مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 814|ئىنكاس: 6

[ھېكايە] سۆيگۈ پروگراممىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاق كۆڭۈل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17252
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8975
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 785 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 11:54:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

[ھېكايە] سۆيگۈ پروگراممىسى



مەلۇم بىر كۈنى چىرايىنىڭ ئوڭ- سولى ئۆچكەن بىر خېرىدار، ئىنسانىيەتنىڭ تەرتىپىنى قاچىلايدىغان بىر يۇمشاق دېتاللار شېركىتىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ئېنژىنېردىن ئۆزىنىڭ ئازاپلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى. چۈنكى ئۇ يىقىندىن بېرى باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۇنىڭ سېستىيمىسى ھەمىشە قېتىۋېلىپ، كىشىلەرگە زېركىشلىك تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ قالغاچقا، يىقىن-يورۇقلىرى نىمە سەۋەپتىنكىن ئۇنىڭدىن قاچىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
يۇمشاق دېتاللار ئىنژىنېرى ئۇنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئادەملىك ماشىنىسىنى قوزغىتىپ، ئۇنىڭ روھىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئارىدىن بىرنەچچە سىكونت ئۆتكەندىن كىيىن ئىنژېنىر ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن ھالدا، بىرەر چوڭ كاشىلا يوقلۇغىنى، پەقەت «كۆڭۈل خاتىرلىگۈچى»ئەسۋابىدىنLOVE EXE (سأيگۈ ) پروگراممىسىنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتى. شۇنىڭدىن كىيىن  ئىنژېنېر ئۇنىڭ قەلبىگە (سأيگۈ ) پروگراممىسىنى قاچىلاشقا سەۋىر چانلىق بىلەن يىتەكچىلىك قىلدى.
-        ئالدى بىلەن قەلبىڭىزنى ئېچىڭ، سىز ھازىر  قەلبىڭىزدىمۇ؟-دىدى ئىنژېنېر.
-        شۇنداق ، مەن ھازىر ئۆز قەلبىمگە كىردىم. بىراق تېخى بىر نەچچە ھۆججەت ئەمدىلەتتىن  قوزغېلىۋېتىپتۇ، ئۇلار قوزغىلىۋاتقاندا مەن سأيگۈ پروگراممىسى(LOVE EXE)نى قاچىلىسام بولامدۇ؟- دەپ سورىدى خېرىدار.
-        ئۇلار قايسى ھۆججەتلەر ئىكەن؟ - دەپ سورىدى ئىنژېنېر
-        تۇرۇپ تۇرۇڭ، ھە ئۇلار مەن ئىلگىرى قاچىلىۋالغان «ئۆچ- ئاداۋەت ھۆججىتى»«ئۆتكەن كۈنلىرىگە قايغۇرۇش ھۆججىتى »«ئۆزىنى كەمسىتىش ھۆججىتى »ۋە«ھەسەت قىلىش ھۆججىتى » قاتارلىقلار ئىكەن.، ئۇلار قوزغېلىۋېتىپتۇ.- دىدى خېرىدار. جاۋابەن
-        قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، بىراق سىز دەرھال مەشغۇلات سېستىيمىڭىزدىن «ئۆتكەن كۈنلىرىگە قايغۇرۇش ھۆججىتى »نى ئۆچۈرۋېتىڭ ، شۇنداق قىلسىڭىز (LOVE EXE)  پروگراممىسى توسالغۇسىز ھالدا ئاپتۇماتىك قاچىلىنىدۇ. شۇنداقلا سىزنىڭ ئىچكىي ساقلىغۇچىڭىزدا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. باشقا پروگراممىلارنىڭ قوزغىلىشىغا توسقۇن بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە  (LOVE EXE)  پروگراممىسى قاچىلىنىش جەريانىدا ئۆزىدىكى «ئىشەنچ» دەپ ئاتىلىدىغان ھۆججەتنى سىزنىڭ سېستىيمىڭىزدىكى«ئۆزىنى كەمسىتىش ھۆججىتى »نىڭ ئۈستىگە كۆچۈرۈپ، ئۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. ئاخىردا سىز ئىجرا قىلىش كۆزنىكىدىن  «ئۆچ- ئاداۋەت ھۆججىتى» بىلەن «ھەسەت قىلىش ھۆججىتى »نى ئىتىۋېتىڭ. چۈنكى بۇ ئىككى ھۆججەت  LOVE EXE «سۆيگۈ ھۆججىتى» نىڭ نورمال قاچىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، سىز ئۇلارنى ئىتىۋىتەلەمسىز؟-
-        كەچۈرسىز . (تاقاش ئىناۋەتسىز ) دىگەن ئۇچۇر كەلدى، سىز ماڭا ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن.
-        بولىدۇ، - دىدى ئىنژېنر.  
-        سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەلىب تىزىملىكىڭىزگە قايتىپ ئۇنىڭدىن «كەڭ قورساقلىق»دىگەن ھۆججەتنى تاللاڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ قاچىلاش ئېھتىياجىڭىز  بۇيىچە ئۇنى تەكرار تاللاڭ. ئۇ تاكى«ئۆچ- ئاداۋەت ھۆججىتى» بىلەن «ھەسەت قىلىش ھۆججىتى »نى قەلب سېستىيمىڭىز دىن ئۈزۈل –كىسىل ئۆچۈرۋەتكەنگە  قەدەر شۇنداق قىلىڭ.
-        ئەمدى بولدى مەن شۇنداق قىلدىم. ھازىر قەلبىمگە  LOVE EXE «سۆيگۈ » پروگراممىسىنىڭ قاچىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. – دىدى  خېرىدار.
-        دىققەت قىلغايسىز بىرنەچچە سىكونتتىن كىيىن سىزگە بىر ئۇچۇر كىلىدۇ، ئۇ «ھازىر سېستىيمىڭىز قەلبىڭىزنى باشقىدىن تەڭشەۋاتىدۇ. تەڭشەش ئاخىرلاشتى » دىگەن  ئەسكەرتىشنى بېرىدۇ، كۆردىڭىزمۇ؟-  دىدى ئىنژېنېر
-        كۆردۈم، كۆردۈم، بۇ LOVE EXE «سۆيگۈ» پروگراممىسىنىڭ قاچىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟   - سورىدى خېرىدار.
-        شۇنداق، بىراق سىز ئۆز ماشىنىڭىزغا ھېلىراقتا LOVE EXE «سۆيگۈ » پروگراممىسى قاچىلىدىڭىز. سىزنىڭ ماشىنىڭىز پەقەت ئىنسانىيەت ماشىنىسىنىڭ قەلبىگە ئۇلانغانغاندىلا سىزنىڭ LOVE EXE «سۆيگۈ » پروگراممىڭىز ئۆزلۈكسىز يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ، - دىدى ئىنژېنېر
-        چاتاق بولدى! مېنىڭ قاچىلاش كۆزنىكىمدىن بىر  خاتالىق ئۇچۇرى كەلدى!
-        قېنى ئوقۇڭ.
-        «سېستىيمىنى تور بەلۋېغىدا ئىجرا قىلىشقا بولمىدى» . بۇ نىمە دىگىنى؟
-        ئەنسىرەپ كەتمەڭ، بۇ دائىم كۆرلۈپ تۇرىدىغان  خاتالىق، ئۇنىڭدا LOVE EXE «سۆيگۈ » پروگراممىسى سىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ سىرتىدا ئىجرا قىلنىۋاتقانلىقى ، تېخى ھەقىقىي يوسۇندا سىزنىڭ روھىي دۇنيايىڭىزدا قوزغىلالمىغانلىقى ئېيتىلىپتۇ. بۇ بىر مۇرەككەپ جەريان، بۇنى غەيرى تېخنىكىلىق تىل بىلەن چۈشەندۈرسەم، سىز باشقىلارنى سۆيۈشتىن ئاۋال. چوقۇم ئۆزىڭىزنى سۆيۈشىڭىز  كېرەك،
-        ئەمىسە كىيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىشىم كىېرەك؟
-        ئالدىرىماڭ، سىز  «ئۆزىنى ئىتراپ قىلىش» دىگەن مۇندەرىجىگە كىرىڭ.
-        ئوبدان بولدى، مەن  بۇ مۇندەرىجىنى ئاچتىم.
-        ئاشۇ مۇندەرىجىدىكى «كەڭ قورساقلىق ھۆججىتى» «ئۆزىگە ئىشنىش ھۆججىتى »«ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھۆججىتى » ۋە «مېھرىبانلىق ھۆججىتى »قاتارلىقلارنى تېپىڭ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ «مېنىڭ قەلبىم» دىگەن ھۆججەتكە يۆتكەپ كېلىڭ، كۆچۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن. قەلىب سېستىيمىڭىزدىن «ئىچى تارلىق»«شەخسىيەتچىلىك» دىگەندەك قىسمەن ھۆججەتلەر ئاپتۇماتىك ھالدا ئۆچۈپ كىتىدۇ. شۇنداقلا پروگرامما ئىجرا قىلىنىش جەريانىدىكى توسالغۇلارمۇ يوقىلىدۇ. لىكىن ئاخىردا «ئۆزىگە شەپقەتسىزلىك قىلىش ھۆججىتى » نى نۆۋەتتىكى مۇندەرىجىدىن ئۆچۈرۋېتىشنى ئۇنتۇماڭ !
-        مەن ئۇتۇق قازاندىم! ھازىر كۆزنەكتە«مېنىڭ قەلبىم» گە« LOVE EXE پروگراممىسىنىڭ  رەسمىي نەشىرى نۇسخىسى قاچىلاندى» دىگەن ئۇچۇر كۆرۈندى، يەنە «تەبەسسۇم ھۆججىتى» مۇ قوزغىلىپتۇ، ئۇندىن باشقا يەنە «قىزغىنلىق»، «دوستلۇق»ۋە «قانائەت» قاتارلىق ئۈچ ھۆججەتمۇ «مېنىڭ قەلبىم» مۇندەرىجىسىگە كىرىپتۇ.
-        سىزگە مۇبارەك بولسۇن! سېستىيمىڭىزغا LOVE EXE (سۆيگۈ) پروگراممىسى ئوڭۇشلۇق قاچىلاندى، توسالغۇلارمۇ تۈگىدى. بىراق مەن سىزگە بىرجۈملە ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى ھەدىيە قىلاي دەيمەن.
-        قانداق سۆز  ؟
-        ئىسڭىزدە بولسۇنكى، سۆيگۈ – ھەقسىز بىر خىل يۇمشاق دېتال، سىز كەڭ قورساقلىق بىلەن سزگە يولۇققان كىشىلەرگە مېھرى- مۇھاببەت ئاتا قىلسىڭىز بولىدۇ. سۆيگۈ  كىشىلەر  ئارىسىدا تارقىلىدۇ. غەيرى تېخنىكىلىق تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندە: سىز باشقىلارغا مېھرى- مۇھەببەت ئاتا قىلغاندىلا، ئۆزىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ مېھرىگە ئىرىشەلەيسىز.
-        ئۇقتۇم سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن   

مەنبە : شىنجاڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە گېزىتى


ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىمنىڭ ئىشى،يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73338
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3493
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-1-17
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 01:49:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا! غەيرەتلىك بول!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 09:12:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن ، تىما ئېگىسىگە رەھمەت .
تىما ھەققىدە ھەر بىر ئادەم بىر فانتازىيەلىك كىنو كۆرگەندەك ھالەتكە كېلىپ قالىدىكەن . بىراق بەزى جايلىرى بولۇپمۇ تىمىنىڭ ئاخىردىكى ھەممە ئادەمگە مېھىر مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ ، مېھىر - مۇھەببەت ئاتا قىلىڭ دىگەن قۇرلىرى ئادەم ئەمەس بەلكى ماشىنىغا بېرىلگەن بۇيرۇقتەك چىقىپ قالىدىكەن . راستىنى ئېيتقاندا مەن شۇنداق قىلالمايمەن ، ئارمىزدىمۇ نۇرغۇنلىرمىز ئوبدان ئويلىنىپ باقسا شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ . بۇنى گۆش يۈرۈكى بار بىر ئادەمنىڭ قىلالىشى ناھايتى تۆۋەن پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ماخمۇتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87588
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 09:37:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ياخشى تىمىكەن  تەشەككۈر

ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 10:28:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەم قاچىلىۋالغان بولسا ،مۇشۇ  ‹‹سۆيگۈ پىروگىراممىسى››نى قەلبىگە،دۇنيا بەك گۈزەل بولغان بولاتتى.....

ئەھمىيىتى بار ياخشى تېمىكەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 11:39:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، ھەقىقەتەن ياخشىكەن ...

توۋا قىلىڭ!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39903
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4377
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 12:25:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ياخشى تىمىكەن  تەشەككۈر........

بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ،ۋىجدان بىلەن پاك ياشايلى!!!قىلغان ھەر بىر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلايلى!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش