مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1787|ئىنكاس: 14

قابىل ۋە ناقابىل ئوقۇتقۇچىنىڭ 32 خىل پەرقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 03:54:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قابىل ۋە  ناقابىل ئوقۇتقۇچىنىڭ 32 خىل پەرقى

ئاپتۇرى:يې يۈخۇا

1.قابىل ئوقۇتقۇچى مۇرەككەپ بىلىملەرنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ يەتكۈزەلەيدۇ، ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئادەتتىكى بىلىملەرنى مۇرەككەپلەشتۈرۋاتىدۇ.

2.قابىل ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىش تەس بولغان بىلىملەرنى ئاسانلاشتۇرالايدۇ، ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئاسان نەرسىلەرنىمۇقىيىنلاشتۇرۋېتىدۇ.

3.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغاقاراپ دەرس ئۆتىدۇ، ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، باشتىن-ئاخىر ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىگەئەگىشىپ مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

4.قابىل ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئەركىن ئازادە يۈرۈپمۇ،ئوقۇغۇچىلارنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنەلەيدىغان قىلالايدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا،ئوقۇغۇچىلارنى بىكارچى قىلىپ قويۇپ، ئۆزى تولىمۇ ئالدىراش يۇرىيدۇ.

5.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل كۆزقاراشلىرىنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىنىڭ ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشىماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.

6.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، ناقابىل ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ خاتا جاۋاب بېرىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىدۇ.

7. قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىغا: قېنى سىزقانداق ئويلىدىڭىز؟ دېيەلەيدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا ئوقۇغۇچىلىرىغا:كىم جاۋاب بېرىدۇ، دېيىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.

8.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى كىتاب كۆرۈپ مەسىلىلەرنى بايقىشىنى ۋە خۇلاسە چىقىرىشىنى قوللايدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئۆزىنىڭ جاۋابىنى ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە دەپ بېرىش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ.

9.قابىل ئوقۇتقۇچى كۆڭلىدە دائىم ئوقۇغۇچىلارنى ئويلايدۇ، ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا دائىم ئۆزىنىڭ دەرسلىك پىلانىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.

10. قابىل ئوقۇتقۇچى ئامال بار كۆپرەك ۋاقىتنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا،دائىم ئۆزىنىڭ گىېپىنى يورغىلىتىپ يۈرىيدۇ.

11. قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرگەگۇمانىي پوزىتسىيىدە بولىشىغا مەدەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز گېپىگە پۇتاق چىقىرىشىدىن قورقۇپلايۇرىيدۇ.

12. قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرئۇسۇلىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت دەرس مەزمۇنىنى ئىگىلىگەن-ئىگىلىمىگەنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

13.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىكى بىلىم سەۋىيەسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، باشتىن ئاخىر ئوقۇغۇچىلارھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ.

14.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ تالاش-تارتىش قىممىتىنىڭ بار-يوقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەر ھەققىدە راۋان پىكىر قىلالىشىنىلا قوغلىشىدۇ.

15. قابىل ئوقۇتقۇچى دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىشنى دەرسخانىنىڭ داۋامى دەپ قارايدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، دەرس ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنلا"ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولدى" دەپ قارايدۇ.

16. قابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، بالىلارنىڭ دەرستىن پەقەت تەييار جاۋابلارنى تېپىپ بەرسىلا شۇنىڭغا رازى بولىدۇ.

17.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى بايقاشقا يېتەكلەيدۇ، مۇئەللىمنىڭ خاتا كەتكەن جايلىرىنى دادىللىق بىلەن تۈزىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغان جايلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئۆزگەرتىۋىلىشنى ئالاھىدە بىر دەرس ئۆتۈش تاكتىكىسى دەپ قارايدۇ.

18. قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ.

19. قابىل ئوقۇتقۇچى دائىم ئۆزى ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، بىلمىسىمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

20. قابىل ئوقۇتقۇچى مۇھىم ھەم ئاچقۇچلۇق نوقتىلارنى قانداق تۇتۇشنى بىلىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ھەممىنى قارا-قۇيۇق سۆزلەشكە ئامراق كېلىدۇ.

21. قابىل ئوقۇتقۇچى قانداق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ۋەقانداق ئادەت يېتىلدۇرۇشنى بالىلارغا ئۆگىتىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، پەقەت كىتابى بىلىم ۋە جاۋابلارنى بالىلارنىڭ كاللىسىغا قۇيۇپ قويۇشنى مۇھىم ئىش دەپ قارايدۇ.

22.قابىل ئوقۇتقۇچى ئۆزىگە خاس دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبى يارىتالايدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، باشقىلارنى دوراش ۋە تەقلىد قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.

23. قابىل ئوقۇتقۇچىنىڭ پىكىر قىلىشى ئۇچۇق،دادىل ھەم رېتىملىق بولىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، بالىلارنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ،مەركىزى نوقتىدىن چەتنەپ كېتىدۇ.

24.قابىل ئوقۇتقۇچى ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەققىدىكى ئىدىيىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ ھەمدە دەرسخانىدا جانلىق ھالدا ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ نىگىزىنى ئەمەس، شەكلىنى قۇبۇل قىلىدۇ، دەرسخانىدا باشقىلار تۈزۈپ بەرگەن قېلىپ بويىچەئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ.

25.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى،ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ بۇنىڭ ئىچىدىن تېخىمۇئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش پۇرسىتى ئىزدەپ تېپىشقا ئىنتىلىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشى ۋە پىكىر قىلىشى بىلەن كارى بولماستىن ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرىيدۇ.

26.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئۇچقۇنلىرىنىڭ يالقۇنلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.ناقابىل ئوقۇتقۇچى پەقەت بالىلارنىڭ جاۋابىنىڭ تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

27.قابىل ئوقۇتقۇچى قېتىرقىنىپ كىتاب ئوقۇشتىن كېيىنكى ئەستايىدىل ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى جاۋابقا مۇناسىۋەتلىك ئۈزۈندىلەرنىڭ توغرا ئېلىنغان –ئېلىنمىغانلىقى بىلەنلاقانائەتلىنىدۇ.

28.قابىل ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھان قەغەزلىرىنى دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۈزىتىدۇ.ناقابىل ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھانلارنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىنلا ئىش تۈگىدى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ.

29. قابىل ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە دەرستىن كېيىن ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى پەقەت ھەممىگە ئورتاق ھالدا دەرس ئۆتىدۇ. كىم بىلىۋاتىدۇ، كىم بىلمەيۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلىدە ئېنىق بىر سان بولمايدۇ.

30. قابىل ئوقۇتقۇچى پەقەت ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم ئىگەللىشىگە يىتەكچىلىك قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئوقۇش-يېزىش، ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئادىتىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقى بىلەن ھېسابلىشىدۇ.

31. قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سەۋىيىسىگە قاراپ تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقلارنى ئەركىن-ئازادىلىك ئىچىدە ئورۇنلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، تاپشۇرۇقلارنى قارا-قۇرۇق ئۇرۇنلاشتۇرىۋېرىدۇ.

32.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دائىم: بۇمەسىلىنىڭ قىيىن تەرەپلىرى بار، ئالدىرىماڭلار، ئاۋۋال ئەستايىدىل ۋە تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭلار، يەنە بىلەلمىسەڭلار، ھەممەيلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلساقمۇ بولىدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى دەيدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا ئوقۇغۇچىلارغا :سىلەرنىمانداق دۆت، مۇشۇنداق ئاددىي مەسىلىنىمۇ ھەل قىلالمىدىڭلارمۇ؟ دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.



ياقتۇرۇپ تەرجىمە قىلغۇچى: لوپنۇرى


مەنبە:خەنزۇچە "ئوقۇتقۇچىلار سالۇنى(教师博览)ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانى


خەنزۇچە ماقالىنىڭ توردىكى مەنبەسى:


http://wenku.baidu.com/link?url=tRrwrKFdjd6RP9frcKGIfCIX7JdCMTNtd8cvwt9xTxWnAclwJWS0-

6Cw5unwq6QIn1cfFRNFPOzijl4jl9fL5rJ5ylXe2KrRqcVyXyxXYvW



ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ مەنبەسى: http://lopnuri.com/?p=3580

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-29 04:02 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 07:00:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7571
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7692 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 08:01:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قابىل تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارغا بالىلارغا قانداق تەربىيە بېرىشنى بىلىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بالىلارنى گەپ ئاڭلىمىسا تاياققا زورلايدۇ.بالىلار نېمىشقا مېنىڭ دەرسىمگە قىزىمايدۇ دەپ ئۆزىگە سۇئال قويمايدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 08:44:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى سېلىشتۇرما بوپتۇ،ھەممىسى ئەمەلىيەتتىكى گەپلەركەن....

مېنىڭ  بەزى ئۇسۇللۇرۇم قابىل  ئوقۇتقۇچىغا ،بەزى ئۇسۇللۇرۇم  ناقابىل ئوقۇتقۇچىغا ئوخشاپ قالامدۇ نېمە؟...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98720
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 08:50:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناقابىل ئوقۇتقۇچى -قابىل ئوقۇتقۇچى=مەخەتجان مالىم ھى ھى ھى .......

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22053
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10071 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 09:09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يالغۇز ئوقۇتقۇچىلارغىلا ئەمەس، نۇرغۇن باشقا ساھەدىكىلەرگىمۇ ماس كەلگۈدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1492 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 09:24:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇتقۇچىلار قاھىدىسى  سۈپتىدە ھەربىر ئوقۇتقۇچى ياد ئېلىشقا تېگىشلىك ئېسل گەپلەركەن .
كەچگېچە ئوقۇغۇچىلار قاھىدىسى ئىجاد قىلۋەرمەي ئۆزلىرىمۇ ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش كىرەك .

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14965
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 09:34:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى مۇلاھىزە ئىكەن .ئوقۇتقۇچى دوسلار پايدىلانسا بولىدىكەن .مېنىڭچە قابىل ئوقۇتقۇچى بىلەن ناقابىل ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى برلا:يەنى ئاشۇ ئوقۇغۇچىلىرڭىز سىز ئۈچۈن ئۆز بالڭىز ،ئېنى -سىڭلىڭىزدەك كۆرۈنەمدۇ ياكى ئادەمنى بىزار قىلىغان بىغەرەز شۇملاردەكمۇ ؟

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 09:58:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقوتقۇچىلار قانۇننى ئۆزگەرتسەك بولغۇدەك.

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13101
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 10:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر تۇرۇپ قابىل ئوقۇتقۇچىدەك، بىر تۇرۇپ ناقابىل ئوقۇتقۇچىدەك تۇرۇمەن جۇمۇ... يازما ئىگىسىنىڭ ئەجىرىگە تەشەككۈر...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش