مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11810|ئىنكاس: 30

مىسرانىم ژورنىلى 1- سانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:17:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

www.Gm1.cn264_副本.jpg

مىسرانىم ژورنىلى  2013-1 سان



بۇ ساندا ئاساسەن ئىجادىي تېمىلار ئېلىندى،تېرىشىپ ئىجادىي تېما يوللاۋاتقان دوسلار قەلەم تۇلپارىڭىلار ھارمىغاي!تېخىمۇ نادىر يازمىلارنى ئىجاد قىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.جۈملىدىن، ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاۋاتقان دوسلارنىڭ ئېسىل تېمىلارنى يوللاپ سەھىپىلەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!


پىروزا ئەسەرلىرى


پايخان بولغان ئەقىدە     ~~~~      ناز پەرى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-96170-1-1.html


قىزىل لۆڭگە     ~~~~      يۇلتۇر

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-95757-1-1.html


ئانا كىمنى تۇغۇپ قويدۇڭ     ~~~~      ئەلگە نەزەر



https://uyghur-archive.com/misranim/thread-97743-1-1.html


كۆز يېشى     ~~~~      ئۇيغۇر ئوغلى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-92840-1-1.html


سۆيگۈ پىروگىراممىسى    ~~~~      ئاقكۆڭۈل

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98361-1-1.html




شېئىرلار دۇنياسى



قاسىم قۇشۇق مىسرانىمدا    ~~~~      ئاقكۆڭۈل

https://uyghur-archive.com/misranim/forum.php?mod=viewthread&tid=85766&extra=page%

3D1%26filter%3Ddigest%26digest%3D1%26digest%3D1


ئانا تىل    ~~~~      ئۇيغۇر ئوغلى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-94339-1-1.html



ئاتا-ئانا توغرىسىدا    ~~~~      ئۇيغۇر ئوغلى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-94563-1-1.html

ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق    ~~~~ asanat617   

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-97912-1-2.html

نەزىرە مۇھەممەت سالىھقا مەھتۇپ~~~~ يانغىن

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98389-1-1.html


مىللىتىم~~~~تاڭنۇر

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-93960-1-1.html

تاڭنۇر شېئىر توپلىمى~~~~تاڭنۇر

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-95929-1-1.html

ئانا يۇرت~~~~ئۇيغۇر ئوغلى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-97739-1-2.html

غەيۋەتخورلار~~~~قارا سۇ

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-96559-1-1.html



سىرداشلار كۆزنىكى(سۆھبەتلەر)

ئىمىن نىياز بىلەن سۆھبەت


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-94919-1-1.html


جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-50654-1-1.html


مۇختەر بۇغرا بىلەن سۆھبەت

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-63408-1-1.html


تەرمىلەر


ھاياتلىققا قۇيۇلغان سۇئاللار


1-ئىنسان تۇغۇلۇپ نىمە قىلىش كېرەك؟
    2-تەربىيلىنىش ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن زۈرۈرمۇ؟
    3-قانداق تەربىيلىنىش ئۈنۈملۈك،ياراملىق تەربىيلىنىش؟
    4-نىمىنى ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىش ھەقىقي ئۆگىنىش؟
    5-ئۆگىنىشتىكى مەقسەت نىمە؟
    6-كىملەر ئۈچۈن ياشايمىز؟
    7-قانداق قىلساق باشقىلارنى يەنى ئەتىراپىمدىكىلەر رازى قىلالايمىز؟
    8-بۇ دۇنيادا قانداق ياشىساق ھەقىقى ئادەمدەك ياشىغان بولىمىز؟
    9-ئادەمدەك ياشاشنىڭ ماھىتى نىمە؟
   10-ئۆزىمىز ئۆزىمىزدىن كەچ بولغاندا نارازى بۇلۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلساق بۇلىدۇ؟
   11-خىزمەت ھەممىنىڭ كاپالىتىمۇ؟
   12-خىزمەت ئورنى ئادەم ھاياتىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەمدۇ؟
   13-خىزمەت قىلىشتىكى مەقسىتىمىز نىمە؟
   14-ئادەم نىمە ئۈچۈن پۇل تاپىدۇ؟
   15-پۇلنى نىمىگە ئىشلەتسە ئورۇنلۇق ئىشلەتكەن بۇلىدۇ؟
   16-سۈت ئۇيقىدىن، تىكەن دەسسەشتىن قۇتۇلۇپ كىتىش،كۆكتە ئۇچۇپ سۇدا ئۈزۈش ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلساق بۇلىدۇ؟
   17-ھازىرقى جەمىيەتتە مىللەت نىمىگە ئېھتىياجلىق؟
   18-مىللەتنىڭ يۈكسىلىشى،گۈللىنىشى ئۈچۈن  نىمىلەرنى قىلساق بۇلىدۇ؟
   19-نىمە ئۈچۈن ئۇقۇيمىز ھەم بىلىم ئالىمىز؟
   20-ئەگەر خىزمەت ئۈچۈنلام،ئۆزىمىز ئۈچۈنلام ئۇقىساق ئۆزىمىزگە،يۈرىكىمىزگە،مىللىتىمىزگە يۈز كىلەلەيمىزمۇ؟
   21-تەسەۋۋۇر، ئوي پىكىر ئادەمنىڭ ھايات يولىنى كۆرسەتكۈچى كۇمپاسىمۇ؟
   22-كۇمپاسنىڭ توغرا نىشان كۆرسىتىشى ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟
   23-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەمنىڭ گۈزەل ھايات يولىنىڭ بىر خىل ئاچقۇچىمۇ؟
   24-خارەكتىر ئىنسان ھاياتىدا قانچە قېتىم؟ تۇنجى قېتىم قايسى مەزگىل؟ قايسى جەھەتتىن يىتىلىدۇ؟  ئىككىنچى قىتىم خارەكتىرنى يەنە يىتىلدۈرگىلى بولامدۇ؟ قايسى جەھەتتىن؟
   25-باشقىلار ياقتۇرمىغان خارەكتىرنى ئۆزگەرتكىلى بۇلامدۇ؟ ئۇنىڭ ئامالى قايسى؟
    ( مەن بۇ سۇئاللار ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ھاياتى ئۈستىدە ئويلىنىپ ، ئىزدىنىشىنى .شۇنداقلا ھەممە ئىشنى يەنىلام ئۆزىدىن باشلاشنى تەشەببۇس قىلىمەن. چۈنكى ئۆزىمىز گۈللەنگەندە ئاندىن ئەتىراپقا تەتسىر كۆرسەتكىلى بۇلىدۇ ئەمەسمۇ. «ئىنساننىڭ ياخشىلىنىشى- ئىچىدىن سىرتىغا قارىتا  بۇلىدۇ» دىگەن گەپمۇ بار . )


