ھاياتىم شېئىر دىگەننىنىڭ ،
قوللىرىدا قەلەم بۇلايمۇ .
مىسرالاردا ئويغىتىپ قويسا ،
ئەجىرىچۈن پاقلان سۇيايمۇ..
ھەر كۇبلىتتا ھەر خىل كارتىنا،
بىر شېئىردا بۇلار توت پەسىل .
مىھىر-شەپقەت ھەمرا بولغان ،
ئەسلى ئىدى نەسلىمىز ئىسىل.
شېئىر يازماق ئاسان مېنىڭچە،
توت مىسرانى تىزىپلا قويسا .
ھايۋانلاردىن پەرقىمىز بىرلا ،
مەيلى ئەمەس قوساقلا تويسا..
تەشەككۇرلەر دىمەك زۇرۇركەن،
تېما ئىگىسى: سابا "تاڭنۇرى".
گاھىللىردا ئويلىنىپ قالساق ،
سوئال قويدى؟ ئىمان غورۇرى .
شېئىر پۇتكەن ئالماس قەلەمگە ،
داتلار ھەرگىز يېقىن كەلمىسۇن .
ئىشىككىمۇ يۇكتۇر ئارتۇق گەپ،
ئىنكاسىمغا "دوسلار "كۈلمىسۇن.
...
ئەلشىر بەگ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alxir.bag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-8 04:05 AM