نەزىرە مۇھەممەد سالىھقا شېئىرى مەكتۇپ
نەزىرە!
سەن ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك قىزى.
ھۆرمىتىم بار ساڭا ئەجەپمۇ،
بىلمىسەڭمۇ لېكىن سەن مىنى.
سەن !
ھىدايەتتىن قانات چىقىرىپ،
روھ چۆلىنى كەزگەن بىر سەيياھ.
سۈزۈك-سۈزۈك نەپەسلىرىڭدە
كۈيۈپ كۈلگە ئايلانغان گۇناھ.
تۇنۇشمايمىز بەلكىم ئۇچراشساق،
تۇنۇشىدۇ تۇيغۇلار لېكىن.
ئاياللارنىڭ ئەڭ سەرخىلى سەن،
سۈيۈنىمەن مەۋجۇتلىقىڭدىن .
نەزىرە!
سەن ئىزلىگەن شەرق يۇلتۇزى،
بەكمۇ خىرە چاقنامدۇ ئۇندا.
تاش شەھەردە ئاياللار قالتىس،
ئۈلۈم مەۋجۇت ئەمەستەك گويا.
نەزىرە!
كوچىلارغا چىقساڭ نۇرلىنىپ،
كىملىكىڭنى بىلمىگەنلەرمۇ،
باقار چۇقۇم ساڭا ھەۋەستە.
رەستىلەردە مىغىلداپ يۈرگەن،
روھى ئۆلگەن بىچارىلەرگە،
ئۇپىلانغان قورۇق يۈزلەرگە،
شىر يايلىدەك چاڭگا چاچلارنىڭ
مەئسىيەتلىك بەدەنلىرىگە.
ئاھ!ئېچىنىپ مىڭبىر ئۆرتىنىپ
لۇت قەۋمىنى ئالامسەن ئەسكە؟؟
نەزىرە !
ئۈرۈمچىدە كۆپ-ھە «يېڭىلىق».
ئايال چولپان يۈرسە ئىچكىردە.
رىياسەتچى ياراتسا «تۆھپە».
زامانىۋى توي قىلىپ ئارتىس،
ئەل ئالدىدا قالسا لەنەتكە.
ھاجى ئاتلىق شەيتان خانلارنىڭ،
سورۇندىكى غىڭجىڭلىقلىرى،
ئېنتىرنىتتىن قانات چىقىرىپ،
ھايال ئۆتمەي كەلگەن بۇ يەرگە...
توۋا دىدۇق چەكسىز ئېچىنىپ،
غاپىللارجىق ئاشۇ شەھەرگە.
ئاھ نەزىرە جېنىم ھەمشىرەم،
ھەممىدىن بەك دەرتلەندىڭمىكىن ،
ھىدايەتلەر تىلەپ ئۇ ئەلگە.
نەزىرە!
نۇر ۋە زۇلمەت پەرقى نىمىدۇر،
ئەمەل قىلماي يۈرسەك ئەگەردە.
سەن ھەم بىلدىڭ ھەم ئەمەل قىلدىڭ.
شۇڭا ئورنۇڭ چوڭدۇر دىللاردا.
شۇڭا سەندىن يىراقتۇر رىيا.
شۇڭا ساڭا لىباستۇر ھايا.
شۇڭا ساڭا يۈلەكتۇر ئاللاھ.
نەزىرە ئەي جېنىم ھەمشىرەم،
دەرىجەڭنى چوڭ قىلسۇن ئاللاھ.
نەزىرە !
ساڭا دىلداش چۈمبەلدىكى كۆز،
ۋاراقلايدۇ خىياللىرىمنى.
ھەدەمدۇرسەن ۋە ياكى سىڭلىم،
تەڭتۈش بولساق دوستۇم دە مېنى.
قېرىنداشمىز ئاللاھ باغلىغان،
يوللار يىراق بولسىمۇ گەرچە.
نەزىرە!
ئامانمىكىن بۇزرۇك پاسىبان.؟
ئادىل ئاكام نەدە ئالدىراش.؟
پاك نەسەبىڭ ئېسىل جەمەتىڭ،
زۇھەل بۇلۇپ تۈنلەردە يانغان.
ھەققە باشلاپ تالاي دىللارنى،
ھىدايەتتىن ياسىدى گۈلخان.
ئالىملارنىڭ شاراپىتىدىن،
غاپىللار جىق غېرىپ شەھەرگە،
پاك رەببىمىز بەرمىدى تۇپان.
رەھمىتىدۇر ئالىملار يۇرتنىڭ،
بىلمەس لېكىن بۇنى پاسىق جان.
نەزىرە!
بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى(ئايال)
ئۈگەنسىكەن سەندىن ئەقىدە.
ھەممە ئانا بولسا سەن كەبى،
نۇسرەت قۇنار ئىدى مىللەتكە.
نەزىرە!
جەنۇپتىكى خىلۋەت كەنىتتە،
ساقلىق تىلەپ ئالىمىمىزغا،
ئەشئارىمدا يوللايمەن سالام.
مەنبە؛ئۆزەم.
رەببىيەل ئەۋۋەلنىڭ 26-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yancin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-7 01:45 PM