                                                      مۇنبەر ئەزاسى كالدى كاتى يازمىسى


ئالتۇندىن قىممەت سۆزلەر


ئىمان ئىتقات توغرىسىدا ،

ئىتقاتسىز  ئادەم يۈگەنسىز ئاتقا  ئوخشايدۇ ،

ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر،

پاكىزلىق ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر ،

روھىنى تازلىمغانلىق .خۇددى  ھويلىنى تازلاپ ھوجۇرنى تازلىمغان بىلەن  باراۋەردۇر ،

رىياخورلۇق.ئىككىيۈزلىمچىلىكتۇر.ئىككى يۈزلىمچىلىك.مۇناپىقلىقتۇر.مۇناپىقلىق  دوۋزاقنىڭ  ئاستىدىدۇر ،

تەۋھىت بىلمەي تۇرۇپ  روھنى پاكلىغىلى بولماس .روھنى پاكلىماي تۇرۇپ مۆمىن  بولغىلى بولماس .،

بىلىم  .ئىلمۇ  ھىكمەت  توغرىسىدا ،

بىلىم خۇددى دېڭىزغا  ئوخشايدۇ ،

بۇ ۋاقىتتا مۈگدىسىڭىز چۈش كۆرىسىز؛لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئۆگەنسىڭىز
چۈشىڭىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايسىز.

مەن نادانلىققا مېڭىۋاتقان بۈگۈن،دەل تۈنۈگۈنكى ئەتە ئۈچۈن قۇربان
بولغانلار ئارزۇ قىلغان كۈن.
كېچىككىنىڭىزنى ھېس قىلغان ۋاقىت،نەق شۇ ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىت.
ئۆگەنگەندىكى مۈشكۈلچىلىك بولسا ۋاقىتلىق،ئۆگەنمىگەندىكى
مۈشكۈل.

ھىكمەت كانغا  ئوخشايدۇ،

ھۈنەر كەسىپ بۇلاققا  ئوخشايدۇ،

جاھاندا 3 خىڭ كىشى مەۋجۇت ،ئۆگەتكۈچى،ئۆگەنگۈچى ،3-بۇلۇشتىن ھەزەرقىل

بىلىمسىزلىك   نادانلىق .نادانلىق خاراپلىقتۇر ، خاراپلىق  ھالاكەتتۇر

ئەخلاق توغرىسىدا .

ئەخلاقسىز ئادەم يانتاققا  ئوخشاش بۇلۇر .

ئەخلاقسىز بىلەن  دوس بولغۇنۇڭ زالالەتكە يۈز تۇتقۇنۇڭدۇر ،

ئەخلاقسىز  ئادەم گەندىگە  ئوخشايدۇ

ئۆگىنىش قىلىش دېگەن بۇ ئىشقا ۋاقىت كەم ئەمەس،تىرىشچانلىق كەم
كەمچىلىك بولسا مەڭگۈلۈك. قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مۈشكۈلچىلىكتىن بەھرىمەنبولۇڭ.

ھازىر(ئۇخلىغاندا) ئاقتۇرغان شۆلگەي ئەتىكى كۆزياشقا ئايلانغۇسى.
نەق ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ رەقىبىڭىز ۋاراق ئۆرۈشنى توختاتمايدۇ.

،


ئۇنۋىرسال.

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر ،

ئىنسان ئۈزىگە ئۈزى  زۇلۇم قىلغۇچىدىندۇر ،

ھايا ۋەئىماندىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر .

ئىنسان  ئۆزتەغدىرىنىڭ تۈمۈرچىسى ،

ئىنسان ئۈزھاياتىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن.

ئەقىل بىلەن ئىشقىلغىنىڭ دانالىقتۇر ،

قارسىغا قىلغان  ئىشىڭ نادانلىقتۇر ،

قەلىپلىرىڭنى ئىمان نۇرلىرى بىلەن يۇرۇتقىن ،

كۆزلىرىڭنى ھايا  پەردىللىرى بىلەن  پەردىلە .

ئېغىزىنى  ئۆتكۈر  قىلغان ناداننىڭ ئىشى ،

مىڭىنى ئۆتكۈر  قىلغان  دانانىڭ ئىشى،




ئادەمگە كېسەللىك ۋە بىئاراملىق گالدىن كىلىدۇ، ئۇنىڭ دورىسى ،داۋاسىمۇ گالدىن كىلىدۇ.
كۆپ يېگۈچىلەرنىڭ غىزاسى دەرت بولىدۇ،غىزاسى دەرت بولغان كىشى دائىم كېسەلچان بولىدۇ.
نەزەر سال ، كۆپ يېگەن كىشى كېسەلچان بولىدۇ، چىرايى سېرىق، ماغدۇرسىز ، ئېتىبارى يوق بولىدۇ.
گېلىڭنى كۈزەتسەڭ ،بېشىڭغا پايدىلىق ،ئاشىنى ئاز يېسەڭ ئاغزىڭغا لەززەت بېرىدۇ.
_كۆڭۈل مەملىكىتىنىڭ پادشاھى ساقلىقتۇر . بەدەننىڭ ساغلاملىقى ۋە ساغلاملىقنىڭ بۇزۇلۇشى كۆڭۈلىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بۇزۇلۇشىغا باغلىقتۇر .
مەملىكەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خاراپ بولۇشى پادىشاھنىڭ ئادىل ياكى زالىم بولىشىغا باغلىق ، پادىشاھ مەملىكەتتىن ئىبارەت بەدەننىڭ جېنىدۇر ،كۆڭۈل بەدەن مەملىكىتىنىڭ پادىشاھىدۇر.
ساقلىقىنى خالىساڭ كۆپ يېمە ،ئىززەت خالىساڭ كۆپ دېمە
ئىشەنچ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ ئاچقۇچى.تىجارەتنىڭ بىرىنچى دەسمايىسى راس چىللىق.تىجارەتتىكى ئەڭ چوڭ پايدا خېرىدار تۇپى .ئەڭ چوڭ غەلبە خەلىقنىڭ ئىشەنچىسى .ئەڭ چوڭ زىيان خېرىدار تۇپىدى ئايرىلىش.ئەڭ نۇمۇس ئىش يالغانچىلىق.
_
جاھان باقى ئەمەس لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان،
كېلىپ - كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھاندا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.
_ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر.
دۇنيانىڭ ھەسرىتى شاتلىقتىن بورۇن،
قېيىندۇر شاتلىقنىڭ ئالمىقى ئورۇن.
دەرت تارتماي شاتلىقنى ئىزدىگەن كىشى،
كوچىدا تەلمۈرگەن ئىتتىنمۇ ھورۇن.
قۇيمىچى بىخوت ئادەمگە ، ئوغرى  بىپەرۋا  ئادەمگە، بۇلاڭچى قورقۇنچاق ئادەمگە ،
ساختىپەز  ھاماقەت  ئادەمگە  ئامراق  كېلىدۇ
ئەخلاق  ئانىلىق  ئۇرۇق ،  ئېتىقاد  ئاتىلىق  ئۇرۇق . بۇ  ئىككىسى  بىرلەشسە ئىنسانىي
كامىللىق  تەۋەللۇت  بولىدۇ  
بەخىت ئىچىدە ياشاۋېتىپمۇ بەخىت ئىزلەش  ھېسقىلمىغان ئەڭ چوڭ ھەقىقى بەخىتسىزلىكتۇر  .
  سەن  ئۆزۈڭنىڭ  قۇرۇق  قول  گادايلىقىڭدىن  ھەسرەتلەنمە،
سېنىڭ ئەقلى ھۇشۇڭ  بىلەن  بەش  ئەزايىڭ  ھاياتلىقتىكى ھىچنەرسىگە تەڭ قىلغۇلى
بولمايدىغان  ئەڭ زور  بايلىقىڭ،
خورلۇقتا قالغان ۋاقىتنى ئۇنۇت. لېكىن شۇ خورلۇق قالدۇرغان ساۋاقنى ئەستىن چىقارما  !
ئەقىلنى سېتىپ پۇل تېپىش ، ھەقىقى زىرەك تەدبىركار  ئادەمنىڭ  ئىشىدۇر،
قېلىچ  ئالدىدا  تۆكۈلمىگەن  ياش  مۇھەببەت  ئالدىدا  تۆكۈلىدۇ  ،
سەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرغىچە  قۇربانلىق بېرەلەيدىغىنى پەقەتلا  ئانا   ،
ئادەم ئەڭ  بىزار بولغان نەرسىگە بەزىدە  ئىنتايىن مۇھتاج  بولىدۇ،
پەقەت دوستىنلا مەدەت تىلىمەي، دۈشمىنىگە  قاراپ ئالغا باسالايدىغان ھەقىقى زېرەل ئادەمدۇر  ،
كىمكى ھاراق  سورۇنىدا ياكى ئادەم  ئەڭ  كۆپ  سورۇندا  ۋىجدان ، غورۇر
ھەققىدە قۇرۇق گەپ  قىلىدىكەن  سەن ئۇنۇڭدىن  سەگەكلىك  بىلەن ئاگاھ  بول .،
بالىلارغا قاراپ جەمىيەتنى ، ئەۋلاتلارغا قاراپ ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ  
كۆپ بىلىم بىلمىسىمۇ لېكىن چوڭقۇر تەپەككۈر قىلالايدىغان ئادەم ھەقىقى ئالىم دىيىشكە مۇناسىپ ،
جەمىيەتنىڭ  بۇزۇلۇشى  قانۇننى  توغرا  ئىجرا  قىلمىغانلىقتىن،  
چېكىنىشى  مائارىپنى ھەقىقى قوللىمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ ،


                                                      مۇنبەر ئەزاسى كۈرەش 114 يازمىسى



تەپەككۇر جەۋھەرلىرى


@ تۇيۇقسىز ئۆلۈش-ساغلام كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش.
         @ تۈزەلمىگەن كۆپ كەچۈرۈم سورار، ئاق كۆڭۈل كۆپ كەچۈرۈم قىلار.

         @ ماددا بىر دۇنيالىق، روھ ئىككى دۇنيالىق.
        @ خارەكتىر بىلەن جاسارەت سۆزۇڭنىڭ تارازىسى.
        @ ئادەمدە ياسالمىلىق ئەۋج ئالسا،مەھسۇلاتتا ساختىلىق ئەۋج ئالار.
       @ يوقسۇزنىڭ غېمى بايلىقتا،باينىڭ غېمى ساقلىقتا.
        @ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم ھەرقانداق قورغاننى يىمىرەلەيدۇ.
         @ ئىتتىپاقلاشقان قەۋمنىڭ ھەممىسى قەھرىمان.
         @ دۈشمىنىڭنىڭ مىھمان بولۇپ كىلىشى-سىرىڭنى بىلىشنى مەخسەت              قىلىدۇ.
                    
         @ كۆڭۈلچەككە ئالدامچى ئامراق كىلىدۇ.
         @ ھازازۇل ئايال بار ئۆي ئەرگە ئاشخانا بىلەن ياتاقلا،خالاس.
          @ ئانىنىڭ يۇمشاق قولى مىھرىبانلىقنىڭ،ئاتىنىڭ قاتتىق قولى
              باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولىدۇر.
           @ تارىختىن مەلۇمكى،مىڭ دۈشمەندىن بىر خائىن يامان.
           @ سۈكۈت قىلىش-باشقىلارغا پۇرسەت بىرىشتۇر.
           @ مەغلۇبىيەت قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش
               قورقۇنۇشلۇق.
          @ قاراپ قويغاننى بىلگەن ئادەم ئەقىللىقتۇر.
            @ مىجەز-خارەكتىر تەقدىرنى بەلگىلەر،بىلىم-ھۈنەر قەدىر-قىممەتنى.
            @ ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئېغىزىدىنمۇ خەتەرلىك دۈشمەن يوق.
            @ نەتىجەڭ ئالدىدا دوستۇڭنىڭ يۈزى قىزىرىدۇ،دۈشمىنىڭنىڭ كۆزى.
             @ ئاتا-ئاناڭنى ھەرەمگە ئاپارمىساڭ مەيلى،لىكىن خەققە يېلىندۇرما.


                                                      مۇنبەر ئەزاسى مەخمۇتجان يازمىسى






دۇنيا خەلق ماقاللىرى




جۇڭگو ماقاللىرى
- دەرەخ قانچىلىك يۇكسەك بولسا بولسۇن، بەرىبىر ياپراقلىرى يەنە يەرگە تۆكىلىدۇ.
- باشىقىلارغا تەنە قىلغاندەك ئۆزۈڭگە تەنە قىل، ئۆزۈڭنى كەچۈرگىنىڭ كەبى باشقىلارنى كەچۈر.
- مۇۋاپپىقىيەتسىزلىق ئىنسانغا كۆپ نەرسىلەر ئۈگتىدۇ.
- بىر دەملىك غەزەبىنى باسساڭ، يۈز كۈن خاتىرجەم ياشايسەن.
- تاغلارغا چىقمىغان، ئۇزاقلارنى كۆرەلمەس.
گېرمان ماقاللىرى
- يىقىلماق ئەيىب ئەمەس، يىقىلىپ قالماق ئەيىب.
- كۆزلار ئۆزلەرىگە، قۇلاقلار باشقىلارغا ئىشىنىدۇ.
- قەدەھ ئىچىدە دېڭىزغا غەرق بولغانلاردىن كۆپ كىشى غەرق بولىدۇ.
ئامېرىكا ماقاللىرى
- ئالتۇن ئوت بىلەن، ئايال ئالتۇن بىلەن، ئەركەك ئايال بىلەن ئىمتىھان ئىلىنىدۇ.
- جەسۇر ئادەمنىڭ قارىشى قورقاقنىڭ قىلىچىدىن كۆپرەك دۈشمەننى تىترىتىدۇ.
- قىيىنچىلىق سېنى قىينغۇچە، سەن قىيىنچىلىقنى قىينا.
ئەرەب ماقالى
- يىگىت ئۇرۇشتا، دوست دەرددە، كامىل ئىنسان غەزىپى كەلگەندە مەلۇم بولىدۇ.
ئالبان ماقالى
- قەرز بېرەركەنسەن، يا پۇلنى، يا دوستنى يوقىتىسەن.
بىلگىيە ماقالى
- ھەقىقىي سۆيگۈ ئايرىلىغاندا ئۇنتۇلماس.
بولىۋىيە ماقالى
- سۆيۈش كامان چىلىش كەبىدۇر، بىلمىگەن يامان كۈيلەر چىقىرىدۇ.
دانىيە ماقالى
                                                                                                                                         - كىچىك بىلىق ئۆلگەنگە قەدەر كاتتا بىلىق بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
فىرانسۇز ماقاللىرى
- پۇرسىتى كەلمىگىچە ئىستېدادلار ئاز ئىشقا يارايدۇ.
- ھەر ئەقىلسىزغا ھەيران بولۇش بىلەن باشقا بىر ئەقىلسىز مەيدانغا چىقىدۇ.
- تازا ۋىجدان كەبى يۇمشاق ياستىۇق يوقتۇر.
ھىندى ماقالى
                                                                                                                                        - باشقىلاردىن ئۈستۈن بولۇشىمىز مۇھىم ئەمەس. ئەسل مۇھىم بولغان نەرسە، كېچىكى ھالىمىزدىن ئۈستۈنلۈكىمىزدۇر.
گوللاندىيە ماقاللىرى
- بىر مەرتە ئۆيلىنىش ۋەزىپە، ئىككىنچى مەرتە ئۆيلىنىش كۆڭۈل ئىچىش، ئۇچىنچىسى ئازابدۇر.
- بىر ئۆمۈر ئېشەككە مىنىشتىن بىر يىل ئاتقا مىنىش ياخشىدۇر.
ئىنگىلىز ماقاللىرى
- ئويلىماستىن سۆزلەش، نىشانغا ئالماي ئوق ئىتىشقا ئوخشايدۇ.
- شۆھرەت قابىلىيەتنىڭ سايىسىدۇر.
ئىسپان ماقالى
- ئىت بىلەن ياتقان بۇرغا بىلەن ئويغىنىدۇ.
شىۋىد ماقالى
- ياشنىڭ گۈزەل يۈزى بار، قىرىنىڭ گۈزەل روھى بار.
ئىتاليان ماقالى
                                                                                                                                       - ئاڭلاشدىن ئەقىل، سۆزلەشدىن  پۇشايمانلىق تۇغىلىدۇ.
ياپۇن ماقالى
                                                                                                                                         - ئۇچ مەرتە كۆچۈش بىر يېڭىغا بەدەلدۇر.
كانادا ماقالى
- ئاپرېل يامغۇرى ماي گۇلىنى ئىچلىدۇرار.
ۋىنگىر ماقالى
- تۇتقۇنلۇق تۇگىگەن جايدا بەختىيارلىق باشلىنىدۇ.
مىسر ماقالى
- ئىشىقنىڭ دەردى ئۇزۇم كەبى تاتلىقدۇر.
موڭغۇل ماقالى
- ئىنساننى تىشى بىلەن كۈتىۋالىدۇ ، ئىچى بىلەن كۈزىتىلىدۇ.
نىگىر ماقاللىرى
- كىچىك غەملەر سۆزلەيدۇ، كاتتا دەردلار تىلسىزدۇر.
- ئۆيىڭدا ھالاۋەتتە بولۇشنى ئىستەسەڭ، ئائىلەڭنى پۈتۈن قىل.
پېرۇ ماقالى
- ئەركەك يىشىنى يۇشىۇرۇپ، ئايال ھالبۇكى  يوشۇرماي قويغان پەيتتە قىرىشنى باشلايدۇ.
رۇمىنىيە  ماقالى
- كىمدۇر سىزنى بىر مەرتە ئالدىسا ئەيىب ئۇنىڭدا. ئىككىنچى مەرتە ئالدانسىڭىز، ئەيىب سىزدەدۇر.
رۇس ماقالى
- ئىنساننى كىيىمىغا قاراپ كۈتىۋالىدۇ ، بىلىمىگە قاراپ ھۆرمەت قىلىدۇر.
تايلاند ماقالى
- ئۆيلىنىش بىر قەلئە كەبىدۇر. تاشقىرىدىكىلەر ئۇنىڭغا كىرىش ئۈچۈن، ئىچكىرىدەكىلار ئۇنىڭدىن چىقىش ئۈچۈن ئۇرىنىدۇ.
زاڭزۇماقالى
- قانچىلىك ئاز يۇكسەكتە ئۇچساڭ، چۈشكىنىڭدە شۇ قەدەر ئاز رەنجىيسەن.
ۋىنسۇئېلا ماقالى
                                                                                                                             بەخت ھەممەنىڭ ھاياتى بىر مەرتە بولىدۇ.
يۇگۇسلاۋىيە ماقالى
- بىر شەكىلدە تۇغۇلۇپ، مىڭ بىر شەكىلدە ئۆلىمىز.
يۇنان ماقاللىرى
- ئاچ قالمىغان ئىنسان ناننىڭ قەدرىنى بىلماس.

