• 2010-09-12

    سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(6) - [ئەتراپىمىزدا]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74779829.html

    ياردەم ۋە چەكلىمە: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(6)

    ئەلۋەتتە، بۇ خىل چەكلىمىنى بەزىدە تىزگىنلەش تەسكە توختايتتى. مەخپىي ئورۇنلارغا ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئازاپ ۋە ئەنسىزلىك ھېس قىلاتتى. 1957-يىلى مەركىزىي كومىتېتقا يوللانغان بىر پارچە دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپچى سالاھىيىتىدە جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن بىر نەچچە نەپەر مەسلىھەتچى ئەزەلدىن قايسى نەرسىلەرنى ئاشكارىلىسا بولىدىغانلىقى، قايسى نەرسىلەرنى ئاشكارىلىسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇلمىغان ئىدى. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۇلار «پاسسىپ ھالەتكە كىرىشنى قارار قىلغان ياكى پەقەت جۇڭگو ئاللىقاچان گېزىتتىن ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دوكلاتىدىن ئىگەللىگەن نەرسىلەرنىلا سۆزلەيتتى.» مېڭ گېفېي ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقات ئورنىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى باشلىقى ۋوربىيېۋ بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەتنى تەپسىلىي ئەسلەپ:« بىلىمى چوڭقۇر ھەم سەمىمىي بۇ پىشقەدەم مۇتەخەسسىس ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلىدى، ھەم جۇڭگو تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سورىغانلىرىغا ئەينەن جاۋاب بەردى، سۆھبەتلەشكەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەممىسى نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۆپ تىرىشتى.» دېگەن ئىدى.
    مەسىلە ھەقىقەتەنمۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆزىدىن چىقمىغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تىزگىن بومبا مۇتەخەسسىسى پولكوۋنىك ساۋىلىيېۋ (Colonel Saviliev) جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن تەخمىنەن بىر يىلچە ۋاقىتتا، جۇڭگو ھەربىيلىرىنى تىزگىن بومبا قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىشتە تەربىيىلەشكە مەسئۇل بولغان ئىدى. 1959-يىلى كۈزدە يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ موسكۋانىڭ يوليورۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى. توپچىلار باش قوماندانى نېدېلىن (Nedelin) ئۇنىڭغا تاپىلاپ، پەقەت جۇڭگوغا تاپشۇرۇلغان جابدۇقلاردىنلا دەرس بېرىشنى، «ئۆزىنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى بىلىمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى، زۆرۈر تېپىلغاندا باش ئەلچىخانىدىكى يۇقىرى چاستوتىلىق ئالاقە لېنىيىسى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىن يوليورۇق سورىشى لازىملىقىنى، ئالاھىدە ئەھۋاللاردا بىۋاسىتە باش قوماندان بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن، تاكتىكىلىق تىزگىن بومبىدىن تاشقىرى مەزمۇنلارنى دەرستە سۆزلەش-سۆزلىمەسلىك مەسىلىسىدە، ساۋىلىيېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى باشلىقى بىلەن پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەندە، نائىلاج نېدېلىندىن يوليورۇق سوراشقا مەجبۇر بولدى. بۇ باش قوماندان يوليورۇق بېرىپ:« تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرگە قارىتا ھېچقانداق تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويماسلىق كېرەك، بولمىسا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ، مەن سىلەرنى قوغدايمەن.» دېدى. شۇڭا، نيې رۇڭجېننىڭ كېيىنكى ھۆكۈمى توغرا بولغان:« ئىلغار قوراللار جەھەتتە، سوۋېت تەرەپنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان ياردەم پوزىتسىيىسىدە كېلىشىمگە ئىمزا قويغان چاغدىلا ئېلىپ قويغان جايلىرى بار ئىدى، چېكى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسى بولسا يېڭى تىپتىكى قوراللار ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە بىزنى ئۆزى بىلەن مۇناسىپ ئارىلىق ساقلىغۇزۇش ئىدى. بىزگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 3-سەپتىكى ھەتتا ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان جابدۇقلارنى تەقلىد قىلىپ ياسىغۇزدى، ئەكسىچە 1-سەپ ياكى 2-سەپتىكى ئەڭ يېڭى جابدۇقلارنى بەرمىدى.»
    راستىنى ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلغار تېخنىكا جەھەتتە جۇڭگودىن ئايىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ ئۆزىمۇ بۇخىل «ئىچى-تېشى پەرقلىق» پرىنسىپنى ئېتىراپ قىلغان ۋە يولغا قويغان ئىدى. بۇ ئىشلارنى مىسالغا ئېلىش پەقەت خرۇشېۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم ئېنېرگىيىسى ۋە يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتە جۇڭگونىڭ تەلىپىنى پۈتۈنلەي قانائەتلەندۈردۇق، جۇڭگوغا دېگۈدەك ھېچقانداق مەخپىيەتلىك قالمىدى دەپ داۋراڭ سالغانلىقىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.
    تۆتىنچى، خرۇشېۋ توختامنى يىرتىپ تاشلاپ، جۇڭگوغا بولغان يادرو ياردىمىنى توختىتىشنى قارار قىلدى.
    جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىۋاتقان چاغدا، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپ موسكۋانىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا بولغان ياردىمىنى كېچىكتۈرۈشىنى ھەتتا توختىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
    1958-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو سىياسىتى جەھەتتە تېخى ئۆز ئارا ماسلىشىش يېتەكچى پرىنسىپىنى قوللانغان ئىدى، بىراق شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ئىختىلاپى كۈنسېرى چوڭايدى، جۇڭگونىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى خرۇشېۋنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈردى. 1958-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، خرۇشېۋ يادرو سىنىقىنى چەكلەشكە چوڭ بىر قەدەم ئالدى. ئۇ ئېزىنخوۋېر (Dwight Eisenhower)غا ئەۋەتكەن بىر پارچە خېتىدە غەرپنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدى، يەنى جەنۋەدە مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى ئېچىپ، يادرو سىنىقىنى چەكلەش ئۈچۈن يادرو تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تەتقىق قىلىشقا قوشۇلدى. 5-ئاينىڭ 30-كۈنى خرۇشېۋ يەنە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدى، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئالىملىرىنى مۇتەخەسسىسلەر يىغىنىغا قاتناشسا بولىدۇ دەپ قارىدى ھەمدە پولشا ۋە چېخوسلۋاكىيە ئالىملىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. خرۇشېۋ يەنە جۇڭگونىمۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشقا ئىشارەت قىلىپ خېتىدە ھىندىستان ياكى «بىر قىسىم ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دۆلەتلەر»نى مۇتەخەسسىس ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش بەلكىم ئاقىلانىلىقتۇر دېدى. گەرچە يىغىنغا جۇڭگونى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق يىغىندا «پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان» يادرو سىنىقىنى نازارەت قىلىش تورىنى قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغاندا، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئۇنتۇپ قېلىنمىدى ــــ يىغىن دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نازارەت تورىنىڭ سەككىز بېكىتى جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئورۇنلاشقان ئىدى.
    جەنۋە مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىرلاشتى، يىغىن ئاخباراتىدا ئۈمىدۋارلىق بىلەن:« ئالىملار بەلگىلىك ئىقتىدار ۋە چەكلىمىگە ئىگە ھەم قوللىنىشقا بولىدىغان ھەم ئۈنۈملۈك نازارەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ، تۈزۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان پۈتۈن دۇنيادا يادرو قوراللىرى سىنىقىنى توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى رازۋېدكا قىلىشنىڭ تېخنىكا جەھەتتە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.» دەپ جاكارلىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ تۈرلۈك تەرەققىيات پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 2-كۈنى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە يادرو قوراللىرى سىنىقىنى توختىتىش مەسىلىسى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلدى. ئامېرىكا:« يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلغان باشقا دۆلەتلەر بىلەن تېز سۈرئەتتە بىر تۈرلۈك كېلىشىمنى سۆھبەتلىشىشكە تۇتۇنۇشقا باشلىدۇق، ئۇنىڭ مەزمۇنى يادرو قوراللىرى سىنىقىنى توختىتىش ۋە مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتى ئاساسىدا بىر خەلقئارالىق نازارەت تۈزۈمىنى ئەمەلىي قۇرۇش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» دېدى. ئەنگلىيىمۇ ئوخشاش سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلاندى ھەمدە سۆھبەت باشلانغاندىن تارتىپ «بىر يىل ئىچىدە داۋاملىق يادرو قوراللىرى سىنىقىنى قايتا ئېلىپ بارماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلىدىغان بولدى. گەرچە ھەرقانداق ئادەم بۇنىڭ ئامېرىكا-ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ موسكۋاغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدىغان بولسىمۇ، بىراق خرۇشېۋغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، گويا ئىللىق تاڭ نۇرى ئۇپۇق سىزىقىدىن ئاللىقاچان كۆرۈنگەندەك، ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىقىنىڭ كىشىنى ئازراق خۇشال قىلىدىغان نەتىجىسى ئىدى.
    ھالبۇكى، دەل مۇشۇ چاغدا، جۇڭگو ئارمىيىسى جىنمېننى توپقا تۇتۇپ جەڭنى باشلىدى. بۇ خرۇشېۋنىڭ بېشىغا بىر داس سوغۇق سۇ قۇيغانغا ئوخشاش ئىدى. ئەگەر خرۇشېۋ ماۋزېدۇڭنىڭ ئۇزۇن دولقۇنلۇق رادىئو ئىستانسىسى ۋە بىرلەشمە فلوت مەسىلىسىدە قاتتىق ۋاقىرىشىغا چىداپ تۇرالىدى دېيىلسە[5]، ئۇنداقتا جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تۇيۇقسىز بۇنداق مۇھىم ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى، پەقەت جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى سوتسيالىزم لاگېرىغا بولغان زور مەنسىتمەسلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە تېخى ئەمدىلا يادرو سىنىقىنى توختىتىش كېلىشىمىگە قول قويۇشقا قوشۇلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز بېشىمچى، «جاھاننى بېشىغا كىيگەن» بىر ئىتتىپاقداش دۆلىتىگە ئاتوم بومبىسى ئەۋرىشكىسىنى تەمىنلىسە، ھەرقانداق قىلغاندىمۇ، خرۇشېۋدا روھىي توسالغۇ بولغان بولاتتى. ماۋزېدۇڭنىڭ جىنمېننى توپقا تۇتۇشتىكى دەسلەپكى ھېسسىياتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەزى تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق تەيۋەن دېڭىزى كرىزىسىنىڭ ئاساسلىق ئاقىۋەتلىرىنىڭ بىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا يادرو قوراللىرى ھەققىدىكى تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەش، بولۇپمۇ، ئاتوم بومبىسى ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش قارارىنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولاتتى. بۇ خىل ھۆكۈمنىڭ داۋلىسى بار ئىدى. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، خرۇشېۋنىڭ تەيۋەن دېڭىزى كرىزىسى مەزگىلىدە جۇڭگونى يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەكرار ئاشكارا ئىپادىلىشىدە، سوتسيالىزم لاگېرى ئاتامىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئامېرىكىغا ھەيۋە كۆرسىتىش مەقسىدىدىن باشقا، يەنە مۇشۇنى جۇڭگوغا داۋاملىق يادرو ياردىمى بېرىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى مەخپىي ئىشارە قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.


    收藏到:Del.icio.us