• 2010-08-13

    ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ ئېدېن بېغى شىنجاڭنىڭ خوتەندە(1) - [تاغدىن-باغدىن]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/72976601.html

    ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ ئېدېن بېغى شىنجاڭنىڭ خوتەندە(1)
    تەرجىمان: ئادىلجان ئابدۇرېھىم (نىدا)

    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئادەم بىلەن ھەۋۋا «جەننەت»تىن قوغلانغاندىن كېيىن، يەر يۈزىدىكى مۇۋاپىق بىر جايغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇلار بۇرۇن ئۆزلىرى تۇرغان ماكانى «جەننەت»تىكى «ئېدېن باغ»نى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ يېڭى ماكانىغىمۇ «ئېدېن باغ»(ئېنگلىزچە Eden) دەپ نام قويىدۇ، ئۇ جاينىڭ قەيەردىلىكى تا ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىدى، ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە بۇ سىر ئاخىرى ئېچىلدى.

    ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى: «ئىنجىل»دىكى «ئېدېن بېغى» يۈزدە يۈز شىنجاڭدىكى خوتەن رايونىغا جايلاشقان!

    1-«ئادەم» ۋە «ھەۋۋا»نىڭ قېزىپ چىقىرىلىشى

    1960-يىلى شىنجاڭ تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىق توپىدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۈپ قەدىمىي قەبرىلەردىن 20~30 پارچىغا يېقىن قەدىمقى فۇشى ۋە نۈيۋا رەسىملىرى قېزىپ چىقىرىلدى.

    رەسىمدە فۇشى سول تەرەپتە، نۈيۋا ئوڭ تەرەپتە، فۇشىنىڭ ئوڭ قولى نۈيۋانى قۇچاقلىۋالغان، نۈيۋانىڭ سول قولى فۇشىنى قۇچاقلىۋالغان، ئىككىيلەن چوڭقۇر مۇھەننەتلىك نەزىرى بىلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرغان، بەدىنىڭ ئاستى تەرىپى يىلانسىمان بولۇپ، بىر-بىرگە چىرمىشىپ كەتكەن. فۇشى سول قولىدا جۈ(ھاسا)، نۈيۋا ئوڭ قولىدا گۈي(چەمبەر) كۆتۈرۈۋالغان، رەسىم تەگلىكىدە بولسا ئۇلارنىڭ قولىدىكى گۈيجۈ(چەمبەر ۋە ھاسا)دىن پايدىلىنىپ سىزىپ چىقىشقا بولىدىغان قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار تۈركۈمى سىزىلغان.

    جۇڭگونىڭ ئادەم ۋە ھەۋۋاسى: فۇشى ۋە نۈيۋا

    يۇقىرىقى رەسىم شىنجاڭ تۇرپاندىن تېپىلغان. سۈرەتتىكىسى بولسا فۇشى ۋە نۈيۋا بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەر-ئايال قىلىپ بىر-بىرىگە روبىرو قارىشىپ تۇرغان ھالدا فۇشى ئوڭ تەرەپكە، نۈيۋا سول تەرەپكە سىزىلغان. ھەر ئىككىسى بىر قولىنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، فۇشىنىڭ قولىدا جۈ(ھاسا)، نۈيۋانىڭ قولىدا گۈي(چەمبەر) بار. يەنە بىر قولىدا قارشى تەرەپنىڭ بېلىنى قۇچاقلىۋالغان. بەدىنىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى يىلانسىمان بولۇپ، بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن. رەسىمنىڭ ئۈستى تەرىپىگە قۇياش سىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئۈچ پۇتلۇق قۇش سىزىلغان. رەسىمنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئاي سىزىلغان بولۇپ، ئىچىگە ئاق توشقان، دارچىن دەرىخى، چار پاقىلار سىزىلغان. پۈتكۈل رەسىم تەگلىكىگە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن يۇلتۇزلار سىزىپ چىقىلغان. فۇشى بىلەن نۈيۋا بولسا جۇڭگو رىۋايەتلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەجداتى. رىۋايەتلەردە دېيىلىشىچە، فۇشى بىلەن نۈيۋا ئاكا-سىڭىل بولۇپ، ئۆز-ئارا جۈپلەشكەندىن كېيىن ئىنسانلار بارلىققا كەلگەن. رەسىمنىڭ سىزىقلىرى تەمكىنلىك بىلەن غەمكىن ئۇسلۇپتا سىزىلغان، رەڭلىرى ساپ ۋە ماسلاشتۇرۇلۇپ سىزىلغان. قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا، ھەم بوشلۇقنىڭ كەڭ، ئېگىز، چەكسىزلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسا، يەنە فۇشى بىلەن نۈيۋانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەجداتى بولۇش سۈپىتىدە يۈكسەكلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ سۈرەت شىنجاڭدىكى قارا خوجا قەدىمىي قەبرىسىدىن تېپىلغان، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە تەۋە يادىكارلىق بولۇپ، ھازىر جۇڭگو تارىخىي موزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

    2-«ئىنجىل»دىكى «ساۋاپ ۋە گۇناھ دەرىخى»دىكى «چەكلەنگەن مېۋە» بولسا «روھ»

    جۇڭگو خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچ چوڭ ئىدىيىۋى تۈۋرىكى بار، يەنى: كۇڭزىچىلىق ئېقىمى مەدەنىيىتى، بۇددا دىنى مەدەنىيىتى، تەرىقەتچىلىك مەدەنىيىتى.

    كۇڭزىچىلىق ئېقىمى مەدەنىيىتى بولسا بۇددا دىنى مەدەنىيىتى ۋە تەرىقەتچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى، فۇشى ۋە نۈيۋا بولسا كۇڭزىچىلىق ئېقىمى مەدەنىيىتى رىۋايەتلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەجداتى.

    ئادەم ۋە ھەۋۋاــ1507-يىلى،Albrecht Dürer(گېرمانىيە)209cm×81cm(سول)209cm×83cm(ئوڭ)،ماي بوياق رەسىم، ئىسپانىيىنىڭ مادرىد پرادو موزىيېدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

    خەنزۇ مەدەنىيىتىدىن باشقا مەدەنىيەتلەردە، گەرچە رىۋايەتلەردىكى ئىنسانلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ نامى ئوخشىمىسىمۇ، مەسىلەن: خىرىستىيان دىنىدا ئادام ۋە ھەۋۋا، ئىسلام دىنىدا ئادەم ۋە ھەۋۋا قاتارلىقلار، بىراق ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك، شۇڭا تۆۋەندە ھەممىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئادەم» ۋە «ھەۋۋا» دەپ ئېلىنىدۇ.

    غەرپ رەسساملىرىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «جەننەت» ــ ئېدېن بېغى

    «ئادەمسىمان مايمۇندىن ئادەمگە ئۆزگىرىش» ھازىر ئالەمدىكى ئىلمىي ھەقىقەت دەپ قارىلىدۇ، ئەمما مېنىڭ شەخسىي پەرىزىمچە، «يەر شارىدىكى ئادەم»نىڭ «جىسمانىي تېنى» بولسا «ئادەمسىمان مايمۇندىن ئادەمگە ئۆزگەرگەن» «ئادەم» ــ يەھۋا(«تەۋرات»تا ئېيتىلغان ئىنسانلارنىڭ خۇداسى) ياسىغان ماشىنا ئادەم(«ئىنجىل»غا قارالسۇن)، «يەر شارىدىكى ئادەم»نىڭ «روھى» بولسا باشقا بىر نەرسە ــ «ئىبلىس»(«قۇرئان»غا قارالسۇن)تىن تەركىپ تاپقان، «روھ» يەنى «چەكلەنگەن مېۋە» بولسا ئېدېن باغدىكى «روھ دەرىخى» يەنى «ساۋاپ ۋە گۇناھ دەرىخى»دە ئۆسىدۇ(«ئىنجىل»غا قارالسۇن). «روھ»نى كىم ياراتقانلىقىنى مۇئەللىپ ھازىرچە تەتقىق قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرالمىدى.

    3-كلون تېخنىكىسى، كلونلىنىپ چىقىلغان «كلون ئادەم»

    يەھۋا بولسا بىر ئەر، ئۇ ئۆزىنى كلونلىغان، كلونلاپ چىققان مەھسۇلاتى بولسا ئادەم(«ئىنجىل»غا قارالسۇن)، ئاندىن ئادەم يەنە كلونلانغان، يەنى ھەۋۋا بارلىققا كەلگەن(ئەڭ دەسلىپىدە ئۇمۇ ئەركەك ئىدى). شۇڭلاشقا ئادەم بىلەن ھەۋۋا بىر-بىرىگە ئىنتايىن ئوخشايتتى. مانا بۇ «ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە ئوخشىمىسا، بىر ئۆيلۈك بولالماس» دېگەننىڭ ئىلمىي قائىدىسى. شۇڭلاشقا «قۇرئان»دا مۇنداق دېيىلىدۇ:«ئاللاھنىڭ بالىسى يوق»؛ خىرىستىيان دىنىدا:«بۇ ئۈچى بىر» دېيىلگەن. كېيىن «خۇدا» بىلەن قارشىلاشقان بىر مەخلۇق ــ ئەجدىھا(يەنى يىلان، ئىبلىس دېيىلىدۇ)نىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن، ھەۋۋا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھورمۇن تەركىبى بولغان «چەكلەنگەن مېۋە»نى ئوغرىلىقچە يەپ ياغلىقلىقلارغا يەنى ئايالغا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. «ئەجدىھانىڭ ئەۋلادى» دېگەن سۆز دەل مۇشۇنىڭدىن كەلگەن.

    خۇدا ئادەمنى ياراتتى

    ھەۋۋا ئايالغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن، تەبىئىي ھالدا ئادەم بىلەن جۈپلەشكەن ھەمدە ھامىلدار بولغان. ھەۋۋانىڭ ھامىلدار بولغىنى «يۈن»(تەلەي) بولۇپ، بالىدا گۇناھ بولمىغىنى ئۈچۈن، يەھۋا ھەۋۋانى ئۆلۈمگە بۇيرىمىغان. ئاياللارنىڭ يەھۋا تۇرۇشلۇق جاي(ئېدېن باغ)دىكى ئويۇن قائىدىسىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، يەھۋا ئۇلارنى مۇھىتى مۇۋاپىق كېلىدىغان باشقا بىر جايغا سۈرگۈن قىلىۋەتكەن. «يۈن» دېگەن بۇ خەتكە ئاساسلانغاندا، شۇنى قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ يېڭى جايغا بۇلۇت قاتلىمىنى كېسىپ ئۆتكەندە ئاندىن بارغىلى بولىدۇ. كونا ماكانى ئېدېن باغنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئادەم ۋە ھەۋۋا بۇ يېڭى ماكانىغىمۇ «ئېدېن باغ»(ئېنگلىزچەEden) دەپ نام قويىدۇ، تۆۋەندە بۇ يېڭى ئېدېن باغ دېيىلىدۇ. ئەجدىھا ۋە قىزىقتۇرۇش، چەكلەنگەن مېۋە ۋە ئايال، ھامىلدار بولۇش ۋە تەلەي ھەرگىزمۇ تەسادىپىي ماس كېلىپ قالغان ئەمەس!

    «ئەجدىھا» بولسا خەنزۇ مەدەنىيىتىدىكى ئىپادىلىنىشى؛ «قۇرئان»دا بولسا ئاللاھ بىلەن قارشىلاشقان بۇ مەخلۇقنى «ئىبلىس» دەپ ئاتايدۇ، يەنى بۇ خەنزۇ مەدەنىيىتىدە تىلغا ئېلىنغان جىنغا ئوخشاش مەخلۇق؛ «ئىنجىل»دا بولسا ئۇنى «يىلان» دەپ ئاتايدۇ.


    收藏到:Del.icio.us