مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1082|ئىنكاس: 17

مەن ئوقۇتقۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 05:56:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئىلاۋە: مەزكۇر تېمىنى سىلەرگە سۇنۇشتىن بۇرۇن قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم. 2014- يىل 3-ئاينىڭ21-كۈنى نۇرۇز بايرىمىغا ئاتاپ مەكتىپىمىزدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات گۇرپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلاربىر ئايدىن ئۇشۇقراق ۋاقىت تەييارلىق قىلىپ بىر قېتىملىق ئانا تىلدا شېئىر، نەسىردېكلىماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى ئىدۇق. ئەمما ، مەكتەپتىكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ پائالىيەت 4-ئايغا سۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خەنزۇتىلىدا دېكلىماتسىيە قىلىدىغان پائالىيەتكە ئايلاندۇرۋېتىلدى. سەۋەب، مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرشىگە پايدىلىق بولىشى كېرەك ئىكەن. مەزكۇر يازمىنى سىنىپىمدىكى تۆت ئوقۇغۇچۇم بىلەن نۇرۇز بايرىمى كۈنى مىللىي كىيىملىرىمىزنى قاملاشتۇرۇپ كىيىپ بىر دېكلىماتسىيە قىلىۋىتەي دەپ يازغان ئىدىم. ئەپسۇس، خۇدايىم بۇيرىمىغان ئوخشايدۇ. نۇرۇز كۈنى كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپتۇ. كۆڭۈل غەشلىكلىرىم سەل پەسەيگەندەك. شۇڭا، دوستلار بىلەن ئورتاقلىشاي دېدىم. ناۋادا مائارىپ سېپىدىكى بىرەر قېرىندىشىمىزغا ياراپ قالسا، مەنبە ۋە ئاپتۇرنى ئەسكەرتكەن ئاساستا دېكلىماتسىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ قالسا، بۇمۇ مېنىڭ ئەجىرىمنىڭ بىكاركەتمىگىنى.


مەن ئوقۇتقۇچى


ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى


ئا:مەن ھاياتنى قىزغىن سۆيگۈچى، بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمنى مەنىلەر گۈللىرى بىلەن بېزەشنى ئارزۇ قىلغۇچى!

ب: مەن ۋاقىتنى جان-دىل بىلەن قەدىرلىگۈچى، ئۇنىڭ قوللىرىدىن چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، ئارمانلىرىمنى قۇلاقلىرىغا بىر-بىرلەپ پىچىرلىغۇچى!

س:مەن ئۈمىدنى چىڭ باغاشلىغان پېتى جاپا-مۇشەقەت داۋانلىرىدىن مەغرۇرلارچە ئاتلاپ ئۆتكۈچى، ئىلىم ئېتىغا مىنىپ زەپەر دەرۋازىلىرىدىن كۈلۈپ كىرگۈچى!

د:مەن كەمتەرلىكنىڭ چېچەكلىرىنى پەپىلەپ، مەغرۇرلۇقنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپقۇچى، ئۆز نىشانىم ئۈچۈن توختىماي تىرىشقۇچى!

ئې:مەن ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، مېھرىبانلىقنىڭ سۈيىدە ئاققۇچى، غورۇرۇم بىلەن كەلگۈسىگەيۈزلەنگۈچى!

كوللىكتىپ:بىز غايىنىڭ كەمەرلىرىنى مەھكەم باغلىغان، ياش نوتىلارنىڭ دىلىغا ئىلىم سېلىشنى ئىرادە قىلغان ئاددى ئوقۇتقۇچى! بىزنىڭ بۈگۈنكى غايىمىز ئوقۇتقۇچى! ئەتىكى غايىمىز ئوقۇتقۇچى!كەلگۈسىدىكى غايىمىز ھەم ئوقۇتقۇچى!


ئا: مەن بىر ھەسەل ھەرىسى مۇشۇ گۈلزارلىقنى كۆزلەپ كەلگەندىن بېرى كەلگۈسۈم ئۈچۈن شىرنە يىغىۋاتىمەن!

ب:مەن بىر بىلىم پەرۋانىسى، مۇشۇ ئاتەش قەلىبلىك ئۇستازلار بىلەن ئۇچىراشقاندىن بېرى ئۇلارنىڭ ئەتىراپىنى پىرقىراپ كېلىۋاتىمەن!

س:مەن بىر روھى ئىنژىنىر، مۇشۇ يەرگە قەدەم باسقاندىن بېرى ھاياتىم بىناسىغا ئۇل سېلىۋاتىمەن!

د:مەن بىر مەزمۇت توغراق، مۇشۇ تۇپراققا تىكىلگەندىن بېرى، ئىلىم خۇمارىمنى بېسىش ئۈچۈن كۆكلەپ كېلىۋاتىمەن!

ئې: مەن بىر شام چىراق،مۇشۇ بۇغۇنلىرىم بىلەن تەقدىرداش بولغاندىن بېرى، كېچە-كۈندۈز كۆيۈپ كېلىۋاتىمەن!

ئا: مەن كەينىمگەقارىدىم، يىققان شىرنەم تېخى ئازكەن، تېخى ئازكەن!

ب:مەن ئارقامغا قارىدىم،پىرقىراۋاتقان يېرىم تېخى تاركەن، تېخى تاركەن!

س: مەن يېنىمغا قارىدىم،سالغان ئۇلۇم تېخى بوشكەن، تېخى بوشكەن!

د: مەن ئۈزۈمگە قارىدىم،تارتقان يىلتىزىم تېخى تېيىزكەن، تېخى تېيىزكەن!

ئې: مەن ئۇپۇققاقارىدىم، چاچقان نۇرۇم تېخى سۇسكەن، تېخى سۇسكەن!


كوللىكتىپ: بىز تىرىشساق بولغىدەك، بىز تىرماشساق بولغىدەك! ئىلىم قىياسىغا ياماشساق بولغىدەك! بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغىساق بولغىدەك!

مانا بۇ بىزنىڭ غايىمىز،مانا بۇ بىزنىڭ غايىمىز!


ئا: ئۈچ يىل مۇقەددەم مەن بۇ يەرگە ناتونۇش ئىدىم، مانا ھازىر ئۆز ئۆيۈم بىلەن ئوخشاش!

ب: ئۈچ يىل مۇقەددەم مەن بۇ بالىلار بىلەن  ناتونۇش ئىدىم، ماناھازىر ئۇلار بىلەن ئەڭ يېقىن سىرداش!

س: ئۇچ يىل مۇقەددەم مەن بۇ ئۇستازلار بىلەن ناتونۇش ئىدىم، مانا ھازىر ئۇلار بىلەن دىلداش، قەلبداش!

د: ئۈچ يىل مۇقەددەم مەن بۇ كەسىپ بىلەن ناتونۇش ئىدىم، مانا ھازىر ئۇنىڭ بىلەن يولداش، تەقدىرداش!

ئې:ئۈچ يىل مۇقەددەم مەن سىلەرنى مانا مۇشۇ يەردە كۈتىۋالغان ئىدىم، مانا ھازىر ھەممىڭلار مېنىڭ ئۆز بالام بىلەن ئوخشاش!


ئا: ئۈچ يىلدىن كېيىن كەينىمگە قارىدىم، مۇشۇ جايدا نۇرغۇن ئىزلىرىم قاپتۇ!

ب: ئۈچ يىلدىن كېيىن كەينىمگە قارىدىم، مۇشۇ جايدا نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرىم قاپتۇ!

س: ئۈچ يىلدىن كېيىن يېنىمغا قارىدىم، مۇشۇ جايدا ماڭا كۆيۈنگەن ئۇستازلىرىم قاپتۇ!

د: ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆزۈمگە قارىدىم، مۇشۇ جايدا ئۆگەنگەن ناخشىلىرىم، سازلىرىم قاپتۇ!

ئې: ئۈچ يىلدىن كېيىن ئەتىراپىمغا قارىدىم، ئۆز غايىسى ئۈچۈن توختىماي تىرىشقان قارا كۆزلۈك ئوغۇل ھەم قىزلىرىم قاپتۇ!


كوللىكتىپ: بىز مۇشۇجايدا ئۆز غايىمىز ئۈچۈن تىرىشتۇق، بىز مۇشۇ جايدا ئۆز كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشتۇق،بىز مۇشۇ جايدا ئىقبال نىشانىمىز ئۈچۈن تىرىشتۇق! چۈنكى، بىز كەلگۈسىدىكى كۆيۈم چانباغۋەن، چۈنكى بىز كەلگۈسىدىكى مىھنەتكەش مۇئەللىم، چۈنكى بىز كەلگۈسىدىكى ئىجتىھاتلىق ئوقۇتقۇچى، چۈنكى بىز كەلگۈسىدىكى نۇرلۇق شام چىراق! چۈنكى بىزكەلگۈسىدىكى تالانتلىق ئىنژىنىر!


ئا: مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن، چۈنكى، ئۇ مېنى بىلىم ساھەسىدە توختىماي ئىزدىنىشكەئۈندەيدۇ!

ب: مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، چۈنكى ئۇ مېنى ئۆزۈمنى توختىماي يېڭىلاشقا دەۋەت قىلىدۇ!

س: مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن، چۈنكى ئۇ مېنى سەبىي دىللارنى ئويغىتىشقا چىللايدۇ!

د: مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن، چۈنكى، ئۇ مېنى ئۆزلۈكۈم ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ!

ئې: مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، چۈنكى ئۇ مېنى پۈتمەس-تۈگىمەس مەنىۋى بايلىقلاردۇنياسىغا باشلايدۇ!


ئا: مەن ئوقۇتقۇچى بولسام، جاپا تارتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما ئۆزۈم خالاپ تارتقان جاپا ماڭاراھەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

ب:مەن ئوقۇتقۇچى بولسام،قىيىنچىلىققا يولۇقىدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما بۇ قىيىنچىلىق مېنىڭ ئىلگىرلىشىمگە تۈرتكە بولدىغان كۈچتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

س: مەن ئوقۇتقۇچى بولسام، چارچايدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما بۇ چارچاش، ماڭا غەلبىنىڭ سىماسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!

د: مەن ئوقۇتقۇچى بولسام، تۈگىمەس ئىشلار قاينىمىغا چۆكىدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما بۇ چۆكۈش ماڭا خۇشاللىقنىڭ ھوزۇرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!

ئې: مەن ئوقۇتقۇچى بولسام، ئۆزۈمگە كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما باللىلارغا كۆيۈنۈش ۋەتەن ھەم خەلقىمگە كۆيۈنۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!


كوللىكتىپ: بىزدەئوقۇتقۇچى بولۇشقا روھى تەييارلىق بار! بىزدە مۇئەللىم بولۇشقا ئاجايىپ ئىشتىياق بار! بىزدە باغۋەن بولۇشقا پۈتمەس مۇھەببەت بار! بىزدە روھى ئىنژىنىر بولۇشقا سۇنماس غەيرەت بار!بىزدە بۇ كەسىپكە نىسبەتەن چەكسىز ئىززەت- ھۆرمەت بار!


ئا: بىزنى مۇئەللىم بولۇش ئىستىكى بۇ يەرگە جەم قىلدى، بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ شادلاندۇق!

ب: بىزنى ئوقۇتقۇچى بولۇش ھەۋىسى، بۇ يەرگە قىزىقتۇردى، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشتۇق!

س: بىزنى باغۋەن بولۇش ئاررزۇسى بۇ يەرگە توپلىدى، بىز پۈتۈن ھۇجۇدىمىز بىلەن ئۆز ئىشىمىزغا كىرىشتۇق!

د: بىزنى روھى ئىنژىنىربولۇش خۇمارى بۇ يەرگە جۇغلىدى، بىز ئاشۇ خۇمارنى بېسىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق!

ئې: بىزنى شام چىراق بولۇش غايىسى بۇ يەرگە چىللىدى، بىز بۇ غايىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە ياندۇق!


ئا: مەن مۇئەللىم بولماقچى، ئالدىمدا ئولتۇرغان سەبىيلەرنىڭ قاپقارا كۆزلىرىگە مىھىرلىك باقماقچى!

ب: مەن ئوقۇتقۇچى بولماقچى، ئىزباسارلىرىمنىڭ بوينىغا شەرەپ مىداللىرىنى ئاسماقچى!

ب: مەن شام چىراق بولماقچى،  ئاشۇ ئوماقلارنىڭ قەلبىگە ئىلىم ئوتىنى ياقماقچى!

س: مەن باغۋەن بولماقچى،ئاشۇ بالىلىرىم بىلەن غەلبىنىڭ مېغىزىنى بىرلىكتە چاقماقچى!

د: مەن روھى ئىنژىنىربولماقچى،ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ، ئۈمىدۋارلىقنىڭ سۈيىدە ئاقماقچى!


ئا:

قولۇڭنى بەر ئەي ساۋاقدېشىم،

كۆكتەبىللە پەرۋاز قىلايلى!

قەلبى ئاتەش، مىھرى بىھېساب،

ئىلىم سۆيەر ئۇستاز بولايلى!


ب:

قولۇڭنى بەر ئەي تەقدىردېشىم،

داۋانلاردىن بىللە ئۆتەيلى!

چىقسامەيلى قانچىلىك بوران،

ئۇنى خۇشال-خۇرام كۈتەيلى!


س:

قولۇڭنى بەر ئەي قەلىبدېشىم،

تۈگۈنلەرنى بىللە يېشەيلى!

چۈشكۈنلۈككە بېرىپ خاتىمە،

روھىمىزغاچوڭقۇر چۆكەيلى!


د:

قولۇڭنى بەر ئەي سەپەردېشىم،

كەسپىمىزدە شەرەپ قۇچايلى!

ئىلىم كۆكتە بولسا ناۋادا،

ئۇنىڭ تامان بىرگە ئۇچايلى!


ئې:

قولۇڭنى بەر ئەي دىلداشلىرىم،

قۇياش كەبى چاقناپ تۇرايلى!

ۋەتەن بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدنى،

يەردەقويماي ئاقلاپ تۇرايلى!


كوللىكتىپ:

قولۇڭنى بەر ئەي مەكتەپدېشىم،

نۇرلۇق تاڭغا بىللە يېتەيلى!

ئىلمۇ-ئېرپان ئېتىزلىرىغا،

تەرىمىزنى بىرگە تۆكەيلى!


2014-يىل3-ئاينىڭ 17-كۈنى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-28 06:12 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
baxakem + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
پەرى + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5066
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 07:03:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم،بىراق كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،چۈنكى ھازىر كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلارنى تولىلىقىدىن كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىپمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق،ئادەم ھەر نەرسىگە كۆنۈۋېرىپ ئاخىرىدا بولسا بۇ كۆنۈشلەرگىمۇ كۆنۈپ قالىدىكەن.....
مەن تېخى 32 ھەرىپنىڭ ھەممىسى بار ئوخشايدۇ دەپ بۇيۇنداپ قاراپ كېتىپتىمەن
ماۋۇ بىر كۇبىلىت شېئىرنى قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىپ قالدى

مەكتەپتە دەرىسلەر ئۆز تىلىڭدىن يات،
ئىمتىھان يات تىلدا ئانا تىل بەربات.
ئۇستازمۇ شاگىرتمۇ چېكىدۇ پەرياد،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇسلىم بولماق تەس


ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئۆلۈم ئۇ بىر يىڭى ھاياتلىقنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103796
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 07:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-28 07:03 PM
ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم،بىراق كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىل ...

32 ھەرىپنىڭ ھەممىنى تىزىپ قويسا،سەھنىگە ئادەم پاتماي قالار ھىلى

كىتاپ ئوقۇمىساڭ ،ھەرقانچە يول يۈرگىنىڭ بىلەنمۇ سەن بىر پوشتالىيۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102584
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 07:22:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىست ،ھەقىقەتەن ياخشى چىقپتىكەن.ئوقۇغۇچىلارغىمۇ مۇشۇنداق روھىنى كۆتىردىغان پائالىيەت كىرەك ئىدى.ئەكىسچە نۇرغۇن مەكتەپ چاغان بايرىمى قاتارلىق  بايراملاردا مەجبۇرى ساماغا سالدۇرۋاتىدۇ ئوقۇغۇچىلارنى.ئەڭ ئىچنىشلىقى (ھەممە بايراملاردا پائالىيەتلەر ئوخشاش ئادىل ئۆتكۈزۈلۋاتامدۇ-يوق؟بۇنى قويۇپ تۇرلى)ئاتا-ئانىلارمۇ بالام سوغۇقتا توڭۇدىغاندۇ دەپ ئويلىماي مەكتەپ رەھبەرلىكىگە پىكىر قىلش ئوپچە ئىنكاسى يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105113
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 07:57:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە لايىق.....

www.iptihar.net/bbs



  ئىپتىخار مۇنبىرى  سىلەرنى قارشى ئالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 08:23:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىكىمدىن ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. بۇ نەسىر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7573
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 08:39:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلار بەك چىداشلىق ئىكەن. قانچە بېسىم ۋە جاپا ئىچىدە يەنىلا مەزمۇت يۈرمەكتە. بۈگۈن بىر ئوقۇتقۇچى گۈزەل سەنئەت دەرسى ئۆتكەن ئىدى. بۇ دەرس ئىسمى ئەتراپىمىزدىكى سىزىقلار بۇلۇپ بۇ دەرسنى ئاڭلاپ ھەممىمىز ھەرخىل خىيالدا بوپتىمىز . نېمە ئۈچۈن دىگەندە ئوقۇتقۇچى خەنزۇچە ناھايىتى ياخشى سۆزلەپ، ئانا تىلىمۇ راۋان  ئەمەس بىرىنجى يىللىق بالىلىرىغا دەرسنى شۇنداق سەرخىل ئۆتتى . خەنزۇ باھالىغۇچىلارمۇ بەك ياخشى باھا بەردى.بالىلارغا ئۇيغۇرچىمۇ خېلى چۈشەندۈردى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 08:44:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلدا دىكىلماتسىيە قىلىدىغان نەسىرنى خەنزۇ تىلىدا قىلىسەن دەپ زورلىغىنىغا غەزىپىم قوزغالدى،ھەي بۇيۇن قىسقان ئانا تىلىم.

ھەي بىزمۇ ئادەم بولدۇقمۇ ئانا تىلىمىزنىڭ ياتلار ئالدىدىكى ئىتىبارى ھەجەپ تۈۋەنلەۋاتىدۇ؟

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 10:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلىق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ۋە مۇشەققەتلىك خىزمەت.

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19946
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10612 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 10:51:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ ،ئوقۇتقۇچى .......................
ھازىر ئوقۇتقۇچى بولۇش ،دېھقان بولماقتىنمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ ...روھىي بېسىم ،چارچاش ئېغىر ...

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش