مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 396394|ئىنكاس: 243

جالالىددىن بەھرام بىلەن مـىسرانىمدا سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 16427
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7710 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 11:58:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىلىم خۇمار خەلقىم . مۇنبەردىكى مىسرانىمنى ،ئۇيغۇر تورچىلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاۋاتقان بارلىق ئەزالار،ياخشىمۇ سىلەر؟
ئاۋال ھەممىڭلارنىڭ ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ،تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

تورداشلارنىڭ مەنىۋيتىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە 3- ئايدا سىرداشلار كۆزنىكى پىروگراممىسىنى يولغا قويغان ئىدۇق.
مانا سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار نەتىجىسىدە بىزمۇ فىلىم سۈپىتىنى بىر قەدەر يۇقىرى كۆتۈردۇق،شۇنداقلا ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئۆتۈپ كەتتۇق.

بۇ قېتىم پەخىرلىك ئۇستازىمىز جالالىددىن بەھرام ئاكىمىز بىلەن مىسرانىمدىكىلەرنى ئەسرالاشتۇردۇق!

سۆھبەت بىز ئىشلىگەن ھەممە فىلىمدىن ئۇزۇن چىققان بولۇپ ،ئىككى سائەتتىن ئارتۇقراق. ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بىر قېتىم تەپسىلىي كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.

سۆھبەتتە:
ئۇيغۇر ئەدەبىيات يۆلىنىشى،،جالالىددىن بەھرام ئەپەندىمنىڭ ،ئامەت ۋە ئاپەت، كۆمۈرچى بالا، ناتىۋانلار، سەلىمە قاتارلىق رومانلىرىدىكى ئىككى ياقلىمىلىق پىرسۇناژ توغىرسىدا سۆزلەنگەندىن سىرىت،يازغۇچىنىڭ ئەڭ نادىر رومانىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلايسىز.
شۇنداقلا لېيىغان بۇلاق رومانىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بىلۋالالايسىز.

شۇنداقلا يېڭىدىن چىقماقچى بولغان سەلىمە رومانىنى ئوقۇغاندەك ھېسياتقا كېلىسىز،

ۋاقىت بىر قەدەر ئۇزۇن، بىراق تەربىيۋى ئەھمىيتى زور بولغان ئۇشبۇ سۆھبەتنى ھەرقايسى چچ ،ھەم مەكتەپ تورلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىپ قويساڭلار.بىز پەقەت سىلەر ئۈچۈن داستۇرخان ھازىرلىغۇچىلاردىنمىز.نازۇ نىممەتنى باشقىلارغىمۇ تېتىتقۇچى يەنە شۇ مۇشۇ مۇنبەر ئەزالىرى.

دېققىتىڭلار جالالىدىن بەھرام بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە بولسۇن!


بىرىنجى كۆرۈش نۇقتىسىدىن كۆرۈش


ئىككىنجى كۆرۈش نۇقتىسىدىن كۆرۈش


چىقمىسا بىۋاستە بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ

http://my.tv.sohu.com/u/vw/6223343



  
ئەسلى سۆھبەت كىرىشتۈرۈش خىزمىتى 19 -چىسلا ئاخىرلاشقان،فىلىم زىيادە كۆپ بولغانلىقتىن ،تورغا يوللاشقا بىر قانچە كۈن ۋاقىت كەتتى ،توغرا چۈشەنگەيسىلەر...

زىيارەت جەريانىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر


جالالىددىن بەھرام مىسرانىم سۆھبەتخانىسىدا














جالالىددىن بەھرام ئوپىراتور ئابدۇرۇسۇل ئەرشىدىن بىلەن بىرگە




جالالىددىن بەھرام رىياسەتچىمىز ماھىنۇر روزى بىلەن بىرگە



ئارقا سەپ خىزمەتلىرىدىن كۆرۈنۈش



ئارقا سەپ خىزمەتلىرىدىن كۆرۈنۈش





ئارقا سەپ خىزمەتلىرىدىن كۆرۈنۈش



جالالىددىن بەھرام مىسرانىم خاتىرىسىگە ئىمزا قويماقتا.



تورغا چىقىۋاتقان خەلقىمىزگە ئۇشبۇ يازغۇچىمىزنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇڭ.باشقا دوستلارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ!


مىسرانىم ئۇنۋېرسال تور بېكىتى

2011 - يىلى 05 - ئاينىڭ 21 - كۈنى

مىسرانىم پىروگرامما باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى




ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bambukjan + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
fatima + 500 بۇ سەيىپە تۇلىمۇ ياقتى
yaprah0999 + 100 ياخشى تېما...
YuqunAdam + 200 تولىمۇ ياقتى جۇمۇ ماڭا. رەھمەت!
قىزغىن + 300 ئەجىر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1100  مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580141
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام...
[align=justify]
مىسرانىم توربېكىتى<<سىرداشلار كۆزنىكى>> پىروگراممىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ،مانا 3-سانمۇ بىز بىلەن يۈز كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ،<<سىرداشلار كۆزنىكى>>مۇ ئەمدى مۇكەممەللىشىكە قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ.

بۇ ساندا جالالىددىن بەھرام ئاكىمىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن ئىلگىرى تور بېكەتلىرىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن،تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىدىكى بەزى زىيارەت-سۆھبەتلەردىن ياخشى ھەم يۇقىرى سەۋىيىدە چىقىپتۇ.مەيلى رىياسەتچى ماھىنۇرنىڭ سالماقلىقى-تەبىئىيلىكى،سورالغان سوئاللارنىڭ جايىدىلىقى ۋە ياكى جالالىددىن بەھرام ئاكىنىڭ تەپسىلى بايانلىرى،ئىسىل سۆزلىرى بولسۇن سۆھبەتنى يۇقىرى سەۋىيەگە ئەپچىقىپتۇ،ئاپىرىن [s:166]



بۇ زىيارەت خاتىرىسىنى چۈشۈرۈپ كومپىيوتېرىمدا ساقلىۋېلىپ ئەتراپىمدىكىلەرگە قۇيۇپ بىرىمەن...

[align=justify]ئاخىرىدا مۇشۇ سورۇن ئارقىلىق مۇشۇ پۇرسەتتە جالالىددىن بەھرام ئاكىغا قىزغىن ۋە چوڭقۇر سالام يوللايمەن،جالالىددىن بەھرام ئاكىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش بىلەن بىرگە تىنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا ئۇتۇق،تۇرمۇشىغا خوشاللىق،ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن،قەلىمىگە كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيمەن...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 994
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 46213
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6647 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:13:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]  يازغۇچى- ئۆزى ياشاۋاتقان شۇ دەۋرنىڭ روشەن كۆزنىكى. ئۇ سەگەك تەپەككۇرى بىلەن ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەرنى پارلاق مەنزىلگە باشلاپ بارالايدۇ! يازغۇچى-مىللىي ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرغۇچى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەۋەرۈك  ئەنئەنە ۋە بۈيۈك مەدەنىيىتىنى  سانسىزلىغان دىللاردىن  چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، كىشىلەرگە ھەقىقىي ئادىمىيلىقنى تونۇتقۇچى! بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا،ئىنسان ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ ھالال مېھنىتى بەدىلىگە كىشىلىك ھايات ۋە ئۇنىڭ تۈرلۈك تۈمەن قىسمەتلىرى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئەھمىيەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشىپ، ئۇنى ئىلمىي يۈكۈنلەپ، ھەممىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن دىققىتىمىزگە سۇنىۋاتقان پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىز بىلەن ئەتراپلىق تونۇشۇش، ئۇلار بىلەن سىردىشىش، ئۇلارنىڭ ۋاستىلىق بولسىمۇ سۆھبىتىدە بولۇپ، ئۇلار كۆرسەتكەن يولدا مېڭىپ، چەكلىك ئۆمرىمىزنى ئادىمىيلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، ئىنسانغا خاس پەزىلەر ۋە ۋىجدان-غۇرۇ بىلەن مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە ئاتلىنىشتىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولمايدۇ، بۇ جاھاندا!

[align=justify]    بۇ- ئەل سۆيگەن مول ھوسۇللۇق يازغۇچىمىز ۋە ئىقتىدارلىق رەسسامىمىز جالالىدىن بەھرام ئاكا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇن دائىرىسىنىڭ تولىمۇ كەڭ، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى خېلىلا زور، يازغۇچىمىزنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە خېلىلا ئەتراپلىق چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەت بوپتۇ!

[align=justify]   مەن مۇشۇنداق سۆھبەت ئارقىلىق ئۆزى ھەققىدە سېستىمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى ھەر ۋاقىت ئارزۇ قىلىدىغان سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرگە چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن جالالىدىن بەھرام ئاكىغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مىسرانىم  مۇنبىرىدىكى مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى روياپقا چىقىرىرىش يولىدا خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقان جاپالىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ بۇ جەھەتتە دادىل ئىزدىنىپ، "سىرداشلار كۆزنىكى" ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ سىرداشلار بىلەن داۋاملىق سىردىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش يولىدا يەنىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىگە تىلەكداشمەن!  

[align=justify]    جالالىدىن ئاكىنىڭ تېنى سالامەت، ئائىلىسى خاتىرجەم، كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىسىدىكى قەدەملىرى  خەيرلىك بولغاي!


قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2586
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21782
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 10021 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:17:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ئالدى بىلەن مىسرانىم ئەپەندىنىڭ ئەل سۆيگەن، ئاتاغلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئاكىمىزنىڭ ھاياتى ۋە يېزىقچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىمەن .
       فىلىمنى تەپسىلى كۆرۈپ ، ئۆزۈم ھۆرمەت تۆرۈمدىن ئورۇن بەرگەن، دىدارلىشىپ يېزىقچىلىق ھەققىدە تەلىم ئېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن جالالىدىن بەھرام ئاكىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ يۈزلىنىشى ، ئەدەبىياتچىلىقىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەر ۋە ئۆزى يازغان ئەسەرلەردىكى پۇرسۇناژلارنىڭ يارىتىلىش جەريانى ۋە تورداشلارغا قىلغان يۈرەك سۆزلىرىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم .
       بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز بىر خىل قاتماللىق ئىچىدە مېڭىۋاتىدۇ، شۇنداقلا دورامچىلىق ئەۋجى ئېلىپ كەتتى.كۆپلىگەن ئەسەرلەردە يازغۇچىلار ئۆزلىرى ياراتقان پۇرسۇناژلارنى مەلۇم كاتۇگىرىيە ئىچىدىلا چەكلەپ قويدى . بىرەر سەلبى پۇرسۇناژنى تەسۋىرلىسە باشتىن ئاياق ئۇنى ناچارغا چىقىرىۋەتتى . بۇنى ھەتتا شۇ پۇرسۇناژنىڭ چىراي شەكلىگىمۇ باغلاپ ، ئۇلارنىڭ چىرايىنىمۇ ئاجايىپ بەت - بەشىرە سىياقتا مەيدانغا چىقاردى . ئىجابىي پۇرسۇناژنى قەغەزدىن ئاق قىلىپ تەسۋىرلىدى . قىسقىسى ئۇلار ئىنساننىڭ ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە ئىكەنلىگى __ ئارتۇقچىلىق بىلەن نوقسانلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئىلىپمۇ قويمىدى. ئۇلار ياراتقان پۇرسۇناژلارئوقۇرمەنلەرگە ياسالمىدەك بىلىنىپ ، ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنى ئۆز تۇرمۇشى ئەتراپىدىن ئىزدەپ تاپالمىدى ، ئوقۇرمەنلەر ئاشۇ ئەسەرلەردىن زوقلىنالمىدى. نەتىجىدە ئاجايىپ ئىسىل تاشلار بىلەن مۇقاۋىلانغان، ئەمما ئوقۇرمەنلەرگە قىلچىلىك چىنلىق تۇيغۇسى بېرەلمىگەن نۇرغۇن كىتابلار كىتاپخانىلاردا چاڭ بېسىپ ياتماقتا. 
      جالادىن بەھرام ئاكا ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىنساننىڭ ئىككى ياقلىمىلىقىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ، ياراتقان پۇرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىنى ناھايىتى ياخشى ئېچىپ بېرىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئۆز ئەسىرى ئىچىگە سۆرەپ كىرىپ، خۇددى ئاشۇ دەۋىردە ، ئاشۇ پۇرسۇناژلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك، ئۇلار كۈلسە كۈلۈپ ، يىغلىسا يىغلايدىغان ، تۇرمۇش چىنلىقىغا ، دەۋىر ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلدى، ئۇنىڭ نەشىر قىلدۇرغان كىتابلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشپ، تالىشىپ سېتىۋالىدىغان كىتاب بولۇپ قالدى .
     بۇرۇن چوڭلاردىن << مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى>> توغرۇلۇق نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى تارىخ توغرۇلۇق مۇكەممەل ئەسەر ئۇچرىتالمىغان، قايسى بىر خەنزۇ يازغۇچىنىڭ << قېرىنداشلار>> دىگەن رومانى (خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلىنغان) نى ئوقۇپ شۇ دەۋىردىكى ھەقىقىي ئىشلار توغرىسىدا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئىدىم.  جالالىدىن بەھرام ئاكىمىز << لېيىغان بۇلاق>> رومانىنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرىشى بىلەن ھەر ساھە ئامما ئىچىدە زور ئالقىشقا ئېرىشتى.   <<لېيىغان بۇلاق>> بولسا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى رايۇنىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان<< مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى>>نىڭ تارىخى ئارقا كۈرۈنۈشىنى ئەڭ مۇكەممەل ئىپادىلەپ بەرگەن رومان . ھىكمەت ، مۇرات ، كامىل ، گۈلزىبا ، زۇمرەت ..... لەر ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر بىزنى ئاشۇ دەۋىرگە نىسبەتەن خېلى چوڭقۇر بولغان كۆز قاراشقا ئىگە قىلىدۇ.
 << ئامەت ۋە ئاپەت >> روماندىكى قەدىردان ، زۇلئاي ، مېھرىبان ، ھۆسنارخان ، ئەسئەت ، غەيرەت جاڭدو..... قاتارلىق پۇرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىدىكى چىنلىق بىزنى ئىختىيارسىز ئاشۇ ئەسەر ئىچىگە ئەكىرىپ ئاشۇ پۇرسۇناژلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك ھېس تۇيغۇغا كەلتۇرسە ، ئاشۇ پۇرسۇناژلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى گاھى بىزنى غەزەپتىن يېرىلغۇدەك قىلىۋەتسە، گاھى بىزنى ئاشۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىگە چوڭقۇر ئېچىنىش بىلەن كۆز ياشلىرىمىزنى توختىتالماسلىققا دۇچار قىلىدۇ . 
 قىسقىسى جالالىدىن بەھرام ئاكا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىمىزدا رىئال تۇرمۇشنى ، پۇرسۇناژلار خارەكتىرىنىڭ ھېسسىيات قاتلىمىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشىنى ئەڭ ئاددى تىللار بىلەن ئىپادىلەپ ، ئەسەرلىرىدە ھەقىقىي چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ساناقلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى .
ئاخىرىدا جالالىدىن بەھرام ئاكىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى يېقىندىن قوللاپ، مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئايالى خالىدە ھەدىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ، بارلىق ئىشلىرىنىڭ خەيىرلىك بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن .
       جالالىدىن بەھرام ئاكا ، خەلقىمىز سىزدەك ھەقىقىي تۇرمۇشنى ، چىنلىقنى يازىدىغان يازغۇچىغا مۇھتاج، خەلقىمىز سىزنى مەڭگۈ ھۆرمەتلەيدۇ، قوللايدۇ . ئىجادىيەت تۇلپارىڭىزنى تېخىمۇ كۆكلەردە پەرۋاز قىلدۇرۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىدۇ.    
   

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:18:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپسىلەر، ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىزنىڭ دىدارىنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن.
ھەر قېتىمدا ئالماشتۇرۇپ دېگەندەك، يازغۇچى، پەن تەتقىقاتچى،سەنئەتكار دېگەندەك ئالماشتۇرۇپ ئالماشتۇرۇپ زىيارەت قىلساڭلار....سەنئەتكار بىلەنلا توشۇپ كەتسىمۇ ياخشى بولماس
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت [s:166]
ئىشلىرىڭلارغا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:21:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمنىڭ بۇ قەدىمىدىن سۆيۈندۈم. بولسا  مىسرانىمنىڭ مۇشۇ كۆزنىكىنى ئالىم -ئەدىپلىرىمىزگە بېرىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

ozung  bilgan  yolni atang

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19333
يازما سانى: 1235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:21:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بىز ئەدەبىياتنى  زادى قايسى دەرىجىدە چۈشۈنىمىز ؟ ھەر يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىردەك : < ئەدەبىيات ئىمتىھانىدىن قورقمايمەن ..... > دىيىشىپ ، پەنلەر ئىچىدە ئەدەبىيات دەرسىنى نۇمۇر ئاۋۇتقىلى بولىدىغان، ئانچە كۈچ تەلەپ قىلىنمايدىغان پەن دەپ قارايدۇ، ئەدەبىيات شۇنچە ئاسانمۇ ؟
    ياق، ئەدەبىيات ئەڭ قىيىن پەن، چۈنكى ئۇ  ئادەمشۇناسلىق ئىلمى، ئادەم بولسا تەپەككۇر قىلالايدىغان ئىژتىمائى ھايۋان، ئۇ ، پىروگراممىسى ئالدىن بىكىتىپ قويۇلغان مىخانىكىلىق ئادەم بولماستىن بەلكى تەرتىپسىز ھەرىكەت قىلىدىغان  ئادەم، ئىژتىمائىيەتنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ بۇ خىلقانۇنيەتسىز ھەرىكەتچان  ئادەمنىڭ تەپەككۇرىدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولۇپ تۇرىدۇ، تەپەككۇردىكى پەرىق سەۋەبىدىن ھەرىكىتىدىمۇ پەرىق بولىدۇ، ئادەملەر ھەرىكىتى  ئادەملەر تۇرمۇشىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق ئۆزگۈرىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ، مانا بۇ خىل ئۆزگۈرۈشلەر ئىژتىمائىيەتتۇر.
      ئەدەبىيات ئادەمشۇناسلىق پىنىدۇر، ئادەملەر تەپەككۇر قىلالايدىغان ئىژتىمائى ھايۋان بولغاچقا كونكىرىتنى بىر ئادەم ياكى بىر توپنىڭ بۇ خىل ئىژتىمائىيەتكە ماسلىشىشى ، ئىژتىمائىيەت توغرىسىدىكى تەپەككۇرى ( دۇنيا ياكى شەيئىنى تونىشى، باھا بىرىشى ) قانداق بولىۋاتىدۇ، ئەسلى قانداق قىلىشى كېرەك، ئۇ ھازىر قانداق قىلىپتۇ ، ئۇنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك ؟ مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە جاۋاپ بىرىش ئەدەبىياتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىدۇر.
      ئەدەبىيات بىزگە   ئەرەپچە <ئەدەب > دىگەن سۆزدىن ئۆزلەشكەن بىر  كەسپى ئاتالغۇ، ئەدەبىيات ئادەمشۇناسلىق بولغان ئىكەن ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى ئادەملەر بولۇشى كېرەك، شۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا ئەدەبىيات ئىجاد قىلىشتۇر، نىمىنى ئىجات قىلىدۇ ؟ ئەلۋەتتە ئادەملەرگە ئەھمىيەتلىك تۇرمۇش يوللىرىنى ، تىپىك ئادەملەرنى ۋە ئۇلارنىڭ دەۋىرگە ماس تۇرمۇش قانۇنيەتلىرىنى ئىجات قىلىپ بىرىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئادەملەرگە تۇرمۇش قانۇنيىتىدىن دەرس بىرىدۇ.
      بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنىڭ ئەدەبىياتنى ئوڭاي  چاغلىشىدىكى سەۋەپ دەل ئەدەبىياتنىڭ مۇشۇ خىل ماھىتىنى چۈشەنمەسلىكىدۇر، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتىشىمىز ئاساسەن ئەدەبىيات تارىخى ( مەلۇم ئەسەرنىڭ دەۋىر ئارقا كۆرنىشىنى سۆزلەش ئارقىلىق ) ، ئەدەبىيات نەزىرىيەسى ( ئەدەبى بىلىملەرنى يەتكۇزۇش ئارقىلىق )، بەدىئى زوق تەربىيەسى ( ئەسەر نىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ) نى ئاساس قىلغاچقا بىزنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇغان كىشىلىرىمىزدە ئەدەبىياتنى < ئەسەر تەھلىل قىلىش، يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش، ئەدەبىيات نەزىريەسى بىلەن تونۇشۇش > دەپ تونۇۋېلىش مەۋجۇت، ناۋادا ئەبىيات بىلىملىرىنى ئۈگۈنىش ئارقىلىقلا ئادەمشۇناسلىق مەقسىدىگە يىتەلىگەن بولساق ئەدەبىيات ھەقىقەتەنمۇ بىز ئويلىغاندەك ئاسان پەنلەر قاتارىغا تىزىلمىغان بولاتتى، ئەپسۇس ئەدەبىيات ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
      < ئەدەبىياتى يوق خەلىق  نادان خەلىق، ئەدەبىياتى تەرەققى قىلمىغان خەلىق راۋاج تاپمىغان  خەلىق > دەيدۇ  بىلىنىسكى، بىزدە ھازىر ئەدەبىياتتا چوڭ يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى، يىرىك ئەسەرلەر يۈزدىن ئېشىپ كەتتى، لېكىن دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئەسەر بارمۇ ؟ ئۇنىڭغا بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ، قانداقتۇ ئەسەرنىڭ ھەجمى قانچە چوڭ بولسا دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولۇش مۇمكىنچىلىكى زور بولىدۇ دىيىشكە بولمايدۇ، بىزدە خەلىق تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلىگەن، خەلىق تۇرمۇشىنى مەلۇم بىر ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن كۆرنۇش بويىچە ئۆتكۇزۇش يولىغا باشلىيالىغان ئەسەردىن قانچىسى باردۇر ؟
     يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ مىسرانىم مۇنبىرى < سىرداشلار > كۆزنىكىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا  سۆزلىگەن سۆزى مېنى مۇشۇ پىروگرامما توغرىسىدا مۇشۇنداق ئىنكاس يېزىش خىييالىغا كەلتۇرۇپ قويدى.
      ئادەملەر تەپەككۇر قىلالايدىغان ئىژتىمائى ھايۋان، ئۇ ئىژتىمائىيەتنى چۈشۈنىش قابىليىتىگە يارىشا ئۇ توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىدۇ، تەپەككۇرىغا لايىق ھەرىكەتتە بولىدۇ، بىزدە يىرىك ئەسەرلەر شۇنچە كۆپ يېزىلغان بىلەن ئادەملەر تۇرمۇشى يازغۇچى تەپەككۇر  دەرىجىسى بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ قويۇلغان، ئىجابى ئادەم پۇتۇن ئەسەردە ئىجابى ھەرىكەتتە بولىدۇ، سەلبى ئادەم ھامان سەلبى سۆز ھەرىكەتلەردە بولىدۇ، بۇ رىئاللىققا ئۇيغۇنمۇ ؟        
      ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئاددىسى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت مۇشۇ توپنىڭ رىئاللىقتا مۇئەللىملەرنى چۈشۈنىشىمۇ قېلىپلاشقان بولماستىن بەلكى كونكىرىت ئ.ادەمنىڭ كونكىرىتنى بىر ھەركىتى سەۋەپلىك ئۆزگۈرۇشچان بولىدۇ، بەزى ئوقۇتقۇچى ناھايىتى قاتتىق قول، ئوقۇغۇچىنى داۋاملىق تەنقىتلەيدۇ، ئوقۇغۇچىغا ئادەتتە چىراي ئاچمايدۇ، مۇنداق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ نەزىرىدە < ئەسكى > دۇر، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى پۇتكەن مەلۇم بىر كۇنلەردە مەلۇم ئوقۇغۇچىلاردىن شۇ ئوقۇتقۇچى كېچۈرۇم سورىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار ئۇ ئوقۇتقۇچىغا قانداق باھا  بىرەر ؟
        <  بۇ مۇئەللىمنى  ئەسكىمىكىن دىسەك بۇ مۇئەللىم ئەسلىدە  ياخشىكەنغۇ >  . مانا  بۇ  <ئەسكى >ئوقۇتقۇچىغا ئوقۇغۇچىنىڭ  ئاخىردا بەرگەن  باھاسى .  يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بار، ئۇ ئادەتتە ئوقۇغۇچىلارغا كۆيىنىدۇ، چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدۇ، ئوقۇغۇچىمۇ بۇ ئوقۇتقۇچىنى يېقىملىق ھىس قىلىدۇ، لېكىن كۈنلەردىن بىر كۇنى ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم بىر سەۋەنلىكىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ،  شۇ ئوقۇتقۇچىغا خاس بولغان ئالدىراڭغۇلڭق، تىرىككەك مىجەز  سەۋەبىدىن، خاتالىق ئۆتكەزگەن  ئۇ ئوقۇغۇچىغا ئۇ  ، ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە قاتتىق تىگىشى مۇمكىن، مانا بۇ چاغدا   بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇ ئوقۇتقۇچىغا بىرىدىغان باھاسى : < ئەسلى بەك ياخشى   ئوقۇتقۇچىمىكىن دىسەك  تازا  بىر  ناچار نىمىكەنغۇ >  دىيىش بولىدۇ ، مانا بۇ ، بىر ئادەمنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئىككى ياقلىمىلىقىدۇر.
      < ئازماس ئاللاھ >، ھەر قانداق ئادەم مۇكەممەل بولمايدۇ، ئۇنىڭ چاقناپ تۇرىدىغان تەرەپلىرى بىلەن تەڭ ، دەماللىققا كۆرگىلى بولمايدىغان خۇنىك تەرەپلىرى ئەلۋەتتە بولىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلىرىنىڭ نۇرغۇن داھىلىرىدىمۇ سەۋەنلىك بولغان تۇرسا ئادەتتىكى ئادەملەردە سەۋەنلىكلەر بولماسمۇ ؟
     بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا نۇرغۇن يىرىك ئەسەرلەر يېزىلدى، لېكىن ھەقىقى ئادەملەر ئاز يېزىلدى، شۇڭا بۇنچە كۆپ رومانلارنىڭ خەلقكە كۆرسەتكەن تەسىرى ئانچە چوڭقۇر بولمىدى، < خەلىقنى تەربىلەش، خەلىقنى يىتەكلەش > رولى ناھايىتى ئاز بولدى، شۇڭا بىزدە ئەخلاق زور كىرزىسكە دۇچ كەلدى، ئىشەنمەسلىك،كۆرەلمەسلىك، چېقىمچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، رەھىمسىزلىك ، قۇرۇق سۆلەتۋازلىق، مەن- مەنلىك، مىللى ئۆزلۇكتىن ياتلىشىش، ھورۇنلۇق، تەپەككۇر كەمبىغەللىكى ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىمەسلىك، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى دەۋىرگە ماسلىشالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يۇقۇملۇق كېسەلدەك يامراپ كەتتى، مانا بۇ بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتىدۇر.
     ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا 80- يىللاردا زوردۇن سابىرنىڭ < ئىزدىنىش > رومانى بىلەن   ياشلاردا < ئەلا قىزغىنلىقى >كۆتۇرۇلگەن بولسا 20 يىلدىن كېيىن <لېيىغان بۇلاق > قىزغىنلىقى كۆتۇرۇلدى، مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىشىدۇر.
     ياۋروپانىڭ بۈگۈن كۇنلۇكتە دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ  پاراۋۇزى بولالىشى 15- ئەسىردىكى ئىتالىيە ئەدەبى ئويغىنىش ھەركىتى ۋە 100 يىلدىن كېيىن ئۇ  بارلىققا كەلتۇرگەن كاپىتالىستىك ئىنقىلاپتۇر، 19- ئەسىردىكى دۇنياغا مەشھۇر رومان ئاساسەن ياۋروپادا بارلىققا كەلدى، بۇگۇن كۇنلۇكتە ياۋروپا يەنىلام ئەدەبىياتنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ كەلمەكتە، ياۋروپانىڭ  ئەدەبىيات سەركىسى بولالىشىدىكى سەۋەپ،  ئۇلار ئەسەرلىرىدە فورمۇلالاشقان ئادەملەرنى ئەمەس بەلكى ئىنسان تەبىئىتىنى يىتەرلىك يورۇتۇپ بىرەلىگەنلىكىدۇر.
     19- ئەسىردىكى  داڭلىق 20 روماننىڭ بىرى بولغان   ۋېكتور ھىيىگونىڭ < پاجىئەلىك دۇنيا > ( ئۇيغۇرچىغا "خارلانغانلار "دەپ تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىنغان ) رومانى 30  يىلدا ئاران پۇتكەن، 6 توملۇق روماندا ژان- ۋالژاننىڭ ئاق قەغەزدەك غۇبارسىز پاك ئادەمدىن < ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ۋەھشى، رەھىمسىز ئادەمگە ئۆزگۈرۈشى يەنە ئاخىر پەرىشتىدەك رەھىمدىل ، ئاق كۆڭۇل ئادەمگە ئۆزگۈرۈش جەريانىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق ، موھىتنىڭ ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى،  باشقىلارنىڭ سەمىمىلىك، رەھىمدىللىك، ئاق كۆڭۇللۇكنىڭ ۋەھشى، رەھىمسىز ئادەمگە تەسىر قىلىپ، ئۇنى شۇ خىل ئادەملەرگە ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقتىن ئىبارەت  تۇرمۇش ھەقىقىتى  يورۇتۇپ بىرىلگەن، مانا بۇ ئەدەبىياتتىكى پەلسەپە، مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ  ماھىتى .
     بىزنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرىمىز < مىڭبىر  كېچە > تۈسىدە يېزىلىدىغان بولغاچقا  ۋەقىئەلىك كۆپ، تۇرمۇش ھادىسىلىرى كۆپ، ئەمما ئىنسان تەبىئىتى ئاز، مانا بۇ  بىزدىكى ئەدەبىيات ئۇقۇمى ، شۇڭا ئەدەبىيات ئۇنچە ئاسان پەن ئەمەس.
     مول ھوسۇللۇق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ < مىھىرگىياھ > ناملىق رومانىنى 90- يىللاردا ئوقۇپ يازغۇچىنىڭ بەدىئى ماھارىتىگە قايىل بولغان ئىدىم ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا  كەسىپ سەۋەبىدىن ئۇيغۇرچە ئەدەبى ئەسەرلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ كۆپ بولماسلىقى ،  يازغۇچىنىڭ  < لېيىغان بۇلاق > دەك سەمەرىلىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇش پۇرسىتىدىن  مەھرۇم قىلدى ، لېكىن مۇشۇ ئەسەر توغرىسىدكى ئوبزور- چۈشەندۇرۇشلەرنى ئوقۇغان ئىدىم، بۈگۈن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇ كاتتا يازغۇچى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم، يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدكى قاراشلىرى ماڭا بەكلا يارىدى، مانا مۇشۇنداق قاراشقا ئىگە يازغۇچىنىڭ قەلىمىدىن ئەلۋەتتە تۇرمۇشقا يېقىن يازمىلار چىقىدۇ.
    مىسرانىم  مۇنبىرىنىڭ بۇ قېتىملىق < سىرداشلار > پىروگراممىسى خېلى يۇقۇرى سەۋىيەدە ئىشلەنگەن، مىسرانىم كۇندىن كۇنگە ھۆسنىگە تولىۋاتىدۇ.
    تەكلىپ:  بۇ پىروگرامما ئاللىقاچان ئوتتۇرغا چىقىپ بولدى، ئاتقان ئوقنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ، كېيىنكى چاغلاردا مەزكۇر پىروگراممىنىڭ ئۆكسۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن مىسرانىم تورىدا مەخسۇس بىر ئاەدەمنى ئاممىۋى مۇناسىېۋەت ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىش  كېرەكمىكىن دەپ ئويلايمەن.
    بۈگۈن قېرىشقاندەق توك يوق، ئىنكاسنى يېزىپ يېرىمىغا كەلگەندە توك ئۇشتۇمتۇت توختاپ قېلىپ ، يازغانلىرىم بىكار بوپتۇ، 4 سائەتتىن كېيىن توك كەلدى، مۇنبەرنى ئېچىپ قارىسام يازغانلىرىمنىڭ بىرىمۇ يوق، مۇنۇ ئىنكاسنى ئېسىمدە قالغىنى بويىچە يازدىم، چۇۋالچاق بوپ قالدى

ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4979
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13673
تۆھپە نۇمۇرى: 641
توردا: 3854 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:30:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، جالالىدىن بەھرام ئاكا ، سىز بىلەن مىسرانىم تورىدا كۆرۈشكىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن ، سىزنىڭ تىنىڭىزگە سالامەتلىك ، بۇندىن كىينكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە تىخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن .... مىسرانىم تورىنىڭمۇ بىز ئۈچۈن ئۈلگۈلىك كىشىلەرنى تەشۋىق قىلىپ ، بىزنىڭ مەنىۋيىتىمىز ئۈچۈن كۈچ قوشۋاتقانلىقىغا كۆپ رەخمەت ئىتىمەن ... ئەگەر مىسرانىم بۇندىن كىيىنمۇ بىزگە مۇشۇنداق نەمۇنىلىك شەخىسلەرنى تەشۋىق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا ، ئىنىقكى يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە مىسرانىم كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تونۇش ، ئىللىق ئارامگاھىغا ئايلانغۇسى !!!

كەڭ دالىدا تۇغۇمدىن ئەمدىلا چىقتىم . ۋاھ ! ئاسمان  نىمىدىگەن ئىگىز ...

گۇناھلىرىمنى يۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10599
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:30:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جالالىدىن بەھرام دېگەن ئىسىمنى كۆرۈپلا يۈگۈرۈپ كىىردىمغۇ بۇ تېمىغا.جالالىدىن بەھرام مەن ئەڭ ئامراق يازغۇچىلارنىڭ بىرى.جالالىدىن بەھرام دېگەن ئىسىمنى كۆرسەملا شۇ ئەسەرنى چوقۇم تۇلۇق ئوقۇپ چىقىمەن،بولۇپمۇ "كۆمۈرچى بالا"،"ناتىۋانلار"،"ئامەت ۋە ئاپەت"قاتارلىق ئەسەرلىرىنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم.مۇشۇ كىتاپلارنى ئوقۇسام خۇددى ئۆزۈمنىمۇ ۋەقەلىكتىكى پىرسۇناژلار بىلەن بىللە شۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندەك ھىس قىلىمەن،ئۇلارنىڭ كۈلكىسىدىن كۈلسەم،يەنە ئۇلارنىڭ يىغىسىغا قۇشۇلۇپ تەڭ يىغلايمەن.بۇ مەن پەقەت جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىدىنلا تاپالايدىغان ھېسسىيات.مۇنداق يازغۇچىدىن ئەمدى قايتا بىرى چىقمىسا كېرەك.
ئاخىرىدا يازغۇچىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3436
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27384
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:41:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم جالالىدىن ئاكا، ياخشىمۇسىز؟
مىسرانىم مۇنبىرىنى قۇرغۇچى ئابابەكرى، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
مىسرانىم مۇنبىرىدە يىقىندىن بۇيانقى ئىلىپ بىرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ناھايتتى جانلىق ھالدا بىز بىلەن يۇز كۆرۈشمەكتە، مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

بۈگۈن جالالىدىن بەھرام ئاكىنى مىسرانىم مۇنبىرىدە كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم، جالالىدىن ئاكا، مەن سىزنىڭ ھەر بىر رومانلىرىڭىزنىڭ ئوقۇرمىنى. سىزنىڭ قەلەم قابىلىيىتىڭىزگە،ۋەقەلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇش،ھەم ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسلۇبىڭىزگە ھەقىقەتەن قايىلمەن. سىز كۆڭلۈمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر پىشقان يازغۇچى.

جالالىدىن ئاكا، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ھازىر ئۇيغۇرلار كىتابچىلىقىدا ھىكايە-رومانلار ھەقىقەتەنمۇ ئۈزۈلمەستىن نەشىردىن چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. ھەر قىتىم يىڭى بىر كىتاب نەشىردىن چىققاندا ئىرىنمەي بىرىپ سىتىۋالىمەن. ئىچىمدە بىر خىل ئىيتىپ بولالمايدىغان يىنىككىنە ھاياجاننىڭ تۈرتكىسىدە ئۆيگە بىرىپ كىتابنى ئاچىمەن، خۇددى ئۆزۈمنى باشقا بىر ئادەملەر توپىنىڭ دۇنياسىغا كىرىش بۇسۇغۇسىدا تۇرىۋاتقاندەك ۋەقەلىكنى ئوقۇشقا باشلايمەن.

كىتابنى ئوقۇپ بولغاندا بولسا بەزى كىتابلاردىن يەنى ئاپتۇردىن راسلا رەنجىپ قالىمەن، نەشىرياتتىنمۇ ھەم شۇ، تەھرىردىنمۇ ھەم شۇ.

كىتابنىڭ مۇقاۋىسى شۇنچە چىرايلىق، ماۋزۇسى شۇنچە كىشىنى جەلىپ قىلارلىق، باھاسى شۇنچە قىممەت، ئەپسۇس، مەزمۇنى بولسا ناھايتتى پۇچەك. كىشىدە ھىچقانداق بىر ئىستىتىك زوقنى ھىس قىلدۇرالمايدۇ، خۇددى ئاپتورنىڭ ئىچى پۇشقاندا يىزىپ قويغان قول يازمىسىنى ئوقۇغاندەك بولىمەن.  بەلكىم بۇنداق دىسەم شۇ ئاپتورغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولار، لىكىن ئەمەلىيەت شۇنداق.

ھازىر كىتابخانىغا بىرىپ كىتاب سىتىۋىلىشتىنمۇ رايىم سەل يىنىپ قالدى، 10 پارچە كىتاب سىتىۋالسام مىنى قايىل قىلىپ شۇ كىتابنىڭ ۋەقەلىكىگە ئەكىرىپ كىتەلەيدىغىنى 1~2پارچە كىتاپ، قالغانلىرى مەن دىگەندەك قۇرۇق سۆز دۆۋىسى. ئۇ كىتابلاردىن ھىچقانداق بىر مەنا، ھىچقانداق بىر تەربىيە...قىسقىسى ئىرىشمەكچى بولغان ئۈنۈمنى پەقەتلا تاپالمايمەن.

جالالىدىن ئاكا، مىنىڭ بۇ يەردە يازغۇچىلارنى دادلاپ بەرگىنىم ئەمەس، پەقەت ئەمەلىيەتنى دەۋاتىمەن.
مىنىڭچە سىز چوقۇم بۇ تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇيسىز، سىزدىن ئۈمۈد قىلىدىغىنىم: كىلەچەكتە سىزگە ئوخشاش ياراملىق يازغۇچىلار توپىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ياردىمىڭىزنى ئايىمىغان بولسىڭىز.

يەنە سىزنىڭ يىڭى رومانلىرىڭىزنى تولىمۇ سىغىندۇق. بولسا تىزرەك نەشىردىن چىققان بولسا.
ئۆزۈمنىڭ كىتابخۇمارلىقىم تۈپەيلى ئۇيغۇرچە ھىكايە-رومان قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا سەل ۋايساپ قويدۇم، سىزنىڭ توغرا چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ئاخىرىدا پىشقان يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرام ئاكىغا يۇرەك سۆزلىرىمنى ئىيتىۋىلىشقا ئورۇن ھازىرلاپ بەرگەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرىگە رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن.

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش