ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كىتابخۇمار دوستلار! ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ۋە كىتابخۇمار ساۋاقداش،دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ تۈرتكىسىدە ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ كىتابقا قىزىقىپ، كىتاب يىغىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىپ كەپتىمەن. ئۆزۈم قىزىققان دائىرىدىكى كىتابلارنى يىغىپ ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەپتىمەن. ئالىي مەكتەپتىكى چاغلاردا ئۆيدىكىلەر ئەۋەتكەن تۇرمۇش پۇلىدىن قىسىۋىلىپ ھەر ئايدا بىر-ئىككى پارچەكىتاب ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ خىل ئادەتنى تاشلىۋەتمىدىم.مۇشۇنداق قىلىش نەتىجىسىدە مەلۇم مىقتاردا كىتاب يىغىلىپ،كۆلىمى بەك چوڭ بولمىسىمۇ بىر ئائىلە كۈتۈپخانىسى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.ھازىربۇ كىچىك كۈتۈپخانا ئائىلە ئەزالىرىمىز ئەڭ كۆپ كىرىدىغان بىر جايغا ئايلاندى. شۇڭا، دوستلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ھەر ئايدا مەلۇم مىقتاردا مەبلەغ ئاجىرىتىپ كىتاب ئېلىشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلساق. قايسىدۇر بىرماتىرىيالدىن "كىتابسىز ئۆي، بىردانىمۇ قۇشى يوق ئورمانلىققا ئوخشايدۇ" دېگەن گەپنى ئوقۇغان ئىدىم.ئۆيلىرىمىز كىتابسىز قالمىسۇن.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ھەر ئايدا دېگۈدەك كىتاب ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن، بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزۈمگە يارىغۇدەك كىتاب چىقمىغان ۋاقىتلاردا ئۆزۈمدە بار بولسىمۇ،ياقتۇردىغان كىتابلارنى يەنە ئېلىپ ساقلاپ قويۇپتىكەن. بىر كۈنى كىتابلىرىمنى رەتلەپ قارىسام، 200 پارچىغا يېقىن كىتاب ئارتۇق چىقىپتۇ. شۇڭا، تۇيۇقسىز بۇ كىتابلىرىمنى بىر تەرەپ قىلىپ ، ئۆزۈمدە كەم كىتابلارنى تولۇقلاش ئويىغا كېلىپ قالدىم. كىتاب تىزىملىكىنى رەتلەپ بىر قانچە كىتاپخانا ئاچقان بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشتۈم،ھەممىنى توپلا سېتىۋەتمەكچى ئىدىم. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ كىتابلارغا قويغان باھاسى بەكلا تۆۋەن بولغاچقا،بۇنداقلا سېتىۋەتكۈم كەلمىدى. چۈنكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرقىسىم كونا كىتابلارنى ئۆزۈممۇ خېلى قىممەت باھادا سېتىۋالغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى ئۆزۈملا توردا بولسىمۇ بىر دۇكان ئېچىپ قوياي دېگەن قارارغا كېلىپ جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ تور كىتابخانىسى كۇڭ فۇزى تورىدا بىر دۇكان ئېچىپ قويدۇم. كىتابخانامنىڭ نامىنى "قۇتاغۇبىلىك" دەپ قويدۇم. بۇ تور بەتكە ھەر بىر كىتابنىڭ مۇقاۋىسى، نەشىر قىلىنغان ۋاقتى، مۇندەرىجىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى رەسىمگە تارتىپ بىرمۇ-بىر كىرگۈزۈپ چىقتىم. كىتابخۇمار دوستلارنىڭ قەدەم تەشىرىپ قىلىشىنى قىزغىنقارىشى ئالىمەن. بۇ تور كىتابخانىسىنىڭ ئادىرىسى :
باش بەت : http://shop.kongfz.com/166793/
يېڭى يوللانغان كىتابلار بېتى: http://shop.kongfz.com/166793/new/
بۇ ئادىرسلارغا كىرىپ كىتاب تاللىساڭلار بولىدۇ.ئەگەر توردىن سېتىۋالماقچى بولساڭلار،كىتابنى زاكاس قىلىپ بولغاندىن كېيىن پۇلنى مۇشۇ تور بېكەتنىڭ ئۆزىدە تۆلىسەڭلارمۇ بولىدۇ. ناۋادا توربانكىسى ئوچۇق ئەمەس دوستلار بولسا، پۇلنى كارتىغا بىۋاستە ئۇرۇپ بەرسەڭلارمۇبولىدۇ. كىتابنى زاكاس قىلىش ئۈچۈن، مۇنبەرگە ئوخشاش تىزىملىتىپ كىرىشىڭلار كېرەك.ناۋادا توردا بېكەتتە پۇل تۆلىسەڭلار، تۆلىگەن پۇلۇڭلار كىتاب تاكى قولۇڭلارغا تەگكۈچە بېكەتتە ساقلىنىپ تۇرىدۇ، كىتابنى ئېلىپ، تور بېكەتكە كىرىپ جەزىملەشتۈرسەڭلار، كىتاب پۇلى ئاندىن كىتاب ساتقۇچى ھېساۋاتىغا ئۆتىدۇ.تاۋباۋ تورىدا مال سېتىۋالغانغا ئوخشاش.
كىتابنى ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىكقىلىمەن. كىتابلارنى يەتكۈزۈشتە تىز يوللانما ياكى ئادەتتكى يوللانما ئارقىلىقيەتكۈزۈش شەكلىنى كىتاب سېتىۋالغۇچى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ. يەتكۈزۈش ھەققى شۇنىڭغاقاراپ بېكىتىلىدۇ. ئەگەر كۆپرەك كىتاب سېتىۋالغۇچىلار بولسا، يەتكۈزۈش ھەققىنى مەنئۈستۈمگە ئالىمەن.
سېتىلىدىغان بىرقىسىم كىتابلارنىڭ تىزىملىكى:
ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن ئەسەرلىرى
ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە ، قاتتىق مۇقاۋىلىق 1980-يىل 1-نەشرى
فارابىي ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى ، 1986-يىل 1-نەشرى، يۇمشاق مۇقاۋا
شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى، يۇمشاق مۇقاۋا، 1980-يىلى 1-نەشرى
غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى، قاتتىق مۇقاۋىلىق، 1998-يىل 1-نەشرى
قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا، يۇمشاق مۇقاۋا، 2002-يىلى 1-نەشرى
ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەت، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 2002-يىل 1-نەشرى
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت، يۇمشاق مۇقاۋا،2001-يىلى 1-نەشرى
بۇ ئالتەكىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى :650يۇەن
ئابدۇللا قادىرى ئەسەرلىرى
1. ئۆتكەن كۈنلەر، يۇمشاق مۇقاۋا، 1983-يىلى 1-نەشرى
2.مىھراپتىن چايان، يۇمشاق مۇقاۋا، 1983-يىل 1-نەشرى 3-بېسىلىشى
بۇ ئىككى كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 200يۇەن
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەسەرلىرى
1. قەشقەركېچىسى، يۇمشاق مۇقاۋا، 1980-يىلى 1-نەشرى
2. غەزىنىلەربوسۇغىسىدا، قاتتىق مۇقاۋىلىق، 2010-يىلى 3-باسمىسى
بۇ ئىككى كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 100يۇەن
مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن، ئەلىشىر ناۋايى، يۇمشاق مۇقاۋا، 1988-يىلى 1-نەشرى
قۇتاغۇبىلىك ۋە قانۇن، يۇسۇپجان ئەلى ئىسلامى، يۇمشاق مۇقاۋا، 1993-يىلى 1-نەشرى
بۇ ئىككى كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 200يۇەن
شىنجاڭ سودا-بازار تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات، ئابلەت نۇردۇن، يۇمشاق مۇقاۋىلىق،2009-يىلى 1-نەشرى
يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات، شاڭيەنبىن، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 2012-يىلى1-نەشرى
تاشاخۇنۇم ۋەئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلادلىرى، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 1999-يىلى 1-نەشرى
بۇ ئۈچ كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 200 يۇەن
ئۇيغۇر پەلسەپەتارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر، ئىسلامجان شېرىپ، ئابدۇكېرىم راخمان، يۇمشاق مۇقاۋىلىق،1981-يىلى 1-نەشرى
ئەرەب تىلىدايېزىلغان پەلسەپە، مۇسا مۇساۋىي، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 2001-يىلى 1-نەشرى
بۇ ئىككىكىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 200يۇەن
ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 1989-يىلى1-نەشرى
قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ھاجى نۇرھاجى، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، 1984-يىلى 1-نەشرى 2-باسمىسى
بۇ ئىككى پارچە كىتابنىڭ باھاسى:300 يۇەن
تىرىلىش، لېۋ تولىستوي، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، ئىككى قىسىم، 1985-يىلى 1-نەشرى
ئون كۈنلۈكسۆھبەت، بۇكاچچۇ، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، ئىككى قىسىم، 1992-يىلى 1-نەشرى
بۇ تۆت كىتابنىڭ سېتىلىش باھاسى: 300 يۇەن
ئەسكەرتىش: بۇ كىتابلارنى مەن جۈپلەپ قويغان ھالەتتە ئالساڭلارمۇ، ياكى ئايرىپ ئالساڭلارمۇ بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-30 06:25 PM