- بىراۋنىڭ ھەققى
يىيىلسە ھەم، ھەزىم بولمايدۇ...
- ئاق چاچ ئەقىلنىڭ ئەمەس، قىرىلىقنىڭ بىشارىتىدۇر.


                                          مۇنبەر ئەزاسى  چالىب  يازمىسى


يۇمۇرلار سالۇنى

يۇمۇرلار سالونى


   قۇلىقى ئېغىر

بىر مازاقچى قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان بىر كىشىنى مەسخىرە قىلىش مەقسىتىدە يېنىدا تۇرغان بىرىدىن : ـ ئاغىنە ئاۋۇ كىشىنىڭ قۇلىقى ئېغىركەن - ھە ؟ ـ دەپ سوراپتۇ . يېنىدىكى كىشى دەپتۇ : ـ مەن يا ئۇنىڭ قۇلىقىنى جىڭلاپ كۆرمىسەم نەدىن بىل                           


دەم ئېلىش

بىرمۇئەللىم دوختۇردىن سوراپتۇ: -دوختۇر،ئالدىنقى قېتىم يىزىپ بەرگەن دورىدىن يەنە يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز،شۇ دورا بەك پايداقىلغان ئىدى. دوختۇرئىسىگە ئالالماي: -ئالدىنقى قېتىم سىزگەقايسى دورىنى يىزىپ بەرگەن .ئىدىم؟ -بىرھەپتىلىك دەم



  ئادۇكاتنىڭ قابىليىتى

  جاۋاپكار ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتقا مۇنداق دەپتۇ: -ئەگەر قابىليىتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ،مېنى تۈرمىدە ئالتە ئايلا ياتىدىغان قىلالىسىڭىز پۈتۈشكىنىمىزدىن باشقا يەنە مىڭ دوللار بېراتتىم. جاۋاپكار ئاخىرى ئارزۇسىغا يىتىپتۇ. -بۇ ماڭا ھەقىقەتەن تەسكە توىتىدى. ئەسلىدە سوتچىلار سىزنى گۇناسىز دەپ قۇيۇپ بەرمەكچى ئىدى،-دەپتۇ ئادۋۇكات ئالغان پۇلنى سانىغاچ.


          گاس

بىر كۈنى تۆت توشقان بىر بىناغا ئوينىغىلى چىقىپتۇ، ئۇلار بىنانىڭ ئەڭ چوققىسىغا چىقىپ قاپتىكەن، تۆۋەندىكىلەر ئۇلارغا : ۋاي يىنىپ چۈشۈڭلار خەتەرلىك دەپتىكەن، ھەممىسى يىنىپ چۈشۈپ ، پەقەت بىرلا توشقان چۈشمەپتۇ، ئۇنىڭغا قايتا قايتا توۋلىسىمۇ چۈشمەپتۇ! نىمىشقىكىن دىسە ئۇ توشقان ئەسلىدە گاس ئىكەن !


     چىمپىيۇن

   بىرەيلەن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدا ئەڭ ئاخىردا قالغان بىر ئاغىنىسىدىن سورىدى: -سەن سالپىيىپ ئاخىردا كېلىۋاتىسەنغۇ؟ -بۇ نېمە دېگىنىڭ، يەتتە ئادەمنى ئالدىمغا سېلىپ قوغلاپ كەلگىنىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟- دېدى ئاغىنىسى ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ.



           سىنىڭكى

ئا؛ سەن بۇ ئۈزۈكنى كوچىدىن تېپىۋالدىم دېۋىدىڭ، نىمە ئۈچۈن ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەيسەن؟ ب؛ چۈنكى بۇ ئۈزۈككە،مەڭگۈ سىنىڭكى دىگەن خەت ئويۇلغان ئىكەن.


           مودىدىن قالمىسۇن دەپ...

ساقچى: قەغەز سومكىدىكى نىمە ئۇ؟ شۇنداق تېز يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقىنىڭغا قارىغاندا، ئۇنى بىرەر يەردىن ئوغۇرلىغان ئوخشىمامسەن؟ ئەر: سومكىدىكىسى بايىلا ئايالىمغا سېتىۋالغان مودا كىيىم، ساقچى ئەپەندىم، ئۆيگە مېڭىپ بارغۇچە كىيىمنى مودىدىن قالمىسۇن، دەپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتىمەن.

      ئايالىم مىنى چاقىرۋاتىدۇ

بىرەيلەن قوشنىسىنىڭ بېغىدا قوشنىسىنىڭ بويىغا يەتكەن قىزى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرسا توساتتىن يالتىراپ تۇرىدىغان بىر قىڭراق «ۋىڭڭىدە» ئۇچۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى دەرەخكە قادىلىپ قاپتۇ. ئۇ كىشى چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ، قىز قارىسا ئۇنىڭ چىرايىدا قان دىدارى يوق، خىجالەت ئىچىدە قىزدىن ئەپۇ سوراپتۇ: - مەن، مەن كېتەي، ئايالىم مېنى تاماققا چاقىرىۋاتىدۇ!!!


  ئۆزىدىن سوراڭ
         
خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىكى ئامانلىق ساقلاش خادىلىرى دوختۇرخانىغا كىرىدىغانلارنى بىرمۇ-بىر تىزىملاپ كىرگۈزەتتى،شۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن بىر ئايالنى تىزىملاشقا باشلىدى؛  _ ئىسمىڭىز نىمە؟   _ كىملىكتە بار.

         _ نىمە ئىش بىلەن كىرىسىز؟ _ بالامنى تەكشۈرتىمەن.   _ بالىڭىز قايسى؟
           _ تېخى تۇغۇلمىغان.   _ بالىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە؟
          _ ئۆزىدىن سوراڭ

                ئىسلاھات
               ئا: ئىداراڭلاردا ئىسلاھات ئېلىپ باردىڭلارمۇ؟
               ب: ئەلۋەتتە ئېلىپ باردۇق.
               ئا: مەسىلەن، قانداق ئىسلاھات ئېلىپ باردىڭلار؟
               ب: ھەرقايسى بۆلۈم-ئىشخانىلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇردۇق.


             ياخشى ئادەم
           ئا: دۇنيادا كىم ئەڭ ياخشى؟
           ب: سەن.
          ئا: نەدىن بىلدىڭ؟
          ب: چۈنكى سىنىڭ ئاغزىڭدا،باشقىلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئەمەس-دە.

مۇنبەردىكى ئېسىل يۇمۇرلار تاللاندى!



تېپىشماقلار

تىپىشماق كەتتى
1.بىر بوۋاينىڭ يۈزىگە بىر تال پاشا قۇنىۋاپتۇ.لىكىن ئۇ بوۋاي قۇلىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ ھىلىقى پاشىنى ئۆلتۈرىۋىتىپتۇ.بۇ بوۋاي پاشىنى قانداق ئۆلتۈرگەن؟
2.ئىككى بالا باركەن.ئۇلار قوشنىكەن.بىر مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇيدىكەن.لىكىن مەكتەپكە ماڭغاندا بىرى ئۆيدىن چىقىپ ئوڭغا يەنە بىرى سولغا ماڭىدىكەن.بۇ نىمە ئۈچۈن؟
3.بىر ياشانغان موماي كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپتۇ.لىكىن بۇ مومايغا ھىچكىم ئورۇن بەرمەپتۇ.نىمە ئۈچۈن بەرمىگەن؟
4.ئۆزى قىزىل قېنى يوق.ئاچچىقى يامان جىنى يوق.ئۇ نىمە؟
5.ئىشىك ئىچىلدى.بىر قىز چىقتى.مۇزدا تىيىلدى.چىراغ يىقىلدى.ئۇ نىمە؟
6.قۇشقاچ5پۇڭ.كەپتەر5كوي.توخو1كوي بولسا 100كويغا قانچە قۇشقاچ قانچە كەپتەر قانچە توخو كىلىدۇ؟
7.قۇلىقى قۇيرىقىنىڭ قىشىدا.ئۈچىيى قۇرسىقىنىڭ سىرتىدا.بۇ نىمە؟
قېنى دوستلار تىپىپ بىقىڭلار.بەلكىم ئاڭلىغانلار باردۇ.بەك ئاسان ھە
!

مۇنبەر ئەزاسى گۈزەل 417 يازمىسى



     تۆۋەندىكى ئەدىپلەرنىڭ قايسى ئەسەرلىرىنى بىلىسىز؟
   
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلېرىم، تۆۋەندە ئىسمى زىكرى قىلىنغانلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتى غەزىنىمىزگە مۇناسىپ تۆھپە قۇشقان مۇبارەك زاتلىرىمىز بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ يۇلتۇزلىرى ئۆچكەن بولسىمۇ بىلىمسۆيەر خە لقىمىز تەرىپىدىن دائىم يادلىنىپ كەلمەكتە. مەن مەرھۇملارغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ۋە چەكسىز سېغىنىش ئىلكىدە تۇرۇپ بۇ يازمىنى يوللىدىم ، قېنى كىم تۆۋەندە نامى زىكرى قىلىنغان ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟.
1.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر.2.ئابدۇكېرىم خوجا 3.ئابدۇقادىر داموللا 4.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 5. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  6. ئابدۇللا تالىپ 7. زوردۇن سابىر 8.تىيىپجان ھادى 9. ھىلىمنىياز قادىرى 10.زۇنۇن قادىر 11. رەخمىتۇللا جارى 12. تىيىپجان ئېلىيۇف13. تۇردى سامساق 14. مەمتىمىن توختايىۋ 15. جاپپار ئەمەت 16. ئىبراھىم مۇتئى 17. ئىمىن تۇرسۇن  18. پەتتارجان مۇھەممىدى 19.روزى سايىت20.ۋارىسجان تۇردى 21.ئارسلان 22.قەييۇم تۇردى 23.ئەخمەت زىيائى24. باتۇر روزى 25. نۇر روزى

مۇنبەر ئەزاسى يازمىسى


ئۇيغۇر خەلىق تېپىشماقلىرى

ئۆتكەن زاماندا جامائەت بامدات نامىزىدىن يانغاندا ئاتلىق بىر كىشى كەينىگە بىر قىز بالىنى مىندۈرۇپ ناھايىتى ئالدىراش كىتىپ بارغان ئىكەن بۇنى كۆرگەن جامائەت ئۇلاردىن گۇمانلىنىپ ئاتلىق كىشىنىڭ ئالدىنى توسۇپ كەينىگە مىنگۇزۇۋالغان قىز بالىدىن سوراپتۇ :
-ئەي ئاجىزە ئالدىڭدىكى بۇ كىشى كىم بولىدۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
قىز بالا مۇنداق جاۋاپ بىرىپت:
-ئالدىمدىكى بۇ كىشى جېنىمنىڭ جانانىسى يۈرىگىمنىڭ سەكپارىسى بۇ كىشىنىڭ ئانىسى مىنىڭ ئانامنىڭ قىينانىسى دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ،-بۇ جاۋاپنى ئاڭلىغان جامائەت ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇشۇپ قاپتۇ،ئارىدىن ياشقا چوڭراق بىر مويسىپىت كىشى :
-ئۇلارنى قويۇپ بىرىڭلار يولىغا مىڭىۋەرسۇن -دەپتۇ ،ئاتلىق كىشى كەتكەندىن كىيىن جامائەت مويسىپىت كىشىدىن :
- ئۇ قىز بالا ئۇ كىشىنىڭ نىمىسى بولىدىكەن دەپ سوراپتۇ؟---ئاقساقال مويسىپىت كىشى جامائەتكە زادى نىمە دەپ جاۋاپ بەرگەندۇ؟



داڭلىق شەخىسلەر


ئابدۇقادىر داموللا ~~~~~~~~~~  ئۇيغۇر ئوغلى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-95198-1-1.html


مەمتىلى ئەپەندى~~~~~~~~~~  ئۇيغۇر ئوغلى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-97775-1-1.html

پەخرىمىز مۇھەممەت سالىھ داموللا~~~~~~~~~~  akkapa

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98181-1-1.html


سۈرەتلىك ناخشىلار جەمگاھى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-96905-1-1.html





https://uyghur-archive.com/misranim/thread-90029-1-1.html


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98386-1-1.html






ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى























   

ژورنالنىڭ ئاخىرىنى بۇ شېئىر بىلەن ئاياغلاشتۇراي

مىسرانىم

مۇخەممەس

مىسرانىم مۇنبىرنىڭ ئالتە يىللىق تويىغا ئاتاپ


مەدەنىيەت بوستانى سەن مىسرانىم،

ئىلىم-ئىرپاننىڭ كانى سەن مىسرانىم،

ھېكمەتلەر خەزىنىسى سەن مىسرانىم،

مۇنبەرلەر تۆرىدە شاھ سەن مىسرانىم،

تەرەققى قىل گۈللەنگىن سەن مىسرانىم.


سەھىپەڭ رەڭمۇرەڭ بەكمۇبەك ئېسىل،

تۈرلىرى خىلمۇخىل مەزمۇنى ئېسىل،

مىزانىڭ سەمىمىيەت بەكمۇ ئېسىل،

توپلانغان كىشىلەر ھەممىدىن ئېسىل

ئېسىللىق ساڭلا خاستۇر مىسرانىم.

تۇغۇلدۇڭ مىللىتىم مەدەنىيىتى دەپ،

توۋلىدۇڭ بىر ئۆمۈر ياشنا ئۇيغۇر دەپ،

ياشىدىڭ بىر ئۆمۈر مىللىتىملا دەپ،

قوغدىدىڭ سىرىمنى مەجبۇريىتىم دەپ،

باشقىلار ئۈچۈن ياشىدىڭ مىسرانىم.


كۆڭلۇم بەك خۇشالدۇر چىقسام مۇنبەرگە،

تاپىمەن كۆپ ئەقىل چىقسام مۇنبەرگە،

ھەقىقىي سۆزلىرىمنى يازىمەن مۇنبەرگە،

ياخشى ئەسەرلەرنى يازىمەن مۇنبەرگە،

ھېكمەت دۇردانىلەر كانى مىسرانىم.


ئۇچرىشار بۇ يەردە بىلىم ئىگىسى،

يوللىنار ئەسرنىڭ باش سەركەردىسى،

سىنىلار مۇنازىردە ئەركەك چىشىسى،

ئايرىلار ئىنكاس ئارقىىلق ھەممىسى،

پىكىر ئالماشتۇرۇش ئورنى مىسرانىم.


