1 - بىر كۈنلۈك جەڭ
تاڭ سەھەر
قۇياش چىقماستا
شۇنچە ئالدىراش
بىر تۇنۇش چىراي .
چۈنكى
قېنىمىز
يىلتىزىمىز
نەسلىمىز
ئەزەلدىن ئوخشاش .
ئۇ ئاتىۋەتكەن
بارلىغىنى
ئەمگىكىنى
بارچە كۈچىنى
مۇھىت ئاسراشقا .
ھەۋەس قىلمايدۇ ،
مودا كىيىمگە
مودا گىرىمگە
ھارام كىرىمگە .
كۆزلەيدۇ ھامان ،
ئاقلىقنى
پاكلىقنى
ساقلىقنى .
ئۇ شۇنداق قەيسەر ،
قەھىرتان قىشتا
تۇمۇز ئىسىقتا ،
بوران چاپقۇندا ،
بەئەينى توغراق .....
ئۇنىڭ روھى
پاكلىق ئەلچىسى
ئەمگەك تەرى
پاكلىق تامچىسى .
ئۇ شۇنداق ،
ئىگىلمەيدىغان
يېڭىلمەيدىغان .
خىزمىتىدىن
زىرىكمەيدىغان
پەخىرلىنىدىغان
باش تارتمايدىغان
ياپيىشىل قارغاي .......
تاڭ سەھەر
قۇياش
قىزارغان چاغدا
قۇياش بىلەن تەڭ
مۇھىت ئۇچۈن
باشلايدۇ ئۇ جەڭ .
قۇياش پاتقاندا
ئاي كۈلگەندە
ئۇمۇ كۈلىدۇ
مۇھىت كۈلگەندە .
ئۇ شۇنداق ئۇيغۇر
چىدام غەيرەتلىك
مىھر - شەپقەتلىك
سېخى بەركەتلىك
كۆزلەيدۇ غورۇر .
تومۇرىدا
سادىرنىڭ
لۇتپۇلنىڭ
نۇزۇگۇمنىڭ
قىپقىزىل قېنى
فونتاندەك
دەريادەك
پاكلىق
ئاقلىق
ئۇچۇن
ھامان جۇش ئۇرار ....
2 - ياغلىقىم
‹ ساتىرا ›
پارازىتقا – قۇرۇتقا ئۇزۇق بولغان ياغلىقىم ،
مۇقۇملۇققا –شاشلىققا قۇزۇق بولغان ياغلىقىم .
قوغداپ ئۆرۈپ ئادەتنى، چاچنى توسسا ھايادىن ،
كۆرەلمەسلەر ئېغىزىدا ،‹ بۇزۇق › بولغان ياغلىقىم .
يۇۋاش قوينىڭ غېمى چۆپ ،تۈلكە ھامان پايلاقتا ،
نەپسى يامان ئوۋچىغا،‹ قۇيرۇق › بولغان ياغلىقىم .
بۇدۈرە- سېرىق چاچلارنىڭ ،جامالىنى سۇندۇرۇپ،
ناز – كەرەشمە ھۆسنىگە ، ‹ قورۇق › بولغان ياغلىقىم .
تارىخ بۇيان ساقلانغان ، ئىسىل خىسلەت –ئەنئەنە ،
باش كىيىمدە نۇرانە ، ‹ نۇرلۇق › بولغان ياغلىقىم .
قەبىرىسىنى قاتۇردۇق ، تالاي ئۆرۈپ – ئادەتنىڭ ،....
غەرىپلىشىش رىتىمىگە ، ‹ بۇيرۇق › بولغان ياغلىقىم .
تەرەققىيات كەيدۈردى ،‹ پىستەككىمۇ › ئىسىل تون ،
ھايا بىرلە نۇمۇسقا ، ‹ قۇللۇق › بولغان ياغلىقىم .
ھەممە دەيدۇ ھاياتنى ، قايمىقى بار ئەتكەنچاي ،....
بۇغداي ئۇنى -زاغرىنى ، ‹ تۇزلۇق› قىلغان ياغلىقىم .
‹ رىزىۋاننىڭ › غورۇرى ، ‹نۇزۇگنىڭ › ئىززىتىن،
تارىخ بىرلە ئۈچۈرمەي ، ‹ يۇرۇق › قىلغان ياغلىقىم .
3- قىزلارغا خىتاب
نادانلارچە يۈرمىگىن قىزچاق ،
نادان ھامان غەپلەت ئۇيقۇسى .
ئەتەڭگە باق ، غورۇرۇڭ بىلەن ،
ئىشەنىچ -ۋاپا ،ۋىجدان دورىسى .
كۈلگەن كۈلكەڭ ھاياتقا باقسۇن ،
تۆككەن يېشىڭ ،مىللەتكە ئاقسۇن ،
مەيلى بولغىن شاھ ياكى گاداي ،
تۇتقان يولۇڭ ، پۇقراغا ياقسۇن .
مەيلى بولساڭ پۇراقسىز بىر گۈل ،
بولما ھەرگىز ،زەھەرلىك تىكەن .
ھايا بىرلە ، گۈزەلىكىڭگە ،
ئەيشى –ئىشرەت سالمىسۇن يۈگەن .
قولۇڭنى بەر ، قول تەڭلىگەنگە ،
ئۈمۈت نۇرى ، سەندە كۆكلىسۇن !
قەلبىڭ بولسۇن ،ئايدەك ،قۇياشتەك ،
مىللەت ئوتۇڭ ،يانسۇن ،ئۆچمىسۇن !
نامەرتلەردىن يىراق بول قىزچاق ،
ئۇنىڭدا يوق ،ياخشىلىق تىلەك ،
بولساڭ مەيلى ، دىھقانغا ئېتىز .
بولما ھەرگىز خەمىكى يوق پىلەك .
ئۆركەشلىسۇن قەلبىڭدا ئارمان ،
شاۋقۇنى بار ، دەريا دېڭىزدەك ،
قايناپ تۇرسۇن تۇمۇرۇڭدا قان ،
،شەيتانغا ئۆچ ،پەرى – خىزردەك .
گۈزەللىككە ئىنتىلمە قىزچاق ،
دىلىڭ بولسۇن پاكىز چىرايلىق ،
ئىمان بىرلە، بولساڭ جەزبىدار ،
بۇلار جىسمىڭ ، ئايدەك جۇلالىق .
پەخىرلەنسۇن سەندىن ئەل ۋەتەن ،
رىزىۋاندەك قەيسەر قىزىم دەپ
نائۈمۈتتە قويمىغىن زىنھار ،
ئەنسىرمىسۇن سەندىن ۋايىم يەپ .
ئاڭلا قىزچاق مەندىن خىتاپتۇر ،
قىزلار دىگەن كىلەچەك ئانىسى ،
بولغىن دائىم ، ئىللەتكە قامچا
‹تۇزلانمىسۇن › مىللەت يارىسى !
ئاڭلا قىزچاق ،تارىخىڭغا باق ،
تارىخ ئىزىڭ ، قاندا يېزىلغان ،
نۇزۇگۇمدەك غورۇرلۇق ياشا ،
ئىسسىق قېنى ساڭا قېتىلغان .
ئاڭلا قىزچاق ، باغدۇر ھاياتلىق ،
گۈل بولمىساڭ ، بولغىن بۇلبۇلى .
دوئىلى بار ، ھايات يولۇڭنىڭ ،
بولغىن ھارماس ،چاپقۇر –دۇلدۇلى .
4- ‹ ئاينىڭ › نالىسى
باغرىمدا يىغلايدۇ ئاينىڭ شولىسى ،
ھىجراننى گۈللەرنىڭ بەرگىدىن ئىزدەپ ،
بىر يۇلتۇز شۇڭغىدى ، ئاينىڭ يېنىدىن ،
ناپاكلىق يولىدىن ، پاكلىقنى ئىزدەپ .
يۇلتۇزغا ئاھ ئۇرۇپ ، ئاسمان يىغلىدى ،
گۈل گىياھ ، قارغاينىڭ، قەددى ئىگىلدى.
ناپاكلار باغرىدا ، ئىشرەتلەر قۇتراپ،
يۈگەنسىز قىزىلگۈل، بەرگى ئىزىلدى.
باغرىمدا يىغلىدى، ئاينىڭ شولىسى،
مۇدھىشلىق قاپلىغاچ ،ئىشرەت ھويلىسى.
قۇياشمۇ دەرت تۆكەر ،زىمىنغا قاراپ ،
قىزىرىپ كەتكەچكە ، ئاينىڭ ئوسمىسى ...
5 - دادىنىڭ ئىلتىجاسى
< دادا تىلىدىن >
بىر بالام باردۇر مېنىڭ ، پۇت- قولى ئىشلىمەس ،
تەييارنىلا ئىزدەيدۇ ، ئەجىرىدىن گۆش چىشلىمەس .
چوڭ- كىچىككە سالام يوق ، ھاكاۋۇرلۇق خۇيىدۇر ،
ئەدەپ ئەخلاق ھايا كەم ،لەيلەپ يۈرەر كۈندە مەس.
يېشى ئاشتى ئوتتۇزدىن ، ئىللىقىنە ئۆيى يوق ،
كەلگۈسىگە ،ئەتىگە ، نىشانى ھەم ئويى يوق .
مىڭچە ئەپسۇس قېنىمدىن ، قانداق پەرزەنىت يارالدى ،
بويى تۇرۇپ توغراقتەك ، ئەپسۇس بىر تال دېنى يوق .
ئۇنىڭ ئىللىق ماكانى ،قىمارخانا ،بورۇتخانا ،
گۈزەل تۇرمۇش رىتىمى ، بەدبۇي پۇراق مەيخانا ،
ئۇندىن يىراق تىرىشىش ، ئۇندىن يىراق ئىزدىنىش ،
ئەركەك تۇرۇپ ئىللەتكە ، بولۇپ كەتتى قۇل چاكا .
يارىشامدۇ ھەي بالام ، ئىللەت بىلەن دۈم ياتساڭ ؟
يارىشامدۇ ھەي بالام ، ئىللەتلەرگە كۈي قاتساڭ ؟
يارىشامدۇ ھەي بالام ، شۇنچە قىران ئەر تۇرۇپ ،
ئۆز بەختىڭگە ،ئۆمرۈڭگە ، ئۆز قولۇڭدا تىخ سالساڭ ؟
ئەركەك بولساڭ تىك تۇرغىن ، يىقىلغانغا ئۆكۈنمەي ،
كەيىپ -ساپا، ئىشرەتنىڭ ،تومانلىرىغا تەڭ چۆكمەي ،
ھايات دىگەن گۈلباغدۇر ، ئىنسان ئۇنىڭ باغۋەنى ،
كېتىپ قالما دۇنيادىن ، مىللەت ئۈچۈن تەر تۆكمەي .
6- تارىخى شەخىسلەر ھەم بىزلەر
لىڭشىپ تۇرغان كۇچەتنىڭ، شېخىدا تۇرماس مىۋىسى ،
ھەقىقەت ھەم ۋىجداننىڭ، مەڭگۈ سۇنماس ھەيۋىسى .
قۇملار كۆچۈپ ، تاغ كۆچۈپ، ئۆتسىمۇ گەر ئەسىرلەر ،
‹بالدۇر ئۆچكەن ئىزلارنى›، تاپار بىر كۈن نەۋرىسى .
‹ئۆتكۈر› كەتتى ئارىدىن ،لىكىن نامى ئۆچمىدى ،
ئۇيغۇر چەكتى رىيازەت ،دىيارىدىن كەچمىدى .
ئەجىر قىلساق گۈل تېرىپ ، يىلتىزى بالدۇر چانىلىپ،
‹سۇلياۋ گۈلدەك ئاتالمىش›، خۇشبۇي ھىدىنى چاچمىدى .
تەكلىماكان جەۋھىرى ، جان تەسەددۇق قىزلىدى ،
ئەجنەبىيلەر ئۆيىگە ، جەۋھەر بولۇپ تىزىلدى .
ئاتىلار غېرىپ ،ئانا بىچچارە ،بالىلار يىتىم ،
زىمىن يىغلاپ ، نالە قىلىپ ، يۈرەك ئىزىلدى .
سىيىت نوچىنى تىللىدۇق ، تارىخ بىزدىن يىراقتا ،
ئۆلۈم خېتى ھەممنى ، قويسىمۇ گەر پىراقتا .
ھەقنى كۆزلەپ ئەل ئۈچۈن ،بارلىغىنى ئاتىغانلار ،
قارغاي كەبى تىك تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى سۇلاقتا .
ئابدۇخالىق ياش ئىدى ، غۇنچە كەبى توزىدى ،
تالاي ئارزۇ –ئارمىنى ، يۇلتۇز بىلەن شۇڭغىدى .
بۇۋام قازغان قۇدۇقنى ،بالام تېخى ئىچمەستىن ،
مەينەت قوللار ياراتماي ، ئەجەپ ئاسان بۇلغىدى .
غېنى باتۇر جەڭ قىلغان ،قانلار كىچىپ تاغلاردا ،
بەزەن مەنسەپ تون كەيدى ،سەيلە قىلىپ باغلاردا .
نىسىۋىسى قالماقتا ، يىتىم –يىسىر ئاجىزنىڭ ،
ۋىجدانىنى يۇقاتقان ،تۆرگە ئامراق بايلاردا ...
قۇمۇشلۇقتا جەڭ قىلغان ، ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم ،
ئاتالغانتى ئەللەردە ‹ئۇيغۇر قىزىم › كۆز نۇرۇم .
پاك ئىپپەتنىڭ يولىدا ،قۇل بولماستىن جان بېرىپ ،
خىتاپ قىلغان ئەۋلاتقا ، ئەلا مېنىڭ غورۇرۇم .
يېزىپ كەتكەن لۇتپۇللا ،بىزگە ئىسىل شئېىرنى ،
كۈيلەر ئىدى مىسراسى ، سەھرا – يېزا ،قىرىنى .
شۇنچە ئۇلۇغ ئەدىپنىڭ ، قەبىرىسىنى بىلمەستىن ،
ئىناقلىققا قۇم چېچىپ ، يوق قىلامدۇق ئىزىنى .
قۇرلۇرۇمدا بەزىدە ، ئەنجەنباينى ئەسلەيمەن ،
‹تەۋپىق › چىلىك بۇلالماي ئۇخلاپ يېتىپ ئەسنەيمەن .
دوئىلى بار ھاياتتا ، ئىلىم- پەندىن يىراقلاپ ،
ھەرە كەبى ياشالماي ، ‹ئادەم بولماق تەس دەيمەن › .
باقى ئەمەس بىر ئۆمۈر ، تارىختىكى كىشىلەر ،
چىرىتمىسۇن دىللارنى ، ئىشرەت ھاراق نىشىلەر .
ئەتىمىزگە ئۇل سېلىپ ، غورۇر بىلەن ياشىساق ،
ھايا بىلەن گۈل كۆرەر ،بىزنىڭ ئەنداز نەۋرىلەر .
7- بۈگۈنكى غەم ئەتە ئۆتمۈش
سارغايغان يۇپۇرماق ،
يالىڭاچ دەرەخ ،
ھۇۋلايدۇ .
كۈزنىڭ شەپىسى ،
سۇۋىغان سەھەر .
بۇشىغان ئېتىزلار ،
قىراۋلىق تاغلار ،
ئۆتمۈشتۈر .
يازنىڭ ئەتىسى.
مىۋىسىز باغلار ،
قىينايدۇ .
دىھقاننى غەملەر ،
قىراۋغا ئايلىنار ،
يازدىكى تەملەر .
خىيالغا ئەگىشەر .
ياپيېشىل دۇنيا ،
ئاق لىباس ئىچىدە،
توڭلايدۇ گىياھ .
ئەنسىزدۇر .
ماكانسىز ئىنسان ،
ئۇيقۇسىز كۆزى ،
ئىستەر گۈلۈستان .
غايىۋى دۇنيا ،
غايىۋى شەھەر .
كۆز يەتمەس بىنا ،
غەمسىز نەقەدەر....
8 - مىللىتىم ‹ تاڭنۇر ›
غەزەل
شانۇ شەۋكەت ، بەركەتلىك ، تارىخ سۈيەر مىللىتىم ،
ئەقىل ئىدراك ، ھىكمەتلىك ،مىللەت سۈيەر مىللىتىم .
قىسمەتلىرى يېزىلدى ، ئاچچىق كۆز ياش قان بىلەن ،
زىمىستاندىن ، جۇدۇندىن ، باھار كۈتەر مىللىتىم .
ھاجەتمەنگە ، يىتىمگە ، بولۇپ پاناھ ، كۈن نۇرى ،
ئۆز باغرىدىن ھارارەت ، مىھىر تۆكەر مىللىتىم .
چۈمۈلىدەك روھ بىلەن ،باش ئەگمەستىن مۈشكۈلگە ،
ھەرە كەبى ئەجرىدىن ، ھەسەل تۆكەر مىللىتىم .
ئەدەپ – ئەخلاق مۇجەسسەم ، شەرمى ھايا تاجىسى ،
ئىلىم – پەنگە ، ئىسلامغا ، چوڭقۇر چۆكەر مىللىتىم .
بەزەن تېخى چاتايدۇ ، غولى يوغان قارغاي دەپ ،
سايىۋەن بوپ ئەل ئۈچۈن ، كۆكلەپ ئۈنەر مىللىتىم .
سېخىلىقى ، مەرتلىكى، تارىخ بۇيان نۇر ماياك ،
ناپاكلىقتىن ، پاكلىقنى ، ئىلغاپ ئۆتەر مىللىتىم .
بەزەن بىرلەر ماختىسا ، شەرەپ قۇچسا ئىزدىنىپ ،
ماختانماستىن ئۇيۇلۇپ ، ‹ئايدەك › مۈكەر مىللىتىم .
ھەر مىللەتتە بولىدۇ ، ياخشى بىلەن يامانلار ...
نۇمۇس بىلەن ئىللەتنى ، شۇئان سۈكەر مىللىتىم .
تىرىشچانلار ، ئىشچانلار ، گۈل كۆرىدۇ بېغىدىن ،
ئىناقلىققا ، ئۆملۈككە ، نەۋكەر بولغىن مىللىتىم .
9 - جان بالام
‹ غەزەل ›
تۇغۇلغانغا ،ئۆلمەك بار ، ھاياتلىقتا جان بالام ،
ئەل ئىچىدە ھۆرمەت بار ، ساۋاپلىققا جان بالام .
ھايات يولۇڭ ئىگىز پەس ، كۈلكىسى بار يىغىسى ،
مەيلى كەچسەڭ جېنىڭدىن ، ساتما غورۇر جان بالام .
تىرىشچانغا ئەل –ئاۋام ، گۈل تۈتىدۇ ھۆرمەتتە ،
ئۆزگىلەرنىڭ ئەجرىدىن ، كۈتمە ھوزۇر جان بالام .
قۇرۇق سۆلەت ئىنسانغا ، ياراشمايدۇ ئەزەلدىن ،
بىلىمى يوق تىك موردا ، بولما پۇزۇر جان بالام .
ئۇنۇتمىغىن تارىخنى ، بىزدە ئالىم ئاز ئەمەس ،
تۇتالمىساڭ گۈلدەستە ، تاپما قۇسۇر جان بالام .
ھۇشيار بولغىن كەمتەر ،مەردانە بوپ مەرىت ياشا ،
ياۋلار ئۈچۈن تىزلىنىپ ، بولما كوزۇر جان بالام .
ساۋاتسىزلار مىللەتكە ، يۈك بولىدۇ ئاقىۋەت ،
ئىلىم - ئېرپان بېغىدا ، سۈرگىن ھوزۇر جان بالام .
10 -باشلىقىم
‹ ساتىرىك غەزەل › تاڭنۇر
مەنسەپ ئابروي تاج ئۈچۈن ، ئىنتىلىدۇ باشلىقىم ،
چۈشىدىمۇ بىسات دەپ ، سىلكىنىدۇ باشلىقىم .
ئوي خىيالى بىيىشتا ، يانچۇقىنى تولدۇرۇپ ،
مەنپەئەت ئۈچۈن قۇل بولۇپ ، تىزلىنىدۇ باشلىقىم .
ھەقىقەتكە گاچىدۇر ، تىلى ئويناق قۇۋلۇقتا ،
بوزەك قىلىپ پۇقرانى ، تىكلىنىدۇ باشلىقىم .
مەرتىۋىسى يۇقىرلار ، بۇيرۇق قىلسا شۈمشىيىپ ،
‹سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك › شۈكلىنىدۇ باشلىقىم .
تۇرسا ياندا ئايالى ، ئائىلىسى ، بالىسى ،
نەپسى ئۈچۈن شەھۋەتكە ، ئىنتىلىدۇ باشلىقىم .
شەرەپ قۇچسا بىراۋلار ، باشلىقىمنىڭ ئالدىدا ،
ئوتتا كۆيگەن قىل كەبى ، ئۈكلىنىدۇ باشلىقىم .
ئۆزى ئەجىر قىلماستىن ، مەنسىپىنى پەش قىلىپ ،
تەييار تائام ،لوق بىلەن ، ئەتلىنىدۇ باشلىقىم .
سوۋغا – سالام كۆپ بولسا ، قىلىپ تازىم ئىگىلىپ ،
سۆڭىكى يوق بەدەندەك ، قاتلىنىدۇ باشلىقىم .
ھەق سۆزلىگەن ئاۋامنىڭ ، يالغان قىلىپ گىپىنى ،
پىلاستىردەك ئېغزىغا ، چاپلىنىدۇ باشلىقىم .
ئەسكەرتىش - ئاز بىر قىسىم ئەمەلدارلارغا قارتىلىپ يېزىلدى .
11- شەكىلسىز ھايات
يىلاندەك تولغانغان چەكسىز قۇملۇق ،
كەچمىشنى قۇچاغلاپ ياتىدۇ غەمكىن .
قۇرىغان دەريادا .تاشلار ھازىدار .....
ۋىجداندىن مىھىرلەر، تاپالماس تەسكىن .
ئىمىزگە شورىغان ، يىتىم بالىنىڭ –
خىيالى ئانىدا ، ئىسسىق ئەمچەكتە .
غەمكىنلىك قاپلىغان سوغوق ھوجىرىغا ،
ھىسداشلىق كىرەلمەس ،ئېسىلىپ رۇجەكتە .
سىنچىلاپ قارىسام گۈللەر بەرگىدىن ،
كۆرۈنەر كۆزۈمگە ، دېڭىزنىڭ تېگى
قەبىلە قاپلىغان چىمەنزالاردىن ....
بىر تەشتەك گۈلچىلىك تارىماس ھىدى .
ئەنسىزلىك قاپلىغاچ ، دەرەخ شېخىنى ،
كىشەنگە مۇپتىلا ، بولدى يۇپۇرماق .
گۇناھى كۆپ بولغاچ ، قانخور شامالنىڭ ...
ئۆزىنى پەردازلاپ ، بولدى يۇشۇرماق .
سەپەرداش بولىۋالدى ئوت بىلەن سۇمۇ ،
غەبلەتكە ئۇل سېلىپ تۈلكە بىلەن قوي .
ئالدىمدىن مۇسىبەت ، ئۆلۈم ئۇزىسا ،
كەينىمدىن قىزىيدۇ ، ناغرا بىلەن توي .
ئەسكەرتىش - بۇ تېمىلارنىمىڭ مىسرانىم مۇنبىرىگە يولىغان ئىجادىيەتلىرىم بولۇپ توپلام قىلىپ ساقلاپ قۇيۇش مەقسىتدە ئازراق تەھىرلەش ئېلىپ بېرىپ قايتا يولىدىم ، تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !
مەنبە-- خەيرۇللا قۇربان < تاڭنۇر > بۆرتالا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-8 10:16 AM