مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2744|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قۇتلۇق شەۋقىگە قىلىنغان تۆھمەت تەتقىقاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9780
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-5-23
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 02:24:11 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

قۇتلۇق شەۋقىگە قىلىنغان تۆھمەت تەتقىقاتى



ئۆمەرجان نۇرى




مەن ئۇيغۇرلاردىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا بۇساھەدىكى تەتقىقاتتا كۆرۈلگەن بىر قىسىم ئۇقۇشماسلىقلار، سەۋەنلىكلەر ۋە بۇرمىلاشلارنى بايقىدىم. بۇ مەسىلىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىن پاكىتلىق ھالدا ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۇيغۇر جەدىتچىلىك تەتقىقاتىنىڭ ئىلمىي سۈپىتىگە تۈرتكە بولىدىغان بەزى ماقالىلەرنى يېزىشنى پىلانلىغان ئىدىم. يېقىنقى يىللاردا مۇشۇ مەقسەتتە بەزى تېمىلاردا ماقالىلەرنى يېزىپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدىم.  بۇ قېتىم 20-ئەسىرنىڭ 20- ۋە 30-يىللىرىدا ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن مەرىپەتچى، سىمالاردىن بىرى قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەتقىقاتنىڭ ئەستايىدىل بولماسلىقى سەۋەبىدىن ، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە قىلىنغان بىر قانچە تۆھمەتنى بايقىدىم. يەنى، ھاياتى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەمەلىي پاكىتقا ئەمەس، تەسەۋۇرغا تايىنىپ يېزىلغان، تارىخى بايانلار يىل تەرتىپى بويىچە ئەمەس بەلكى، توقۇلما ھېكايىنىڭ مەزمۇن ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوتتۇرغا قويۇلغان،قۇتلۇق شەۋقىنىڭ قەلىمىگە تەۋە بولمىغان ئىككى شېئىر ئۇنىڭغا تەۋە قىلىپ ئېلان قىلىنغان. قىلمىغاننى قىلدى دېيىش تۆھمەتتۇر. شۇڭا، خاتانىڭ داۋاملىق تەكرارلىنىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن، ھازىرچە بايقىغان تۆھمەتلەرنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرغاقويىمەن:



   1."ئاڭ" گېزىتى:پاكىتلىق ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە گېزىت 1910-يىلى 10-مارتتا كۈرەدە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بىر يىلدىن ئارتۇق نەشىر قىلىنغان بۇ گېزىتنىڭ نامى " ئېلى ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى" دۇر①. قەشقەردە نەشر قىلىنغان تۇنجى ئۇيغۇرچە گېزىت بولسا شىۋىت مىسسىيونىرلىرى بىرلا سان نەشىر قىلىپ توختىتىلغان"يارۇغلۇق-ئالتە شەھەرنىڭ رۇزنامەسى"دۇر②. بىز ھۈسەيىن مۇسابايىفنىڭ "كاشغەردىن مەكتۇپ" ناملىق ماقالىسىدىن 1911-يىلىغىچە قەشقەردە گېزىت باسىدىغان باسمىخانا يوق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.③ شۇنداق بولغاچقا، 1910-يىللارنىڭ بېشىدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ رىسالىلىرى ۋە ئەھمەد كامال تۈزىگەن دەرسلىكلەر قازاندا بېسىلغان ئىدى. ئانا تىلىمىزدا نەشر قىلىنغان كۆپىنچە ماتىرىياللاردا قۇتلۇق شەۋقىنىڭ 1918-يىلى "ئاڭ" گېزىتىنى نەشرقىلغانلىقى تەكىتلىنىپ كەلدى. ئەمما ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلمىدى. ئەمەلىيەتتە قۇتلۇق شەۋقى 1933-يىلى 21-ئىيۇلدا، كېيىنچە "يېڭى ھايات" دەپ ئاتالغان گېزىتنىڭ تۇنجى سانىنى شىۋىت باسمىخانىسىدا نەشر قىلغان. "ئېلى ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى " بىلەن " يارۇغلۇق- ئالتە شەھەرنىڭ رۇزنامەسى" دىن كېيىن" يېڭى ھايات " گېزىتى نەشىر قىلىنغىنىغا قەدەر قەشقەردىلا ئەمەس، پۈتۈن شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە گېزىت نەشر قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات ياكى ئەينى زاماندا يېزىلغان ھېچبىر خاتىرە يوق. شۇڭا ، بەزىلەرنىڭ كىتابلىرىدا يېزىلغاندەك،1910_ 1933- يىللار ئارىسىدا مۇسابايىفلارنىڭ قەشقەردە زامانىۋىي مەتبەئەسى بولغان، قۇتلۇق شەۋقى 1918-يىلى "ئاڭ" گېزىتىنى نەشر قىلغان دېگەن بايانلىرى ئاساسسىزدۇر، بۇ خىل ئاساسسىز بايانلارنى سۈرۈشتۈرمەي ئىشىنىۋېرىش ئىلمىي پوزىتسىيە ئەمەستۇر. " ئاڭ" دېگەن نامدىكى گېزىت-ژورنالنىڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرى مەسىلىسىگە كەلسەك، تاتارلار قازاندا 1912-يىلدىن 1918-يىلغىچەئەخمەت غەرەي خەسەنى تەرىپىدىن ئىككى ھەپتىدە بىر سان چىقىرىلغان پەنننىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رەسىملىك ژۇرنالنى كۆرسىتەلەيمىز. يەنە بىرى، 1987-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان " ئەھمەد زىيائى ئەسەرلىرى" نىڭ 3-بېتىدىكى"47-يىلى 11 بېتىمدىن كېيىن"قەشقەر گېزىتى توختىتىلغان، "ئاڭ" گېزىتى نەشر قىلىنىپ ئەھمەد زىيائى باش مۇھەرىرى بولغان. بۇ گېزىتنىڭ 1947-يىلى نەشر قىلىنغان باش بەتكە <شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جاڭ جىجۇڭ ئەپەندىگە> دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ئۇچۇق خەت بېسىلغان بىر نۇسخىسى مېنىڭ قولۇمدا ساقلاقلىق. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي،"ئاڭ گېزىتى" نەشردىن توختاپ، <قەشقەر گېزىتى> دېگەن نامدا نەشرقىلىنىشقا باشلىغان" دېگەن ئۇچۇرنى كۆرسىتەلەيمىز. ھەقىقەتەنمۇ ئەھمە دزىيائىنىڭ "ۋىجدان مۇھاكىمىسى" دېگەن نېپىز كىتابى "ئاڭ گېزىت مەتبەئەسىدە بېسىلغان. شۇڭا، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ نامى بىلەن باغلانغان ئۇ خىل نامدىكى گېزىتنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىمىز.


       2.ھاجى ئەھمەت قاتارلىقلار تۈزىگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىلى نەشر قىلغان"سامانيولى" دېگەن شېئىر توپلىمىدا قۇتلۇق شەۋقىگە تەۋە قىلىپ قويۇلغان.مەسىلەن، مەزكۇر كىتابنىڭ 47-،48- بەتلىرىگە كىرگۈزۈلگەن ئىككى شېئىر ئەمەلىيەتتە قۇتلۇق شەۋقىنىڭ شېئىرى ئەمەس. بۇنىڭ بىرى ئالتە مىسىرادىن تەركىب تاپقان"ئانا تىل " دېگەن شېئىر بولۇپ، بۇ شېئىر شۇنىڭدىن بېرى دەرسلىكلەردە،ئانا تىل ھەققىدىكى ھاياجانلىق نۇتۇقلاردا قۇتلۇق شەۋقىنىڭ شېئىرى سۈپىتىدەتونۇشتۇرۇلغان، ئاھاڭغا سېلىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىلغاندىمۇ قۇتلۇق شەۋقىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ ئالتە مىسرالىق شېئىرنىڭ كىشىلەرگە تونۇش بولغان ۋارىيانتىمۇنداق:



ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززەتىن قىلغۇم كېلۇر،

ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.


بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكايۇ، ئافرىقىدا،

سەرف ئېتىپ مىڭلارچە تىللا، ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.


ئەي، ئانا تىل بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن روھى زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.



بۇ شېئىرنىڭ ئاپتۇرى قۇتلۇق شەۋقى بولماستىن بەلكى،تۇرپانلىق ئابدۇللا نەئىمى (1938-1896) دۇر. ئابدۇللا نەئىمى بۇ شېئىرنى قەشقەردە مەھمۇد موھىتىنىڭ دېۋىزىيە ئىشتابىدا باش كاتىپلىق قىلىۋاتقان چېغىدا يازغان.

ئابدۇللا نەئىمى1896-يىلى تۇرپان شەھرىدە شۆھرەتلىك بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ دىنى مەلۇماتنى تۇرپاندا ئالغاندىن كېيىن، قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللامدا ئوقۇغان.ئابدۇقادىر داموللام 1924-يىلى 8-ئايدا قەستكە ئۇچىرىغاندىن كېيىن، ئابدۇللانەئىمى تەھسىلنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن، چۆچەككە بېرىپ، تاتار ئالىمى مۇرادئەپەندىنىڭ ھۇزۇرىدا ئوقۇغان. تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەل ئارىسىدا"ئابدۇللا داموللام" دېگەن نام بىلەن تونۇلغان.

        1933-يىلى تۇرپاندا مەخسۇت مۇھىتى بىلەن مەھمۇد مۇھىتىلار باشلىغان ئىنقىلابقا قوشۇلۇپ مىرئالاي ( پولك قۇماندانى) لىق مەنسەپ بىلەن پۈتۈن ئىنقىلاپ جەريانىدا ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلغان.

خوجىنىياز ھاجى شىڭشىسەي بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك مەنسىپىگە ئولتۇرغىلى كەلگەندە، مەھمۇد مۇھىتى قەشقەر تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرئەسكەرلىرىگە دېۋىزىيە قۇماندانى (تۈمەنبېشى) بولۇپ ئورۇنلاشقاندا، ئابدۇللانەئىمى دېۋىزىيە ئىشتابىنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئىستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرگە كىرگۈزگەن ھەربىي ۋە ساقچى كۈچلىرىنىڭ ھەم شىڭشىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى مەھمۇد مۇھىتىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە بارلىق مەخپىي ھەرىكىتى ئابدۇللا نەئىمىنىڭ قولى ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈلگەن. مەھمۇد مۇھىتىغا سىرتقى دۇنيانىڭ خەۋەرلىرىنى مەجىدىن ئەپەندى تەمىنلىگەن. بۇ ئىككى كىشى مەھمۇد مۇھىتىغا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزچىل يەتكۈزۈپ تۇرغان.

ئابدۇللا نەئىمى ئەسكىرى ۋەزىپىلىرىنى كامىل ئۆتىگەننىڭ ئۈستىگە دىننىي، مىللىي، ئىلمىي،ئىجتىمائىي ساھەلەردىمۇ زور ئىشلارنى ئىشلىگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى، مۇئەللىملەر كۇرسى، دارلمۇئەللىمىن، دارىلئۇلۇم ۋە نەشرىياتقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئىككىنچى قېتملىق جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇشقاكۆپ كۈچ چىقارغان. ئابدۇللا نەئىمى "ئىسلاھ مەدارىس ۋە مەساجىت ھەيئىتى"گە رەئس بولۇپ، مەدرەسە ۋە مەسچىدلەرنى تەرتىپكە سېلىپ ، ئۆلىمالار ۋە دىنىي ئىشلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرغان.

