ئەقىدە ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بايلىق،ئەقىدە-ئېتقادىنى يۇقاتقان ئادەم ھايۋاندىن بەتتەر. ـ ئابدۇقادىر داموللا
2012-يىلى ئابدۇقادىر داموللا تۇغۇلغانلىقنىڭ 150 يىللىقى.شۇڭا كۆپچىلىككە بۇ تېمىنى سۇندۇم. 1.كىرىش سۆز ئورنىدا ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك،ئەقىللىق مىللەت.تارىختا نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،ئىنسانىيەت تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. 11-ئەسىردىكى خاراخانىيلار سۇلالىسىدىن تارتىپ يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرگىچە ئۇيغۇرلار گۈللەپ ياشنىغان.ئەپسۇس،16-ئەسىرلەردىن كېيىن سۇپىىزىمنىڭ،خۇراپاتلىقنىڭ تەسىرىدە نادانىلىق پاتقىقىغا چۇڭقۇر پېتىپ قالغان.يەنە چىڭ سۇلالىسى ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يەنە بىر قېتىم غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاپ قالغان.بىرجەھەتتىن دىنىي خۇراپاتلىق كىشىلەرنى زەئىپ قىلىپ قويغان.يەنە بىر جەھەتتتىن سىياىسي تۈزۈلمە كىشىلەرنىڭ يىڭىلىققا ئىنتىلىشىنى تۇسۇپ،يىڭى مائارىپنىڭ گۈللىنىشىنى تۇسۇپ،بىر تۈركۈم دىنىي تونغا ئورنىۋالغان مۇتەسسىپ دىنىي چوماقچىلارنى ئىشقا سېلىپ تۈرلۈك يوللار بىلەن مائارىپقا،يېلىققا ئىنتۈلگۈۈچىلەرنى كۆزدىن يۇقاتتى.ھەمدە خەلىقنى داۋاملىق نادانلىقتا قالدۇردى،مىللىي مائارىپنىڭ گۈللىنىشىگە چىش تىرنىقى بىلەن قارشى تۇردى.دەل شۇ ۋاقىتتا چەت ئەللەردە بىلىم تەھسىل قىلۋاتقان ئابدۇقادىر داموللابىننى ئابدۇلۋارىس ھىجرەتتىن ىەشقەر قايتىپ كەلدى.ئۇ «ئۇسۇلى جەدىد ۋاجىپ ئوقۇش زۆرۈر» دېگەن پەرتىۋانى ئېلىپ كەلدى.ھەمدە مائارىپ،ئىسلاھاتچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى.ئۇنىڭ تولى توغرا،مەسلىكى توغرا،ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلەتتى.ئۇ دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ مەرىپەتچىلىك ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇپ،ئىلم-پەننى تەشەببۇس قىلدى.ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالاقەزادە قىلىپ قويدى.نەتىجىدە ئۇلار تىل بىرىكتۈرۈپ ئۇنى كۆزدىن يۇقاتتى. 2.ئابدۇقادىر داموللامىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ مەنىۋى يېتەكچىسى،مەشھۇر ئۇيغۇر ئىسلاھاتچىسى ئابدۇلۋارىش بىننى ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇش شەھرىنىڭ مەشھەد كەنتىدە تۇغۇلغان.ئۇقۇشقا ھېرىسمەن ئابدۇقادىر داموللا ئائىلە تەربىيىسى ۋە باشلانۇچ تەربيىسىنى ئۆز يۇرتىدا ئالىي نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان.بۇ جەرياندا نۇرغۇن داڭلىق مۇتەپپەككۇرلار نىڭ ئىلغار ئىدىيىىسى بىلەن تۇنۇشقان ئابدۇقادىر داموللام يەنىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇپ بۇخارا كۆكتاش مەدرىسى ،دېھلى ئۇنۋىرسىتىدەك داڭلىق بىلەم كانلىرىدىن ئۈنچە-دۇردانىلەرنى قازغان.ئىلم-ئېرپان ساھابىللىرىنى ئۆزىگە دوس تۇيقان.ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھىجاز،مەدىنە،قاھىرە،ئىستانبول،ئوفالاردا زىيارەت ۋە سايەتتە بۇلۇپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.يۇرۇتقا قايىتقاندىن كېيىن پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن خەلىقىنى ئويقاتقان.دىنىي ئىسلاھات ۋە مەرىپەتچىلىك ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغان.شۇنداقلا بىر قىسىم نامى ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ سائادەت شاراپىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قالدۇرغان.بىلىمنى ئۆزىگە قۇرال قىلغان ئابدۇقادىر داموللا تالاي بىلىم ئىگىللىرىنى يىتىشتۇرۇپ ۋەتەننى،مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشتەك بۇ بۈيۈك يولدا ئاخىرغىچە قان كېچەپ كۈرەش قىلغان. ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ بۇخاراغا بېرىپ بېرىپ ھەج قىلىش ۋە بىلىم نەزىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن 1890 -يىلى بۇخاراغا قاراپ يولغا چىقتى.ئۇ بۇ قېتىم بۇخارادىن ئۇسۇلى جەدىد ۋاجىپ ئۇنى ئۇقۇش زۆرۈر دېگەن پەتىۋانى ئېلىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلدى.17يىللىق بۇخارا سەپرى جەريانىدا ئابدۇقادىر داموللا چەت ئەللەردە ئەرەب تىللىرىنى ئۆگىنپلا قالماي يەنە بىر قىسىم تەبىىي پەن،ئىجيىمائىي پەنلەتدىن ساۋاق ئالدى.كۆپ كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.ئۇ ئۇزۇن يىل تىرىشىش ئارقىلىق مۇفتتەھىل ئەدىپ ناملىق ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرۇدى. ئابدۇقادىر داموللا ھەقىقەتەن يۈرەكلىك زات ئىدى.ئۇنىڭ شېۋىد دىن تارقاتقۇچىللىرىغا قارشى قىلغان كۈرۈشلىرى قەشقەردىكى ھۆكۈمرانلەرنى سارسەمىگە سېلىپ قويغان.شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مۇتەسسىپ كىشىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ ئۆز ئۆيىدە 1924-يىلى 9-ئاينىڭ 14 كۈنى سەيشەنبە ئۆزئۈيىدە قەتل قىلنغان. 3.ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تۆھپىسى 1.شۇنچە كۆپ جايلاردا بىلىم ئالغان ئادۇقادىر داموللا يەنە ئارقا-ئارقىدىن بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلدى.ھەتتا«ئۇسۇلى جەددىد ھارام،ئۇنى ئۇقۇش دەھرىرلىك» دېگەن بىر جۈملە ناتوغرا پەتىۋانىڭ توغۇرلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇخاراغا بېرىپ پىشۋا ئۇستازلارنىڭ تەلىمىدىن «ئۇسۇلى جەدىد ۋاجىىپ،ئۇنى ئۇقۇش زۆرۈرر» دېگەن ئادىل پىتىۋانى ئېلىپ كېلىپ مائارىپنى قوللىمايۋاتقان سوپى-ئىشانلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ.ئەگەر شۇ چاغلاردا ئاشۇ سۇپى-ئىشانلارنىڭ شۇ بىر جۈملە پەتىۋاسىنىڭ ناتوغرىلىقنى ئىسپاتلىمىغان بولسا مىللىتىمىزنىڭ نادان ھالىتى قانچە ئۇزۇن داۋاملىشاتتى؟!!ئەمما-تۇلىمۇ ئۇقۇشقا سان كەپتۇ دېسە بىر-بىرسىگە ئىتتىرشىشتەك بۇ مەنزىرە ئابدۇقادىر داموللىنى قاتتىق ئازابلايدۇ،
2.ئەنە شۇنداق كۆپ جايلاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان ئابدۇقادىر داموللا يىڭى مائارىپ ئىدىيىسىنى ئۇيغۇر جەميىتىگە ئېلىپ كىرىپ خەلقىمىزنى نادانلىقتىن ئويغاتتى. 3.ئۇ يېڭىچە ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىپ ،يىتىم-يىسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلىغان.مائارىپقا نۇرغۇن تۆھپە قوشقان. 3.ئابدۇقادىر داموللام قالدۇرغان ئەسەرلەر. مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس ئەدەبىياتتىن مۇقەددىمە ئۆسمۈرلەر مائارىپى مۇھىم قائىدىلەر ھەقىكەتلەر جەۋھىرى
خاتىمە مانا بۈگۈن يەنى 2012-يىلى ئۇ تۇغۇلغانلىقىنىڭ دەل 150 يىللىقى.بۈگۈنكى كۈندە بىز ئابدۇقادىر داموللامدەك مائارىپ پىشۋاسىنى يات ئېتىپ،ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلشىمىز،مائارىپىمىزنى تەرەققى قىلدۇرشىمىز كېرەك.
مەنبە-توپلىما ماتىرياللار
ئابدۇخېلىل مەمەت 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25 جېجاڭ خاڭجۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 11:30 PM
|