مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 762|ئىنكاس: 12

ئوغلۇمغا خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 04:35:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوغلۇمغا خەت

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سۆيۈملۈك ئوغلۇم! قانداق ئەھۋالىڭ؟ ئەڭ ئالدى بىلەن ساڭا ئۇلۇغ ئالاھتىن تېنچ-ئامانلىق، مول رىسىق، ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەقىل –ئىدىراك،ھەق-ئادالەتنى ياقلايدىغان سەمىمىي يۈرەك تىلەيمەن. بىلىمەن، سەن ھازىر تېخى داداڭنىڭ ساڭا يازغان بۇ خېتىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەيسەن. بەلكىم،"دادا، مەن ئەمدى تېخى ئېلىپبەنى ھەجىلەپ ئوقۇۋاتسام،سەن ماڭا خەت يېزىپسەن"دەپ مېنى مازاق قىلىشىڭمۇ مۇمكىن.    ماڭا،قارا ئوغلۇم! مەن نۇرغۇن مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىغايازغان تەسىرلىك ھەم مەزمۇنلۇق خەتلىرىنى كۆپ ئوقۇغان. لېكىن، نېمىشقىدۇر مېنىڭ ساڭا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىلا خەت يازغۇم كەلدى. بەلكىم مەن بەك ئالدىراپ كەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن، لېكىن كۆڭلۈم تارتقان ۋە خالىغان ئىش بولىدىكەن گەرچە ۋاقتى بولمىسىمۇ قىلىپ باققۇم كەلدى. ساڭا دېيەلمىگەن، ھازىر دېسەممۇ سەن بەك چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغان ئاشۇ سۆزلىرىمنى مۇشۇ خەت ئارقىلىق ساڭا قالدۇرماقچى،شۇ ئارقىلىق  ئۆزۈمگە تەسەللىي تاپماقچى بولدۇم، بەك ئەخمەقمىكەنمەن. بەزىدە ئەخمەقلىقمۇ بىر خىل گۈزەللىكمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن، نۇرغۇن كىشىلەر ئەخمەق دەپ قارىغان ئىشلار مەلۇم مەزگىللەردە قىممىتى ئەڭ چوڭ بايلىق بولۇپ قېلىشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن.

      قارائوغلۇم، مېنىڭچە مەن بۇ خەتنى ساڭا بالدۇر يېزىپ قويمىدىم، ھازىر نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلمىگىنىڭ بىلەن ھامان بىر كۈنى بىلىپ قالىسەن. داداڭنىڭ مۇشۇنداق ئەخمىقانە قىلىقلىرىنىڭ ساڭا بولغان بىر خىل مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىسەن. ھازىر زامانىۋىي ئالاقە دەۋرى كىشىلەر تېلفۇن ۋە كومپىيوتىرغا مەستانە بولۇپ، دېمەكچى بولغانلىرىنى بىۋاستە دەيدىغان بولۇپ كەتتى. ئۆز-ئارا خەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغانلار تېخىمۇ ئازلاپ كەتتى. لېكىن، مېنىڭچە، سالام خەت يېزىشنىڭ تېخى ۋاقتى ئۆتمىدى ھەم مەڭگۈ ئۆتمەيدۇ. سالام خەت يالغۇزتېنچ-ئامانلىقنى ۋە بىر قىسىم زۆرۈر ئىشلارنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈش رولىنىلائويناپ قالماستىن بەلكى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى قەلىب سىرلىرىنىمۇ تۆكۈشىدىغان ناھايىتى ياخشى ئۇسۇلدۇر. بەلكىم، سەن سالام خەت يازغىدەك بولغان دەۋىردە بۇنىڭغائوخشاش سالام خەتلەرنى يازدىغانلار تېخىمۇ ئازلاپ كېتىشى مۇمكىن. مانا زامانىۋىيلىقنىڭ ئەنئەنىگە ئېلىپ كەلگەن يەنە بىر پاسسىپ تەرىپى مۇشۇنداق شەكىللەرئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئەدەبىيلىكى ۋە بەدىلىكى ناھايتى يۇقىرى سالام خەت يېزىش ئەنئەنىمىز مۇشۇنداقلا ئاستا-ئاستا غايىب بولىشى مۇمكىن.

     ماڭا قارا ئوغلۇم، داداڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇۋاتقاندا بوۋاڭ بىلەن مۇماڭغا دائىم خەت يېزىپ تۇراتتى. ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋە ئوقۇش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشتىن باشقا، يەنە دېمەكچى بولغان گەپلىرىنىمۇ دېيەلەيتتى. مەنمۇ سېنىڭ كەلگۈسىدە ماڭا شۇنداق قول بىلەن ياكى كومپىيوتىردا ئۇرۇلغان خەت يېزىشىڭنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. مەيلى باشقىلار قانداق قىلسۇن، قانداق زامانىۋىيلىقلارنى قۇبۇل قىلىپ كەتسۇن، سېنىڭ زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنىنى تەڭ ۋارىسلىق قىلىشىڭنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ئەنئەنە-مىللەتنىڭ يىلتىزى، مىللەتنىڭ روھى تۆۋرۈكى. كەلگۈسىدە مەيلى سەن قانداق ئادەم بولۇپ كەت،سېنى گۈزەل قىلىپ تۇردىغىنى مىللىتىڭنىڭ ئەنئەنىسى، تىلى، ئۆرپ –ئادىتى، تارىخى.

    مانا سەن تۇغۇلۇپ ھەش-پەش دېگۈچە بىرىنچى سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىڭ، باغچا مەزگىلىدىكى توسۇن تايچاقتەك غەمسىز چاغلىرىڭ تېخى ئەمدى ئاخىرلىشاي دېگەن ئىدى. تازا خۇشال-خۇرام چاپچىپ كېتىۋاتاتتىڭ، تۇيۇقسىز ئېغىر بىر خالتا يۈك زىممەڭگە ئارتىلدى. دەسلەپ بۇنى قۇبۇل قىلالمىدىڭ، كۆڭلۈكنىڭ بىر يەرلىرىدە بۇرۇنقى غەمسىز چاغلىرىڭنى ئەسلەپ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە تىڭىرقاپ قالدىڭ.بالىلىق نېمە دېگەن گۈزەل دەۋىر ھە! بەلكىم، كۆڭلۈڭدە ئۆزۈڭنىڭ نۇرغۇن پىلانلىرى بولشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ پىلانلىرىڭ بىز ۋە جەمىيەت تەرپىدىن بۇزىۋىتىلگەن بولىشى، ئىرادەڭگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولۇشۇڭ مۇمكىن.

    بىلەمسەن، ئوغلۇم! ھەر كۈنى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئۆزۈڭدىن سەللا كىچىك سومكىنى كۆتۈرۈپ كىرۋاتقان ۋاقتىڭدا تاكى قاراڭ يۈتكىچە ئارقاڭدىن قاراپ تۇرىمەن.مۇشۇ ۋاقىتتىكى خىياللىرىم شۇنداق چىگىش ۋە مۇرەككەپ. بەلكىم، مەن سېنى زىيادەياخشى كۆرۈپ كەتكەندىمەن ياكى نۇرغۇن ئاددي ئىشلارنى مۇرەككەپ ئويلاپ كەتكەندىمەن.ساڭا قاراپ بالىلىقىمنى ئەسلەيمەن، ئوغلۇم. موماڭ ماڭا تىكىپ بەرگەن قۇراق سومكامنى ئەسلەيمەن. بۇ سومكامغا پەقەت "ئېلىپبە"، "ھېساب"دېگەن ئىككى پارچە كىتاب بىلەن ئىككى دەپتەر ۋە بىر تال قېرىنداشلا قاچىلاقلىق ئىدى. مەن ئۇنى كۈچىمەي ۋە مۈدۈرۈپ كەتمەي تۇرۇپمۇ كۆتىرەلەيتىم. ھەتتا ئۆشنەمدەكۆتىرىپ تۇرۇپ، بالىلار بىلەن قوغلاشماق ئوينىساممۇ چارچاپ كەتمەيتىم. لېكىن سەنچۇ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن سىنىپقا كىرگۈچە ھۆمۈدەپ ئاران كىرەلەيسەن. سومكاڭغاقاچىلانغان كىتاپ، دەپتەر، يانداش مەشىقلەرنى قوشقاندا 20-30 پارچىغا يېقىن ئوقەت قاچىلانغان.ئاشۇ سومكىنى يۈدۈپ ھايات سەپىرىڭگە ھۇل سېلىشقا ئاتلاندىڭ. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، جەمىيەتنىڭ ساڭا ئارتقان مۇشۇ ئېغىر يۈكلىرى سېنى تۇرمۇش ۋە ھاياتتىن بىزار قىلىدىغان ئەھۋالغا ئەكىلىپ قويمىسىلا بولاتتى. ھاياتقا خۇشاللىق بىلەن بېقىپ، مەنمۇنلۇق ئىلكىدە، ھۇزۇرلىنىپ ياشىشىڭنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن ئوغلۇم! سەندەك بىر توسۇن تايچاقنىڭ ئىرادە ئۆتكەللىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ھەقىقىي بىر تۇلپارغا ئايلىنىشىڭنى تېخىمۇ خالايمەن، ئوغلۇم! بۇنداق دېسەم، يەنە"دادام ماڭا بېسىم قىلىۋىتىپتۇ" دەپ ئويلاپ قالمىغىن، مەن 100 پىرسەنت مۇكەممەللىكنى قوغلاشمايمەن، مەكتەپتە چوقۇم بىرىنچى بولۇپ ئوقۇشۇڭنىمۇ ھەم شۇنداق. داداڭ پەقەت نۇمۇر قوغلىشىدىغان كونسىرۋاتىپلاردىن ئەمەس، سېنىڭ ئەقىل،ھېسىيات، ئادىمىيلىك، ۋاپادارلىق، غورۇر، ئىمان شەيدالىرىدىن بولۇشۇڭنى يەنى ھەقىقىي بىر ياخشى ئادەم بولۇشۇڭنى بەكرەك ئۈمىد قىلىمەن.

    ماڭا قارا، ئوغلۇم! گەرچە بىز سېنى زورلىمىساقمۇ، سەن شۇنچىلىك ئەستايدىل،شۇنچىلىك مەسئۇلىيەتچان. تاپشۇرۇقلىرىڭ تاكى پاك-پاكىز تۈگىمىگىچە بولدى قىلمايسەن. بۇرۇنقىدەك باغچىدىن كېلىپلا ئاغىينىلىرىڭ بىلەن مەھەللىنى بېشىڭغاكىيىپ ئوينايدىغان ۋاقىتلىرىڭنىڭ مېنىڭچە سېغىنماي قالمايسەن. مۇشۇنى ئويلىساملابىر قىسما بولۇپ قالىمەن. يېشىڭغا ماس كەلمىگەن يۈك سېنى بۇ ئۇيۇنلاردىن ۋازكېچىشكە مەجبۇر قىلدى."تاپشۇرۇق بېسىمى يېنىكلىتىلسۇن" دېگەن شۇئارلاركۆپەيگەنسىرى، مىقدارى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىلمۇ-خىل تاپشۇرۇقلار ساڭا ئوخشاش نۇرغۇن بوغۇنلارنىڭ بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولماقتا. ساڭا،قايىلمەن ئوغلۇم، سېنىڭ ئەستايىدىللىقىڭدىن باشقىلار ئالدىدىكى ئابروي-ئىناۋىتىڭگە بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بالا ئىكەنلىكڭنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئەتىسى مۇئەللىمدىن باشقىلارئالدىدا گەپ-سۆز ئىشىتمەسلىك ئۈچۈن شۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىسەن. ئۆزۈڭنى بىلىپ، ئىشلىرىڭنى تەرتىپلىك قىلىشقا تىرىشىۋاتىسەن. "ئۆزىنى بىلگەن خاربولماپتۇ" دېگەن ماقالنىڭ مەنىسىنى سېنىڭدىن كۆرگەندەك بولىۋاتىمەن. مانامۇشۇ روھىڭنى ھايات مىزانلىرىڭنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ماڭا قارا، ئوغلۇم!گەرچە يېشىڭ كىچىك بولسىمۇ، مەسىلىلەرنى ئويلىشىڭ،تەپەككۇرۇڭ شۇنداق ئىچىمنى كۆيدۈرىدۇ. سورىغان سۇئاللىرىڭ مېنى تېخىمۇ ھاجانغاچۆمدۈرىدۇ. بەلكىم، ئېسىڭدە يوقتۇر. ئۈچ ياش ۋاقتىڭدا، ئىككىمىز ۋېلىسىپىتلىك يېزىدىكى موماڭنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ كېلىۋىتىپ مۇنداق بىر سۇئال سورىغان ئىدىڭ. بۇباھار پەسلى بولۇپ، دەرەخلەر ئەمدى بىخ سۈرۈشكە باشلىغان مەزگىل ئىدى. " _دادا ئاۋۇ نېمە؟ " دەپ كۆرسەتتىڭ ئەمدىلا بىخلىغان دەرخ شېخىنى كۆرسىتىپ."- دەرەخ بىخ سۈرۈپ، يۇپۇرماق چىقىرىشقا باشلاپتۇ" دەپ جاۋاب بەردى مئاددىيلا قىلىپ. جاۋابىمغا سۇئالىڭ يانداشتى." _ دادا، دەرەخ نېمە ئۈچۈن بىخ چىقىرىدۇ؟ " . " _ بالام، بارلىق دەل-دەرەخ، گۈل گىياھلار قىش پەسلى كەلگەندە يۇپۇرماق تاشلاپ، باھار پەسلى كەلگەندە ھاۋا ئىسسىغاچقا ئاۋال بىخ چىقىرىپ ئاندىن يۇپۇرماق چىقىرىدۇ"دېدىم. " – دادا، ئۇنداق بولسا، ئادەم نېمە ئۈچۈن بىخ چىقارمايدۇ؟" دەپ سورىدىڭ تۇيۇقسىز. دەماللىققا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. مەن تۇغۇلۇپ تاكى ھازىرغا كەلگۈچە بۇنداق ئىلمىيلىكى كۈچلۈك سۇئالنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن، ئوغلۇم.ئاخىردا، "- بالام، ئادەم بىلەن دەرەخ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بۇنى كېيىنبىلىپ قالىسەن" دېگەن گەپنىلا قىلالىدىم. جاۋابىمغا ئېنىقلا قايىل بولمىغانلىقىڭ، بىر پەس گەپ قىلماي تۇرۇپ كېتىشىڭدىن بىلىنىپ قالغان ئىدى. ئوغلۇم،مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم نېمە بىلەمسەن؟ ئەنسىرەيدىغىنىم، مەكتەپتىكى قاتمال تۈزۈم ۋە ناتوغرا ئوقۇتۇش ئەندىزىلىرىنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا مۇھتاج تەپەككۇرىڭنى بوغۇپ قويشى. سېنى سۇئال سورىيالمايدىغان، كىم نېمە دېسە شۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىدىغان، قېلىپلاشقان، دورامچىلىقنى ياقتۇردىغان مىخانىك ئادەم بولۇپ قېلىشىڭدۇر. ئىلاھىم، سۇئاللىرىڭ توختاپ قالمىسۇن، گۇمانلىرىڭ توختاپ قالمىسۇن،ئارمانلىرىڭ توختاپ قالمىسۇن!

    ماڭا قارا، ئوغلۇم! سەن مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مېنى ئەڭ ئازابلىغان ئىش نېمە بىلەمسەن؟ مەكتەپكە كىرىپ بىر ئىككى ئاي بولمايلا تويۇقسىز ئۇيغۇرچە چۈچۈك تىللىرىڭغا خەنزۇچە تېرمىنلار ئارلىشىپ كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ئاپاڭ بىلەن ئىككىمىز ھەر قېتىم شۇنداق سۆزلىگىنىڭدە تۈزىتىپ ماڭدۇق. ھەمدە ھەر قېتىم بۇنداق ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىمەسلىكىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ ئانا تىلغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇردۇق. بىز سېنى بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشلارنى تېخى تېگى تەكتىگە يەتكۈچە ئويلاپ بولالمايدۇ، دەپ يۈرۈپتۇق. ئەمما سەن نېمە ئۈچۈن شۇنداق سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىڭنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىنىپ يۈرۈپسەن. بىر كۈنى مەكتەپكە كېتىۋىتىپ، ئۆزۈڭچىلا "دادا، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلەمسەن؟" دەپ سورىدىڭ. مەننېمە دەيدىغانلىقىڭنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن "ياق" دەپ جاۋاب بەردىم. چۈنكى،چۈچۈك تىللىرىڭ بىلەن ئۆز تەپەككۇر ھاسىلاتىڭنى مېنىڭ بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولىۋاتاتتىڭ. "- ماڭا قارا دادا! بىزگە ئەتىگەندە ئىككى سائەت "ئېلىپبە"دەرسى ئۆتىدۇ. مۇئەللىم ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ. ئاندىن كېيىن يەنە ئىككى سائەت خەنزۇچەدەرس ئۆتىدۇ، مۇئەللىم بىر ئېغىزمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلمايدۇ. شۇڭا، كاللامدائۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچىنى ئالماشتۇرۇپ ئۆلگۈرۈپ بولالامايدىكەنمەن. ئاندىن دائىم گەپ قىلسام ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەپ قالىدىكەنمەن" دېدىڭ. جاۋابىڭنى ئاڭلاپ ھەم سۆيۈندۈم. سۆيۈنگىنىم سەن ئۆزۈڭدە بار مەسىلىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدەئويلانغان ئىدىڭ. ھەم تولىمۇ ئازابلاندىم. ئازابلانغىنىم ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قىينالغىنىڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئوي-پىكرىڭنى ئەركىن بايان قىلىش ئۈچۈن قىينالغىنىڭ بولدى. بۇنىڭغا،نېمە ئامال بار؟ بۇنىڭ ئامالىنى ۋە داۋاسىنى ھازىر مەن ساڭا تېپىپ بېرىشكەئاجىزلىق قىلىمەن ئوغلۇم! پەقەت ساڭا تەسەللىي بېرىشتىن، خاتا سۆزلەپ قويساڭ،تۈزىتىپ بېرىشتىن باشقا ئامالىم يوق. بەلكىم، دادا، سېنىڭمۇ قىلالمايدىغان ئىشلىرىڭ بارمۇ دەپ ئويلايدىغانسەن؟ چۈنكى،ئاپاڭ بىلەن مەن سېنىڭ نەزىرىڭدەھەممىنى بىلىدىغان ئادەملەرمىز. مۇشۇ تۈپەيلى، نەزىرىڭدىكى يۈكسەك ئوبرازىمىزنىڭ خۇنۇكلىشىپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيمەن. ئوغلۇم،بۇ ھاياتتا بىز قىلالمايدىغان،قۇربىتىمىز يەتمەيدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. بۇ دۇنيادا ئۆز ئىرادىمىز ۋە خاھىشىمىزغاخىلاپ ئىشلارنى قىلىدىغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ ھەم بار. لېكىن، ئامال بار پاكىز، ھالال،سەمىمىيلىك بىلەن ياشاشقا تىرىشىپ تىرمىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇڭاڭ بىلەن ئىككىڭلارنى ھالال نىممەتلەر بىلەن رىزىقلاندۇرۇپ، روھىڭلارنى مىللىي ئەنئەنە، مىللىي روھبىلەن سۇغۇرۇشقا ئىنتىلىپ كېلىۋاتىمىز.

    ئاڭلا ئوغلۇم، "تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئېزىز" سېنىڭ قەدىر-قىممىتىڭنى قىلىدىغان ھەم بىلىدىغان كىشىلەر ئەڭ ئالدى بىلەن يەنىلا ئۆزتۇپرىقىڭدا، ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا. سېنى تەپەككۇر يۈكسەكلىكىگە باشلىغۇچى يولباشچى يەنىلا ئانا تىلىڭدۇر. سەن مەيلى قانچىلىك كۆپ تىل ئۆگەن. بەرىبىر ئانا تىلىڭسىز مۇۋاپىقىيەتنىڭ شوتىسىغا يامىشىپ چىقالمايسەن.ئانا تىلىڭنى قەدىرلە.بىلەمسەن؟نېمە ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان تىلنى ئانا تىل دەيمىز؟چۈنكى، ئۇ سېنى تۇغقان، ئاق سۈت بەرگەن، ساڭا پۈتۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ئاناڭدەكلا ئۇلۇغدۇر. ئۆز ئاناڭنى قانداق سۆيگەن بولساڭ، ئانا تىلىڭغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىل. ئۇنى پۈتكۈل روھى دۇنيارىڭنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارا. ئاڭلا، ئوغلۇم، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ھېچقاچان بىلىم-ھۈنەر ئىگەللەشكە توسالغۇ بولغان ئەمەس. ئۇ زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مودىدىن قالىدىغان كېيىم –كېچەك ئەمەس. ئۇ بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مودا. ئۇنىڭدائاتا-بوۋىلىرىمىز، بىز ۋە سەن تېخى بايقىمىغان نۇرغۇن سىرلار بار، جاۋاھىراتلاربار. سېنىڭ باشقا تىللارنى پەقەت بىلىم ئېلىش قۇرالى دەپ تونۇشۇڭنى، ئۇنى جان بېقىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالماسلىقىڭنى ئۆتىنىمەن.

    ماڭا قارا، ئوغلۇم! ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ تاكى مەكتەپ دەرۋازىسىغابارغىچە سېنىڭ بىلەن كۆپرەك مۇڭدېشىۋىلىشنى، كۆڭلۈڭنى ئېلىشنى ئويلايمەن. مەكتەپكەخۇشال كەيپىيات بىلەن كىرىپ كېتىشىڭنى، ئوقۇشنى زېكىشلىك بىر ئىش قاتارىدا ئويلاپ قالماسلىقىڭنى ئىستەيمەن. كەچلىكى كۆرۈشكەندە تۇنجى سورايدىغىنىم " بۈگۈن مەكتەپتە خۇشال ئۆتتىڭمۇ؟"دېگەن سۇئال بولىدۇ. چۈنكى، سېنىڭ خۇشاللىقىڭ مېنىڭ خۇشاللىقىم. قايسى كۈنى مەكتەپنىڭ ئىچىدە يىغلامسىراپ تۇرغان تۇرقۇڭنى كۆرۈپ قانچىلىك ئازابلانغىنىمنى بىلمەيسەن، ئوغلۇم!. "تاپشۇرۇقنى ئۆلچەملىك ئىشلىمەپسەن"دەپ سىنىپتا سېنى ئېلىپ قاپتۇ. بۇ ساڭا تولىمۇ ھار كەلگەن چېغى،ئۆزۈڭنى كونتىرول قىلالماپسەن. شۇ ۋاقىتتا ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئاشۇ مۇئەللىمىڭگە راستىنلا ئاچچىقىم كەلدى، لېكىن ساڭا بىلىندۈرمىدىم. ساڭاتەسەللىي بەرگەچ "ئوغۇل بالا دېگەن يىغلىسا سەت تۇرىدۇ"دېگەن گەپنىلا دېيەلىدىم. چىداملىق بول ئوغلۇم، ھايات يولۇڭدا دوقاللار كۆپ، داۋانلار نۇرغۇن،جاپا-مۇشەقەتلەر تالايدۇر. ھەر بىر ئوڭۇشسىزلىقتىن قەيسەرلىك بىلەن ئۆتۈشنى ئۆگەن.ئۆز-ئۆزۈڭگە دائىم "مەن نېمە ئۈچۈن قىلالمىدىم؟" دېگەن سۇئالنى قويۇشنى؛ "مەن چوقۇم قىلالايمەن" دېگەن جاۋابنى بېرىشنى ئۆگەن. مانا شۇندىلاكۆزلىرىڭگە ياماشقان ياش كەلگۈنلىرىگە ۋاقتىدا توغان سېلىپ ماڭالايسەن.

    ئاڭلا ئوغلۇم! مېنى ئەڭ يېقىن دوست قاتارىدا سانا. كاللاڭدا قانداق چىگىش سۇئاللىرىڭ بولسا ماڭا ئېيت. مەن سېنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە قىيامەتلىك دوستۇڭمەن.مەن سېنىڭدىن بۇ دوستلۇقۇم ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىڭنى تەلەپ قىلمايمەن. مەن سېنىڭ بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق سىناقلىرىدىن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئۆتۈشنى چىن دىلىم بىلەن خالايمەن. مەن تاكى كۆزۈم يۇمۇلغىچە ساڭا ئاسىيلىق قىلىشنى خىيالىمغىمۇكەلتۈرۈپ قويمايمەن. كۆڭلۈڭ يېرىم بولغاندا ساڭا تەسەللىي بېرەلەيمەن، ئىشلىرىڭدا ئۇتۇق قازانساڭ، غەلبە شادلىقىڭغا تەڭ جۆر بولالايمەن.

    ئاڭلا ئوغلۇم! ساڭا دەيدىغان يۈرەك سىرلىرىم تېخى تۈگىگىنى يوق.قالغانلىرىنى كېيىكى خەتلىرىمدە بايان قىلارمەن. بۇ خەتلىرىمگە ھازىرچە جاۋاب خەت يازىمەن دەپ ئاۋارە بولما. سەن ماڭا جاۋاب خەت يازغۇدەك بولغان چاغدا، ئىچ سىرلىرىمىزنى دەرقەمتە تۆكۈشتىن باشقا، يەنە ئۆز-ئارا سالام خەت يېزىشارمىز. مېنىڭ بۇ تەلىپىم ئارتۇقچە كەتمىگەندۇ، دەپ ئويلايمەن. ئامان بول ئوغلۇم! ئاللاھ بىزگە كەچلىكى"ئاللاھ راھەتلىك بەرسۇن" دەپ خوشلىشىپ؛ ئەتىگەنلىكى تاڭ سەھەردە"ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دەپ چىرايلىق سالاملىشىشقا دائىم نىسىپ قىلسۇن.

2013-يىلى11-ئاينىڭ5-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-5 05:02 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uyol + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك، ئوي.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 11:51:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىڭنى قەدىرلە.بىلەمسەن؟نېمە ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان تىلنى ئانا تىل دەيمىز؟چۈنكى، ئۇ سېنى تۇغقان، ئاق سۈت بەرگەن، ساڭا پۈتۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ئاناڭدەكلا ئۇلۇغدۇر. ئۆز ئاناڭنى قانداق سۆيگەن بولساڭ، ئانا تىلىڭغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىل. ئۇنى پۈتكۈل روھى دۇنيارىڭنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارا. ئاڭلا، ئوغلۇم، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ھېچقاچان بىلىم-ھۈنەر ئىگەللەشكە توسالغۇ بولغان ئەمەس. ئۇ زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مودىدىن قالىدىغان كېيىم –كېچەك ئەمەس. دىگەن تەربىيىڭىز  مىنى ھەم تەسىرلەندۈردى ھەم بەك خىجىل قىلدۇردى.چۈنكى مەن ئوقۇتقۇچى،يەنە كىلىپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى.ئەسلىدە مىنىڭ تەلەپ-تەكلىپلەرنى دىيىش مەسئۇلىيتىم ۋەمەجبۇرىيتىم بارئىدى.


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 11:53:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىڭنى قەدىرلە.بىلەمسەن؟نېمە ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان تىلنى ئانا تىل دەيمىز؟چۈنكى، ئۇ سېنى تۇغقان، ئاق سۈت بەرگەن، ساڭا پۈتۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ئاناڭدەكلا ئۇلۇغدۇر. ئۆز ئاناڭنى قانداق سۆيگەن بولساڭ، ئانا تىلىڭغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىل. ئۇنى پۈتكۈل روھى دۇنيارىڭنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارا. ئاڭلا، ئوغلۇم، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ھېچقاچان بىلىم-ھۈنەر ئىگەللەشكە توسالغۇ بولغان ئەمەس. ئۇ زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مودىدىن قالىدىغان كېيىم- كېچەك ئەمەس. دىگەن تەربىيىڭىز  مىنى ھەم تەسىرلەندۈردى ھەم بەك خىجىل قىلدۇردى.چۈنكى مەن ئوقۇتقۇچى،يەنە كىلىپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى.ئەسلىدە مىنىڭ مۇشۇ  تەلەپ-تەكلىپلەرنى دىيىش مەسئۇلىيتىم ۋەمەجبۇرىيتىم بارئىدى.


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79465
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3331
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 02:20:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر دادا ئوغىلىغا ھەقىقى كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپتۇ...ھەر بىر ئاتا مۇشۇنداق قىلىشنى بىلسە ئىدى...

اللا، ئۇ  دۇنيا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49384
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6306
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 2264 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2014-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 03:01:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئاڭلا ئوغلۇم! مېنى ئەڭ يېقىن دوست قاتارىدا سانا. كاللاڭدا قانداق چىگىش سۇئاللىرىڭ بولسا ماڭا ئېيت. مەن سېنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە قىيامەتلىك دوستۇڭمەن.مەن سېنىڭدىن بۇ دوستلۇقۇم ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىڭنى تەلەپ قىلمايمەن. مەن سېنىڭ بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق سىناقلىرىدىن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئۆتۈشنى چىن دىلىم بىلەن خالايمەن. مەن تاكى كۆزۈم يۇمۇلغىچە ساڭا ئاسىيلىق قىلىشنى خىيالىمغىمۇكەلتۈرۈپ قويمايمەن. كۆڭلۈڭ يېرىم بولغاندا ساڭا تەسەللىي بېرەلەيمەن، ئىشلىرىڭدا ئۇتۇق قازانساڭ، غەلبە شادلىقىڭغا تەڭ جۆر بولالايمەن.

بۇ  قۇرلار  ئاجايىپ  ئىسىل  ھە؟!.....
يوللىغان  تىمىڭىز  بەكمۇ  چۇڭقۇر  مەنىلىك  ئىكەن. ئەجرىڭىزدىن  گۈل ئۈنسۇن!.....


دىل ئۆيۈڭنى يۇرۇتۇپ ئۆتسۇن،   بەخىت بىرىپ بەختىڭگە كۈلكەم.   چىن سۆيگۈگە قېنىپ ياشايسەن،    ھاياتىڭغا رەڭ بىرەر كۆكلەم!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3733
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 03:13:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-5 11:53 PM
ئانا تىلىڭنى قەدىرلە.بىلەمسەن؟نېمە ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان  ...

راسىت ،سىز دىگەندەك بۇ قۇرلار مىنمۇ بەكلا تەسىرلەندۈردى .

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3733
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 03:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن ،مەن بۇ تىمىنى  ئوقۇپ بەكلا تەسىرلەندىم .مەنسى تولىمۇ چوڭقۇر ،زور تەربىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە .
تىمىا ئگىسىنىڭ بىزنى مۇشۇنداق ياخشى تىملار بىلەن بەھىر ئەتكىنىگە كۆپ رەھمەت.

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 09:33:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لوپنۇرى ئالدى بىلەن سىزگە مەندىن سالام. ئاللاھ مۇشۇنداق ئېسىل قۇرلارنى يازغان قۇللىرىڭىزغا دەت بەرمىسۇن............

مەدەنىيەت ھادىسىللىرى ئۆز-ئارا سىڭىشىپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەت كوچىللىرىدا تەمتىرەپ نېمە قىلشىنى بىلمەي قېلىۋاتقان شۇ بىچارە مىللەتداشلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە، كۈزۈمگە ئىختىيارسىز ياش كىلىدۇ.. يۈرۈكۈمدە بىر خىل كۈچ مېنى توختىماي قىينايدۇ..سەۋەبى نېمە؟ مەن ئۇزۇن ئويلاش ئارقىلىق بۇ كۈچنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇ كۈچ دەل ئەجدادلارنىڭ كۈچى ئىكەن، ئۇلار توختىماي مېنى ئانا تىلىمنى قوغداشقا ئۈندەۋېتىپتۇ.........ئەمما مەن........ يەنىلا شۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكدە تەمتىرەپ، قۇرقۇنۇش ئىچىدە ئالغا كىتۋاتماقتىمەن...
ئىچىمدىن داۋاملىق بىر يىغا قاينايدۇ، ئەمما تېشىمغا چىقمايدۇ، خۇددى مېنى قەستەن قىيناۋاتقاندەك......مەن راسلا قىيلىنىپ كەتتىم، ئامالسىز قالدىم....بۇنىڭ جاۋابىنى قانچە قىلساممۇ توغرا قىلالمىدىم...............

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3733
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 10:00:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 09:33 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لوپنۇرى ئالدى بىلەن سىزگە مەندىن س ...

بۇ  نورمال ئەھۋال ،ئادەم بەزىدە مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قىپ قالىدۇ ،مەن بەزىدە شۇنداق

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98818
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-10-20
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 05:43:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ  ئادالەت ئۈچۈن تەلپۈنىدۇ

http://www.istanbul-textill.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش