مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2208|ئىنكاس: 33

تالانت، غورۇر ۋە ۋىجدان ئىگىسى ئۆتكۈر ئەپەندىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 06:54:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەدىرلىك دوستلار! يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدىب، زىيالىلىرى ئىچىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور. مەيلى ئۇنىڭ بىز سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان تارىخى رومانلىرى بولسۇن، شېئىر-داستانلىرى بولسۇن، قىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلىرى بولسۇن مەڭگۈ يادلىنىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر ھەقىقىي تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ قەدىناس ھەمراھى خەلچەم تىلەشىۋا تەرپىدىن يېزىلغان بۇ ئەسلىمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ يەنە ھەممىمىزگە ئۈلگە بولالايدىغان پەزىلەت ۋە غورۇر ئىگىسى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش قىيىن ئەمەس. ئۇ بىز ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قەدىرىنى قىلىشقا تېگىشلىك زاتتۇر. خەلقىمىزدە ”ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن“ دەيدىغان ماقال بار. ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ مۇشۇنداق مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىشىدە خەلچەم تىلەشىۋا ھەدىمىزنىڭمۇ بىر كىشلىك تۆھپىسى بار ئەلۋەتتە. قۇرۇق گەپنى مۇشۇ يەردە توختىتاي، بەلكىم سىزمۇ بۇ ئەسلىمىنى ئوقۇشقا تەققازا بولۇپ كەتتىڭىز. ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ كەڭرەك چۈشىنىشكە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۆزۈم ئۇزۇندىن بېرى توپلاپ كېلىۋاتقان سۈرەتلىرىنى ئەسلىمىگە قوشۇمچە قىلدىم. يازمىنى تېخىمۇ كۆپرەك ئادەملەرنىڭ كۆرىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تېمىنى “ تالانت، غۇرۇر ۋە ۋىجدان ئىگىسى ئۆتكۈر ئەپەندىم“ دەپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. بۇ يازما ۋە سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، دوستلارنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ يەردە يوق سۈرەتلىرى بولسا، يازمىغا ئىنكاس شەكىلدە تولۇقلاپ قويۇشۇڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

مەرھۇم قەدىناسىم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەيمەن


خەلچەم تىلەشىۋا


ھۆرمەتلىك ئۆتكۈر ئەپەندىم بىزدىن ئايرىلغىنىغا مانا ھەش-بەش دېگۈچە 18 يىل بولۇپ قاپتۇ. ئەپەندىم گەرچە نۇرغۇن ئارمانلار بىلەن كەتكەن بولسىمۇ، بىر مۇسۇلمان بولۇش سالاھىيىتى ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن خەلق ئۈچۈن، پايدىلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. جۈملىدىن، ئائىلىمىز، پەرزەنتلىرىمىز ۋە كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ ئادىمىيلىكى ۋە پەزىلەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ قويۇپ كەتتى.

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!

مەن ئۆتكۈرگە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۇنىڭ ئايالى، ھەمراھى، يولدىشى ھەم سىرداش دوستى سۈپىتىدە ئەگىشىپ كەلدىم. بۇ جەرياندا ئۆتكۈر بەزى تەتۈر سىياسەتلەرنىڭ شامىلىغا ئۇچىراپ، ئائىلىمىز نۇرغۇن سەرسانلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپلىگەن دىشۋارچىلىقلارنى تارتقان بولساقمۇ، ئەپەندىم مەيلى كىشلىك مۇناسىۋەتتە بولسۇن ياكى ئۆز ئەسەرلىرىدە بولسۇن، ھەر قاچان ئۆز غورۇرىغا خىلاپ ئىش قىلىشتىن ساقلىنىپ كەلدى، ۋەتەن، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت ھايات سىزىقىدىن چەتنەپ باقمىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر شېئىرى ۋە ئەسىرىنىڭ بىر ئارقا كۆرۈنىشى بار دېيىشكە بولىدۇ.

1949-يىلنىڭ بېشىدا، ئۆتكۈر ئەپەندى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىراق،ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق خېلى مەسىلە ئىدى. دېگەندەك ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتە-ئۆتمەي، ئۆتكۈر بۇ ئورۇندىكى ئەمەلدارلارنىڭ تۈرلۈك يول بىلەن خەلققە قىلىۋاتقان تالان-تاراجىنى ۋە پارىخورلۇقلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي، بۇ ئەمەلدارلار بىلەن يۈزتۇرانە سۆزلىشىپ ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرى ھېچنەرسىنى ھەل قىلالمايدۇ. مانا مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر خادىم ئەمەلدارلارغا بېرىلىدىغان خىراجەت ئىسمىيسىنى ئۆتكۈرنىڭ ئىشخانىسىغا كۆتۈرۈپ كىرىپ، ئۆتكۈرگە قول قويۇپ تەستىقلاپ بېرىشنى ئېيتىدۇ. ئۆتكۈر ئىسمىيەگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قول قويۇشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ ئەمەلدار ئۆتكۈردىن نارازى بولۇپ، ئۇنى مەسخىرە قىلىپ “ تازىمۇ ئەخمەق بىر نېمە ئىكەنسەن، گەپ قىلماي قول قويىۋەرمەمسەن، ئۆزۈڭنىڭ تېگىشلىكىنى ئېلىپ خەجلەۋەرمەمسەن، بۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىپ نېمە قىلىسەن؟“ دەيدۇ. ئۆتكۈر بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، ئۆزىنى باسالماي قالىدۇ-دە، خىراجەت ئىسمىيىتىنى يىرتىپ ئۇ ئەمەلدارنىڭ بېشىغا ئېتىپ تىللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن غوۋغا كۆتۈرۈلۈپ باشقا ئىشخانىدىكىلەرمۇ يۈگۈرۈشۈپ چىقىدۇ. ئاخىرى بۇ ئىشقا سابىق رەئىس بۇرھان شەھىدى ئەپەندىممۇ ئارىلىشىپ جىدەل ئاران بېسىقىدۇ. ئەپەندىم شۇ خاپىچىلىقتا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، بىر ئاخشامدا ئوقۇرمەنلەرگە تونۇش بولغان ”خەجلە خائىنلار، خەجلە“ دېگەن شېئىرىنى يېزىپ چىقىدۇ ۋە ئەتىسىلا گېزىتخانىغا ئاپىرىپ ئېلان قىلدۇرىدۇ. بۇ شېئىردىكى مۇنۇ مىسىرالار ئەپەندىمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتى بولسا كېرەك.

خەجلە خائىنلەرەي خەجلە، بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە،

يېتىشمەي قالا ئۇ ھەم، ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە.

بۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈرنىڭ خىزمەتتىن كۆڭلى سوۋۇپ، مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ قايتىپ كېلىدۇ ۋە كېيىنچە دارىلمۇئەللىمىن ۋە گېزىتخانىدىكى خىزمەتلىرىدىنمۇ ئىستىپا بېرىپ، ئەركىن ياشاپ ئۆز يېزىقچىلىقىنى قىلىپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەنمۇ ئەپەندىمنىڭ ئارزۇسىغا قوشۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ئوسمان ھاجىمدىن قالغان ئۇچتۇرپاندىكى قورو جايغا كۆچۈپ بېرىپ ياشاشنى قارار قىلدۇق ۋە شۇ يىلى 5-ئايلاردا ئۇچتۇرپانغا يېتىپ كەلدۇق.

ئۆتكۈرنىڭ يېزىقچىلىق قىلىدىغان قىراندەك چاغلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئەينى چاغدىكى تەتۈر سىياسەتنىڭ كاساپىتى بىلەن تۈرمە ۋە رېجىم ئاستىدا ئۆتۈپ كەلمەسكە كەتكەن بولسىمۇ، سىياسەت ياخشىلانغاندىن كېيىن ئۇ ئۆمىرىنى خەلق ئۈچۈن بىر نەچچە پارچە  ئەسەر قالدۇرۇشقا بېغىشلىدى. 1970-يىللىرىدىن باشلاپلا، يەنى ئەپەندىم ياغاچچىلىق قىلىپ ئائىلىمىزنى قامداۋاتقان چاغلاردىن باشلاپلا ئۇنىڭدا ”ئىز“ رومانىنى يېزىش ئويى شەكىللەنگەنىدى. ئۇ دەسلەپتە ”قەشقەر كېچىسى“ داستانىنى قايتا تۈزىتىپ يېزىش بىلەن بىللە يەنە بەزى شېئىرلارنى يېزىپ تۇردى. 1978-يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە تەتقىقاتچى بولۇپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىنلا ئۇنىڭغا يېزىقچىلىق ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىت ھازىر بولدى. مەرھۇمنىڭ ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىدىن باشقا ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ۋە رازى بولغان ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى شاھانە ئەسەر ”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“نىڭ تەرجىمىسى ۋە ”قۇتادغۇبىلىك ”نىڭ نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەش ۋە باش مۇھەرىرلىكىنى ئۆتەش بولدى. ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدە ماڭا ۋە بالىلارغا ئېيتقان: ”مۇشۇ ”دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك“  بىلەن ”قۇتادغۇبىلىككە مېنىڭ جىق قان-تەرىم سىڭدى جۇمۇ“ دېگەن سۆزى ھېلىمۇ ئېسىمدە. بولۇپمۇ دەسلەپتە ”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“ نەشردىن چىققاندا ، ئۇ تولىمۇ خۇشال بولۇپ: “ ئاللاھقا شۈكرى، يائاللا بۇ كىتابنى خۇددى بالامنى كۆتۈرگەندەك شەھەرمۇ شەھەر كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، تىقىپ ساقلاپ بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدىم. ھېلىمۇ بۇ ئەسەر تەرجىمە قىلىنىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى“ دېگەنىدى. بۇ ھەقتە بىر قىستۇرما بايان قىلىپ ئۆتۈشكە تۈغرا كېلىدۇ.

1949-يىللىرى بىز ئۇچتۇرپاندىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۆيدىكى بەزى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى شۇ يەردىكى تاشاخۇن دادام دېگەن كىشىگە ساقلاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدۇق. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى قالايمىقان ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن بۇ خىل كىتابلارنى ئائىلىمىزدە ساقلاش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. ساقلاپ قويۇشقا بەرگەن كىتابلارنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ “ ع ئۆتكۈر“ دېگەن ئىمزاسى قويۇلغان ”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“مۇ بار ئىدى. كېيىن يەنى، 1955-يىلى بولسا كېرەك، سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى بۇ كىتابنى سۈرۈشتۈرۈپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. مەن ئۇ كىتابنى يۇشۇرۇپ قويغانلىقىمىزنى ئېيتىپ، كىتابنى ساقلىغان تاشاخۇن دادىمىزغا كىتابنى مۇشۇ سەيپىدىن ئەپەندى ئەۋەتكەن كىشىلەرگە بېرىش توغرىلىق بىر پارچە خەت يېزىپ، قولۇمنى بېسىپ بەردىم. ئۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ ئۇ كىتابنى نەدە، كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋرىمىز بولمىدى. 1978-يىلى ئۆتكۈر ئەپەندىم ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە باشقا تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە دىۋاننى تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالغان چاغدىلا، كىتابنىڭ ئىككىنچى ۋارىقىنى ئېچىپ بۇ دەل ئۆزىنىڭ “ ع ئۆتكۈر “ ئىمزاسى قويۇلغان ئاشۇ كىتابى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلانغان ئىكەن. ئۇقۇشىمىزچە ئۇ كىتاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىيدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، سەيپىدىن ئەپەندىم بۇ كىتابنى مۇزىيغا ئەۋەتىپ بەرگەنىكەن.مەنمۇ بۇ دۇنياۋىي ئەسەرنى ئاسىراپ، ساقلاش ئۈچۈن بىر كىشلىك كۈچۈمنى چىقارغىنىمدىن خۇشال بولدۇم.

مەن ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ”ئىز“، ”ئويغانغان زىمىن“ رومانلىرىنى يېزىش ئۈچۈن قۇمۇلنىڭ بەش شەھەر، ئون ئىككى تاغ سەپىرىدە توپلىغان نۇرغۇن ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى، خەت-چەكلەر ۋە يانچۇق دەپتەرلىرىنى رەتلەپ چىقتىم. ئۆتكۈر ئەپەندىم ياش چېغىدىن تارتىپلا مەيلى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە بولسۇن، مەيلى ماتىرىيال توپلاش، زىيارەت ۋە سەپەرلەردە بولسۇن يېنىدىن يانچۇق دەپتەرلىرىنى ئايرىمايتتى. مەن ئۆزۈممۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قانچە قېتىم قۇمۇل تاغلىرىغا ماتىرىيال توپلاشقا بىللە بارغانىدىم. ئۇ بارغانلا يېرىدە شۇ يەردىكى ياشانغان كىشىلەر، تارىخى شەخسلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان يەرلىك شىۋە ۋە ماقال-تەمسىللەرنى كىچىك يانچۇق دەپتەرلىرىگە يېزىۋالاتتى. ئۇ رومانلارنىڭ تۇرمۇشقا يېقىن، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىنىدەك چىقىشىغا، بەلكىم مۇشۇ خىل ئۇسۇللارنىڭمۇ ياردىمى بولغان بولىشى مۇمكىن. ئۆتكۈر بىر قېتىم ماڭا: “ خەلچىخان، ئەگەر توقۇلما رومان يازغان بولسام، بۇ چاغقىچە نەچچە رومان پۈتۈپ بولغان بولاتتى، تارىخى رومان يازماق ھەقىقەتەن تەسكەن“دېگەنىدى.

ئۆتكۈر ئەپەندىم ھاياتىدا بەزى خاتا سىياسەت تۈپەيلى بىر قانچە قېتىم تۈرمىگە ئېلىنغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم 1944-يىلى 28-مارت كۈنى 21 ياش چېغىدا سوۋىت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغانلىقى، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئىلغار پىكىرلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن شىڭشىسەي تۈرمىسىگە سىياسي مەھبۇس سۈپىتىدە قامىلىدۇ. ئۇ چاغلاردا سەل-پەل ئىلغار پىكىرلىك بولۇپ قېلىشنىڭ ئۆزىلا سىياسىي مەھبۇسلۇققا توشۇپ قالىدىغان شەرت ئىدى. دېمەك، ئۇ زامانلاردا قانۇن دېگەن يوق بولۇپ، ھەممە كىشىنىڭ تەقدىرى بىر ئوچۇم جاللاتلارنىڭ قولىدا ئىدى. جاللات شىڭشىسەي ئۆزىنىڭ ئىلغارلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ نەچچە ئونمىڭلىغان كىشىلەرنى ، ھەتتا كېينكى كۈنلەردە ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ پۇرىقى كەتمىگەن ئۆسمۈر بالىلارنىمۇ سىياسى مەھبۇس قىلىپ تۈرمىلەرگە قامىدى. ئەپەندىمنىڭ ”قەشقەر كېچىسى“ داستانىدىكى تۆۋەندىكى مىسرالار ئەنە شۇنىڭ ئىنكاسى ئىدى:

قىزىل پاچاق ئاتالدى ھەر زىيالى،

كۈنى شورلۇق،ئايانچلىق بولدى ھالى.

كىمىكى داد دېسە، كەستى تىلىنى،

تىلى تۇرماق تۆكۈپ ئىچتى قېنىنى.

ئۆتكۈر ئەپەندىم تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ئائىلىمىزمۇ ۋەيران بولۇپ كەتتى. چوڭ ئوغلىمىز جىددىي كېسەل بىلەن قازالاپ كەتتى. مەنمۇ قۇمۇلدىكى تۇققانلارنىڭ يېنىغا كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. كېيىن بىر يىلدىن كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ يالقۇنلىرى كۆتۈرۈلگەندە، گومىنداڭ سىياسى نەيرەڭ ئىشلىتىپ ئاممىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كېپىللىكى بىلەن بىر قانچە زىيالىلارنى تۈرمىدىن بوشىتىدۇ. شۇلارنىڭ قاتارىدا ئۆتكۈر ئەپەندىممۇ بار ئىدى. لېكىن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ نەزەربەند ئاستىدا قۇمۇلدا ياشىدۇق.

1950-يىلى ئۆتكۈر ئەپەندىم يەنە بىر قېتىم سىياسىي مەھبۇسلار تۈرمىسىدە ئالتە ئاي ياتقاندىن كېيىن سىياسىي قانۇن كادىرلار مەكتىپىدە رىجىم ئاستىدا تەرجىمانلىق قىلدى. كېيىن 1953-يىلى ”شىنجاڭ گېزىتى“ دە نۇرغۇن پىرىنسىپال خاتالىقلار كۆرۈلگەچكە، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆتكۈرنى ”شىنجاڭ گېزىتى“تەرجىمە-تەھرىر بۆلىمىگە يۆتكەيدۇ. كۆپىنچە ئادەملەر ئۆتكۈر ئەپەندىنى پەقەت يازغۇچى، شائىر دەپلا تونۇيدۇ. ئەمما ئۆتكۈر ئەپەندى يەنە بىر يېتىلگەن ئەدەبىي تەرجىمان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىككىمىز بىر بۆلۈمدە ئىشلەيتتۇق. بۇ جەرياندا ئۆتكۈر ئەپەندىم تەرجىمە ئىشلىرىنى جان دىلى بىلەن ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە باشقا تەرجىمان يولداشلارغىمۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا خەنزۇچە جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا ، ئۇنى ئۆلۈك تەرجىمە قىلماستىن جانلىق، ئاممىباب تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپ، ئۆزى بارلىق تەرجىمە ماقالىلەرنى باشتىن-ئاخىر سېلىشتۇرۇپ چىقىدۇ. باشقىلار سەككىز سائەت ئىشلىسە، ئۆتكۈر ئەپەندىم رېجىمدا بولغاچقا ئون سائەت ، ھەتتا بەزىدە ئون ئىككى سائەت ئىشلەيتتى. كېيىن 1956-يىلى ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ھەپتىدە بىر قېتىم ئارام ئالىدىغان بولدى ۋە سىرتلارغىمۇ چىقىپ دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولدى. بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق. شۇ يىللىرى ”شىنجاڭ گېزىتى“ دە ”رېنزاۋ ۋېيشىڭ 人造卫星 “ دەيدىغان بىر ئاتالغۇ پەيدا بولدى. بۇنى ئۇيغۇرچىدە قانداق تەرجىمە قىلىش مەسىلىسى تەرجىمانلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى. بەزىلەر ئاينىڭ يولدىشى دېسە، بەزىلەر ئاينىڭ ساياقدېشى، يەنە بەزىلەر ئاينىڭ سايىسى دېگەندەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ بىرلىككە كېلەلمەي ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرى نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆتكۈر ئەپەندى ”سۈنئىي ھەمراھ“دېگەن ئاتالغۇنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۇ ئاتالغۇنى ھەممەيلەن بىردەك قوللايدۇ. بۇ ئاتالغۇ ھازىرغىچە شۇنداق ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى مەيلى تۈرمە ھاياتىدا بولسۇن ۋە ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن، ناھايىتى رەتلىك پاكىزە يۈرۈيدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈمىدۋار روھى بولغاچقىلا، يەنە ھەر قېتىملىق قېقىلىپ-سوقۇلۇشلاردىن باش كۆتۈرۈپ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىنى تىكلەپ، ئۆز مەيدانى ۋە ياشاش پەلسەپىسىدىن ئازماي يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئۇ تۈرمىدە ياتقان كۈنلەردە ، بىز يوقلاپ بارساق، گەرچە ئۇنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرى تارتىۋىلىنغان بىر ھالەتتە بولسىمۇ، ھەر قېتىم بىز بىلەن كۈلۈمسىرەپ كۆرۈشەتتى.ئالدىمىزغا رەتلىك. پاكىزە كىيىنىپ چىقاتتى. ئۆزىنىڭ دەپ بېرىشىچە، تۈرمىدە ساقال ئالغۇدەك تىغلىق نەرسە بولمىغاچقا، ئاياققا قاققان ناھالنى سېلىقداپ بىلەپ ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئېلىپ ئالدىمىزغا چىققان ئىكەن. شۇڭا، مەنمۇ دائىم پەرزەنتلىرىمىزگە ”داداڭلارنىڭ بۇ خىل ئۈمىدۋار روھىنى ئۈلگە قىلىڭلار“ دەپ تەربىيە بېرىپ تۇرىمەن.

مەرھۇمنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر پەزىلىتى شۇكى، ئېسىمنى بىلسەملا باشقىلار ئەپەندىم بىلەن ھەمسۆبەتتە بولۇپ مۇڭدىشىشقا ئامراق ئىدى. ئۆتكۈر ئەپەندىممۇ مەيلى تەڭتۈش،كەسىپداش، ئۈلپەتداشلىرى بولسۇن ياكى شاگىرت ھېرسمەن ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن ۋە ياكى مويسىپىت تونۇش بىلىش بۇرادەرلىرى بولسۇن، ئۇلار بىلەن كىچىك پېئىللىق بىلەن ھەمسۆبەتتە بولاتتى.سۆھبەتلەردە ئۇلار بىلەن دانالارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ، ماقال-تەمسىللەرنى ۋە ئۇلۇغ كىتابلاردىن مىساللارنى سۆزلەپ بېرىپ ئۇلارنى مەنپەئەتلەندۈرەتتى. ئۆتكۈر ئەپەندىم ئىزدەپ كەلگەن ھاجەتمەنلەرنى ھەرگىز ئۈمىدسىز يولغا سالمايتتى. گەرچە بەزى ئىشلاردا ئەمەلدار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قولىدىن كەلمىسىمۇ، ”ئۇ ئادەملەر ماڭا ئىشىنىپ كەپتۇ، بۇلارغا ھېچبولمىسا بىر يول كۆرسىتىپ قويۇشۇم لازىم“ دەيتتى. ۋە ئۇ ئادەملەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىشقا ۋە ئۆزىنىڭ تونۇش-بىلىشلىرىغا خەۋەر قىلىپ ئۇلارنى كۈتۈۋىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياتتى. ئۆتكۈر ئەپەندىم يەنە باشقىلارنى تەلىپىنى ئاسان رەت قىلالمايتتى. ئۇنىڭ رەت قىلالماسلىقىمۇ يەنە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىدىن ئىدى. 1984-يىلى بىر كۈنى ئۇ گېزىتتە بىر ئەربابنىڭ تەڭرىتېغىنى ئاق بايراققا ئوخشىتىپ يازغان ئەسىرىنى ئوقۇپ، شۇ كۈنى كېچىچە ئۇخلىيالمايدۇ ۋە ئەتىسى ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ”مەن ئاق بايراق ئەمەس“ ناملىق بىر شېئىر يازغىنىنى ماڭا ئېيتىدۇ. لېكىن، ئۇ شېئىرنى سالامەتلىكى ياخشى بولماي قېلىپ بىر مەزگىل تېخى ھېچيەردە ئېلان قىلمىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچىلىرى كېلىپ، ئۆتكۈر ئەپەندىنى 1984-يىلى 9-دىكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى پائالىيىتىنى خاتىرلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئەپەندىم ئۆزىنىڭ دەم سىقىلىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىپ قالغىنىغا قارىماي ئۇ ياشلارنىڭ تەلىپىنى يەردە قويماي سورۇنغا بارماقچى بولىدۇ. مەن قىزىم روشەننى دادىسىغا ھەمراھ قىلىپ يۆلەپ بېرىشنى ئېيتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈر ئەپەندى شۇ كۈنكى سورۇندا ئاشۇ ”مەن ئاق بايراق ئەمەس“ دېگەن شېئىرىنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغانىدى. بىزمۇ كېيىن تېلېۋىزۇردىن كۆردۇق. ئۇ شېئىرنى شۇنچىلىك ھاياجان بىلەن ئوقۇپتۇ. سورۇندىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئارىلىقتا نەچچە قېتىم چاۋاكلار ياڭرىتىپ، شېئىر ئوقۇلۇپ بولغاندا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قايتا چاۋاكلار بىلەن ئۇلارمۇ ئۆز ھاياجانلىرىنى بىلدۈرشۈپتۇ. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆتكۈر ئەپەندى بۇ سورۇننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر سورۇن بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى.

ئۆتكۈر ئەپەندىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز ۋە تونۇش-بىلىشلەرنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە ئەسەرلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. مەسىلەن: ئامېرىكىلىك تەتقىقاتچى jastin Jon Rudelson   ئۆزىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى ”بوستانلىق كىملىكى“ ناملىق كىتابىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىگە ۋەكىل قىلىپ، ئۆتكۈرنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئەسەرلىرىنى ئوقۇتمەنلەرگە سۇنغان.

1994-يىلى ئاۋىستىرالىيەدىكى Griffith University  گىرىففىس ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى Colin Mackerras   شىنجاڭغا كەلگەن ۋاقتىدا، ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن ھەمسۆبەتتە بولغان بولۇپ، ئۇ ئادەم قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆز كىتابىدا ”ئىز“ شېئىرىنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە ئىز رومانىنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە بايان قىلغان. تۈركىيە گازى ئۇنىۋېرسىتىتىنى پروفىسسورى ھۇليا كاساپ ئوغلۇ چەڭگەل دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيەسىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتى بىلەن ياقلىغان. بۇ گۈزەل خانىم ”ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى“ ناملىق كىتاب (2000-يىلى) ۋە ”ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرىدىكى ھۆرىيەت ۋە مۇجادىلە“(1998-يىلى)، ”ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر“ (2002-يىلى) ، ”تۈركۈلۈگ ۋە شائىر يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر“ قاتارلىق ماقالىلەرنى خەلقئارالىق ژورناللاردا  ئېلان قىلىپ ۋە كونفىراسلاردا ئوقۇپتۇ.

مەرھۇمنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ھەققىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەسىپ ئەھلىلىرى تەھلىل ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەن پەقەت ئۆتكۈر ئەندىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئېسىل پەزىلەتلىرى ئۈستىدىلا ئۆزۈم گۇۋاھ بولغان بەزى ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئۆتكۈر ئەپەندىم بىزگە ماددىي بايلىق قالدۇرۇپ كەتمىدى، ئائىلىمىزدىكىلەرگە بىر ئۇلۇغ ئاتا بولۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بېرىپ كەتتى، كېيىنكى ئىزباسارلارغا ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم نەمۇنە-ئابىدىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ مۇشۇ ئابىدىلىرى بىزنىڭ مەڭگۈلۈك بايلىقىمىز.


2013-يىل 28-ئىيۇل ، ئۈرۈمچى


مەنبە:“ قۇمۇل ئەدەبىياتى“ 2013-يىللىق 5-سان


mmexport1394092703479.jpg


mmexport1394092712108.jpg


mmexport1394092727487.jpg


ooYBAFNN1uCAPOP2AAE71k_PgjA670_b.jpg


201401150411546.jpg


2315446pD2jj0_b.jpg


u=446681340,110153113&fm=15&gp=0.jpg


mmexport1396959089506.jpg


ئۆتكۈر ئەپەندىمنى خاتىرلەپ ئىشلەنگەن مەدەنىيەت بوستانى پراوگراممىسى


http://mediac.sobeycache.com/hyw/media/player/SoPlayer.swf?url=video://vid:a960a8f8424a436db514bfa62ca1b554&host=http://vmsbusc.sobeycache.com:8080/vmsbus2/JSONReceiver&plugin=true&logging=true&encrypt=false&configable=true&streamType=slicedMedia&skin=http://mediac.sobeycache.com/hyw/media/player/skins/yellow.swf&isLive=1&encrypt=true



ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر بىر قەدەر كۆپ ۋە سىغىمى چوڭ بولغاچقا ھەم يوللاشقا بىر قەدەر كۆپ ۋاقىت كەتكەچكە بۇ يەرگە ھەممىنى تولۇق يوللاپ بولالمىدىم. قىزىقىدىغانلار بولسا تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا كىرىپ كۆرۈپ باقساڭلار ۋە ساقلىۋالساڭلار بولىدۇ.

http://lopnuri.com/?p=3697



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-19 07:00 PM  


mmexport1394092693397.jpg
3812b31bb051f819854e3e44dab44aed2e73e750.jpg
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 50 جاپا چىكىپسىز رەھمەت!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 08:43:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تەرجىمانلىق سەۋىيەسىمۇ  يوقىرى ئىكەندە ئەسلىدە ، سۇنئىي ھەمرا دىگەن ئاتالغۇنى بەك جانلىق تەرجىمە قىپتىكەن . خانىمىنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ  ھايات پائالىيەتلىرى بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرغىنىغا، شۇنداقلا تېما ئىگىسىنىڭ بىزگە يەتكۈزگىنىگە  كۆپ رەھمەت !  
مەن ياقتۇردىغان بىر  شىئېرىنى  چىقىرىپ قۇياي!
amas(a.utkur).jpg


مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 907
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 09:44:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈتكۈر ئەپەندىم بىزنىڭ مەڭگۈلۈك پەخرىمىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 09:48:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل پايدىلىق تېما بوپتۇ،مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتى ئىش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 936
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 10:17:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئز  ئويغانغان زىمىن قاتارلىق  رومانلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى  تارىخنى ئەينەن  تەسۋىرلەپ بەرگەن     ئۇ   قەلەمكەش ئەمەس  بەلكى خەلىق ئۈچۈن   مىللەت ئۈچۈن  ئۆچمەس تۆھپىلەرنى  قوشقان    يازغۇچى     بىزمەڭگۈ  ئالىملىرىمزنى ياد ئېتىپ تۇرمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14965
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 10:35:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېما يوللاپسىز.
ئۇيغۇردا  يازغۇچى -شائىر كۆپ ،لېكىن مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىدەك ياشىغان ھەربىر دەۋرىدىكى ھاكىميەتلەرنىڭ تۈرمىسىدە يېتىپ باققانلار بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ....
شۇنىڭغا قارىغاندا ،ھەقتە مۇستەھكەم تۇرغۇچى ھېچقانداق ھۆكۈمراننىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ئوخشايدۇ.مەرھۇم ئەپەندىمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن (ئامىن )

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 10:38:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تېما ،  مەرھۇم  بىزنىڭ پەخرىمىز ،  ھەممىمىزنىڭ  ياد ئىتىپ  مەدىھلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئېسىل زات ئىدى

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

تەڭىرتاغ غونچىللىرى بىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106846
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-5-17
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 10:41:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاكامنىڭ ھەقىقەتلەر بوسوغىسى،تۇركى تىللا دىۋانى،ۋە قۇتاد غوبىلىك دىگەن ئەسەرنى قايتا قايتا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدىكەنمەن،ئابدۇرېيىم ئۆتكۇر ئەپەندىمنىڭ كىتاپلىرى بولسا ئاكام يىغىپ ساقلايدۇ

چىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە،ئۇلار تۇننىڭ زىننىتى بوۋىلارنىڭ سۆزىچە

تەڭىرتاغ غونچىللىرى بىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106846
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-5-17
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 10:42:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئابدۇرېيىم ئۆتكۇر ئەپەندىمنىڭ ئىز دىگەن شىئىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن

چىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە،ئۇلار تۇننىڭ زىننىتى بوۋىلارنىڭ سۆزىچە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 10:45:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ تارىخىي چىنلىق بىلەن يېزىمىسا بولمايدۇ ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش