1956-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى شېپىلوۋ (Sepilov) ئەڭ ئالىي سوۋېت يىغىنىدا ئاتوم قوراللىرىنى تەجرىبە خاراكتېرلىق پارتلىتىشنى دەرھال توختىتىش لازىملىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەكلىپ بېرىپ، ياكى ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى ئۈچ تەرەپلىك بىر كېلىشىم تۈزۈش، باشقا دۆلەتلەر ئۇنىڭدىن كېيىن قوشۇلۇش، ۋەياكى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھۆكۈمەتلەر ئۆز ئالدىغا رەسمىي بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئاتوم قوراللىرى ۋە ئىسسىق يادرو قوراللىرى سىنىقىنى قايتا ئېلىپ بارماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئېيتتى. شېپىلوۋ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارىشىچە، بارلىق ئاتوم قوراللىرى ۋە ئىسسىق يادرو قوراللىرى سىنىقى ۋە تەجرىبە خاراكتېرلىق پارتلىتىش مەسىلىسىنى قىلچە كەينىگە سۆرىمەي دەرھال توختىتىش، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئۈچ دۆلەت كېلىشىمىنى تۈزۈش زۆرۈر دەپ جاكارلىدى. 1957-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە ب د ت قۇرۇلتىيىدا يادرو كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە بىر تەرەپلىمە ھالدىكى بىر نۇسخا يادرو سىنىقىنى چەكلەش تەكلىپ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئورۇنباسار دىپلوماتىيە مىنىستىرى زولىن (Zolin) قۇرۇلتايدا ئاتوم بومبىسى ۋە ۋودورود بومبىسىغا ئىگە دۆلەتلەر سانىنىڭ ھەرقانداق ئېشىشىنىڭ ھەممىسى ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدۇ دەپ تەكىتلىدى. ھالبۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى تەكلىپ لايىھىسىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى بولسا، ھازىر تېخى ئاتوم بومبىسى ۋە ۋودورود بومبىسىغا ئىگە بولمىغان بىر دۆلەت، گەرچە بۇ قوراللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەخپىيەتلىكىنى ئاللىقاچان ئىگىلىگەن ھەمدە زۆرۈر ماتېرىياللارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ قوراللارنى ئۈنۈملۈك تەجرىبە قىلالمايدۇ دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. بۇ لايىھىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا بولغان يادرو ياردەم يېتەكچى پرىنسىپىغا تەسىر قىلىشى مۇقەررەر ئىدى.
    دەل يادرو سانائىتى ياردەم كېلىشىمى ئىمزالانغان كۈنى، يەنى 1956-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلەت پىلان كومىتېتى مۇدىرى لى فۇچۈن نيې رۇڭجېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بۇلگانىن (Bulganin)غا خەت يېزىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ تىزگىن بومبا ئىشلىرىنى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە جۇڭگوغا ئومۇمىيۈزلۈك تېخنىكا ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ سۆھبەتلىشىش تەكلىپىنى بەردى. 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ:« تىزگىن بومبا تېخنىكىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى كادىرلىرى كەمچىل ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ، جۇڭگوغا ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال كادىرلارنى تەربىيىلەشتىن باشلاش تەكلىپىنى بېرىمىز، ئاندىن كېيىن بۇ جەھەتتە مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيىلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىنسا بولىدۇ. سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوغا تىزگىن بومبا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشكە ياردەم بېرىشنى، جۇڭگو مەكتەپلىرىگە بېرىپ ئىشلەش ۋە دەرس ئۆتۈشكە مۇتەخەسسىس ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئاللىقاچان تىزگىن بومبا كەسپىنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسى ۋە ئوقۇتۇش پىلانى ھەمدە كادىرلارنى تەربىيىلەشكە زۆرۈر ئوقۇتۇش قوراللىرى، ئەۋرىشكە ۋە ئۇنىڭ تېخنىكىلىق چۈشەندۈرۈشلىرىنى جۇڭگوغا سوۋغا قىلىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى. 1957-يىلىدىكى يېڭى ئوقۇش يىلىدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي مەكتەپلىرى گۇرۇپپا تەسىس قىلىپ، تىزگىن بومبا تېخنىكىسى جەھەتتىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيىلەش ئۈچۈن، 50 نەپەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.» دېدى. بۇ جۇڭگونىڭ تەلىپىدىن ھەقىقەتەنمۇ بەك يىراق ئىدى، نيې رۇڭجېن بۇنىڭدىن «قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى».
    سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق پوزىتسىيىسى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇش پىلانىغا يەنە بىر قېتىم تەسىر قىلدى. 1956-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى نيې رۇڭجېن ۋاكالىتەن يازغان تېلېگراممىنى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا ئەۋەتتى. بۇ جاۋاب تېلېگراممىدا:« تىزگىن بومبا جەھەتتىكى كادىرلارنى تېزراق تەربىيىلەش ئۈچۈن، سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىدىكى پىكىرىگە ئاساسەن، جۇڭگو 1957-يىلىدىكى يېڭى ئوقۇش يىلىدا 50 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئەۋەتكەندىن تاشقىرى، ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر تۈركۈم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى تىزگىن بومبا تېخنىكىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كەسپلەردە ئوقۇشقا يۆتكىمەكچى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگودىكى بىر نەچچە ئاساسلىق ئالىي مەكتەپلەردە تىزگىن بومبا تېخنىكىسىغا ئائىت كەسىپلەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىمىز، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئوقۇتۇش قوراللىرى، ئەۋرىشكىلەر بىلەن تەمىنلىشىنى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى جۇڭگوغا ئەۋەتىپ ئوقۇتۇشقا ياردەملەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» دېيىلگەن ئىدى. جاۋاب تېلېگراممىدا يەنە موسكۋاغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ سۆھبەتلىشىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. بىراق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ كەينىگە سۆرەپ جاۋاب بەرمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزېتسىيىسى پاسسىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-بەش يىللىق پىلاندا مەبلەغ سېلىشنى قىسقارتىش ئويلىشىلغانلىقتىن، جۇڭگو تەرەپ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئازايتىشنى ئويلىشىشقا مەجبۇر بولدى. نيې رۇڭجېن ۋە «3-ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىكى»نىڭ مىنىستىرى سۇڭ رېنچيۇڭ 1957-يىلى 1-ئايدا موسكۋادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇئېنلەيگە بىرلىشىپ ئىمزا قويغان تېلېگرامما يوللاپ، ئاتوم ئېنېرگىيسى سانائىتى جەھەتتە، 2-بەش يىللىق پىلاندا پەقەت ئىلمىي تەتقىقات ۋە گېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئۇران ئوكسىد ۋە ئۇران مېتالى ئىشلەپچىقىرىش، بىر ئاتوم رېئاكتورى ۋە پلۇتونىي ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى قۇرۇش قاتارلىقلارنىلا قىلىشنى، ئەمما ئاتوم بومبىسى ياساشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا ــ قويۇلدۇرۇلغان ئۇران-235نى ئىشلەپچىقىرىدىغان كېڭەيتكۈچى زاۋۇتنى 3-بەش يىللىق پىلانغا كېچىكتۈرۈپ ئاندىن ئويلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.


    收藏到:Del.icio.us