|
|
|
|
"تەتقىقاتتىن تەرمىلەر" گە مەرھابا!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: n+ Z/ g2 {; K l1 c% dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ C9 A, h0 X9 _: N1 O4 I( v2 @
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك ئىلىمخۇمار دوستلار! تور دۇنياسىدا كېزىپ يۈرگىنىمگە خېلى يىللار بولۇپ قاپتۇ!ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسەم، بۇ مەۋھۇم بوشلۇقتا ئېرىشكەنلىرىم، ھەم يوقاتقانلىرىم ئوخشاشلا دېگۈدەك باركەن. ئەمما ، يوقاتقانلىرىمغا قارىغاندا ئېرىشكەنلىرىم كۆپرەك بولدى، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، ئۆزى بىلەن دەرقەمتە بولالمىساممۇ خېلى كۆپ سادىق دوستلارغا ئېرىشتىم، بۇ دوستلىرىم بىر قىسىم قىيىن مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىشىمغا ياردەمدە بولدى. نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇر ۋە بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. بۇلار مېنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمغا تېخىمۇ رەڭدەرلىق ئاتا قىلدى. شۇڭا، توردىن ئۈنۈملۈك ھالداپايدىلانساق، بۇنىڭ ھەمىمىزگە كۆپ پايدىسى بار دەپ ئويلايمەن. بىلگەن ۋە ئۆگەنكەنلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە يېزىقچىلىق جەھەتتىكى قابىيلىتىمنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە 2009-يىلىدىن باشلاپ "لوپنۇرى" نامى بىلەن بىربلوگنى ماڭدۇرۇپ كەلدىم. بلوگ ئېچىلىپ ھازىرغا كەلگۈچە تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئەلۋەتتە كەمچىللىك ۋە نوقسانلارمۇ ئاز ئەمەس. مېنىڭب لوگدىن ئىبارەت بۇ تور سەھنىسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىم، ئۇنىڭ ماڭا شەخسىي مەتبۇئاتتەك ئەركىنلىك ئاتا قىلغانلىقى، ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقى بولدى. بلوگىمدىكى بەزى يازمىلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 30-40 مىڭغا يەتتى. بۇنىڭدىن باشقىلارغا ئاز-تولا بولسىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزەلەپتىمەن، دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ، بلوگ ماڭدۇرۇشنى ئۈزۈپ قويمىدىم. ئەمدى مەقسەتكەكەلسەم، تور دۇنياسىدا كېزىپ يۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، ئەدەبىياتى، مائارىپى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلغان ئىلمىي تەتقىقات خاراكتىردىكى ماقالىلەرنى ئاپتۇرى ۋە ئېلان قىلىنغان مەنبەسى ئېنىق بولسىلا توپلاپ كېلىۋاتقان ئىدىم. كومپىيوتىرىمغا قارىسام، بۇنىڭدەك ئىلمىي ماقالىلەر ئۈچ يۈزدىن ئېشىپتۇ. بۇ ماقالىلەرنىڭ ئاپتۇرى ۋە تور دۇنياسىغا يوللىغۇچىلىرىغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىش ھەمىمىزنىڭ ئورتاق بۇرچى. مەن يۇقىرىدا ئېيتقان ماقالىلەر تور دۇنياسىدا ئاللىقاچان ئېلان قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، تور بەتلەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم يېڭىلىنىپ تۇرغاچقا، بەزىدە ئىزدەپ تېپىش تولىمۇ مۈشكۈل. يېقىندا تويۇقسىز مۇشۇ ئىلمىي ماقالىلەرنى كەڭ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئويى كېلىپ قالغان ئىدى.بۇرۇنقى بلوگقا يوللاي دېسەم، بۇ بلوگنىڭ خاسلىقىنى يوقىتىپ قويغىدەكمەن. شۇڭا، يېڭىدىن بىرنى ئېچىپ، مەخسۇس ئىلمىي ماقالە كۆرىدىغان بلوگ قىلاي دەپ ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم.ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز مىسرانىم مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان " خاڭجۇسۇبات ئىلىكتىرۇن پەن-تېخنىكا شىركىتى" ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەقىسىز بلوگ ئېچىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېلاننى كۆرۈپ قالدىم. ھەمدە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەقسىتىمنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۇلار تېخنىكا، تور نامى، بوشلۇق جەھەتتە ھەقسىز ياردەمدە بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەخسۇس ئىلمىي ماقالە توپلىنىدىغان بلوگ " تەتقىقاتتىن تەرمىلەر"بارلىققا كەلدى. ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە يۈز پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالە يوللىنىپ دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. بۇمۇ مېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 2015-يىللىق كىتاب ئوقۇش يىلىغان سۇنغان ئاددىي سوۋغام. بۇيەردە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، بۇ ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېلىمىز ئىچىدىكى قانۇنلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ۋە ئاپتۇرلار ياكى دوستلار تەرىپىدىن تورغا يوللانغان ماقالىلەردۇر.شۇڭىلاشقا، ماقالىلەر يوللانغاندا ئاپتۇرى، ئېلان قىلىنغان ژورنال نامى، يوللانغان تور بەت نامى، يوللىغۇچى (بۇرۇن ساقلىۋالغانلىرىمدا يوللىغۇچىنى ساقلىماپتىكەنمەن، يېڭى ساقلىغانلىرىمدا يوللىغۇچىنىڭ نامىمۇ قوشۇپ يوللاندى) قاتارلىق ئۇچۇرلار ئاساس قىلىپ يوللاندى. كۆرۈپ بىلىم ئالساڭلارمۇ،ماقالە يازغاندا پايدىلىنىش ماتىرىيالى سۈپىتىدە پايدىلانساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەگەرئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدىغان تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بولسا، ئېلان قىلىنىپ بولغان ماقالىلىرىنىڭ ۋورد نۇسخىسىنى يوللاپ بەرسە، تەڭ بەھىرلەنسەك تېخىمۇ ياخشى. ناۋادا بۇ ماقالىلارنى ئېلان قىلغان ژورنال مەسئۇللىرى ياكى ئاپتۇرلار ئەقلى-مۈلۈك ھوقۇقۇمغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزدى،دەپ قارىسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسا، مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى بلوگدىن ئېلىۋەتسەم بولىدۇ. ئالاقىلىشىش چ چ نۇمۇرى : 1428817175 "تەتقىقاتتىن تەرمىلەر" نىڭ ئادىرىسى: http://tetqiqat.subat.cn/ لوپنۇرى بلوگىنىڭ ئادىرىسى: http://www.lopnuri.com/ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% j" r( r5 t" u8 q* \9 l
بىزدە تور بەتلەردە ئېلان قىلنغان ھېس بايانلارنى، مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپرەك،ئىلمىي ماقالىلەرنى كۆرىدىغانلار نىسبەتەن ئاز سانلىق دەپ ئويلايمەن. بۇ بلوگنىڭ تورداشلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ كۆرۈش قىزغىنلىقىغا ئاز-تولا بولسىمۇ تۈرتكە بولىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىللىكنىڭ تەنقىدى تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسىمۇقىزغىن قارشى ئالىمەن. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 t: G& }2 ?4 f4 e: I5 A# G
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" X) x* y, q$ M( h+ Z2 @ھۆرمەت بىلەن تورداش دوستۇڭلار:لوپنۇرىدىن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- T! U. b; w0 W* ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! ^' _) s: f$ J, @7 g) f
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( `+ @- ]8 D" B& q% @& Y; D2015-يىلى 1-ئاينىڭ 21 كۈنى بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( g5 o8 q- ]' x( |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 S; @# n) V X+ E2 w4 j" n7 q
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-21 06:33 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Z/ X/ |! s. B3 |% n, ?8 e
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% L+ I& A5 D1 q! `
|
|
|
|
|
|