ئۈتكۈزگەچ مۇنبەردە پائالىيەتنى،

تىز تارتتىڭ ئۈزىڭگە كىشى قەلبىنى،

ئۆتكۈزدۇڭ دانالار بىلەن سۆھپەتنى

كۈپەتتىىڭ مۇنبەرنىڭ يازما تۈرىنى،

دانا سەن باشقۇرۇشتا ئەي مىسرانىم.


قەدەم قويدىڭ بۈگۈن سەن ئالتە ياشقا،

ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىدىڭ باشتا،

ئاق سانجىلدى بۈگۈن بۇ قارا قاشقا،

ئەمما سەن قىرانسان ۋاي تېخى ياشلا

گۈل ئىنسۇن قەدىمىڭدىن ئەي مىسرانىم.

يېتىپ كەلدى مانا بۈگۈن قۇتلۇق بىر كۈن،

توغۇلغان كۈنىڭ سېنىڭ شاد بىر كۈلگۈن،

شاھلىق تەختىڭنى سەن مەڭگۈ يۈرگۈزگۈن،

جەۋلان قىل تېخىمۇ ياخشى كۈن كۆرگىن،

مۇبارەك تۇيىڭغا سېنىڭ مىسرانىم.

تەنتەنە قىلماقتا مۇنبەردە ھەممە،

باشۇرغۇچى ۋە ئاددى ئەزامۇ ئەنە،

مۇبارەك بولسۇن دەپ قىلار تەنتەنە،

چۈنكى بۇ يىللاردىن قالغان ئەنئەنە،

گۈللەرنى سۇنىمىز ساڭا مىسرانىم.




                             لاھىلىگۈچى ۋە خەت كىرگۈزگۈچى:
                                                         مۇنبەر ئەزاسى: خېلىل(ئۇيغۇر ئوغلى)


www.Gm1.cn344_副本.jpg


  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 05:44 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 150 ماختاشقا تېگىشلىك
sahipjamal + 20 ياخشى باشلىنىش
parwin + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
nazila998 + 68 يىڭى سانغا مۇبارەك بو.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 738   باھا خاتىرىسى

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7588
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7701 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:28:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لايھىلەر بەك كۆركەم چىقىپتۇ. بۇنىڭدىن كىيىنكى سانلىرىنىڭ ،تېخىمۇ مەزمۇنلۇق چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

يالپۇز تىۋىشلىرى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11440
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق پەيزى ،بۇندىن كىيىنكى مۇنبەر يازارمەنلىرىنىڭ قەلىمىگە تىخىمۇ ئۇتۇقلار يار بولغاي . مەزكۇر تىمىنى يوللاپ كۆڭۈل ھۇزۇرىمىزغا سۇنغان جاپاكەشلەرگە خاتىرجەملىك يار بولغاي .
ياخشى باشلىنىش تىخىمۇ روناق تىپىڭلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YALPUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 01:32 PM  


قىز قەلبى پىنھان چىغىر يول ....

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:32:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
iltebir يوللىغان ۋاقتى  2013-2-8 01:28 PM
لايھىلەر بەك كۆركەم چىقىپتۇ. بۇنىڭدىن كىيىنكى سانلىرى ...

تورداشلار،ۋاقىت قىس بولغاچقا ياخشى تىمىلارنى تاللاپ بولاللماي،ئۈزۈم يازغان تېمىلارنى ئالدىم،مېنى شەخسىيەتچىكەن دەپ ئويلاپ قالماڭلار

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sahipjamal + 200 ئاز بوپ قاپتۇ قايتا با.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2047 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:33:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر  تېما

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:38:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرسا ، ھەممىمىز خوش بولاتتۇق ...

شىرئەلى

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:49:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مۇنبەرنىڭ 1-سان ژورنىلىنى ياخشى چىقىرىپسىز ، كىيىنكى سانلىرىنىمۇ تىخىمۇ  مول- مەزمۇنلۇق چىقىرشىڭىزغا تىلەكداشمەن ،
  بۇ قوش ئايلىق ژورنالمۇ يا ئايلىق ژورنالمۇ ؟ ۋاختى - ۋاختىدا چىقىرىپ تۇراسىز

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

bir lukqakman ,sining koqangda

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 848
يازما سانى: 814
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 19217
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 5791 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2014-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:53:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى كۈرۈپ مىسرانىم ئەپەندىمگە يەنە تەكلىپ بەرگۈم كېلىپ قالدى،ياخشى بولسا قوبۇل ئەتكۈلۈك ،پىكرىم ئارتۇقچە بولسا ماڭا قالغۇلۇق...
بۇ تىمىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى بىر ياخشى باشلىنىش،مىنىڭچە بولغاندا مىسرانىم ئەپەندىم ئوزى باش بۇلۇپ،باش مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ مىسرانىم ژورنىلىنى ئايدا بىر سان چىقىرالمىساقمۇ ئىككى ئايدا بىر سان چىقارساق ھەمدە ژورنال سۈپىتىگە چەكنى يۇقۇرى قۇيۇش ئاساسىدا ئىلكىتاپ (شەبنەم ژورنىلى ئېسىمگە كېلىپ قالدى)ئاساسىدا يۇقۇرى سەۋىيە بىلەن چىقارساق.مىنىڭچە مىنىڭ بۇ تەكلىۋىم سىز ئۈچۈن ئارتۇقچە تەلەپ ئەمەس دەپ ئۆيلايمەن.

چ چ :876974497 سىلەرنى بەك سېغىندىم قېرىنداشلىرىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79273
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2012-4-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 02:06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86068
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-10-14
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 02:06:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرنىڭ 1-سان ژورنىلىنى بەك پەيزى چىقىپتۇ، بۇنىڭدىن كىيىنكى سانلىرىنىڭ ،تېخىمۇ مەزمۇنلۇق چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پەي يەڭگىل بولغاچقا ئۇچارھاۋادا،
تاش ئېغىر بولغاچقا تۇرار قىيادا.
پەيدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ ئىنسان،
يەڭگىللىك ئىللىتى بولسا ناۋادا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش