مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 491|ئىنكاس: 3

ئوغلۇمغا خەت (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9713
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 05:01:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% u/ c! f/ B3 J! c2 w

ئوغلۇمغا خەت (2)


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, P/ h, H1 J9 u$ h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 i4 X% N& w) G0 d! r' {" g+ ^- W! r1 bبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 k" B5 {2 ~* x4 x  h4 ?$ z* `# P

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھاياتىمنىڭ گۈل تاجىسى، خۇشاللىقمنىڭ غەزىنىسى سۆيۈملۈك ئوغلۇم! ساڭاتۇنجى پارچە خېتىمنى يازغىلىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە بىر يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ بىر يىل جەريانىدا سېنىڭ ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ كېلىۋاتقىنىڭغا ئۆز كۆزۈم بىلەن شاھىت بولۇپ كەلدىم. سەن ھەقىقەتەن غەرەز ئوقىدىغان بالىسەن، ئۆزۈڭ ھەققىدە ئويلاشنى، بىرئىشلارنى كۆڭلۈكدىكىدەك قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن. يىراقلارغا قاراپ جىمجىت خىيال سۈرۋاتقان تۇرقۇڭنى كۆرسەم  نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىڭنى بىلگۈم كېلىدۇ.ئەمما، بالىلىق خىيالىرىڭنى بۇزۇشقا ئەسلا كۆڭلۈم بارمايدۇ. مەن بۇرۇنقىدەكلا سېنىڭ ئاشۇ ئېغىر بوخچاڭنى كۆتۈرۈپ شۇنچىلىك روھلۇق ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كىتىۋاتقان تۇرقۇڭنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمەن. ئاشۇ بىر يىلدىن بېرىقى كۆڭۈل غەشلىكلىرىم تېخىچە بېسىلغىنى يوق، يېشىڭغا ماس كەلمىگەن ئاشۇ ئېغىر يۈكنى بىراقلا ئېلىپ تاشلىۋەتكۈم كېلىدۇ. لېكىن، رەھىمسىز رىياللىق بۇنىڭغا ئىمكان بەرمەيدۇ.ئاشۇ ئېغىر بوخچاڭسزمۇ سېنىڭ روھى جەھەتتە ئۇچىرىغان بېسىمىڭ خېلى يىتىپ ئاشىدۇ. سەن ئامال بار بىزنى رازى قىلىشقا، ياخشى ئوقۇپ ئۈمىدىمىزنى ئاقلاشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىسەن، بىز ساڭا ھەقىقەتەن قايىل.

       سەن ھەقىقەتەن زېرەك. بۇنداق دېسەم دادام مېنى قۇرۇقتىن قۇرۇق ماختاۋىتىپتۇ، دەپ ئويلاپ قالما، مېنىڭ سېنى ماختاشقا ئاساسىم بار. ئېسىڭدىمۇ، ئاپاڭ ۋە ئۇكاڭ بىلەن يېزا دوقمۇشىدا يېرىم كۈن ئولتۇرۇپ ئۈزۈم ساتقىنىڭ. بۇ سېنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئىشنى قىلىپ بېقىشىڭ ئىدى. سەن كىچىكىڭدىنلا تارتىنچاق ھەم ئىچ مىجەز بالا ئىدىڭ. لېكىن سەن شۇ قېتىم ئاشۇتارتىنچاقلىقىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلدىڭ. مانا بۇ سېنىڭ غەلبەڭ. بۇ قېتىملىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى جەريانىدا ئەڭ موھىمى سەن پۇل تېپىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى، داداڭ ۋە ئاپاڭنىڭ جاپا-مۇشەقەت بىلەن تاپقان پۇلىنى قالايمىقان خەجلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىپ يەتتىڭ. بۇرۇن ئاز-تولابەدخەجلىك قىلىپ قوياتتىڭ، شۇندىن باشلاپ ئامال بار ئۇنداق قىلماسلىققا تىرىشىپ كەلدىڭ. ھېيتتا يىققان پۇللىرىڭنى بۇرۇن ھېيت ئاخىرلاشقىچە خەجلەپ بولاتتىڭ. مانا بۇ قېتىم ھېيت ئۆتۈپ خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ، ئۇ پۇللىرىڭ ئۆز پېتىچە تۇرۇپتۇ.سېنىڭ بۇنداق ئۆزۈڭنى بىلىش ، ئۆز ھەركىتىڭنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ھېس قىلىش روھىڭ بىزنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى. سېنىڭ زېرەك ۋە ئۆز-ئۆزۈڭنى بىلەلەيدىغان بالا ئىكەنلىكىڭگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندۇق.

   ئىككىنچى يىللىققا كۆچكەندىن بېرى دەرسلىرىڭمۇ ماس قەدەمدە ئېغىرلىشىپ ماڭدى، سېنىڭ تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇماي بىراقلا بىرىنچى سىنىپقا كىرگىنىڭ سېنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىشىڭنى تەلەپ قىلاتتى. سەن تىرىشتىڭ، تاپشۇرۇق ئىشلەش سۈرىتىڭمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا تېزلىشىپ قالدى. بۇرۇنقىدەك تاپشۇرۇق كۆپ دەپ بەك قاقشاپ كەتمەيدىغان بولدۇڭ، بۇ سېنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەنلىكىڭنىڭ ئىسپاتى ئىدى. بىز شۇنى ھېس قىلدۇق،بۇ مەۋسۈمدە ماتىماتىكا مۇئەللىمىڭنى ئالمىشىپ كەتكەنلىكى ساڭا نىسبەتەن خېلىلا ئېغىر زەربە بولدى. سەن باشقا بالىلارغا ئوخشاش خەنزۇ بالىلار بىلەن بىر باغچىدا تۇرمىغاچقا، خەنزۇ تىلى سەۋىيەڭ سەل تۆۋەنرەك ئىدى، شۇڭا بۇ مەۋسۈمدىكى ماتىماتىكا مۇئەللىمىڭنىڭ خەنزۇ مۇئەللىمگە ئالمىشىپ قېلىشى سېنى خېلىلا قىيناپ قويدى. بۇرۇن ھېچبولمىغاندا چۈشىنەلمىگەن يېرىڭنى ئۆز ئانا تىلىڭدا ئاڭلاپ چۈشىنىۋالالايتىڭ.ئەمدى بۇنداق قىلىش پۇرسىتىڭمۇ قالمىغان ئىدى. لېكىن سەن ئۆزۈڭگە ئىشەن، سېنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭ ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن تۆۋەن ئەمەس، سەن پەقەت تىل قىينچىلىقى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراۋاتىسەن، بۇ پەقەت ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق خالاس، سېنىڭ بۇ ئۆتكەلدىن ھامان غەلبىلىك ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن.

گېپىمنى ئاڭلائوغلۇم، تۈنۈگۈنكى روھسىز ۋە قورقۇنچ ئارىلاش تۇرقۇڭنى كۆرۈپ ئۈزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم. ھە دېسە كۆزلىرىڭنى مېنىڭدىن ئېلىپ قېچىشىڭ، بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققانلىقىڭدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. ئامال بار سىلىق-سىپايە گەپلەر بىلەن روھىڭنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ باقتىم، يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىڭنى كۆرەلمىدىم. يۈزلىرىڭ ئوت ئېلىپ قىزارغان، كۆز قارچۇقلىرىڭغا خىجىللىق، ئەندىشە،قورقۇنچنىڭ تۇمانلىرى لىق تولغان ئىدى. ھەر كۈنى كۆرۈشكەن چاغدىكى چۇۋۇلداپ سۆزلەشلىرىڭ ئالىقاياقلارغىدۇر يوقالغان ئىدى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى قايتا-قايتاسورىغاندىن كېيىن دۇدۇقلىغان ۋە تارتىنغان ھالدا ماتىماتىكا ئىمتىھاندا تۆۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ.

ئاڭلا ئوغلۇم،  سېنىڭ بىر قېتىملىق ئىمتىھاندىكى مەغلۇبىيىتىڭ پۈتۈنلەي تۈگەشكىنىڭگە باراۋەر ئەمەس. سەن پەقەت ئۆزۈڭگە ئىشەنسەڭ، تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭلا شۇنىڭ ئۆزى بىزگە كۇپايە. مەن ساڭا بۇرۇنلا دېگەن ئاپاڭ بىلەن مەن سېنىڭ بىردىنبىر ھېچقانداق پايدا-مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان ئەڭ يېقىن دوستۇڭ.كۆڭلۈڭ يېرىم بولغاندا، روھىڭ چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتا قانداقلا گېپىڭ بولسا، تارتىنماي بىزگە دېگىن. بىزدىن قورقما ئوغلۇم، بىزدىن تارتىنما ئوغلۇم! بىز سېنى كىچىككىنە مەغلۇبىيىتىڭ ئۈچۈن ئۇرۇپ-تىللىمايمىز، بەلكى سېنىڭ ئاشۇ مەغلۇبىيەت ئۈستىدىن غەلبە قىلشىڭغا يار-يۆلەكتە بولىمىز، ساڭا ياردەم بېرىمىز. سەن ئاشۇنداق بىئارام بولىۋاتقان ھالەتتە سېنى ئۇرۇپ-تىللاشقا قانداقمۇ رايىمىز بارسۇن! سەن ئاشۇ ئىشلارئۈچۈن ۋىجدان ئازابى تارتىپ يۈرمە، يىراققا نەزەر تاشلا، پارلاق ئىستىقبالنىڭ ئالدىڭدا ئىكەنلىكىگە ئىشەن. ناۋادا ۋاقىتلىق مەغلۇبىيىتىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ كىنايىسى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچىرىغان بولساڭ، ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمە. كۈنلەرتېخى ئۇزۇن ساڭا غەلبە قىلىش پۇرسىتى يەنە بار، باشقىلار ۋاقىتلىق غەلبىسى ئۈچۈن ئالدىڭدا كۆرەڭلەپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭغا كۈلۈپلا قوي. ئەڭ موھىمى روھىڭدىكى ئىشەنچىسىزلىك تۈگۈلىرىنى يەش، ئىرادە كەمەرلىرىڭنى تېخىمۇ چىڭىت. سەن ئۆزۈڭنى يەڭسەڭ، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيسەن.

گېپىمنى ئاڭلائوغلۇم، ئەتىراپىڭدىكى ئادەملەر تولىمۇ مۇرەككەپ. سەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ساڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولمايۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمەيسەن. بەزىدە بەزى مۇئەللىملىرىڭنىڭ نېمە ئۈچۈن قوپاللىشىپ قالغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ساڭا ئانچەكۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىنى ھەم چۈشىنىپ كېتەلمەيسەن. ئالدىرىما ئوغلۇم، بىركۈنلەرگە بارغاندا، تۇرمۇش بىلىمىڭ كۆپەيگەنسىرى بۇلارغا بىر-بىرلەپ جاۋاب تاپالايسەن. بىزمۇ ھەم شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمىز.

گېپىمنى ئاڭلائوغلۇم، ھەر قېتىم كۆڭلۈڭ يېرىم بولغاندا، روھىڭ چۈشكەن ۋاقىتلاردا ئاپاڭنىڭ سىلاپ ئەركىلىتىشلىرىنى، داداڭنىڭ مەدەت بېرىشلىرىنى، ئۇڭاڭنى تاتلىق كۈلۈشلىرىنى،ئائىلىمىزدىكى خۇشاللىققا تولغان بەختلىك مىنۇتلىرىمىزنى ئېسىڭگە ئال. ئۆز-ئۆزۈڭگە تەسەللىي بېرىشنى، مەدەت بېرىشنى ئۆگەن. ئۈمىدسىزلىك- سەن تېخى چۈشىنىپ يىتەلمىگەن، چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن پات-پات ئاڭلاپ قالىدىغان ھېلىقى"شەيتان" غا ئوخشايدۇ. سەن ئۇ "شەيتان"غا ھەرگىز ئەگەشمە.ئۈمىدسىزلىك- ئاپاڭ ساڭا ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەردىكى "بارسا كەلمەس يول"غا ئوخشايدۇ. بىر پېتىپ قالدىڭمۇ چىقمىقىڭ خېلى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا،ھەممە ئىشقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن نەزەر سال، ئۈمىد چىرىغىڭ ھەر ۋاقىت پارلاپ تۇرسۇن.جاپا-مۇشەقەت ئالدىدا ھەرگىزمۇ بەل قويۋەتمە. ھەممە ئىشلارنىڭ ھامان ئىزىغاچۈشىدىغانلىقىغا ئىشەن.

گېپىمنى ئاڭلا ئوغلۇم، مەكتەپتە بىر-ئىككى يىل ئوقۇپلا بىلىملىك بولغىلى، بارلىق دەرسلەرنى تولۇق ئۆگىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ، بىلىم ئۆگىنىش ئۇزاق مۇدەتلىك جۇغلىنىش ئاساسىدا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بەيگىدىن بۇرۇن چاپچىپ تۇرغان ئاتنىڭ بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرەلىشى ناتايىن، ھامان سالماق ۋە تەمكىن بولالىغانلىرى غەلبىگە ئېرىشەلەيدۇ. مەكتىپىڭدە ئۇزۇنغا يۈگۈرەش مۇسابىقىسى بولغاندا ئوبدان دېققەت قىل، دەسلىپىدىلا چېپىپ چىقىپ كەتكەن بالىلارنىڭ پەللىگە ئەڭ ئاخىردا كەلگىنىنى ياكى يېرىم يولدا توختاپ قالغانلىقىنى بايقايسەن. شۇڭا دەيمەن، سالماق ۋە تەمكىن بولۇشنى ئۆگەن.ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشتىن ساقلان. غەلبە قىلىشقا ئالدىراپ كەتمە،نام چىقىرىشقا بېرىلىپ كەتمە. مەسىلىلەرنى ئاۋاۋال ئويلاپ ئاندىن ھۆكۈم قىلىشنى ئۆگەن. موماڭنىڭ داداڭغا دەيدىغان "يەلدەڭگۈلۈك قىلما" دېگەن سۆزىنى دائىم ئېسىڭدە تۇت.لېكىن شۇ نەرسە ئېسىڭدە بولسۇن، سالماقلىقنى ۋە تەمكىنلىكنى ھەدىدىن زىيادە ئاشۇرۋەتمە. پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋېتىشتىن ساقلان. پۈرسەت كەتكەندە ھەر قانچە كۈچىگەن بىلەن غەلبە قىلالىشىڭ ناتايىن. ناۋادا غەلبە قىلغان بولساڭ، ئارتۇقچە مەغرۇرلىنىپ كەتمە. كىچىكىڭدىن دائىم ئاڭلاپ كېلىۋاتقان "تاشپاقا بىلەن توشقاننىڭ ھىكايىسى" ئېسىڭدە بولسۇن! توشقان گەرچە تاشپاقىدىن تېز يۈگۈرسىمۇ، يەنىلا مەغلۇب بولدى. نېمە ئۈچۈن بىلەمسەن؟ چۈنكى، ئۇ ئۆزىگە ئارتۇقچە تەمەننا قويدى.

بولىدۇ ئوغلۇم،بۇ قېتىم مۇشۇنچىلىك مۇڭدىشىپ تۇرايلى! يەنىلا بىرىنچى پارچە خېتىمدە دېگەن گېپىمنى تەكرارلاپ ئۆتەي، سېنىڭ بۇ خېتىمنى ئوقۇپ تېگىگە يىتەلىشىڭ ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلالىشىڭ، ماڭا جاۋاب خەت قايتۇرالىشىڭ مۇمكىن ئەمەس، لېكىن بۇ بىر ۋاقىت مەسىلىسى خالاس. سەن ھامان بىر كۈنى داداڭنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىنىڭ تەكتىگە يېتەلەيسەن.مۇشۇ خەتلىرىمگە بىر- بىرلەپ جاۋاب قايتۇرالايسەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 i3 B8 u9 x/ X* L. p% K8 K


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 y, }/ u; A8 A6 H5 |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: o, G  z6 _% d, B. G7 @

ئۆز-ئۆزۈڭنى قويما يوقىتىپ،

غەم تۇمانى ئالسا قاماللاپ.

مەنزىللەرگە يېتىسەن ھامان،

ئۈمىد قۇياشىڭ تۇرسىلا پارلاپ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 o4 L5 g* f3 R& i5 p
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ O5 a' b& a  q3 ]5 q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 S) \. Q% Y: Q* h3 d

داۋانلاردا مۈدرۈپ يىقىلساڭ،

جۈرئىتىڭنى قىلغىن تىل تۇمار.

ئىشەنچ بىلەن ھاياتقا باققىن،

چۈشكۈنلۈككە باش ئەگمە زىنھار.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, {6 U8 {+ }* y- Q. M' D8 c
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. L) t5 B* `, k: ~# K" I9 }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% G0 ~; S; H  [2 I" R# U+ @4 _+ L

بۇ يوللاردا سەن يالغۇز ئەمەس،

سەپەرداشلار چىقىدۇ ھامان.

گاھى ئۇدۇل، گاھى ئەگىلىپ،

ئىلگىرلەيسەن نىشانىڭ تامان.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 a; x: F1 L% b- S( M4 ]4 c# P

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  J9 t' Z$ d& q/ xبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: x5 u$ ]" u, e# g- r0 ?0 j  k

ئالغا قاراپ مېڭىۋەر ئوغلۇم،

يېرىم يولدا توختاش خەتەرلىك.

داداڭ، ئاپاڭ ساڭا مەدەتكار،

ئاللاھ ساڭا بەرسۇن ئېسەنلىك.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ ?' k  ~/ `0 p9 `9 [

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% f( }; A& w/ k0 e! Q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 J5 U4 D/ Z9 g

2014-يىلى10-ئاينىڭ 30 –كۈنى بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, X" R$ E: j* m6 U2 `% H+ K) y


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; T. B- ?7 b" l) x0 Z* y) F0 Q' v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# a( M" ?, C! `. }6 Z# m1 k* `بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 Z& o6 k( K" b+ x, K

خەتنىڭ بىرىنچى قىسمى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-113024-1-1.html


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 X, t7 K( [$ n+ S6 f( N( A, w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 `* m$ g3 L. [% i2 N بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 05:09 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 `; w1 r% A5 z- y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ~) y; R& D' o* u

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3237
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 530 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 07:28:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ،يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.....

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3698
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 09:52:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ خەت .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 }; @- e, V" b$ E% G
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 \4 T: o& R. {" N7 Hبەك ياخشى يېزىپسىز .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 11:22:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا بەك ياقتى ، نەسىر ئوقۇشقا ، بولۇپمۇ لىرىك نەسىر ئوقۇشقا بەك ئامراقتىم . رەھمەت سىزگە ، داۋاملىق مۇشۇنداق ئېسىل نەسىرلىرىڭىزنى مۇنبەرگە يوللاپ تۇرغايسىز

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش