مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3995|ئىنكاس: 0

چىڭ دەۋرىدە "شىنجاڭ"دىن نەچچىسى بولغان؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 01:04:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چىڭ دەۋرىدە "شىنجاڭ"دىن نەچچىسى بولغان؟

شىنجاڭ قەدىمدە"غەربىي يۇرت"دەپ ئاتالغان، لېكىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يەنە بىر نەچچە رايۇن "شىنجاڭ"دەپ ئاتالغان.

تارىخى ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈنكى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى جاۋتۇڭ، يۇڭشەن،گۇيجۇئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئەنشۈن شەھىرى ۋە جېننىڭ ناھىيەسى، سىچۇەن ئۆلكىسى دادۇخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى جىنچۈەن رايۇنى ئەينى چاغدا"شىنجاڭ"دەپ ئاتالغانىكەن.

چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ۋە چوڭ-كىچىك غوجىلار توپىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن غەربىي يۇرتنى "شىنجاڭ"دەپ ئاتىغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى ئۇزاق مەزگىلدە ،غەربىي يۇرت ۋە "شىنجاڭ"دىن ئىبارەت ئىككى نام بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان. چىڭ سۇلالىسى "شىنجاڭ"دەپ ئاتالغان باشقا جايلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىي چېگراسىغا جايلاشقان شىنجاڭنى"غەربىي يۇرتتىكى شىنجاڭ"دەپ ئاتىغان بولىشى مۇمكىن.

پادىشاھ داۋگۇاڭ1820-يىلى ئېلى جاڭجۈنگە "شىنجاڭنى تېنچلاندۇرغۇچى تەدبىركار" دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ "غەربىي يۇرت"، "غەربىي يۇرتتىكى شىنجاڭ" دېگەن ناملار ئاستا-ئاستا "شىنجاڭ"دېگەن نامغا ئۆزگەرگەن.

چىڭ ھۆكۈمىتى1730-يىلى يۈننەن، گۇيجۇ، گۇاڭدۇڭ باش ۋالىسى ئەرتەينىڭ مەلۇماتىغا جاۋاب قايتۇرغاندا: "ۋۇمىڭ نامى شىنجاڭغا ئۆزگەرتىلىپ ، ۋېينىڭ بىلەن تۇتاشقاي"دەپ پەرمان بەرگەن. "چىڭ تارىخى تىزىسى. جۇغراپىيە تەپسىراتى"غا ئاساسلانغاندا، جاۋتۇڭ، ۋۇمىڭ مەھكىمىلىرى بۈگۈنكى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى جاۋتۇڭ، يۇڭشەن بولۇپ، سىچۈەن، يۈننەن ئۆلكىلىرى بىلەن تۇتىشىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، پادىشاھ يۇڭچىڭ دەۋرىدە بۇ رايۇنلار"شىنجاڭ"دەپ ئاتالغان.

خاتىرلەردەكۆرسىتلىشىچە، گۇيجۇنىڭ باش ۋالىسى جاڭ گۇاڭسىنىڭ مەلۇماتىدا دېيىلگەن"يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى ئېقىمدىكى شىنجاڭ" ئىككى جاينى كۆرسىتىدىكەن. بىرى، گۇيجۇنىڭ جەنۇبىيدىكى شىنجاڭ؛ يەنە بىرى گۇيجۇنىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ بولۇپ، بۈگۈنكى ئەنشۈن شەھرى ۋە جېننىڭ ناھىيەسىگە يېقىن جايلارغا توغراكېلىدىكەن.

سىچۇەننىڭ باشۋالىسى 1779-يىلى ئوردىغا يوللىغان مەلۇماتتا تىلغا ئېلىنغان شىنجاڭ_ دادۇخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى تىبەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، سىچۈەن ئۆلكىسىگەقاراشلىق جىنچۈەن يەرلىرىنى كۆرسىتىدىكەن.

"شىنجاڭ"دەپ ئاتالغان رايۇنلار ئىككى ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. بىرى ، بۇ رايۇنلارخەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ ھۆكۈمرانلىق ئاپراتلىرى تەسىس قىلىنىپ ئىدارەقىلىنغان رايۇنلار ئىكەن؛ يەنە بىرى يۇقىردا بايان قىلىنغان  يەرلەر ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلار ئىكەن.

    1864-يىلى قوقانلىق ياقۇپبەگ شىنجاڭغاتاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەمدە ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەت قۇرغان. چاروسىيە 1871-يىلى ئەسكەر چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئېلى رايۇنىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1878-يىلى زوزۇڭتاڭ،ليۇ جىنتاڭ باشچىلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى ياقۇپبەگنى مەغلۇپ قىلغان،1882-يىلى چارۇسىيەدىن ئېلىنى قايتۇرۋالغان.

چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1884-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى قۇرۇشنى رەسمىي تەستىقلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ باشقا رايۇنلاردىكى "شىنجاڭ"دېگەن نام ئاستا-ئاستا ئىستىمالدىن قالغان.

ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:خەنزۇچە "شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى"

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ مەنبەسى: "بايىنغۇلىن گېزىتى"2013-يىللىق 19-دىكابىردىكى سانى

تورغا يوللىغۇچى :لوپنۇرى


توردىكى مەنبەسى:http://lopnuri.com/?p=3582

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 01:08 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
alamat1 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش