-
2010-08-14
ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ ئېدېن بېغى شىنجاڭنىڭ خوتەندە(2) - [تاغدىن-باغدىن]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/72985217.html
تۆۋەندىكى ئىسپاتلارغا قارالسۇن:
«ئىنجىل»نىڭ خەنزۇچىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلار:
يەھۋا ئۇنىڭغا (ئادەمنى كۆرسىتىدۇ، تۆۋەندىكىلىرىمۇ ئوخشاش) تاپىلاپ (ئىگىسى ماشىنا ئادەمگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ) مۇنداق دېدى:«باغدىكى ھەر خىل مېۋىلەردىن خالىغانچە يېسەڭ بولىدۇ، ئەمما ساۋاپ ۋە گۇناھنى ئايرىيدىغان دەرەختىكى مېۋىنى يېسەڭ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنى يېگەن كۈنۈڭ ئۆلۈپ كېتىسەن! (چۈنكى ماشىنا ئادەم «روھ»قا ئىگە بولسا، ئىجادىيلىققا ئىگە بولىدۇ، قايتا كلونلاپ كۆپەيتكىلى بولمايدۇ، يەنى ئۆلىدۇ.)» يەھۋا يەنە مۇنداق دېدى:« ئۇ ئادەم يالغۇز ياشىسا بولمايدۇ، مەن ھەمراھتىن بىرنى ياساپ ئۇنىڭغا ياردەملەشتۈرەي.» يەھۋا ئۇنى قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق قىلدى، ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئاندىن ئۇنىڭ بىر قوۋۇرغىسى ئېلىنىپ، گۆش بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى. يەھۋا ئاشۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىن ئالغان قوۋۇرغا بىلەن بىر ئايالنى ياراتتى…
ئەينى چاغدا ئەر-ئايال ئىككىيلەن قىپيالىڭاچ بولۇپ، ئىزا تارتىشنى بىلمەيتتى، (چۈنكى ئۇلار تېخى ئىزا تارتىش پروگراممىسى كىرگۈزۈلمىگەن ماشىنا ئادەملەردىن ئىدى.) پەقەت يىلانلا («قۇرئان» دىكى «ئىبلىس») دالىدىكى بارلىق جانلىقلاردىن ھىيلىگەررەك ئىدى. يىلان ئايالغا:« ئىلاھ سىلەرگە راستىنلا باغدىكى بارلىق مېۋىلەرنى يېمەڭلار دېدىمۇ؟» دېدى. ئايال يىلانغا:« باغدىكى مېۋىلەردىن يېسەك بولىدۇ؛ پەقەت باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاشۇ دەرەختىكى مېۋىنى يېسەك بولمايدۇ. ئىلاھ: ئۇنى يېسەڭلار بولمايدۇ، تۇتۇشقىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىسىلەر، دېدى» دېدى. يىلان ئايالغا:« سىلەر ئۆلۈپ كەتمەيسىلەر، چۈنكى ئىلاھ بىلىدۇ، ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلار كۆزۈڭلار (كۆز ــ قەلبنىڭ دەرىزىسىدۇر) نۇرلىنىدۇ («روھ»قا ئىگە بولىدۇ)، سىلەرمۇ خۇددى ئىلاھتەك ھەق-ناھەقنى بىلەلەيدىغان بولىسىلەر» دېدى.
نەتىجىدە ئايال ھېلىقى دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ يېمەكلىك قىلىشقا بەك ياخشىلىقىنى، ھەم بەك چىرايلىقلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك يېقىشلىقلىقىنى، ئادەمنى ئەقىلگە ئىگە قىلىدىغىنىنى بىلىپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى (يەھۋا باشقىلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا قۇلاق سالماسلىق پروگراممىسىنى كىرگۈزمىگەن)؛ ئاندىن ئېرىغشىمۇ بەردى، ئۇنىڭ ئېرىمۇ يېدى. ئۇ ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى روشەنلەشتى، شۇندىلا ئۆزلىرىنىڭ قىپيالىڭاچ تۇرغانلىقلىرىنى بىلىشىپ، ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئېلىپ، ئۆزلىرىگە يوپكا تىكىشتى.
4-ئىنسانلارنىڭ زور كەلكۈنگە ئۇچرىشى
ئادەم ۋە ھەۋۋا مۇھىتى مۇۋاپىق بىر جايغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ماكانى «ئېدېن باغ»نى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئادەم ۋە ھەۋۋا بۇ يېڭى ماكانىغىمۇ «ئېدېن باغ»(ئېنگلىزچەEden) دەپ نام قويىدۇ، تۆۋەندە بۇ «يېڭى ئېدېن باغ» دېيىلىدۇ.
2000 يىلدىن كېيىن («ئىنجىل ھەدىسلىرى»گە قارالسۇن)، مەلۇم بىر يىلى ئۇدا 40 كۈن قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، پەلەككە ئۆرلىگەن كەلكۈن سۈيى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدە كۆلىمى 20 تۈمەن كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان لوپنۇر كۆلىنى شەكىللەندۈرىدۇ. (ئەگەر «ئىنجىل» قاتارلىقلار پۈتۈنلەي رىۋايەت بولماي، تارىخىي رېئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا ئىدى، مەزكۇر ماقالىدە مۇشۇنىڭغا ئاساسلىنىپ پەرەز ئىسپاتلانغان بولاتتى، دېمەكچىكى، ئەگەر تارىختا ئىلگىرى ئېدېن باغ بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ يۈزدە-يۈز شىنجاڭدا بولغان بولاتتى. نەزىرىڭلار ۋاقتىنچە مۇئەللىپنىڭ تۆۋەندىكى ئىسپاتلىرىدا بولسۇن!)
كەلكۈندە ھازىرقى شىنجاڭ نىيە ناھىيىسى نىيە دەرياسى ۋادىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەۋۋا بىلەن ئادەمنىڭ ئەۋلادى نىيا («نىيا» بولسا سانسكرىتچە Niya نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئېنگلىز تىلىدا Niya بولسا Noah (نوھ) دەپ ئېلىنىدۇ، خەنزۇ تىلىدا Noah بولسا نويا (诺亚) دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.) ئەر-ئايال ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ ئوغلى ھەم ئۈچ كېلىنى بولۇپ سەككىز ئادەم ئامان قالىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئولتۇراقلاشقان ياغاچ ئۆي ئىنتايىن پۇختا ئىدى، 40 كۈنلۈك يامغۇردىن كېيىن ياغاچ ئۆي پۈتۈنلەي لەيلەپ يەردىن كۆتۈرۈلىدۇ، 110 كۈندىن كېيىن، يەنى ھىجرىيە كالىندارىدىكى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ياغاچ ئۆي لەيلەپ لوپنۇر كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا بېرىپ قالىدۇ.
نىيا(نوھ) خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كېمە ياسىماقتا
قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، نىيا(نوھ) يېيىشكە كۆزى قىيمىغان ئازراق گۈرۈچنى قاينىتىپ، شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىچىدۇ. كېيىن بۇ كۈن بۈگۈنكى ئىسلام دىنىدىكى «ئاشۇرا» بايرىمى بولۇپ قالىدۇ، بىزنىڭ شىنجاڭدىكى تۇڭگانلار مۇشۇ كۈندە شوۋىگۈرۈچ ئىچىپ، بۇ كۈن ــ ئىسلام دىنىدىكى سەككىز چوڭ بايرامنىڭ بىرى ۋە شىنجاڭدا ئالاھىدە بار بولغان نەۋرۇز بايرىمىنى خاتىرىلەيدۇ!
مۇئەللىپنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ كۈن يەنى ھىجرىيە كالىندارىدىكى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى دەل دېھقانلار كالىندارىدىكى چاغاننىڭ ھارپا كۈنى، شۇڭلاشقا خەنزۇلاردا شوۋىگۈرۈچ ئىچىدىغان، تۈگرە (بەنشە) يەيدىغان ئادەت بار، تۈگرە بولسا نىيا(نوھ) كېمىسىنىڭ مودېلى، نىيا(نوھ) كېمىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تۈگرىنى يېگەندە، خۇدادىن بىزنى قايتا نىيا(نوھ) كېمىسىگە ئولتۇرۇپ جان ساقلىماسلىقنى تىلەش، يەنى ئامانلىقنى تىلەش مەنىسى بار.
نىيا ئەر-ئايال ۋە ئوغۇل-كېلىنلىرى ياغاچ ئۆينى ئەڭ ئاخىرىدا توختاتقان لوپنۇر كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى بۇ جايمۇ ئېدېن دەپ ئاتىلىدۇ، خەنزۇ تىلىدا بۇ Eden «يىشۈن»(伊循) دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ ( بۇ ھازىرقى شىنجاڭ مىرەن يىشۈن قەدىمىي شەھىرىدۇر).
مىرەن قەدىمىي شەھەر خارابىسى
5-ئىنسانلارنىڭ شىنجاڭ مىرەننى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشى
زور كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئاپەتتىن ئامان قالغانلىرى شىنجاڭنىڭ مىرەننى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قاراپ تارقىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ھازىرقى دۇنيا نوپۇسىنىڭ تارقىلىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
شىنجاڭ مىرەندىن قېزىپ چىقىرىلغان «قاناتلىق پەرىشتە» تام رەسىمى
غەرپ رەسىملىرىدىكى پەرىشتىلەرگە سېلىشتۇرۇپ باقساق، ئۇلارنىڭ راستىنلا ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئوخشىشىدىغانلىقىنى بايقايمىز
6-ئېدېننىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى «يۈتيەن»(于阗)
ئۈدۈن مەلىكىسى لىشىنىڭ قاراپ تۇرغان رەسىمى
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلىغا كەلگەندە، جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارىدۇ، ئۇ غەربىي يۇرتتىكى يەر نامى «ئېدېن»نى «يۈتيەن»(于阗) دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋردىكى شياۋ شيوڭنىڭ « غەربىي يۇرت ھەققىدە نەزمىلەر»دە مۇنداق يېزىلغان:
غەرپكە قاراپ ئۇزۇن مېڭىپ بارساڭ پىياز تېغى باغرىغا،
ئۈدۈن كۆرۈنەر كۆزۈڭگە كەڭرى كەتكەن مۇنبەت دالىدا.
پەيدا بولار ئالتۇن ۋە قاشتاش ئالتە شەھەرنىڭ تۇمانلىق سىمى-سىم يامغۇرلىرىدا،
ئىت، پىلە-كەندىر كۆپ چىقىدىغان باشقىچە بىر دۇنيا.
نەزمىدە تىلغا ئېلىنغان «ئۈدۈن»نىڭ جەمئىي «ئالتە شەھەرى»ى بار: شەرقتىن غەرپكە قاراپ تەرتىپ بويىچە (بەلكىم شۇنداقتۇ) شىنجاڭنىڭ كېرىيە (ھازىرقى كېرىيە ناھىيىسى)، تاقنۇر (塔克努勒، بەلكىم ھازىرقى چىرا ناھىيىسىنىڭ كۇئېنلۇن تاغ باغرىدىكى چىرا دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان ئاشچاق تۇرۇش قەدىمىي قورغىنى(阿西乔克吐如希) بىلەن ئاساچاق تۇرۇش قەدىمىي قورغىنى(阿萨乔克吐如希)نىڭ يېنىدا بولسا كېرەك)، چىرا (ھازىرقى چىرا ناھىيىسىنىڭ ئورنى)، يورۇڭقاش (ھازىرقى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئەتراپى)، ئىلچى شەھىرى (ھازىرقى خوتەن شەھىرى)، قاراقاش (ھازىرقى قاراقاش ناھىيىسى).
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قەدىمقى ئۈدۈن شەرقتىن غەرپكە قاراپ ھازىرقى شىنجاڭنىڭ كېرىيە ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، خوتەن شەھىرى ۋە قاراقاش ناھىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەركىزى بولسا چىرا دەرياسى ۋادىسى.
收藏到:Del.icio.us