قىزىل لۈڭگە
(ھىكايە )
مەنبەسى : يۇلتۇز
ۋەي، ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم !
ھەي يالقۇن دىگەن ھاراملىق ، ئەسسالاملىرىڭدىن ئۆرگىلەي ، سالىمىڭنى قۇيۇپ دەرھال ئۈيۈمگە كەل ، بولمىسا ماۋۇ بۇزۇقنىڭ بوينىنى ئۈزىۋىتىمەن ....
سىز كىم؟ نىمانداق سەت گەپ قىلىسىز ؟
ھەي خۇمسى تۇلا خۇپسەنلىك قىلماي كەل دىگەندىكىن كەل. كىملىكىمنى ئۇبداق كۆرسۈتۈپ قۇيىمەن بىكار ، كىلىپ ماۋۇ خالىدە دىگەن بۇزۇقۇڭنىڭ ئۈلۈكىنى ئېلىپ كەت .
ئەمدىلا دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن ئاتلىغان يالقۇن تىلغۇننى قۇيۇپ تۇرغان جايىدا قاققان قۇزۇقتەك قېتىپلا قالدى، بۇ كىم ؟ بۇ خالىدەنىڭ ئىرىغۇ ؟بىراق ئۇ نىمىشقا بۇنچە ئاچچىقلىنىپ كىتىدۇ؟ نىمىشقا خالىدەنى ئۆلتۈرىمەن دەيدۇ ؟ ئەجەبا ،ئەجەبا ئۇ خالىدە ئىككىسنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ قالغانمىدۇ ؟ ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يالقۇننىڭ پۇتلىرى تىترەپ جايىدا تۇرالماي قالدى ،يۈرىگى سېلىشتىن توختاپ قالغاندەك نەپىسى سىقىلىپ چىرايى قارىداپ كەتتى .
ئاكا ، ئاكا سىزگە نىم بولدى ؟ تىلغۇن كىمدىن كەپتۇ ؟
سىڭلىسىنىڭ چاقىرىشىدىن ئىسىنى يىققان يالقۇن دەرھال تاماق قاچىسىنى سىڭلىسىغا تۇتقۇزۇپ كەينىگە ياندى ،ئۇ كۇچىدا ساراڭ ئادەمدەك يۈگۈرۈپ ئۆز- ئۈزىگە سۆزلەيتتى،خالىدەنىڭ ئۈيىدە زادى نىمە ئىش بولغاندۇ ؟ئەگەر راستىنلا ئاشكارىلىنپ قالغان بولسا ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟ئۇ شۇ تەرىقىدە يۈگۈرۈپ خالىدەنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كىلىپ توختىدى .قانداق قىلىش كىېرەك ؟ زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟كىرەيمۇ ؟ كىرمەيمۇ ؟ كىرسەم مىنى نىمە قىسمەت كۈتىۋاتقاندۇ ؟ ئەگەر كىرمىسەم ئەكرەم خالىدەنى راستىنلا بىرنىمە قىپ قويسا قانداق قىلغۇلۇق ؟يالقۇن مۇشۇنداق ئىككىلىنىپ تۇرغان پەيىتتە ئۆي ئىچىدىن چىنە – قاچىلارنىڭ چېىقىلغان ، ئەكرەمنىڭ خالىدەنى تىللاپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ۋە ئارقىدىنلا ئىشىك ئېچىلىپ خالىدە يۈگۈرگىنىچە ئۆيدىن چىىقىپ ئىشىك ئالدىدا ھۇدۇقۇپ تۇرغان يالقۇنغا سۇقۇلۇپ يىقىلدى .ئايالىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىققان ئەكرەم خالىدەنىڭ چېچىدىن سۆرىگىنىچە ئۆيگە ئەكىردى ۋە يالقۇنغا <ھەي ھاراملىق چاشقاندەك تۈگۈلۈپ تۇرماي كىرمەمسەن ؟ ئەينى چاغدا خۇتۇنۇمنىڭ ياتىغىغا كىرگەندە بۇنداق سالپيىپ تۇرمىغان بولغىيتتىڭ ؟كۈزۈڭنىڭ يوغان ئېچىپ قارا ، مىنى ئوبدان تۇنىۋال ،ئىسڭدە تۇتۇۋال مەن بۈگۈن سەنلەرگە ئۈزۈمنى بىر تۇنۇتۇپ قۇياي >- دىدى دە خالىدەگە قاراپ ، ھەي بۇزۇق شۇتاپتا يۈرۈگۈڭنى سۇغۇرىۋالىمەن ، ماڭا ئاسىلىق قىلغان ، ۋاپاسىزلىق قىلغان يۈرۈگۈڭنى سۇغۇرىۋېلىپ ئىتقا تاشلاپ بىرىمەن ،مەن نۇچىمىكەنمەن ياكى ئۇ نوچىمىكەن شۇ چاغدا كۈرىسەن ،- دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئۈستەلدىكى پىچاقنى ئېلىپ خالىدەنىڭ يۈرىكىگە توغرىلىدى ، قۇرقۇپ كەتكەن خالىدەنىڭ چوڭ كۆزلىرى تېخىمۇ يوغىناپ چانىقىدىن چىقىپ كىتەيلا دىگەن ئىدى ،بىراقلا چىراي تاتىرىپ خۇددى رۇھى چىقىپ كەتتەن جەسەتتەكلا ببوپ قالدى ،ئىش يالقۇننىڭ ئويلىغىنىدەك چىقتى ، دىمەك ئەكرەم ھەممىنى بىلگەن ئىدى ، يالقۇن بۇنداق قاراپ تۇرىۋەرسە بۇلمايدىغانلىقىنى بىلىپ دەرھال ئەكرەمگە يالۋۇرۇشقا بالشدى ،<ئەكرەم ئاكا ئۈزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئاچچىقىڭىزنى مانا مەندىن ئېلىڭ ،خالىدە ئاچامنى قۇيىۋېتىڭ ، بۇ ئىشنى بىز ئەرلەر ھەل قىلايلى !نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ سىزنىڭ ئايالىڭىز ئۇماق قىزىڭىنىڭ ئاپىسىغۇ ؟ بىر كۈنلۈك ئەر ئايالنىڭ يۈز كۈنلۈك مىھرى بۇلىدۇ شۇنى دەپ بولسىمۇ ئۇنى قۇيىۋېتىپ ئاچچىقىڭىزنى مەندىن ئېلىڭ ،سىزدىن ئۈتۈنەي !قۇرقۇپ جىددىلىشىپ كەتكەن يالقۇن ئەكرەمگە پەقەت شۇنىلا دىيەلىدى .
ئەكرام ئاكا – ھا ھا ھا ھا مىنى ئاكا دىيىشكە قانداق تىلىڭ باردى ؟ ئۇنى ئاچا دەمسەن تېخى ؟ئۇ سىنىڭ ئاچاڭما ؟ ئاچاڭمۇ ياكى ئاشناڭمۇ ؟ھۇ ھاراملىق خۇتۇنۇمغا ئېسىلغىچە تۇي قىلساڭ بولمامدۇ ؟ نىمشقا بۇنداق قىلىسەن ؟ نىمشقا ئائىلەمنى بۇزىسەن ؟ مەن ساڭا نىمە قىلغان ؟ ساڭا ياپ - ياش تۇرۇپ قىز كاممۇ ھە ؟ بۇ زادى نىمە ئۈچۈن ؟
ئەكرەم يالقۇنغا خەزەپ بىلەن ۋارقىراۋاتقان پەيىتتە ئەكرەمنىڭ قۇلىدىن قۇتۇلۇشنىڭ كۈيىدا بولىۋاتقان خالىدە قۇلىغا ئۈستەلدىكى لوڭقىنى ئېلىپ ئەكرەمنىڭ بېشىغا توغرىلاپ كۈچ بىلەن ئۇردى ،ئويلىمىغان يەردى لوڭقا خالىدەنىڭ قۇلىدىن سىرىلىپ چىقىپ ئەكرەمگە تەگمەي خىلىدىن بىرى ئاتا – ئانىسىنىڭ جىدىلىدىن قۇرقۇپ كىتىپ يىغلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي بىر بۇلۇڭغا قىسىلىپ ئولتۇرغان ئالىيەنىڭ چىكىسىگە تەگدى . قىزنىڭ بېشىدىن ئاققان قان بىردەمدىلا يۈز - كۈزىنى بۇيىۋەتتى،قۇرقۇپ كەتتەن ئەكرەم خالىدەنى قۇيىۋېتىپ قىزىنىڭ يېنىغا يۈگۈردى ،خالىدە< قىزىم >دەپ يۈرىگىنى تۇتقىنىچە ھۇشىدىن كەتتى .
خالىدە بىلەن ئالىيە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىلىندى ، خالىدە تىزلا ھۇشىغا كەلدى ،گەرچە ئالىيەنىڭ بېشى ئانچە ئېغىر زەخمىلەنمىگەن بولسمۇ لىكىن بەك قۇرقۇپ كەتكەچكە تېخچە ھۇشىغا كەلمەي ۋاتاتتى ،بىچارە قىز شۇنداق ھۇشسىز يېتىپ ھېلى ئاپىسىنى ھېلى دادىسىنى چاقىراتتى ئىسەدەپ يىغلايتتى ،قىزىنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ يۈرىكى ئېچىشقان ئەكرەمنىڭ خالىدەگە بولغان غەزەپ نەپرىتى ھەسسلەپ ئاشتى ،ئۇ خالىدەنى قىزىنىڭ ياتىغىغا
يېقىن يولاتمىدى ھەتتا سۆرىگىنىچە دوختۇرخانىدىن قوغلاپ چىقاردى ، لىكىن خالدە كەتمىدى ، ئۇ قىزىنىڭ ياتىقى ئالدىغا كىلىپ كىرىشكە جۈرئەت قىللالماي ،ئىشك ئالدىدا تۈنىدى ، قىزىنىڭ جۆيلۈپ ئاپا دەپ چاقىرىپ يىغلىغىنى ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ ئاڭلىدى ،يۈرىكى پارە – پارە بۇلۇپ قاتتىق ئازابلاندى ،قىلمىشلىرىغاقاتتىق پۇشايمان قىلىپ ،چاچلىرىنى يۇلۇپ ، ئۈزىنى كاچاتلاپ يىغلىدى ، ئىرىگە يىغلاپ يالۋۇرۇپ ، قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلشقا ماقۇل بۇلىشىنى ئۈتۈندى .بىراق ئىرىشكىنى يەنىلا تىل ھاقارەت بولدى ،
يالقۇن كارىدۇردا تۇرۇپ خالدەنىڭ يېلىنىپ يىغلاشلىرىنى ،ئەكرەمنىڭ شىردەك ھۆركىرەپ خالىدەنى قۇغلاشلىرىنى كۈرۈپ تۇردى ئۇ ھەممنى كۆردى ئەمما يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەكرەمنى
تۇسۇشقا ،خالىدەگە ئىككى ئېغىز تەسەللى بىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى ،ھەممىنى ئۈزىدىن كۆردى ،ئەگەر ئاشۇ كۈنى ھاراقنى ئازراق ئىچكەن بولسام ھە ؟ يىنىكلىك قىلىپ ھەۋەسنىڭ كەينىگىمۇ كىرمەس ئىدىم ، بۇنداق ئشلارمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى ،مانا ئەمدى 5مىنۇتلۇق ھېسياتنى دەپ ئۈزۈمنى كونتۇرۇل قىلالمىغاننىڭ بەدىلىگە ئىناق بىر ئائىلە ۋايران بۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى ،بىگۇناھ نارسىدە قىز كىسەل ئازابى تارتىۋاتىدۇ ،يالقۇن بۇلارنى ئۇيلىغانچە ئۈزىنى گۇناھكار ھىسابلاپ ئۈز –ئۈزىدىن قاتتىق نەپرەتلەندى ،ئۈيىدە ئىشخانىسدىمۇ توختىماي شۇ ئىشلارنى ئويلاپ چىقتى ، قۇلى ئىشقا بارمدى ،خىياللىرىنى بىريەرگە يىغلمدى،قۇيغان تۇتقىنىنىمۇ بىلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى ،دوختۇرخانىغا ئانىسىنى يوقلاپ بېرىپ ئانىسىدىن <قۇرسىقىڭىز ئاچتىمۇ ؟>دىگەن گەپنى يىرىم سائەت ئىچىدە 7-8قېتىم سۇردى، كىسەل كارۋىتىدا ياتقان ئانا ئوغلىدىكى بۇ غەلىتە ئۆزگۈرۈشتىن بىئارام بولدى ،كۆڭلى بىر پىشكەللىكنى سەزگەندەك بۇلۇپ يۈرىكى ئەنسىز سۇقۇپ ، نەپىسى قىيىنلىشىپ چىراي بۇغۇلۇپ كەتتى ،ئەمما يالقۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى خالىدەنىڭ ئۈيىدە يۈز بەرگەن كۈڭۈلسىزلىكتە بولغاچقا ، ئانىسىنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇپمۇ بۇ ئۆزگرۈشلەرنى كۈرەلمىدى ،ياندكى كارۋاتتىكى بىمارغا ئۇكۇل ئالماشتۇرغىلى كىرگەن سىېتىرانىڭ <دوختۇر >دەپ ئەنسىز ۋارقىرىشىدىن ئىسىگە كەلگەن يالقۇن چۈچۈپ خيالىدىن ئويغاندى ،ياتاق ئىچى بىردەمدىلا پات – پاراق بۇلۇپ دوختۇرلار يالقۇننىڭ ئانىسىنى جىددى قۇتقۇزۇش ئۈيىگە يۆتكىدى .
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .