جۇدادۇرمەن قەدىر-قىممەتتىن
(بۇ ئاددىي شېئىرىمنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان دۇنيا ئانا تىل بايرىمىغابېغىشلايمەن)
ئېغىزىمدا ئوتتۇز ئىككى چىش،
تۇرار دائىم رەت-رەت تىزىلىپ.
بۇ تىلىمنى ئوينىتار ھەريان،
ئوتتۇز ئىككى سۆيۈملۈك ھەرپ.
ئوغلۇمنىڭ چىشلىرى كوماك،
يەتمەس سانى ئوتتۇز ئىككىگە.
سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىدا راۋان،
يەتتىم بۇنىڭ تېگى-تەكتىگە.
چىشىم سۇنسا بولىدۇ سالسام،
سەدەپ ياكى ئالتۇن –كۆمۈشتىن.
تىلىم سۇنسا كۆمۈلەر ئىزىم،
نام-نىشانىم قالماس ئۆتمۈشتىن.
غاپىللىقتا ئوخشاتتىم بەلكىم،
چىشلىرىمنى تېپىلماس دۇرغا.
ئەمدى بىلسەم تىلىم گۆھەركەن،
ۋۇجۇدۇمنى تولدۇرغان نۇرغا.
سانىيالىدىم چىشىمنى بىر-بىر،
تىلىم بەرگەن ھىممەتلىك ساندا.
ئۇيغۇر بولۇپ ياشاپ يۈرۈيمەن،
ئەجداد روھى ئۆركەشلەپ قاندا.
چىشىم مەزمۇت بولمىسا پەقەت،
ئايرىلىمەن ئېسىل نىئمەتتىن.
تىلىم بەردەم بولمىسا ئەگەر،
جۇدادۇرمەن قەدىر-قىممەتتىن.
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-20 01:57 PM
|