        1936-يىلىغا كەلگەندە، غوجىنياز ھاجىنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى ۋە شىڭشىسەينىڭ مەھمۇد مۇھىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن يېقىن كىشىلىرىنى ئۆزىگە تارتىشى سەۋەبىدىن مەھمۇد مۇھىتى قەشقەردە تۇرۇۋېرىشكە ئىمكانىيەت قالمايدۇ. ھەتتا ئابدۇللا نەئىمىنىمۇ ئۈرۈمچىگەنەچچە قېتىم چاقىرتقاندا، مەھمۇد مۇھىتى باھانە كۆرسىتىپ توسۇپ قالىدۇ. ئامالسىزقالغان مەھمۇد مۇھىتى يېقىن كىشىلىرى بىلەن 1937-يىلى ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەندە،ئابدۇللا نەئىمىمۇ بىللە چىقىپ كېتىدۇ. ئابدۇللا نەئىمى ھېندىستاندا بىر مۇنچە شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىدۇ، 1938-يىلى مەھمۇد مۇھىتىغا ھەمراھ بولۇپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ، مىسىر ۋە سۈرىيەلەرنى ساياھەت قىلىپ، تۈركىيەگە بېرىپ ئىستانبۇلدا بىر نەچچە كۈن تۇرىدۇ، كېيىن ھىندىستانغا قايتىپ كېلىدۇ. ئىنگىلىزلارمەھمۇد مۇھىتىنى جۇڭگۇغا كېتىش شەرتى بىلەن قويۇپ بەرگەندە، مەھمۇد مۇھىتى باشلىق ئالتە كىشى شاڭخەيدىكى تېۋىپ باي ئەزىزىنىڭ قېشىغا كېلىش ئۈچۈن، 1938-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى كالكۇتتادىن پاراخۇتقا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىدۇ. ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز سەپىرىدە ئاغرىپ قالغان ئابدۇللا نەئىمىي 21-نويابىر كۈنى شاڭخەيگە ئەھۋالى ئىنتايىن ناچارئەھۋالدا يېتىپ كېلىدۇ، 25-نويابىر كۈنى 42 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. جەسىدى شاڭخەيدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ خانىمى ۋە بىر ئوغلى تۇرپاندا قالغان ئىدى. ئابدۇللا نەئىمىنىڭ بۇ ئوغلى كېيىن كۇچاناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان.

ئابدۇللا نەئىمى ئۇچۇق پىكىرلىك،ئەستايىدىل، شائىر تەبىئەت كىشى ئىدى، ئۇ ئانا تىلدا شېئىريازغاندىن باشقا ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىدىمۇ شېئىرلارنى يازاتتى. باشقا مەدىرىسە موللىلىرىدەك ئەرەب –پارىس تىلىنى زىيادە ئۇلۇغلاپ كەتمەيتتى. ئانا تىلدا شېئىر يېزىشنى شەرەپ دەپ بىلەتتى. 1930-يىللاردىكى ئىنقىلاب جەريانىدا ئوقۇلغان مارشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئابدۇللا نەئىمى يازغانىدى. ھەتتا قۇتلۇق شەۋقى باش مۇھەرىرلىك قىلغان"يېڭى ھايات" گېزىتىدىمۇ شېئىرلىرى بېسىلغان ئىدى. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان "ئانا تىل" دېگەن شېئىرمۇ دەل قۇتلۇق شەۋقى سەر (باش) مۇھەرىرلىك قىلىدىغان "يېڭى ھايات" گېزىتىنىڭ 1935-يىلى 12-ئاۋغۇستتىكى 81-سانىدائېلان قىلىنغان. بۇ شېئىردا ئەينى يىللاردىكى موللا ئۆلىمالارنىڭ ئەرەب، پارستىلىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇيغۇر تىلىنى تۆۋەن كۆرۈشتەك مەدەنىيەت پىسخىكىسى قاتتىق تەنقىدلەنگەن ھەم ئۆزىنىڭ ئانا تىلنى قەدىرلەش ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن. بۇ شېئىرنىڭ" يېڭى ھايات " گېزىتىگە بېسىلغان ئەسلى تېكىستى مۇنداق:



ئانا تىل



ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززەتىن قىلغۇم كېلۇر،

ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

يۇرتىمىزدا قەدرى يوق نەرسە ئانا تىلدۇر بۈگۈن،

بىلمىگەنلەرغە ئانىڭ قەدرىنى بىلدۈرگۈم كېلۇر.

بىز بالالارغا ئاتالاردىن قالىپدۇر يادىگار،

ياخشى ئاسراپ نەسل ئەۋلادلارغا قالدۇرغۇم كېلۇر.

بۇ ئانا تىل گەر ئىسە ئامىرىكا ۋە ئافرىكادا،

سەرف ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.

ئەي ئانا تىل بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن رۇيى زەمىندە ئىفتىخار ئەتكۈم كېلۇر.

سەن قىزىل گۈل ياكى بۇلبۇل كۆڭۈل گۈلزارى سەن،

ئۇشبۇ سۈرەتلەردۇر سەن ھەر زامان كۆرگۈم كېلۇر.

ئالما سەن ياھۇد ئانا سەن ياكى سەن شەمامى شام،

ئەتىرگۈلدەك بۇي ئالىپ باشىمغا قىستۇرغۇم كېلۇر.

قىزمۇسەن قۇزىمۇسەن ياكى قېزى بىلەن قىمىز،

ياخشى كۆرگەن ياخشىدىن ياخشىغە ئوخشاتقۇم كېلۇر.

ئۆز تىلىنى تاشلىغان ئاغزى بۇزۇقنىڭ ئاغزىغا،

تازا قاتتىغ چەرملىك كەفشىم ئىلە ئۇرغۇم كېلۇر.

ئۆز تىلىدىن ئۆزگە تىلنى ئىستىگەنلەر تىلىنى،

ئارادەك تىلغۇچ بىلەن نەچە تىلىم تىلغۇم كېلۇر.

ئۆز ئاتاسى ئۆز تىلى ئۆز دىنىدىن ئۆز يۇرتىدىن،

بىرسىدىن تانغان بىرىگە ئوخشادۇر دېگۈم كېلۇر.

ئۇشبۇ تىلنى تاشلاغان ئادەم ۋەتەنغە دوست ئېمەس،

بىلكى ھەممە يۇرتىدىن بىگانە دەپ ئېيتقۇم كېلۇر.

ئانا تىلە ھەممىنى يازماقىغە مۈمكىن بولمادى،

ۋەر نە ھەممە سۆزنى مەن ئۇيغۇرچەلەپ يازغۇم كېلۇر.


_ ئابدۇللا نەئىمى


" سامانيولى" دېگەن شېئىرلارتوپلىمىدا قۇتلۇق شەۋقى نامىدا بېرىلگەن مۇنداق بىر غەزەل بار:




ئۈمىد ئەتمەك ۋاپا ھەر سەيلىلەردىن ئەينى نادانلىق،

دېسەم بولغاي تېپىلماس ئەھدى يالغانلاردىن ئىنسانلىق.

ۋاپا ئەھدىڭگە ئەيلە قەۋل بىلەن پەيلىڭدە سادىق بول،

مۇناپىقلىق نىشانىدۇر كىشىدە ئەھدى يالغانلىق.

ھەر ئىش ئەيلەردە ئەۋۋەل ئېھتىيات ئەيلەپ تەپەككۇر قىل،

قولۇڭدىن ئۆتسە ۋاقتى سوڭرە سۇد ئېمەس پۇشايمانلىق.

پانى دۇنيادىن غەمسىز كېتەرنىڭ يوقتۇر ئىمكانى،

بولۇر ھەر كىمسىنىڭ تەبئىگە باقساڭ پەرىشانلىق،

قەلەم يازغان قەدەردىن سەئىيئىلە ئۆتمەك مەھەل ئولغاي،

دىلىڭنى راست تۇتقىل ھەر كىمسە تاپقايمۇ سۇلايمانلىق؟

دىلىڭنى راست تۇتقىل، زاھىرۇ باتىنىڭدە بىردەك بول،

ئايا شەۋقى، بۇدۇر پەھىملىسەڭ رەسمىي مۇسۇلمانلىق.



بۇ غەزەل ئەسلى مۇللا مۇھەممەد ئابىدنەمەنگانىنىڭ " تۆھفەتۇل ئابىدىن" ( مەتقاسىم ئەكرەم، ئىمىن تۆمۈرنەشرىگە تەييارلىغان، خوتەن ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنى يىغىش، رەتلەش، نەشرىگەتەييارلاش رەھبەرلىك گۇرپپا ئىشخانىسى 1908-يىلىدىكى چاپى نۇسخىسىغا ئاساسەن،1993-يىلى نەشر قىلىپ ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان نۇسخىسىنىڭ 213-بەت) دېگەندىۋانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇنداق ئىدى:



غەزەل شەۋقى




ئۈمىد ئەتمەك ۋەفا سىفلەلەردىن ئەين نادانلىغ،

دېسە بولغاي تاپىلماس ئەھدى يالغانلاردىن ئىنسالىغ،

ۋەفا ئەھدىڭگە ئەيلە قەۋل ئىلە فىئلىڭدە سادىق بول،

مۇنافىقلىق نىشانىدۇر كىشىدە ئەھدى يالغانلىغ.

ھەر ئىش ئەيلەردە ئەۋۋەل ئىھتىيات ئەيلەپ تەپەككۇر قىل،

قولۇڭدىن ئۆتسە ۋەقتى سوڭرە سۇد ئەتمەس پۇشەيمەنلىغ،

بۇ فانى دۇنيادىن غەمسىز كېتەرنىڭ يوقتۇر ئىمكانى،

بولۇر ھەر كىمسەنىڭ تەبئىگە باقساڭ بىر پەرىشانلىغ.

قەلەم يازغان قەدەردىن سەئىيلە ئۆتمەك مەھەل ئولغاي،

نەگىن تۇتماق بىلە بىر كىمسە تاپقايمۇ سۇلەيمانلىغ.

دىلىڭنى راست تۇتقىل، زاھىرۇ باتىندە سۇدەك بول،

ئەيا شەۋقى بۇدۇر فەھىم ئەيلەسەڭ رەسىم مۇسۇلمانلىغ.



بۇ غەزەلنى يازغان شەۋقى، ئېنىقكى"شەۋقى" تەخەللۇسىنى قوللانغان نەمەنگانلىق شەمسى ھۈسەيىن(1805-1889)دۇر④. موللا مۇھەممەدئابىد نەمەنگاننىڭ 1908-يىلى چاپى قىلىنغان دىۋانىغا شېئىرى كىرگۈزۈلگەن"شەۋقى"، ھەرگىزمۇ قۇتلۇق شەۋقى ئەمەسلىكى ، كېيىنكى كۈنلەردە بۇغەزەلنىڭ خاتا ھالدا قۇتلۇق شەۋقى نامىغا تەۋە قىلىپ قويۇلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.بۇ غەزەلنىڭ تىلى قۇتلۇق شەۋقى "يېڭى ھايات" گېزىتىنىڭ 1937-يىلى18-مارت، 69-سانىدا ئېلان قىلىنغان "ئەرتىياز تەسىراتى" دېگەن شېئىرنىڭتىلى بىلەن خېلى پەرقلىنىدۇ. قۇتلۇق شەۋقىنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ تىلىغا قاراپ باقايلى:


ئەرتەياز تەسىراتى



ئەرتەياز ۋاقتى يېتىپ كەلدى، چىقىپ خۇشبۇي شامال،

غەم تۈنى –قىش كەتتى، كۆرسەتتى باھار شىرىن جامال.

ئەي ۋەتەن! سەن نە چىرايلىق بەك يېقىملىق ئانامىز،

بۇ غېرىب ئەۋلادلىرىڭنى شاد قىل، شەفقەتلە ئال.

كۆپ زامان غەملىك قارا كۈنلەردە ئۆتكەن بالالارىڭ،

بىھايا زالىم ئاستىدا بولغان ئېدىلەر پەيمال.

ئەمدى كۆز ئاچدى سەنىڭ رۇشەن ھاۋايىڭ كۆرگىلى،

خۇش بولۇپ تافسۇن سېنىڭ مۇڭلۇق قۇچاغىڭدا كامال.

ياز بولۇپ ئاچىلغۇسى رەڭ-رەڭدە گۈللەر نۇر ساچىپ،

باغى سەھرا مايسا يافراقلار يەشىل رەڭ خۇشمۇ ھال.

سايراشۇر كۆك تالغۇ بىرلە قالدۇرغاچ ھەم سوفىياڭ،

ئول چىرايلىق قۇشلار ئاۋازى قىلۇر ئىنساننى لال.

خۇش ھاۋايىڭ ئەي ۋاتەن ھىجران غېمىڭ دارۇسى،

سەن ياشا ئىززەتۇ بىدارلىق ئىلە تافماي زاۋال.

_ شەۋقى




دېمەك يۇقىرقى غەزەل، شەۋقى نەمەنگاننىڭ شېئىرىبولۇپ، قۇتلۇق شەۋقى ئىجادىيىتىگە قىلىنغان تۆھمەتتۇر.

بىزنى تەققازاقىلىۋاتقان بىر مەسىلە شۇكى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان نەشرىياتچىلىقىنىڭ بايراقدارىقۇتلۇق شەۋقىنىڭ تولۇق ئەسەرلەر توپلىمى تېخىچە نەشر قىلىنمىدى. بىز باشقىلارنىڭئەسەرلىرىنى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ نامىغا يېزىپ ئاۋارە بولمىساقمۇ، قۇتلۇق شەۋقى باش مۇھەرىرلىكقىلغان " يېڭى ھايات" ۋە " قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى" قاتارلىقگېزىتلەردە قۇتلۇق شەۋقى نامىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە ۋە شېئىرلارنىڭ ئۆزىمۇ بىرتوپلام قىلىشقا يىتەرلىك مەنبەدۇر. شۇڭا، ئەستايىدىللىقى ئاجىز، چوڭقۇرئىزدىنىشتىن ئېرىنىدىغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرىبىر-بىرىنىڭ ئويدۇرما تەتقىقاتىنى كۆچۈرۈپ يۈرمەي، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئىلمىيئەمگەكلىرى بىلەن بىۋاستە تونۇشۇپ، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئەسىرى ئىدى، دېگەن ئەسەرنىئەسلىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، خۇلاسە چىقىرىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدابۆھتان تۈسىنى ئالغان ئاتالمىش تەتقىقاتنىڭ كۆپ بولىشى، ئىجادىي ھەم ئىلمىي ئەمگەكقىلغان قۇتلۇق شەۋقىدەك مۆتىۋەر زاتلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزىدۇر. شۇڭا ، قۇتلۇقشەۋقىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي ئەمگەكلىرىگە باھا بەرگەندە، يۇقىرقىدەك تۆمەتلەرنىڭتەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر.



(ئاپتۇر: خوتەن مائارىپ ئىنىستىتوتىدا)

مەنبەلەر:


① "چىندەتۈركچە گېزىت" دېگەن نامدىكى ماقالە بېسىلغان ژۇرنال_ "سىرەتەلمۇستەقىم"، 1910-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى سانى، ئىستانبۇل

YARRING,Gunnar Alferd: Printisfrom Kashghar, The Printing Office of the Swedish Mission in Eastan Turkistan,History and Production with an Attempt at a Bibliografhy ,1991 ,Stockholm: SevenscaForsking sinistitutet Istanbul.

③ ھۈسەيىن مۇساباي: "كاشغەردىن مەكتۇب"، "سىرەتەل مۇستەقىم" (ژۇرنال)،1910-يىلى 11-ئاينىڭ 11 -كۈنىدىكى سانى،ئىستانبۇل

④ " تۈركىيەسىرتىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئانتولوگىيىسى" . 15-توم،"ئۆزبىك ئەدەبىياتى-2"، 187-بەت، 2000-يىلى تۈركىيە مەدەنىيەتمىنىستىرلىقى نەشرى




ماقالىنىڭ مەنبەسى: شىنجاڭتارىخ-مەدەنىيىتى ژورنىلى 2013-يىللىق سان(ئومۇمىي 47-سان)


(تەھرىرلىگۈچى: يالقۇن روزى)


تورغا يوللىغۇچى :لوپنۇرى

توردىكى مەنبەسى:

http://lopnuri.com/?p=3951



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 02:34 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش1 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96819
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 512
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-8-8
ئاخىرقى: 2015-2-23
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 10:59:27 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئەمىسە قۇتلۇق شەۋقى دېگەن كىم ؟

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 11:30:07 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مۇشۇنداقمۇ ئىشلار بولغانمىكەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42705
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6733
تۆھپە نۇمۇرى: 840
توردا: 921 سائەت
تىزىم: 2011-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-3
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 11:37:35 PM |ئايرىم كۆرۈش |
تەنقىدى تىمىللىرىمىز بىربىرىدىن ئىسىل چىققىلى تۇردىغۇ.تېزىنى ئېيىتسا مېزى چىققان.ئىككى شىئىر تۇغرۇلۇق يېزىلغان ئۇچۇرلار كىشىنى كايىل قىلىدۇ.لىكىن نەشىريات يوق دىگىنى ئىسپاتسىز بىر نەرسە بۇلۇپ قالدىمۇ نىمە دەيمەن ئۈزۈمچە.

كومپاس

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2065 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-5-26
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 11:00:42 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ئو    ئەمدى   قۇتلۇق شەۋقىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىمۇ بارمىدۇ يا... شۇنىڭ بىلەن تۈگگەنمىدۇ  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2963
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2634 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 11:05:00 AM |ئايرىم كۆرۈش |
قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدا بىلىنەر،ئىزدىنىشلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن...قۇتلۇق شەۋقىنىڭ كىملىگىنى بىلمىگەنلەرگە كىم جاۋاپكار؟

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7127
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-5-11
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 11:06:37 AM |ئايرىم كۆرۈش |
يائاللا، ئاپتورى خاتا ياكى باشقا بىر «شەۋقى» نىڭ ئەسىرى دېسىلا بولدىغۇ... تۆھمەت دەپ كۆپتۈرۈپ ئۇنى.... تېمىسىنى ئوقۇپ تېخى تارىخقا مۇناسىۋەتلىك يازمىمىكىن دەپتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2963
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2634 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-26
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 11:18:36 AM |ئايرىم كۆرۈش |
پوكان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 10:59 PM
ئەمىسە قۇتلۇق شەۋقى دېگەن كىم ؟

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى(1876-1937-يىللار) قەشقەردىكى ئابدۇرېھىم بەگ ئىسىملىك مەرىپەتۋەر ئائىلىنىڭ پەرزەندى،شەۋقى تەخەللۇسىدا ‹‹ئەركىن ھايات››‹‹يېڭى ھايات››گېزىتى تەسىس قىلىپ ،1937-يىلى 10-ئايدا شىڭشىسەي دىگەن ئىپلاسنىڭ تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

-‹‹غورۇرنامە››دىن  ئەركىن ئابدۇقادىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4746
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1479 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-21
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 01:28:52 PM |ئايرىم كۆرۈش |
نادىرلاشقا تىگىشلىك تىما....لوپنۇرىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە رىغبەت تىلەيمىز.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

پاكىز قەلبتىن پا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33767
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23130
تۆھپە نۇمۇرى: 2917
توردا: 4063 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-25
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 03:43:05 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مەندە بەش-ئالتە يىل ئىلىگىرى توردىن چۈشۈرۈپ 56نىڭ رەسىم ئامبىرىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاڭ گېزىتىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىدىن تۆت-بەش پارچە بار ئىدى.  نەشىر قىلىنغان ۋاقتىغا قاراپ باقاي دەپ ئاخشامدىن ئىزدەپ تاپالماي قالدىم.
ئانا تىل دېگەن شىئېرنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپات يىتەرلىك ئەمەس. سامان يولى دېگەن كىتابىنى تۈزگۈچىلەرمۇ ، بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورىمۇ «ئانا تىل»دېگەن شىئېرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كونكىرتنى ئەسكەرتمەپتۇ. ئەسلى قاچان، قايسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغا،كىم تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئېنىق يېزىلغان بولسا ماقالىنىڭ نۇقتىنەزىرىگە ئىشىنەر ئىدىم. سامان يولى دېگەن كىتابنى تۈزگۈچىلەرنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ باقساق بولاتتى.
يىگىرمە يىل ئىلگىرى بىر خىزمەتدىشىم بىلەن«تەنلىرى ياپىراق»نى كىمنىڭ يازغانلىقىنى تالىشىپ قالدۇق.ھەتتا ئوتتۇرغىچە پۈتۈن مەكتەپتىكىلەرنى مېھمان قىلىدىغان بولدۇق. دەم ئېلىش كۈنى ھەر ئىككىمىز ئىسپاتقا ئاتلاندۇق.نەتىنجىدە مەندىكى ژورنالدا(«قەشقەر ئەدەبىياتى»غۇ دەيمەن)تۇرغۇن ئالماسنىڭ بۇ شىئېرنى ئىجاد قىلىش تارىخى تەپسىلى يېزىلغان بولسا،خىزمەتدىشىمنىڭ قولىدىكى كىتابتا(ئاقسۇدا تۈزۈلگەن «مەىپەت مەشئىلى قانداق ئۆچتى»
دېگەن كىتابقۇ دەيمەن)لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ بۇ شىئېرنى يېزىپ ئاھاڭ  ئىشلەپ سەھنىلەردە ئورۇنلىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر چىقتى..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 03:46 PM  


جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟ ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟ يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ، گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش