مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5903|ئىنكاس: 13

ئۇيغۇر ئوغلى:مىسرانىم مۇنبەر ژورنىلى 3-سان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 01:00:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

www.Gm1.cn264_副本.jpg

مىسرانىم ژورنىلى  2013-3 -سان

بۇ ساندا ئاساسەن ئىجادىي تېمىلار ئېلىندى،تېرىشىپ ئىجادىي تېما يوللاۋاتقان دوسلار قەلەم تۇلپارىڭىلار ھارمىغاي!تېخىمۇ نادىر يازمىلارنى ئىجاد قىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.جۈملىدىن، ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاۋاتقان دوسلارنىڭ ئېسىل تېمىلارنى يوللاپ سەھىپىلەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

1643002u1wttblfwfuua23.jpg


ئۇيغۇرلار مۇنبۇردىكى باش سەركەردە  مىسرانىم مۇنبىرى


170626222qj275dq1521z1.jpg

17055988jz5u71ya11fo1j.jpg


www.Gm1.cn356_副本.jpg


ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى 3-سان-كارخانا باشقۇرۇش
/thread-98765-1-1.html


ھۇشۇر ئىسلام بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت

/thread-66004-1-1.html


جالالىدىن بەھرام بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت

/thread-50654-1-1.html

www.Gm1.cn628_副本.jpg

ئىران «تېھراندىن قېچىپ چىقىش»ناملىق فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلەش
        سودىگىرىنى ئەرز قىلدىكەن
/thread-102011-1-1.html

مۇسۇلمانلار سانى ۋە مەسجىد سانى ئەڭ كۆپ...

/thread-101503-1-1.html

ئىراندا غايەت زور ساچقان توپى بايقالدى

/thread-100470-1-1.html

www.Gm1.cn007_副本.jpg

تۈرۈك تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن

/thread-101846-1-1.html

ئۈرۈمچىدە كەسپىي رىمنۇتچىلىق كۇرسى ئېچىلماقچى

/thread-100800-1-1.html

كىتاب ئاشنالىرىغا خوش خەۋەر

/thread-96497-1-1.html

ئايدىن گۈزەل ئاي ئانام   ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى

/thread-98644-1-1.html

سودا تەركىپلىك ئىچىملىكلەرنىڭ زىيىنى توغرىسىدا

/thread-98532-1-1.html

كىتاب ئاشنالىرىغا خوش خەۋەر

/thread-96497-1-1.html


www.Gm1.cn221_副本.jpg

قارا ھىجران~~~~~ ئەكبەر

/thread-99217-1-1.html

ھا راقكەش كىلىن~~~~~ شىرخان

/thread-99111-1-1.html

قەرىزدار سۆيگۈ~~~~~ ناز پەرى

/thread-99281-1-1.html

www.Gm1.cn192_副本.jpg

نەزىرە مۇھەممەد سالىھقا شېئىرى مەكتۇپ  ~~~~    ياسىن/forum.php?mod=viewthread&tid=98389&extra=page%3D1%26filter%3Ddigest%26digest%3D1%26digest%3D1



نورۇز كەلدى، بەرىكەت كەلدى    ~~~~ سايرام قىزى  

/thread-101744-1-2.html


ھىدايەتنامە    ~~~~  نۇرزات

/thread-101493-1-2.html

نەگە كەتتى     ~~~~ ئۇيغۇر ئوغلى

/thread-101447-1-3.html

دېھقىنىم~~~~گۈلۈرۈك

/thread-101253-1-3.html


نۇرۇزنامە~~~~ئاچارى

/thread-101657-1-2.html

خېلىل شېئىرلار توپلىمى~~~~ئۇيغۇر ئوغلى

/thread-101429-1-3.html

ئاۋات مۇنبەر مىسرانىم~~~ ئەرتۇرا

/thread-98118-1-2.html

غەيۋەتخورلار~~~~قارا سۇ

/thread-96559-1-1.html



www.Gm1.cn344_副本.jpg

ئانا مۇھەببىتى ھەممىدىن ئۇلۇغ
  ئانا مۇھەببىتى ھەممىدىن ئۇلۇغ ، چۈنكى بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە باسالمايدۇ.
         ئانا مۇھەببىتى ھەممىدىن ئۇلۇغ ، چۈنكى بۇ خىل مۇھەببەت تولىمۇ ساپ ، ھەقىقىي ، شەخسىيەتسىز بولىدۇ .
         ئانا مۇھەببىتى ھەممىدىن ئۇلۇغ ، چۈنكى بۇ خىل مۇھەببەت ناھايىتى پاك ، يالقۇنلۇق ، نۇرلۇق بولۇپ مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
         ئانا مۇھەببىتى ھەممىدىن ئۇلۇغ ، چۈنكى بۇ خىل مۇھەببەتكە ئانىلارنىڭ جەسۇرلۇقى، قەيسەرلىكى ، چىۋەرلىكى ، ئىشچانلىقى ، ئاق كۆڭۈللىكى . . . مۇجەسسەملەنگەن .
         ئانا مۇھەببەتى ھەممىدىن ئۇلۇغ ، چۈنكى ئانىمىز بىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلغان ، بىزنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇپ يېمىگەننى يېگۈزۈپ ، كىيمىگەننى كىيدۈرۈپ ئارزۇلاپ بېقىپ چوڭ قىلغان .
         ئانا مۇھەبببىتى ھەممىدىن ئۇلۇغ ، چۈنكى ئانىمىزنىڭ يۈرىكى ھەر ۋاقىت پەرزەنت ئۈچۈن توختاۋسىز سوقىدۇ .
         ئانا مۇھەببىتى ھەممىدىن ئۇلۇغ ، چۈنكى ئانىمىز بىزگە ياشاشنى ، ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكەن .
         ئانا مۇھەببىتى ھەممىدىن ئۇلۇغ ، چۈنكى بۇ خىل مۇھەببەت ناھايىتى چوڭقۇر دېڭىزدەك ، شۇنداقلا ئۆركەشلەۋاتقان دەريادەك مەڭگۈ داۋاملىشىپ تۇرىدۇ  . . .
          ئانا مۇھەببىتى ھەممىدىن ئۇلۇغ ، چۈنكى بىز ئانىمىزنى پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن داستان قىلىپ مەدھىيەلەپ تەرىپلىسەكمۇ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ .


               
                  مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

                          مۇنبەر ئەزاسى:چىچاك يازمىسى


تەرمىلەر

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تور بېكىتدىكى بارلىق تورداشلار، ھەممىڭلارغا ئاللانىڭ سالامى بولسۇن، ئارزۇ-ئۈمۈد ئىچىدە ياشاۋاتقان ھەربىر كۈنۈڭلار خاتىرجەم ئىچىدە ئۆتسۈن، سىلەرگە خاتىرەمدىكى تەمەچلەردىن سۇنغۇم كىلۋاتىدۇ، ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلغايسىلەر.......

خاتىرەمدىن تەمەچلەر

چوڭلار كۆرمىگەننى كىچىكلەر كۆرىدۇ، كىچىكلەر كۆرمىگەننى چوڭلار كۆرىدۇ. ئۇلار بىرلىشىپ قارىسا، ھېچنەرسە كۆزدىن قاچمايدۇ.


بۆرە قېرىسا، ئىتقا كۈلكە بولىدۇ.


يىڭنە بىلەن پۈتىدىغان ئىشقا جۇۋالدۇرۇز ئىشلەتمەسلىك كېرەك.


خەزىنىگە كىرگەن مۈشۈك ئالتۇن-كۈمۈشكە قارىمايدۇ، چاشقان تۇتىدۇ.


ئۆچكىنىڭ كەينى قىچىشسا، قويچىنىڭ نېنىنى يەيدۇ.

توخۇ سەمرىسە توغۇشى قىيىن بولىدۇ.

ئادەم دۇنياغا چوشقىدەك سەمرىش، پىتتەك سىركىلەش ئۈچۈن كەلمەيدۇ.

ئەركەك كىشى قايسى چاغدا كوچىغا چىقىپ كېتىدۇ؟_ئەگەر ئىزدىگىنىنى ئۆيدىن تاپالمىسا!

خوتۇن كىشنى قانچە قاتتىق تۇتسىڭىز، شۇنچە غەپلەتتە قېلىشىڭىزنى پايلايدۇ.

ھەققىي مۇھەببەتتە مۇزدا قىزىلگۈل ئۈنىدۇ، تاشمۇ مېۋە بېرىدۇ. بۇنداق مۇھەببەتتىن گۈلدۈرماما مۇزىكىغا ئايلىندۇ، چاقماق مەڭگۈلۈك يورۇقلۇق بېرىدۇ.

دۈشمەن ئاتقان تاشتىن، قېرىنداش ئاتقان پاخـتا قاتتىق تېگىدۇ.

يالغۇزلۇقنىڭ ئۆزى بىر تۇتقۇنلۇقتۇر.

     ( 2013-يىلى  6-نەۋرۇز  قەدىمى قىزىل كۈرە ----تەرسائىي )


پەيغەمغەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توغرا بولمىغان يۆنىلىش، خاتا پىكىر ۋە سەلبىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇراتتى.


ئىنسان روھ بىلەن بەدەننىڭ بىرىكمىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ھەر ئىككىسىنىڭ ئىھتىياجى بار. ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىش ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ئىھتىياجىنى قامداش لازىم. چۈنكى ئىسلام روھ بىلەن بەدەننىڭ ئوتتۇرىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارنى مانا مۇشۇنداق تەڭپۇڭلۇق بىلەن تەربىيىلىگەندۇر. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادىمۇياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشلىق بەرگىن ۋە بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن دەيدىغانلار بار. [سۈرە بەقەرە: 201]


2-                        ياشلارغا شەپقتلىك بولۇش.


رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارغا مېھرىبانلىق ۋە شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. بۇ، ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا بولغان مۇھەببىتىنى ئاشۇراتتى ۋە ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايتتى. ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىنسانلارغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلىشىنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. [سۈرە ئالى ئىمران:159]


رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەپقەتلىك بولۇشقا تەرغىپ قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: شەپقەت قايسى نەرسىگە كىرسە ئۇنى زىننەتلەيدۇ، قايسى نەرسىدىن چىقىرىلسا ئۇ قەبىھ بولىدۇ. يەنە مۇنداق دەيدۇ: دىننى تەسلەشتۈرۈشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاسان قىلدى، كۈچۈڭلار يەتكىنىنى قىلىڭلار، ئاللاھ ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان ياخشى ئەمەللەرنى سۆيىدۇ.


رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىغا قارىغان چېغىمىزدا، ئۇنىڭ ياشلارغا قانچىلىك مېھرىبان بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇنلىغان مىساللارنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن:


1-        ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىدىن بىرىنى ئۈچ كۈن كۆرمىسە ئۇنى ئىزدەيتتى، ئەگەر بىر يەرگە كەتكەن بولسا دۇئا قىلاتتى، ئەگەر ئۆيىدە بولسا زىيارەت قىلاتتى، ئەگەر كېسەل بولسا يوقلايتتى.


2-        ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مۇھىم بىر نەرسە سۆزلىسە بىر ئىشقا جاۋاپ بەرسە، سۆزىنىڭ چۈشىنىلىشى ئۈچۈن سۆزىنى ئۈچ قېتىم ئېيتاتتى.


3-        ھەزرىتى زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىمىزدا، ئاخىرەت ھەققىدە سۆھبەتلەشسەك بىزگە قوشۇلاتتى، دۇنيا ئىشلىرى ھەققىدە سۆزلەشسەك بىزگە قوشلاتتى، يېمەك - ئىچمەك ھەققىدە مۇڭداشساق بىزگە قېتىلاتتى، مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەققىدە سۆزلەۋاتىمەن.


4-        ھەزرىتى ئەبۇ ھۇمەيسا مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى بىر يەردە كۆرۈشۈش ئۈچۈن ۋەدىلەشتىم. مەن ۋەدەمنى ئۇنتۇدۇم. ئۇ كۈن ئۆتتى، ئەتىسى ئۆتتى، ئۈچۈنچى كۈنى ئېسىمگە كېلىپ ۋەدىلەشكەن يەرگە بارسام رەسۇلۇللاھ ساقلاپ تۇرۇپتۇ، ماڭا: ئەي يىگىت! ماڭا بەك ئېغىرلىق سالدىڭ، ئۈچ كۈندىن بىرى بۇ يەردە ساقلاۋاتىمەن دېدى.


5-        ھەزرىتى جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيلىرىدىن بىرىگە كىردى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرگەنلەر ئۆينى تولدۇردى، مەن سىرتتا يەردە ئولتۇردۇم. رەسۇلۇللاھ مېنى كۆرۈپ دەرھال ئۈستىدىكى رىداسىنى چىقىرىپ، قاتلاپ، بۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغىن دەپ، ماڭا تاشلاپ بەردى. مەن ئۇنى ئېلىپ يۈزۈمگە سۈردۈم ۋە ئۇنى سۆيدۈم.   


6-        ھەزرىتى سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىردىم، ئۇ ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. ماڭا ياستۇقنى قويۇپ بېرىپ: ئى سەلمان! قايسى بىر مۇسۇلمان يېنىغا كىرگەن مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ياستۇق قويۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ دېدى.


7-        ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئون يىل رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم.رەسۇلۇللاھ ماڭا بىر قېتىم بولسىمۇ قىلغان ئىشىم ئۈچۈن نېمىشكە قىلدىڭ قىلمىغان ئىش ئۈچۈن نېمىشكە قىلمىدىڭ دەپ ئاچچىق قىلمىدى.


مانا بۇ مىساللاردىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياشلارغا قانداق شەپقەت كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا قانداق يۇمشاق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.


مانا بۇ، دەۋەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ ۋە ياشلارنى ئىسلامنىڭ ئەتراپىدا بىرلەشتۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ ئىسلام دەۋىتىنىڭ ئۇسۇلى بولۇپ، ياشلارنى دىندارلىققا چاقىرىشنى ۋە ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈشنى خالايدىغان بارلىق ئالىم - ئۆلىمالاردا بولۇشى لازىم بولغان سۈپەتتۇر.


قەدىرلىك ياشلار! يۇقىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ماقالىمىزنىڭ بىرىىنچى بۆلىمىنى سۇندۇق. ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنغانغا قەدەر ھەممىڭلارنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇردۇم.
ھۆرمەت بىلەن نۇرىلەم ياسىن
مەنبە؛سالىھلەر  تورى

234.jpg


ھېسانلىق تېپىشماق

   تۆۋەندە مۇنبەر ئەھلىگە ھېسابلىق تېپىشماقتىن بىرنى سۇندۇم، قېنى قايسىڭلار ئەڭ تېز، ئەڭ توغىرا جاۋاب بېرەيسىلەر، تېپىۋالغۇچىلارغا مۇكاپات بار.

     بىرئامۇتچى ئۆيىدىن بىرسېۋەت ئامۇت ئېكىلىپ سېتىپ كەچ بولغاندا پەقەت 3دۆۋىلا ئامۇت قاپتۇ، بوۋاي ئەتتىگەندىن بېرى بۇ ئامۇتنىڭ ھەربىر دۆۋىسىنى 2يۋەندىن ساتقان ئىكەن، بىراق بۇ 3ئادەم ئامۇتنى سېتىۋالغىلى تەڭلا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بوۋاي 3دۆۋە ئامۇت 5يۋەنگە سېتىپ بېرىپتۇ، بۇ ئۈچ كىشى 2يۋەندىن جەمئى 6يۋەننى بوۋايغا بەرگەن ئىكەن، بوۋاي 5يۋەننى  ئۆزى ئېلىپ قىلىپ بالىسىغا بىريۈەننى تۇتقۇزۇپ ماڭا ماۋۇ پۇلنى پارچىلاپ ماۋۇ 3كىشىگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بەرگەن دەپ بېرىپتۇ، بوۋاينىڭ ئوغلى 1يۋەننى ئېلىپ بىردۇكانغا كېرىپ 4موغا كەمپۈت ئېلىپ قالدى 6مونى بۇ 3كىشىگە 2مودىن قايتۇرۇپ بېرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ ھەربىرى بىردۆۋە ئامۇتنى 1.8يۋەندىن سېتىۋالغان بولۇپتۇ، مۇشۇ ئارلىقتا يوقۇلۇپ كەتكەن 2موچەن زادى قاياققا كەتتى قېنى قايسىڭلار تاپالايسىلەر...



يەنە بىرسى:
بۇدۇنىيادىكى ھەممە نەرسىگە كېرەكلىك بىرنەرسە بار ئۇ زادى نېمە؟




        بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئوتكەن ئىكەن ،بۇ پادىشاھنىڭ بىر ئامىراق بىر ۋەزىرى بارئىكەن .
بۇ ۋەزىر بىركۇنى ئىغىر بىر خاتالىقتىن بىرنى ئوتكۇزۇپ قويۇپتۇ .
پادىشاھ بۇنى بىلىپ جازالىماي دىسە باشقا ۋەزىرلىرنىڭ گىپى چىقىشتى ئەنسىرەپ ۋەزىرنى جازالىماقچى بوپتۇ .  
پادىشاھ پۇتكۇل ۋەزىرلىرنىڭ ئالدىدا ئۇ ئامىراق ۋەزىرسىنڭ ئالدىغا بىر توخنى <توخا>ئەكىلىپ
سەن مۇشۇ توخىنى قانداق ئۇسۇلدا  ئولتۇرسەڭ مەن سىنى شۇنداق ئۇسۇلدا ئولتۇرەي دەپتۇ.
ۋەزىر بۇ توخىنى ناھايتى ئەپچىللىك بىلەن ئولتۇرۇپتۇ ،پادىشاھ " ۋەزىرنى ،ۋەزىر ئولتۇرگەن ئۇسۇلدا ئولتۇرلمەپتۇ  .


               ۋەزىر بۇ توخنى قانداق ئۇسۇلدا ئولتۇرگەن ؟


ھېسابلاشقا كىم ئۇستا

-  يۈز يۈەنگە ، توخو ، كەپتەر ۋە قۇشقاچ قاتارلىق جانۋاردىن يۈز دانە سىتىۋىلىڭ . بۇنىڭ ئىچىدە توخو 5يۈەن ، كەپتەر 1يۈەن ، قۇشقاچ 1مودىن بولسۇن. (بۇ تىپىشماقنىڭ 2 خىل جاۋابى بار ، قىنى كىم ھەر ئىككىسىنى ئەڭ ئاۋال تاپالايدۇ؟)
                                 

  2- بىر توپ قۇچقاچ كىلىپتۇ ،
شاخ ئۈستىگە قونوپتۇ .
بەشتىن قونسا ئىشىپ قاپتۇ بىر قۇچقاچ،
ئالتىدىن قونسا ئىشىپ قاپتۇ بىر تال شاخ.
قۇچقاچ نەچچە ؟ شاخ نەچچە ؟


223.jpg


قىزلار چوقۇم كۆرۈڭ
ئەلى تەنتاۋى (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن )
ئەي قىزىم ، مەن ھازىرغىچە ئەللىك يىل ئۈمۈر كۆردۈم ،دۇنيادىكى نۇرغۇن مەملىكەتلەرنى كەزدىم،نۇرغۇن ياخشى -يامان ئىشلارنى كۆردۈم ،نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز تەجرىبەمدىن ئۆتكۈزدۈم . مەن بۇگەپلىرىمنى مىنىڭ ئەللىك يىللىق تەجىرىبەمنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن ھەم ساڭا نەسھەت قىلىۋاتىمەن . ئادەملەرنى ئىسلاھ قىلىمىز ،تۈزىتىمىز دەپ كۆپ كۈچىدۇق، ھەتتا تولا سۆزلەپ ئاغزىمىز تالدى .نۇرغۇن كىتابلارنى يازدۇق ،قوللىرىمىز تالدى ،قەلەملىرىمىز ئۇپرىدى .بىز ئادەملەرنى تۈزىتىمىز دەپ كۈچىگەنسىرى ئادەملەردە ئەكسىچە بۇزۇلۇش كۈپىيىپ كىتىۋاتىدۇ. پىتنە -پاسات كۈپىيىپ كىتىۋاتىدۇ، ھەتتا بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە ئېقىۋاتىدۇ ،ئاللاھ قىلمادەپ چەكلىگەن ئىش ئەۋىج ئېلىۋاتىدۇ .ئادەملەر جەننەتنىڭ ئىشىكىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەكسىچە دوزاخنىڭ ئىشكىگە ئۈزىنى ئېتىۋاتىدۇ .كۆكرەك ئۇچۇغلۇق ،باش يالىڭاچلىق ،بىھايالىق ،شەرمىي -ھايانىڭ يوقلۇقى بىر شەھەردىن يە نە بىر شەھەرگە سۇزۇلماقتا. ھەتتا باشىدىن ئايىغىغىچە پەرەنجە بىلەن پۈركىنىپ يۈرىدىغان شام (سۈرىيە)دۆلىتىنىڭ ئاياللىرىمۇ كۆكرىكى ئۇچۇق ھالدا كۇچىغا چىقىپ كىتىۋاتىدۇ .
بىز شۇنچە سۆزلەپ نىجات تاپالمىدۇق ،مۇۋاپپىقيەتكە ئىرىشىمىز دەپ گۇمان ھەم قىلمايمەن .نىمىشقا ،بۇنى بىلەمسەن ؟بىزئادەملەرنى تۈزىتىمىز دەپ شۇنچە نەسىھەت قىلىپ،شۇنچە دەۋەتلەرنى قىلىپ نەتىجە قازىنالمىدۇق ،ئەسلى بىز ئادەملەرنى تۈزىتىدىغان يولنى تاپالمىغان ئىكەنمىز ،كىرىدىغان ئىشىكنى تاپالمىغان ئىكەنمىز .بىز ئىشىكتىن كىرمەي دەرىزىسىدىن كىرىشكە ئۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇق .ئادەملەرنى تۈزىتىدىغان يول قەيەردە ؟ئۇنىڭ ئىشىگى قەيەردە ؟ئۇنىڭ ئاچقۇچى كىمنىڭ قۇلىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەي يۈرگەن ئىكەنمىز.ئاخىرى بىلدۇقكى ئادەملەرنى تۈزىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئاياللارنىڭ قۇلىدا ئىكەن ،ئادەملەرنى تۈزىتىدىغان يولنىڭ بېشى ئۇ ئاياللاردىن باشلىنىدىكەن .شۇنىڭغا ئەمدى مىنىڭ ئەقلىم قايىل بولدى .تۇلىمۇ ئەپسۇس ،لىكىن مىنىڭ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالغاندا مەن بۇنى ھىس قىلدىم .
گۇناھ يۇلى ناھايىتى ئېغىر يول ،بۇيولغا بىرىنجى قەدەمنى ئەركىشى قۇيىدۇ ،ئۇ قەدەمنى ئايال كىشى قۇيالمايدۇ ،يەنى ئايال كىشى ئەر كىشى بولمىسا بۇزۇلالمايدۇ ،بۇقەدەمنى باسالمايدۇ.ئەي قىزىم ،ئەگەر سىنىڭ رازىلىقىڭ بولمىسا ئەركىشى بۇ قەدەمنى باسالمايدۇ ،سىنىڭ مۇلايىلىقىڭ بولمىسا ئەركىشى قاتتىقلىق قىلالمايدۇ .سەن ئىشىكنى ئېچىپ بىرىپ ،ئوغرى قاراقچىغا :“مەرھابا ،ئۆيگە كىرىڭ ”دەپ ،مال -مۈلىكىنى ئوغرى ئېلىپ قاچقاندىن كىيىن كۇچىغا چىقىپ :“ۋاي داد ،ئوغرى مېلىمنى ئېلىپ قاچتى “ ۋارقىرىغان ئەخمەقسەن . ئوغرى مال -مۈلۈكۈڭنى ئوغىرلاپ قاچقاندىن كىيىن كۇچىغا چىقىپ داد -پەرياد ،چۇقان سالساڭ ئوغرىنى تۇتۇشۇڭ مۇمكىن ،ئەگەر مال -مۈلىكۈڭنى يەپ ،سېتىپ تۈگەتمىگەن بولسا ئۇنى ھەم قايتۇرۇپ كىلەلىشىڭ مۇمكىن ، سىنىڭ پاكلىقىڭ -ئىپپىڭ،ئار-نۇمۇسىڭ ئوغۇرلانغاندىن كىيىن ئوغرىنى تاپالىشىڭ مۇمكىن،بىراق سىنڭ پاكلىقىڭنى ،ئار-نۇمۇسۇڭنى مەڭگۈ قايتۇرالمايسەن. بۆرىگەئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان قوينىڭ چىرايلىق تىرىسى لازىم ئەمەس ،چىرايلىق تۇرىقى ھەم لازىم ئەمەس ، ئۇنىڭغا پەقەت قوينىڭ بىر -ئىككى كىلو شىرىن ،مەززىلىك گۈشى كىرەك. سىنىڭ قارشىڭدا تۇرغان بىگانە ئەركەك ئۈچۈن سىنىڭ چىرايلىق خۇلىقىڭ،لاتاپىتىڭ،نازىڭ ھەم كىرەك ئەمەس ،ياراشقان كىيىم -كىچىكىڭ ھەم كىرەك ئەمەس، ئۇئەركەك سىنىڭ ھاياتىڭدا ساڭا شەرەپ ئاتا قىلىپ تۇرغان ،سىنىڭ زىننىتىڭ بۇلۇپ تۇرغان ،سىنىڭ پەخرىڭ بۇلۇپ تۇرغان پاكلىقىڭنى ،شەرمىي-ھايايىڭنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇساڭا كۈتۈلمىگەندە بۆرەقوينىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتتىن ئېغىر مۇسبەتنى ئېلىپ كىلىدۇ.سىنىڭ ئار -نۇمۇسۇڭ بىر -ئىككى كىلو قوينىڭ گۈشىنىڭ قىممىتىدىكى نەرسە ئەمەس ،سىنىڭ ئار نۇمۇسۇڭ شۇنداق نەرسىكى ،ئەگەر بىگانىلەر تەرىپىدىن پايمال قىلىنسا تاكى قىيامەتكىچە سىنىڭ نەسەب-نەسلىڭگەتەسىر قىلىدىغان نەرسىدۇر.
سەن ئەتراپىڭدىكى پەرۋانە بۇلۇپ يۈرگەن ئەركەكلەرنىڭ ساڭا ”مەن سىزنىڭ خۇلىقىڭىزغا ئاشىقمەن ،چىراي-ھۆسنىڭىزگە مەپتۇنمەن ،سىزىڭ ناز -لاتاپىتىڭىزغا ئەسرامەن “ دىگەن سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ يۈرەمسەن ؟ ئاشۇ شىرىن -شىكەر گەپلەرگە ئالىدىنۋاتامسەن؟ ئەي كەم ئەقىل قىزىم ،ئاللاھقا قەسەمكى ،بىگانە ئەركەك يالغۇز ئايالنى كۆرگەندە خىيالەن ئۇ ئايالنىڭ كىيىم -كىچىكىنى يىرتىپ تاشلاپ تۇرۇپ بىھايا خىياللارنى قىلمايدىغان بولسا كىلىپ مىنىڭ يۈزۈمگە تۈكۈر!
بىگانە ئەركەكلەرنىڭ ساڭا دوستانە ھالدا ،سىزنى ياخشى كۈرىمەن دىگەن ساختا گەپلىرىگە ئالداندىڭمۇ؟ ئەي ناتىۋان قىزىم سەن ئۇلارغا ئالدانما .ئەگەر سەن بىگانە ئەركەكلەرنىڭ بىر يەرگە كەلگەندە ئۆز ئارا قىلىشقان بىھايا گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىڭدا ،قايسى ئايالنىڭ ئار -نۇمۇسىنى قانداق پايمال قىلغانلىقى، قايسى بىھايا ئايال بىلەن نىمە گەپلەرنى ،نىمە قىلىقلارنى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىڭدا بېرىپ ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە تۈكۈرۈپ كەلگەن بۇلار ئىدىڭ.
ئەي قىزىم ! بۇ جەمئىيەت شۇنداق جەمئىيەتكى ،بۇ ئىنسانىيەت شۇنداق ئىنسانىيەتكى ،شۇ گۇناھلار ، زىنا -ھاراملار ،ئاچىغ-ساچىغلىقلار شۇنداق داغ بۇلۇپ چۈشىدۇكى،سىنى شۇ گۇناھقا چاقىرغان ئەركەك شۇ گۇناھلارنى قىلىپ بۇلۇپ ھەممىنى ئۇنتۇپ جەمىيەتتە يۈرگەن چاغدا ساڭا ئېلىپ كەلگەن رەسۋالىقلار سىنىڭ قەددىڭنى مەڭگۈ ئىگىپ قۇيىدۇ .بۇ جەمىيەت شۇنداق جەمىيەتكى ئوغولبالىنىڭ گۇناھىنى ئۇنتۇيدۇ ،“ھە ئوغول بالىكەن ،بوپتۇ ”دەيدۇ ،بىراق سىنىڭ قىلغان گۇناھىڭنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ ،سەن ئاللاھقا چىن دىلىڭدىن تەۋبە قىلىپ ،ھەتتا رەھىم ھەم رەھمان بولغان ئاللاھ سىنىڭ گۇناھىڭنى كەچەرگەن تەقدىردىمۇ لىكىن ئادەملەرسىنى كەچۈرمەيدۇ ،“ئۇ شۇنداق بۇزۇق بىر ئايال ئىدى ”دەيدۇ پىشانەڭدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.ئىسىڭدە بولسۇن ئايال كىشىنىڭ ئار-نۇمۇسى نەسلى -نەسەبىگە مەڭگۈ تەسىر كۆرسىتىدۇ ,ئۇ داغنى ھېچكىشى پاكىزلىيالمايدۇ .
مەن ئاياللارغا نەسىھەت قىلغىنىمدا ،بىرىنچى سۆزنى < خۇدادىن قورقۇڭلار>دىگەن سۆزدىن باشلايمەن .چۈنكى ھەممە رەزىللىك ،پەسكەشلىك ،رەسۋاچىلىق خۇدادىن قورقماسلىقتىن چىقىدۇ . خۇدادىن قورققان ئادەم ھەممىنى كۈرۈپ ،بىلىپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ زاتتىن چىن يۈرىكىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ھېچىكىشى كۆرمەيدىغان قاراڭغۇ خىلۋەتتە بولسىمۇ زىنادىن يىراق تۇرىۋاتىدۇ ،خۇدادىن قورققانلىقى ئۈچۈن يالغان سۆزلىمەيدۇ ،خۇدادىن قورققانلىقى ئۈچۈن گۇناھتىن ئۈزىنى تارتىيدۇ .خۇدادىن قورققانلىقى ئۈچۈن ھاراق ئىچمەيدۇ ،خۇدادىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ پەرىز قىلغان ئەمەللىرىنى جان دىلى بىلەن ئۇرۇندايدۇ ،خۇدادىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ھەققىنى ئاداقىلىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ.شۇڭا ھەم مەن قىزلارغا نەسىھەت قىلغىنىمدىمۇ ئەي قىزلىرىم ، خۇدادىن قورقۇڭلار دەپ سۈزۈمنى باشلايمەن . ئىنسانننىڭ كۈپىنچىسى شۇنداقكى ،ئۇلارغا ئاخىرەتتىن سۆز قىلسا ئاخىرەتنى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن گەپ تەسىر قىلمايدۇ ،كۆز ئالدىدا كۈرۈپ تۇرغان نەرسىلەردىن تەسىرلىنىدۇ ،يەنە ئۇلارغا ئىككىنچى دەيدىغىنىم <كىسەللىكلەردىن قورقۇڭلار >.ھەرخىل گۇناھلارنىڭ سەۋەبىدىن ھەرخىل قورقۇنچلۇق ،ئازاپلىق ، ساقايمايدۇ دەپ قارىلىدىغان كىسەللەر بار دەيمەن .ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ پىسەنت قىلمىسا كىيىن ئۇلارغا ئېيتاردىمكى : ئەي قىزىم ، دۇنيادا ھېچبىر نەرسە ئەبەدىي تۇرمىغان ھەم تۇرمايدۇ ،خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سىنىڭ بۇ گۈزەللىكلىرىڭمۇ ئەبەدىي تۇرمايدۇ .كىشىلەرنى ئۈزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرغان شۇ چىرايلار بىر كۈنلەر كىلىپ بىر سىقىم بۇغداينى سىپىپ قويسا يەرگە چۈشمەيدىغان غەدىر -غۇدۇر بۇلۇپ ھەيدەلگەن يەرگە ئوخشاش بۇلۇپ كىتىشى بار . ئادەملەرگە كۆز _كۆز قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل رەڭلەردە بۇيىۋالغان بۇ ساچلىرىڭ ئىشەكنىڭ تۈكىدەك بۇلۇپ پاخپىيىپ كىتىشلىرى بار .ھېچبىر نەرسىدە كامالەت ئەبەدىي قالمايدۇ ،قۇياش ھەم ئاسمانغا چىقىپ نۇر چېچىپ سارغىيىپ پېتىشلىرى بار ، ھەربىر نەرسىنىڭ زاۋالى بار.خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سىنىڭ گۈزەل ھۆسىن -قامالىڭنىڭمۇ زاۋالى بار .سىنىڭ ھۆسىن _جامالىڭغا ئاشىق بولغان كىشىلەر لاتاپەت ،ناز -خۇلق سەندىن يۈز ئۆرۈگەندە ئۇلارمۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كىتىشلىرى بار .سەن قېرىغاندا ،مۇماي بولغندا سىنىڭ غەم -تەشۋىشىڭنى كىم يەيدۇ ؟ سىنىڭ يېنىڭدا پەرۋانە بولغانلار غېمىمنى يەيدۇ دەپ ئويلامسەن ؟ياق .قېرىغان ئايالنىڭ غېمىنى بالىسى يەيدۇ ،نەۋرىسى يەيدۇ .ئەۋلاتلىرىڭ سىنىڭ غېمىڭنى يەپ سەن ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندا ،خۇددى تاج كىيگەن مەلىكىگە ئوخشاش بەخىت ئىلكىدە مەستخۇش بولىسەن. لىكىن ياشلىقىدا ھارام بىلەن ،گۇناھ بىلەن يۈرگەن ئايالنىڭ ھالىتى بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلىدۇ ئەلۋەتتە، ھۆرمەت -ئىززىتى يوق ،يەيدىغان -كىيىدىغىنى تەل ئەمەس ،ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق قىلغۇلۇقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ .
بۇ يەرگە كەلگەندە ئەلى تەنتاۋى سۈزىنى مۇنۇ ھىكايەت بىلەن تامام قىلىدۇ .مەن بىريۇسېل شەھىرىگە بېرىپ بىر يىغىنغا قاتنىشىپ ،يىغىندىن كىيىن نەدىم دىگەن بۇرادىرىم شاگىرتلىرى بىلەن مىنى شەھەر ئايلىنىشقا تەكلىپ قىلدى .بىر چوڭ كوچىدىن قارشى ئۆتىدىغان يەرگە كەلگەندە ماشىنا توختىغاندا ھەممە ئادەم يۈگۈرۈشۈپ ئالدىراپ يولدىن ئۆتۈۋاتىدۇ ،پەقەت بىر قېرى مۇماي پۇتلىرى تىترىگەن ھالدا تەمتىرەپ يولدىن ئۈتۈشكە ئالدىراۋاتىدۇ ،بىراق ھەممە ئادەم ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ قۇيۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئۈزىنى ئۇنىڭدىن قاچۇرىۋاتىدۇ، ھەتتا ،ماشىنا شوپۇرلىرىمۇ ماشىنىسىنى ئۇنىڭدىن يىراق توختۇتىشقا ئۇرۇنىۋاتاتتى.مەن بۇرادىرىمگە_ ،ھەي بۇرادەر تالىپلىرىڭدىن بىرسى ئۇ مۇماينى قۇلىدىن يىتىلەپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويسا بولمامدۇ ،دىدىم . ئۇ :
–ھەي ئەلى ،مەن بۇ شەھەرگە كەلگىلى قىرىق يىل بولدى ،ئۇ ئايال شۇ ۋاقىتتا چىرايلىق بىر قىز ئىدى ،ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ شەھەرگە شۇنداق بىر فىتنە قىلىپ ،ئىمتىھان قىلىپ بەرگەن ئىدىكى ئادەملەر شۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن بىر ئېغىز شىرىن سۆز ئاڭلاش ،بىر قېتىم ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن چۆنتىكىدىكى بار مال -دۇنياسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تۆكۈشكەن ئىدى ،ھەتتا ئايالىغا ،ئۆز ئانىسىغا ئېيىتمىغان شىرىن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتىشار ئىدى . مانا كۈرۈپ تۇرۇپسەن ھارام ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇدا ئۇنى شۇنداق خار قىلدىكى ئاللا تائالا ھەممە ئادەم ئۇنىڭدىن يىرگىنىدىغان ، ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇشتىن ئۈزىنى قاچۇرىدىغان قىلىپ قويدى .مەيلى زىنا بولسۇن ،مەيلى ھاراق ئىچىش بولسۇن ،نىمىلا بولسۇن خۇدا قايتۇرغان ئىشىنىڭ ئاقىبىتى ئەنە ئاشۇنداق بولىدۇ .ئەنە خۇدا قىلما دىگەن ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ بىرسى ئىككى بولغىنى يوق ،لىكىن خۇدا قىل دىگەننى قىلغان كىشىلەرنى يەنە بىرەر ئەزاسى كەم بۇلۇپ قالمىغان ،تىنچ ،خاتىرجەم ياشىماقتا.
خۇدايىتائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا :بىگانە ئەركەكلەرگە ئاۋازلىرىڭلارنى مەيىن قىلىپ گەپ قىلماڭلار ،ئاۋازىڭلارنى مەيىن قىلىپ گەپ قىلساڭلار قارشىڭلاردا تۇرغان ئەركەكنىڭ قەلبىدە فاسىقلىق،ئىپلاسلىق بولسا ئارتۇقچە گۇماندا ،تەمەدە بۇلۇپ قالىدۇ ،دىدى. ھەتتا پۇتۇڭلارنى يەرگە ئۇرۇپ تاۋۇش چىقارماڭلار ،سىلەرنىڭ گۈزەل ھۆسىن جامالىڭلارئەمەس ،بەلكى ئاياغىڭلاردىن چىققان تاۋۇش فىتنىگە سەۋەپ بولىدۇ ،دەيدۇ ھەق سۇبىھانىتائالا.
ھەي قىزلىرىم ،مەن سىلەرگە كىيىمىڭلارنى دەرھال كىيىپ ئۇرۇنۇڭلار دىسەم سىلەر بۇنى قىلالمايسىلەر ،چۈنكى سىلەرنىڭ كىيىمىڭلار بىر غېرىچ ،بىر سانتىدىن قىسقىراپ بىر تال يىپ ھالىتىگە كىلىپ ئەۋرەتلىرىڭلار ئېچىلىپ بولدى .ئەمدى سەن بىر غېرىچ ،ئىككى غېرىچتىن قۇشامسەن قانداقلا بولمىسۇن سىلەرنى ياخشىلىق تەرەپكەقايتىڭلار دىگۈم كىلىدۇ.
اللەم أعوذ بك من شر نفسي، و من شر الشيطان وشركە، وان اقترف على نفسي سوءا أو أجرە إلى مسلم.

ھېكمەتلەر


1.ئىگىز تاغ چوققىسى ھەمىشە ئاشۇنداق ھەيۋەتلىك ،شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇ،ئۇ ھەمىشە ئاشۇنداق خەتەرلىك،شۇڭا ئاز بىرقىسىم كىشىلەرلا ئۇنىڭغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭغا يامىشىش ئاشۇنداق كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدۇ ،شۇڭا پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا ئۇنى بويسۇندۇرالايدۇ.


2.ئەمەلسىز ئالىم كۆپ ئەلدە شىكەر گەپ بىلەن كۈچى يوق نەسھەت،ساۋاتسىز ئادەم كۆپ ئەلدە بىكار گەپ بىلەن نېنى يوق ئەمگەك كۆپ.



2.ناداننىڭ قولىغا ئۆتكەن ئەمگەكنىڭ نېنى ،ئايالنىڭ قولىغا قالغان ئەركەكنىڭ دېڭى چىقماس.


3.نادانلار توپى ئىچىدە تىرىكچىلىك قىلغان تەنھا ئاقىل __بىر توپ چاتقاللار ئىچىدىكى پەي-تۈكلىرى تىتىلغان بىچارە غېرىپ بىر قۇشتۇر.


4.پۇشايمان قاچىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەندىن تاشقا ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋەتكەن ياخشى.


5.ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغانلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ قالتىس بولۇشى ناتايىن.




6.بىر تال مىخ كەم بولسا ،پادىشاھلىق گۇمران بولىدۇ:
--چۈنكى، بىرتال مىخ كەم بولسا بىرتال تاقا ئاتقا سېلىنالمايدۇ ،بىرتال تاقا كەم بولسا بىرتۇياق ئات جەڭگە چىقالمايدۇ ،بىر تۇياق ئات جەڭگەچىقالمىسا بىر چەۋەنداز جەڭ قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ .


7.ھېچقانداق تېرىشچانلىقسىز ئىرىشىدىغىنىڭ پەقەتلا ياشنىڭ چوڭىيشىدىن ئىبارەت.


8.نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئازاپلىنىشىنىڭ مەنبەسى كۆپنىچە ئۇنتىيالماسلىق،ئالغاننى قويالماسلىق ۋە كاللىدىن ئۆتكۈزەلمەسلىكتىن كىلىدۇ .

9.ئادەم خۇددى ماشىنىغا ئوخشايدۇ ،ماشىنىنىڭ ماتورىدىن چاتاق چىقسا ئۇنىڭغا ماينى ھەسسىلەپ قۇيساڭمۇ ھەرگىز نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ،كۆزلىگەن مەنزىلگىمۇ يىتەلمەيدۇ ،بۇ خۇددى ئادەمنىڭ پىسخىكسىدىن چاتاق چىققانغا ئوخشايدۇ ، پىسخىكاڭنى ،روھي دۇنيارىڭنى گۈزەللەشتۈرمىسەڭ ،نورماللاشتۇرمىساڭ ھەقانچە كۈچىسەڭمۇ ئۇزۇنغا ماڭالمايسەن ،ئېرىشىدىغىنىڭ ئەھمىيەتسىز ھېرىپ چارچاش.

(خاتىرەمدىن)م.ئوغلان

پەيغەمبەر ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر


ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن




ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن.»[1]
بۇ ئايەتتە ئاللاھتائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا بارلىق گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل مىجەز-خۇلۇقلارنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسا «سىلەرگە-ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمۈد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە-رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگەدۇر.»[2] دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزنى بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئۈلگە قىلىشىمىزغا چاقىرغان.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىك سۈپىتى بىلەن ئېلىپ بارغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى، سۆزلىرىنى، يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە تۇرمىشىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىز مۇسۇلمانلار كۈندىلىك ھاياتىمىزغا تەدبىقلاپ ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى، كۈندىلىك ھاياتىنى، ئەخلاقى سۈپەتلىرىنى  ياخشى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
تۆۋەندە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاددى ئەمما ئېسىل ئەخلاقى سۈپەتلىرىنى ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىپ قىسقىچە  بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېرى-ياش، ئەر-ئايال ھەممە كىشىگە ئوخشاش كۆڭۈل بۆلەتتى. ساھابىلەردىن بىرەرسىنى كۆرۈپ تۇرمايدىغان بولسا سۈرۈشتىسىنى قىلاتتى.ھەممە ئادەمنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلاتتى. كېسەللەرنى ۋە قۇشنا-قۇلۇملارنى يوقلاپ دەردىگە دەرمان بۇلاتتى. ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىغا قاتنىشىپ تەزىيەسىنى بىلدۈرەتتى. مەسجىدنى سۈپۈرۈپ-تازىلايدىغان ئايال كۆرۈنمەي قالغان چاغدا ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سورىغان ۋە ۋاپات تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ ئاتايىن قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا قىلغان.[3]
پەيغەمبىرىمىز، مەيلى تۇنۇش ۋە مەيلى ناتۇنۇش بولسۇن ھەممە كىشىگە سالام بىرەتتى. ھېچقانداق ئۆيگە رۇخسەتسىز كىرمەيتتى. چېھرىدىن  ھەر زامان تەبەسسۇم ئۆچمەيتتى. ھېچكىم بىلەن ئازارلىشىپ قالمايتتى.سۆرەن-چوقان سېلىپ يۈرمەيتتى. كۆپ سۆزلەشنى ياقتۇرمايتتى. بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولمايتتى. پەيغەمبىرىمىز كىشىلەرنىڭ كەمچىللكلىرىنى يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ ئېيتمايتتى.  بىرەرسىنىڭ ناتوغرا ئىشلىرىنى ئاڭلىغىنىدا : «پالانى مۇنداق قىپتۇ دەپ ئىسمىنى ئاتىماي، مۇنداق قىلغانلار بارئىكەن دەپ شۇ ئىشنى چەكلەيتتى».[4]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىشنى، غەيۋىتىنى قىلىشنى ياقتۇرمايتتى. پىتنە-پاساتنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىياللاھۇ ئەنھۇ جامائەتكە بامدات نامىزىنى ئۇزۇن ئۇقۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا: «پىتنە تېرىماقچىمۇسەن؟!» دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.[5]
ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ ئىخلاسمەن مۇسۇلمان بولىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ ئۇلارنى خاتا ۋە ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن مەنئى قىلاتتى. بىر كۈنى بىر ياش يىگىت پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا كىلىپ زىنا قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغاندا ئۇنىڭغا: «بۇ قىلمىشنىڭ ئاپاڭغا قىلىنىشنى خالامسەن؟!... ياكى ھەدە-سېڭىللىرىڭغا، ھامماچىلىرىڭغا قىلىنىشىنى خالامسەن؟» دېگەندە بۇ ياش: «ياق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياش يىگىتكە دۇئا قىلغان شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ نىيىتىدىن  ۋاز كەچكەن.[6]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەرىزلەرنى ۋاختىدا قايتۇرماسلىقىنى ۋە قەرىزدارنىڭ قەرىزى سەۋەبىدىن تەڭقىسلىقتا قېلىشىنى خالىمايتتى. بۇ ھەقتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ھەدرەد مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر يەھۇدىينىڭ مەندە تۆت تەڭگە ئېلىشى بار ئىدى.مەن ئۇنىڭ قەرزىنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلىپ بېرىپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا بۇ قەرزنى ئادا قىلىۋېتىشىمنى ئېيتتى. مەن بەرگۈدەك بىر نەرسەمنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى ئۆچ قېتىم تەكرارلىغان ئىدى مەن بازارغا بېرىپ ئۈستۈمدىكى تون چاپاننى تۆت تەڭگىگە سېتىپ قەرزىمنى قايتۇرغانىدىم».[7]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇچراشقان كىشىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشەتتى ۋە ئايرىلغاندا ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيتتى. بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىز ھۇزۇرىغا كەلگەن بىر كىشى: «قولۇڭغا سۆيسەم بۇلامدۇ؟.»دەپ سورىغان. پەيغەمبىرىمىز: «بولمايدۇ»دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇ كىشى: «ئالدىڭدا ئىگىلسەم بۇلامدۇ؟» دېگەن. پەيغەمبىرىمىز: «ياق» دېگەن. بۇ نۆۋەت ئۇ كىشى: «قول ئېلشىپ كۆرۈشسەمچۇ؟.» دېگەندە پەيغەمبىرىمىز: «بولىدۇ» دېگەن[8]. مۇسۇلمان مىللەتلەردە ھۆرمەت يۈزىسىدىن چوڭلارنىڭ قولىغا سۆيىدىغان ۋە بېشىنى ئىگىپ سالام بىرىدىغان ھەر خىل يوللۇق سالاملىشىش ئادەتلىرى بار بولۇپ چوڭلارنىڭ قولىنى سۆيۈشنىڭ دىندا ھېچقانداق كاراھىيتى يوق تۇرۇقلۇق پەيغەمبىرىمىز ھاكاۋۇرلۇق بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئۇ كىشىنىڭ بۇ تەلىۋىنى رەت قىلغان.
پەيغەمبىرىمىز ئۇرۇشتىن باشقا ۋاقىتلاردا بىرەرسىنى ئورمىغان. قۇل ۋە دىدەكلەرگىمۇ باشقا ھۆر ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان.
جابىر ئىبنى سەلەمە رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاز سۆزلەيتتى، ئاز كۈلەتتى، ساھابىلىرى ئۇنىڭ يېنىدا شېئىر ئۇقۇشاتتى ۋە ئۆز-ئارا بەزى ئىشلارنى سۆزلەشكەچ كۈلىشەتتى.»[9] پەيغەمبىرىمىز ئىشلەشنى، تەر تۈكۈشنى تەرغىپ قىلاتتى. تىلەمچىلىكنى چەكلەيتتى. بىر كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن نەرسە تىلىگەنىدى پەيغەمبىرىمىز ئۇ كىشىدىن: ئۆيىدە نېمە بارلىقىنى سورىغان. ئۇ، بىر يېپىنچىسى ۋە بىر دانە سۇ ئىچىدىغان ياغاچ تاۋىقى بارلىقىنى ئېيتقان. پەيغەمبىرىمىز «ئۇلارنى ئەكەل.» دېگەن ۋە مەسجىتتە باھا چىقارتىپ ئىككى تەڭگىگە سېتىپ بەرگەن. ئۇ ئادەم ئىككى تەڭگىنىڭ بىرىگە يىمەكلىك ئالغان ۋە يەنە بىرىگە بىر پالتا ئېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كەلگەن. پەيغەمبىرىمىز ئۆز قولى بىلەن پالتىنى ساپلاپ بەرگەن ۋە: «ئون بەش كۈنگىچە سېنى كۆرمەي، بېرپ ئۇتۇن كېسىپ سات.» دېگەن. ئۇ كىشى ئون تەڭگە تېپىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كەلگەن. پەيغەمبىرىمىز: «تاپقان پۇلىڭغا ئازىراق يەيدىغان نەرسە ئېلىپ ساڭا يەتكۈدەك ھالغا كەل» دېگەندىن كىيىن: «مانا بۇ (كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشى) تىلەمچلىك قىلغىنىدىن ياخشىدۇر.» دېگەن.[10]

ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى


ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن پەيغەمبىرىمىز  مۇنەۋۋەر بىر ئائىلە باشلىقى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز: «ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.» «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە قارىتا ياخشى مۇئامىلدە بولغىنىڭلاردۇر. مەن ئىچىڭلاردىكى ئائىلىسىگە قارتا ئەڭ ياخشى مۇئامىلدە بولغان بىرىمەن.» دېگەنىدى. پەيغەمبىرىمىز ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى. باشقىلارغا خۇشخۇي بولۇپ ئۆز ئايالىغا مۇز چىراي بولىۋېلىشنى ياقتۇرمايتتى. پەيغەمبىرىمىز ئائىلىسىگە، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. ئاياللىرى بىلەن چاقچاقلىشاتتى.[11] ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلارغا سالام بىرەتتى. پەيغەمبىرىمىز مەخسۇس بىر كۈننى ئاياللارغا تەلىم-تەربىيە بىرىشكە ئاجىراتقانىدى.
پەيغەمبىرىمىز ئېرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن بىر ئايالغا: «شۈبھىسىز ھەربىر ئايالنىڭ ياخشى كۆرۈلدىغان بىر تەرىپى باردۇر.»[12] دېيىش ئارقىلىق ئېرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلغانىدى. پەيغەمبىرىمىز ئاياللىرىنى پەقەت ئۇرمىغان. ۋىدالىشىش خۇتبىسىدە: «ئاياللار ھەققىغە رىئايە قىلىشىڭلارنى ۋە بۇ بارىدا ئاللاھتىن قورقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەر ئاياللارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى سۈپىتىدە نىكاھلاپ  ئالدىڭلار ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداڭلار.» دەپ بۇيرىغانىدى.[13]

بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى


پەيغەمبىرىمىز بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنى سۈيۈپ قۇياتتى، پۇرايتتى، سالام بىرەتتى، ئەھۋال سۇرايتتى، ئاغىرىپ قالغاندا يوقلاپ باراتتى، ھەتتا قۇچىقىغا ئالغان بالىنىڭ تەرەت قىلىپ قۇيىشىغىمۇ خاپا بولمايتتى. بارلىق بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى ۋە «كىچىكلەرنى ئىززەتلىمىگەن ئادەم  بىزدىن ئەمەس.» دېگەنىدى.[14]
بالىلار بىلەن چاقچاقلىشاتتى، بىللە ئوينايتتى.  پەيغەمبىرىمىز بىر قېتىم مۇھەممەد ئىبنى رەبىﮌ ئىسىملىك بىر بالىغا قاچىدىن سۇ ئېلىپ چاچقان. بىر قېتىم پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەر بىلەن بىللە بىر زىياپەتكە كىتىۋاتقاندا كۇچىدا ئويناۋاتقان ھۆسەيىننى كۆرۈپ ساھابىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ھۆسەيىنگە قۇچىقىنى ئاچقان ھۆسەيىن بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۇياق-بۇياققا قېچىپ يۇرگەن پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ يۈرۈپ تۇتۇۋالغان ۋە باغرىغا باسقانىدى.[15]
بالىلارنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇلارغا سالام بىرەتتى. ئۇلارنى ئۆزى تەرەپكە يۈگۈرگىلى سېلىپ مۇسابىقىلەشتۈرەتتى ۋە ئۇلارغا ھەدىيە بىرەتتى. بىر قېتىم تاغىسى ئابباسنىڭ ئىككى ئوغلى ئابدۇللاھ بىلەن ئۈبەيدۇللاھنى يۈگۈرگۈزۈپ قۇلىدىكى نەرسىنى كۆرسىتىپ: «كىم بالدۇر كەلسە ماۋۇنى بىرىمەن.» دېگەنىدى.[16]

ئوتتۇرھال يول تۇتىدىغانلىقى


پەيغەمبىرىمىز ھەتتا كېچە-كۈندۈزلۈك بارلىق ئىبادەتلىرىدىمۇ ئوتتۇرھال يول تۇتقان ئىدى. ئائىشە ئانىمىزدىن مۇنداق بىر رىۋايەت بار: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇلۇق بىر كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلغىنىنى بىلمەيمەن.» ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئۇقۇۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا، ئۇخلااۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ئۇخلااۋاتقان ھالدا كۆرەتتىڭ».[17]
پەيغەمبىرىمىز ئىنسانلارنىڭ تەبىئيتىگە زىت كىلىدىغان ھېچقانداق ئىشنى بۇيرىمىغان. ئۇنىڭ بۇيرۇغان ياكى توسقان ئىشلىرى ئىنسانلارنىڭ ئادا قىلىشى قۇلاي ئىشلار ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىز ۋەز ئېيتىۋېتىپ ئۆرە تۇرغان بىرسىنى كۆرۈپ نېمە سەۋەپتىن ئۆرە تۇرغانلىقىنى سورىغان. ئەتىراپىدىكىلەر: «ئۇ پالانى كىشى بولۇپ ئۆرە تۇرۇشقا، ئاپتاپتا تۇرۇشقا ۋە گەپ قىلماسلىققا ئاللاھقا ۋەدە قىلىپتۇ» دېگەندە پەيغەمبىرىمىز: «ئۇ ئادەمگە ئېيتىپ قۇيۇڭلار؛ گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن ۋە ئولتۇرسۇن...» دېگەن.[18]
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىبادەتلەردە ئوتتۇرھال يول تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىيھۇل بۇخارىيدا مۇنداق رىۋايەت بار: «ساھابىلەردىن ئۈچ  كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە  كىلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىبادەتلىرى ھەققىدە سورغان. ئۇلارغا بۇ ھەقتە جاۋاپ بىرىلگەندىن كېيىن ئۇلار: «بىز پەيغەمبەردەك بۇلالايتتۇقمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆتمۈشىتكى ۋە كېلەچەكتىكى پۈتۈن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان تۇرسا!» دېيىشكەن ۋە بىرسى: «مەن كېچىچە ئىبادەت قىلىمەن» بىرسى: «مەن ھەر كۈنى روزا تۇتۇمەن» يەنە بىرسى: «مەن ئۆمۈر بۈيى ئۆيلەنمەي ئۆتىمەن» دېگەن. پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنىڭ يېنىغا كىلىپ: « سىلەر مۇنداق- مۇنداق دېگەن كىشىلەرمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئاللاھتىن ئەڭ قۇرقىدىغان ۋە ئەڭ تەقۋادارىمەن. مەن روزىنى بەزى كۈنلىرى تۇتىمەن بەزى كۈنلىرى تۇتمايمەن، كېچە ئىبادەتلىرىنى بەزىدە قىلىمەن بەزىدە قىلماي ئۇخلايمەن، ئۆيلىنىمەن. كىمىكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن مەندىن ئەمەس.»[19] دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئوتتۇرھال يۇل تۇتۇشقا بۇيرۇغان. ئەمەل-ئىبادەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز بۇ ئوتتۇرھاللىقنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن.
پەيغەمبىرىمىز ئاسانلىقنى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە ئۆزىمۇ ئىشلارنىڭ ئاسان بولغىننى تاللايتتى. ئاللاھتائالا: «ئاللا سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىىكنى خالىمايدۇ».دېگەن [20]. پەيغەمبىرىمىز: «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش بىشارەت بىرىڭلار ھۈركۈتمەڭلەر»دېگەن.[21] پەيغەمبىرىمىز ئىككى ئىش ئارىسىدا تاللاشقا دۈچ كەلسە گۇناھ بولمىسىلا ئاسىنىنى تاللايتتى.[22]

راستچىللىقى


پەيغەمبىرىمىز راستچىل ئىدى. راستچىللىقنى تەۋسىيە قىلاتتى. تەۋسىيە قىلغان ۋە بۇيرۇغان ئىشلار بىلەن ئەمەلىي ھەركىتى ئارىسىدا بىردەكلىك بار ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ يالغانچىلىق بىلەن تۆھمەت قىلىنغان ئەمەس ھەتتا مۇشرىك ئەبۇ جەھىل: «مۇھەممەد سۆزلىرىدە راستچىل ئىدى، ئۇ ئۆمرىدە يالغان سۆزلەپ باقمىغان» دېگەن بولسا پەيغەمبىرىمىزگە قارشى چىققان نەدر بىن ھارىس: «مۇھەممەد ئىچىڭلاردىكى ھەممە ياخشى كۆرىدىغان ياش ئىدى. ئەڭ راست سۆزلەيدىغان ۋە ئەڭ ئىشەنچىلىك بىرسى ئىدى» دېگەن. ئەبۇ سۈفيان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھېچقاچان يالغان سۆزلىمىگەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان.[23]
چاقچاق قىلغاندىمۇ راستچىللىقتىن چەتنەپ كەتمىگەن پەيغەمبىرىمىز: «شۈبھىسىزكى، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق بولسا جەننەتكە باشلايدۇ» دېگەن.[24]
ھەتتا يالغان ئارىلاشقان چاقچاقلارنىمۇ توغرا تاپمىغان پەيغەمبىرىمىز: «چاقچاق بىلەن مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشنى ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىشنى ۋە نەرسە-كىرەكلىرىنى ئېلىۋېلىپ يۇشۇرۇپ قۇيۇشلارنى چەكلىگەن.»[25]

سېخىيلىقى ۋە مۇھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقى

«پەيغەمبىرىمىز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىيسى ئىدى».[26] مەرتلىك-سېخىيلىق سۈپىتى جەھەتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنى تۇنۇيدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسى تەڭ كىلەلمەيتتى. ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە سورالسا ھەرگىز يوق دېمەيتتى.
پەيغەمبىرىمىز: «بېخىللىق ۋە يامان ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى ئىش مۇئمىن كىشىدە تېپىلمايدۇ» دېگەن.[27]
پەيغەمبىرىمىز مال-مۈلكىنى ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغىتىگە ئەمەس پېقىر-مىسكىنلەرگە سەرپ قىلاتتى.ئۇ: «ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇنۇم بولسا ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىشقا ئېلىپ قالغىنىمدىن باشقا بىر دىنارنىمۇ يېنىمدا قالدۇرۇش مېنى خۇشال قىلمايدۇ» دېگەن.[28]
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ خىسلىتى تەغابۇن سۈرىسىنىڭ 16- ئايىتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇپ بۇ ئايەتتە بېخىل كىشىنىڭ نىجاتلىققا ئىرىشەلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
پەيغەمبىرىمىز ھەممە ئادەمگە ياردەم قولىنى سۇناتتى، مۇھتاجلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايتتى. خەبباب بىن ئەرت ئۇرۇشقا ئەۋەتىلگىنىدە ئۆيىدە ھايۋانلىرىنى ساغىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. خەببات ئۇرۇشتىن كەلگەنگە قەدەر پەيغەمبىرىمىز ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئەچكەلىرىنى سېغىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان.
پەيغەمبىرىمىز يەنە، بويتاق ياكى ئېغىر كۈندە قالغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشتىن ئۆزىنى تارتمايتتى بەلكى بۇ خىل ئىشلاردىن زوق ئالاتتى.[29]
پەيغەمبىرىمىز بەزى كۈنلىرى باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ شۈنچىلىك چارچايتتىكى ھەتتا نەپلە نامازلارنى ئولتۇرۇپ ئۇقۇيتتى.[30]

كەمتەرلىكى


پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئورنى يۇقۇرى، مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولغىنى بىلەن ئۆزى ناھايىتى كەمتەر ئىدى. ھاكاۋۇرلۇقتىن، ماختانچاقلىقتىن يىراق ئىدى. پەيغەمبىرىمىز: «مېنى ناسارالار ئىيسانى ئۇچۇرغاندەك ئۇچۇرماڭلار، مەنمۇ بىر بەندە. مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلەر» دەيتتى.[31] ئۇ يەنە كەمتەرلىك ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ماڭا ۋەھىي قىلدىكى، سىلەر كەمتەر بولۇڭلار، ھېچكىم ھېچكىمگە چوڭچىلىق قىلمىسۇن، ھېچكىم ھېچكىمگە يۇغانچىلىق قىلمىسۇن.»[32]
پەيغەمبىرىمىز ئۆيىدە بولسۇن ياكى سىرتتا بولسۇن ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلاتتى.[33] تۇل ئاياللار، يىتىم بالىلار ۋە يۇقسۇل كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ-قۇپۇپ، پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلاتتى، كىسەللەرنى يوقلايتتى، مېيت نامازلىرىغا قاتنىشاتتى، ھەتتا قۇل-دېدەكلەر چاقىرىغان يەرلەرگىمۇ باراتتى.[34]  قوينىڭ بىر تۇيىقى ئۈچۈن مېھمانغا چاقىرىلسىمۇ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان[35] ھۇزۇرىغا كەلگەن بىر ياشنىڭ تىتىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: «تىتىرمە! مەن ھۆكۈمدار ئەمەس. مەن، قۇرەيش قەبىلىسىدىن قاقلانغان گۆش يېگەن بىر ئايالنىڭ ئوغلى»دېگەن.[36]
پەيغەمبىرىمىز ئۆزىدىن ناھايىتى خاتىرجەم ئىدى.باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان قاتتىق مۇئامىلىلىرىدىن ئۇلارغا ئاچچىقلىمايتتى ۋە ئىچىدە غوم ساقلاپ ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنمايتتى.[37] ھۈنەيىن ئۇرۇشىدىكى غەنىمەت تەقسىماتىغا قارىشى چىققان زۇلھۇۋەيسەرا نىڭ: :ئادىل تەقسىم قىلمىدىڭ» دېگەن سۆزىگە ئاچچىقلىماستىن: «مەن ئادىل تەقسىم قىلمىسام يەنە كىم ئادىل تەقسىم قىلار» دېيىش ئارقىلىق چېچىلىپ يۈرمەستىن ئۇزىنى تۇتقانىدى. ھۇزۇرىغا كەلگەن ناتۇش كىشىلەرنىڭ قاتتىق-قۇپال سۆز-ھەرىكەتلىرىگە سەۋر قىلاتتى.

جەسۇرلىقى


پەيغەمبىرىمىز مەيلى ئۇرۇشتا بولسۇن ياكى نورمال تۇرمۇشتا بولسۇن ئەڭ جەسۇر ئىنسان ئىدى[38] بىر قېتىم مەدىنەدە قورقۇنچلۇق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.پەيغەمبىرىمىز ھەممىدىن بۇرۇن ئاۋاز ئاڭلانغان جايغا بېرىپ سەۋەبىنى بىلىپ كىلىپ مەدىنە خەلىقىنى خاتىرجەم قىلىدۇ.
مەدىنەگە ھىجرەت قىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيى قورشىۋېلىنغاندا،[39] ئەبۇ بەكىر بىلەن بىللە يۇشۇرنىۋالغان غارغا مۇشرىكلەر ئىزدەپ كەلگىنىدە،[40] ئۇھۇد ئۇرۇىشىدا ئۇبەيد بىننى ھالەبنىڭ پەيغەمبىرىمىز بىلەن جېنىنىڭ بارىچە ئېلىشقىنىدا[41] ۋە نۇرغۇنلىغان شىددەتلىك ئۇرۇشلاردا پەقەت قورقۇپ قالمىغان، ئەكسىچە جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ ئەسھابىلىرىغا ئۈلگە بولغان.

ۋاپادارلىقى


پەيغەمبىرىمىز بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىپ كەلگەن، بىرسىگىمۇ خىلاپلىق قىلمىغان. بۇ ھەقتە  ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبىلھەمسەنىڭ تۆۋەندىكى رىۋايىتى يېتەرلىكتۇر. ئابدۇللا پەيغەمبىرىمىز بىلەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر ئېلىم-بېرىم مۇئامىلىسى قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزگە ئازىراق بىرىشى بولۇپ مەلۇم بىر يەردە تاپشۇرۇپ بىرىشكە كىلىشىدۇ، ئەمما قىلىشقان بۇ ۋەدىنى ئابدۇللاھ ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى ئېسىگە كىلىپ دىيىشكەن يەرگە بارغاندا پەيغەمبرىمىزنى شۇ يەردە ئۇچۇرتىدۇ.[42]

مېھرىبانلىقى


پەيغەمبىرىمىز پۈتۈن ئەھلى جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەندۇر.[43] ئۆزىگە ئازار بەرگەن، سۈيقەست قىلغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن  كىشىلەرگىمۇ ھېچبىر زامان بەددۇئا قىلمىغان.
ئەقەبە كۈنى كۆرگەن ئەزىيەتلىرىدىن كوڭلى يېرىم بولغان پەيغەمبىرىمىزگە جىبرائىل ئەلەيھىسسالام كىلىپ: «ئاللاھتائالا سېنىڭ قەۋمىڭگە دېگەنلىرىڭنى ۋە قەۋمىڭنىڭ ساڭا بەرگەن رەددىيەلىرىنى ئاڭلاپ ساڭا تاغ پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ئۇنىڭغا خالىغىنىڭنى بۇيرىغىن» دېگەن.... ۋە تاغ پەرىشتىسى: «خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەككىدىكى ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرەي» دەپ ئەمرىگە تەييار بولۇپ تۇرغان، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبىرىمىز قەۋمىگە بەددۇئا قىلماي ياكى بۇيرۇقى ئاستىدىكى تاغ پەرىشتىسى ئارقىلىق ئۇلارغا بىرەر جازا بۇيرۇماي ئاللاھتىن پەقەت مۇنداق تىلەكتە بولغان: «ئاللاھنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرمەيدىغان ئەۋلادلارنى چىقىرىپ بىرشىنىلا ئۈمۈد قىلىمەن»[44]
ئۇھۇد ئۇرۇشىدا بىر تال چىشى سۇنۇپ، يۈزلىرى يارىلانغاندا ساھابىلار مۇشرىكلار ئۈچۈن بەددۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما پەيغەمبىرىمىز ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «مەن قارغىش ئۈچۈن ئەمەس، دەۋەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن»[45]
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ۋە كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى دىنى پىرىنسىپ ھالىغا كەلتۈرگەن، پەيغەمبىرىمىز بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ دىندىن يىراق قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.[46]
«مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ مېھرىبان بولمايدۇ»[47] دېگەن پىرىنسىپنى ئوتتۇرغا قويغان پەيغەمبىرىمىز: «سىلەردىن قانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا ئاندىن مۇسۇلمانى كامىل ھېسابلىنىدۇ»[48] دېيىش ئارقىلىپ ئىمانى كامىللىقنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە باغلىغان.

سەۋرى-تاقىتى ۋە ئەپۇچانلىقى


پەيغەمبىرىمىز ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارنىڭ قۇپال مۇئامىلىلىرىنى كۆرگەندە سەۋر قىلاتتى ۋە كەچۈرەتتى[49] ساھابىلىرىگە قىلىنغان قۇپال مۇئامىلىلەرگىمۇ سەۋر قىلىش بىلەن بىرگە ساھابىلارغا ئىلگىركى ئۈممەتلەردىن ئىبرەتلىك ھېكايىلەر سۆزلەش ئارقىلىپ ئۇلارنىمۇ سەۋرچانلىققا ۋە ئەپۇچانلىققا ئۈندەيتتى.
پەيغەمبىرىمىز بىر ئىنساننىڭ بېشىغا كىلىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرگە ئۇچىرغان ۋە ھەممىسىگە تاقەت قىلغان؛ تۇغۇلماي تۇرۇپ دادسى ۋاپات بولغان، ئالتە يېشىدا ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، سەككىز يېشىدا چوڭ دادىسى قازا قىلغان،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىننى تەرك ئىتىپ ھەممە نەرسىسىنى ئۇ يەردە قالدۇرۇپ مەدىنىگە ھىجىرەت قىلغان، ئاياللىرىدىنمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلەر بولغان.يەتتە بالىسىنىڭ ئالتىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.شۇنچىۋالا جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىپ تۇرۇپمۇ ئۇچرىغان يامانلىقلارغا سەۋر قىلغان. ھەتتا يەكتىكىنى تارتىشتۇرۇپ گەدەنلىرىنى قىزارتىۋەتكەنلەرنىمۇ، ھاياتىغا قەست قىلغانلارنىمۇ ئەپۇ قىلغان.[50]

ئىپپىتى


پەيغەمبىرىمىز دۇئالىرىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ كەلگەن بىر ئىش ئىپپەتتۇر.[51] ئەر-ئاياللارنىڭ، قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەر ۋە ناشايان ئىشلاردىن ساقلىنىشىنى سۆزلىگەن پەيغەمبىرىمىز ئۇچۇقچىلىقتا يۇيۇنغان بىر كىشىنىڭ بۇ ئىشىنى يامان كۆرگەن. ئەر-ئاياللارنىڭ شەكىل-قىياپەتلەردە بىر-بىرىگە ئوخشىۋېلىشلىرىنى توسقان.[52]
بۇلاردىن سىرت ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە باشقىچە نەزەردە قاراشلىرىنى توسقان پەيغەمبىرىمىز، سوئال سوراپ كەلگەن بىر ئايالغا ئىبنى ئابباسنىڭ دىققەت بىلەن قاراپ قالغىنىنى كۆرۈپ ئىبنى ئابباسنىڭ يۈزىنى تۇسىۋالغان.[53]

ھايالىق ئىكەنلىكى


پەيغەمبىرىمىز: «ھەر بىر دىندا ئەخلاق بار، ئىسلامدىكى ئەخلاق ھايادۇر» دېگەن.[54] ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىزنى: «ئۆزىنى ھوجرسىدا ساقلىغان قىزدىنمۇ بەكراق ھايالىق ئىدى» دەپ سۈپەتلەشكەن.
ھايا بىلەن ئىماننىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ۋە بىرسى بولمىسا يەنە بىرسىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان، پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىر كىشىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئەۋۋەل ئۇنىڭدىن ھايانى كۆتىرۋىتىدۇ، ھاياسىز قالغان كىشى ئاللاھنىڭ غەزپىگە ئۇچراشقا باشلايدۇ-دە، ئۇنىڭدىن ئامانەت (ئىشەنچ) مۇ كۆتىرلىدۇ، ئىشەنچسىز كىشى خائىنغا ئايلىنىدۇ، خائىن كېشىدە مېھرى-شەپقەت بولمايدۇ، مېھرى-شەپقەتسىز كىشى لەنەتگەردىگە ئايلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا قەلبىدىن ئىمان بىراقلا يۇقىلىدۇ.»[55].

ئادىللىقى


پەيغەمبىرىمىز نەزىردە ھەممە ئادەم باراۋەرئىدى.ھەممە ئىشتا ئادىل بولغان پەيغەمبىرىمىز ئادالەتنى ئېجىرا قىلىشتا ئاراچىلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايتتى. ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ھامماچىسى ئەررۇبەيئە بىر ئەنسارى دېدەكنىڭ چىشىنى تۈكىۋەتكەندە، پەيغەمبىرىمىز قساس ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ۋە ئىتىراز بىلدۇرۇپ كەلگەن ۋاستىچىلارنى رەت قىلىپ، بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلدۇرغان.[56]
پەيغەمبىرىمىز قۇل-دېدەكلەرنى كەمسىتمەستىن ئادالەتنى ياقىلاپ ئۇلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىنى قوغدايتتى.مەخزۇم ئايمىقىدىن ئوغرىلىق قىلغان بىر ئايالنىڭ ئىشى قۇرەيش قەبىلىسى كىشىلىرىنى غەمگە سالىدۇ. ئۇلار: «بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇسامە بىن زەيىدنى ئەۋەتىدۇ. ئۇسامە بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبىرىمىزگە گەپ قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئارا تۇرماقچىمۇ سەن؟» دەپ ئورنۇدىن تۇرۇپ خۇتبە ئۇقۇپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن ئىلگىرى ئوتكەن ئۈممەتلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ھالاك قىلىندىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇپۇزلۇق كىشىلەر ئوغرىلىق قىلسا جازالىماي، ئاجىز كىشىلەر ئوغرىلىق قىلسا جازالايتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ (ئۆزىنىڭ دېمەكچى) قىزى فاتىمە ئوغرىلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قۇلىنى كەسكەن بولاتتىم».[57]

پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەدەب- ئەخلاققا بۇيرۇپ يامان ئىش يامان ھەرىكەتلەردىن توسقان نۇرغۇن ھەدىسلىرى بار. يۇقاردا پەقەت پەيغەمبىرىمىز ئەخلاقىدىن ئازغىنە ئۆرنەكلەر بىرىلدى.ئاللاھ ھەممىمىزنى پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈلگە ئېلىپ ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن ئۆزىمىزنى زىننەتلەشكە نېسىپ قىلسۇن!

مەنبە: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى 2009-يىللىق 3-سانى.

www.Gm1.cn229_副本.jpg


/thread-102057-1-1.html

/thread-97520-1-1.html


                                    تۆمۈر خەلپە

1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ-ياساق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي ، 1893-يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يىزىسىغا كۆچۈپ بىرىپ يەرلىشىدۇ . بىراق قوراي يىزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ-ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى .شۇڭا ، بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ ، 1905-يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ-دە ، ياز كۈنلىرى نەنمىن سىرتىدا كىسەك قۇيىدۇ ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللنىنىپ كۆمۈر قازىدۇ . لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بىقىش قىيىن بولۇپ ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بىرىپ ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بىرىدۇ . زىرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۈگىنىۋالىدۇ . ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھۆكۈمەت ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ ، ئىزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىدىيەتنى چۈشىنىۋلىدۇ .
1907-يىلى قۇمۇل دىھقانلىرى رەجەپ ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرىلىدۇ .بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ .شۇڭا ،ئۇ ھەرقىتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ : ''رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا ، دىھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالغان بولاتتى ''دەيدۇ .
بىر كۈنى ، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بىرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ . دېھقانلار '' بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن-ھە ،بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس......... '' دېيىشىپ ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ .
دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ ئائىلىسىگە قايتىش ۋاختىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ماڭغان تۆمۈر : '' سىز ئوبدان ساقىيىڭ ، بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋىتىمىز ، خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا ، ۋاڭنى قۇمۇلدىن قوغلىۋىتىمىز ...... '' دەيدۇ . تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ .تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كىلىدىغانلىقى (ۋەقە تىرىيدىغانلىقى) نى ئويلاپ ،شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ . شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ ، ۋاڭ تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ .
1910-يىلى ، تۆمۈر خەلپە ئىككىنجى قىتىم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى . مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۈي ئورنىنى يۇەن داخۇاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى . يۇەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتىشىپ كىتىشنى توسۇش ئۈچۈن ، ئىچكىرىسىدىن ياڭزېنشىننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا خۇيزۇلاردىن چىرىك تۇتۇپ بەش باتالىيون تەشكىللەشكە بۇيرۇيدۇ .
بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلپە ۋەزىيەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ ،ئىچكىرىدىكى ئىنقىلاۋى پارتىيە ئەھۋالىنى ، جۇمھۇرىيەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ . ئۇ ئىپى كەلسە ھەركەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ .تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بىرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھىسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقىى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ . ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاپ يولىدا ئىزدىنىدۇ .
تۆمۈر خەلپە ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئاڭلىغاندىن كىيىن ، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلاۋىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئاشكارا ھالدا '' قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى '' دەيدۇ . تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ قالغان ھىلىقى دىھقان ھەممىلا يەردا تۆمۈر خەلپىنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئىلىپ بارىدۇ ، جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمۈت غىلەن ۋاڭنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى .
1912-يىلى 1-ئايدا ، يۇەن داخۇا ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىلى خەلق قوشۇنىنى توسۇش مەخسىتىدە ، قۇمۇل ۋاڭىغا 500 ئەسكەر ئەۋەتىش مەخسىتىدە بۇيرۇق بىرىدۇ . قۇمۇل ۋاڭى خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەخسىتىدە : '' يۇەن داخۇا ماڭا ئىشىنىدۇ ، مىنىڭ ۋاڭلىقىم مەڭگۈ ساقلىنىدۇ ، كىمكى ۋاڭ ئاغدۇرىلىدۇ دەيدىكەن ، كاللىسى ئىلىنىدۇ ! '' دەپ خەلققە تەھدىت سالىدۇ ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ھېساپلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ ، تۆمۈر خەلپە ئۆزلىكىدىن ئەسكەر بولىدۇ .
يىڭىدىن ئەسكەرلىككە ئىلىنغان 500 كىشى قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ . تۆمۈر خەلپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئىلىپ ماڭغان خەنزۇ باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ . 500 ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن قولغا ئىلىپ كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ ، چاقماق تىزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ ، دېھقانلار ئۇلارغا كىلىپ قوشۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ . شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋېنچاۋ يۇەن داخۇادىن ياردەم سورايدۇ ......
1912-يىلى 3-ئاينىڭ 11- كۈنى ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى شۇەنتۇڭ ئۆزىنىڭ تەخىتتىن چۈشكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە جاكارلايدۇ . 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ، يۇەن داخۇامۇ شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىلىقىدىن ئىستېپا بىرىدۇ . ئۇچاغدا ھۆكۈمەت ياڭ زېنشىننى شىنجاڭغا تۇتۇق قىلىپ تەيىنلەيدۇ . تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ خەۋەردىن ھەقىقەتەن خۇشاللىنىدۇ ، جۈملىدىن '' شاھ مەھسۇت ئوردىدىن چىقىپ كەتسۇن ! دېھقانلار ئۈستىدىكى ئالۋاڭ-ياساقلار بىكار قىلىنسۇن ! '' دىگەن خىتابلار بىلەن شاھ مەھسۇتنى قىستايدۇ .
ياڭ زېنشىنن بار كۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربى قوشۇن باشلىقى يې شىڭفۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ .
تۆمۈر خەلپە بار كۆلدىكى ھەربى قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ . يې شىڭفۇ قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگپ ئۆلىدۇ ، قىسىملىرى تەسلىم بولىدۇ ، نۇرغۇن قۇرال غەنېمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار سانى 2000 دىن ئاشىدۇ .
1912-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ، يۇەن داخۇا ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغىنىدا ، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا چيەن گۇاڭخۇەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىدۇ .
يۇەن داخۇا بىلەن چيەن گۇاڭخەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ . تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن قورال غەنىمەت ئالىدۇ (يۇەن داخۇا ، چيەن گۇاڭخەيلەر 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يىڭىلىپ ،ئىچكىرىگە كىتىدۇ ).
جىددى ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان ياڭ زىڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ھىيلە-مىكىر پىلانلايدۇ . ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ سەيتىڭنى تۆمۈر خەلپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئون كۈن ئېلىپ بىرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولۇپ ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ .
ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئەڭ يىقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەتجان ھاپىز دىگەن كىشىدىن تۆمۈر خەلپىگە خەت ئەۋەتىدۇ . بۇ خەتتە مۇنداق دىيىلگەنىدى : '' مەن سىزنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن ، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارغا نىسپەتەن مىنىڭ باشتىن-ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق .... '' دىيىلگەن .
دەل شۇ كۈنى ياڭزېڭشىن قۇمۇل ئامبىلى بەي ۋىنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپى خىتىدە : '' تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۆمۈر قارا نىيەت ئادەم ئىكەن ، ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ... پىقىر تۇتۇق كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئى باستۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم ....'' (ياڭزېڭشىن : '' ئىستىغبار ھوجرىسىدا يىزىلغان خاتىرىلەر '' 2-توپلام)
تۆمۈر خەلپە مۇھەممەتجان ھاپىزدىن : ''سىز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز ؟ ياڭ تۇتۇقنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا ، نىمە ئۈچۈن كۆپ قىتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ ؟ ياڭ تۇتۇق مىنگونىڭ تۇتۇقى تۇرۇپ ، نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ ؟...'' قاتارلىق 10 نەچچە سۇئال قويىدۇ . مۇھەممەتجان ھاپىز جاۋاپ بىرەلمەي قايتىدۇ
بۇ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياڭزېڭشىن خۇيزۇ باتالىيونىنىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جايى گەنسۇ -شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۇەن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913-يىلى 3-ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ .
لى شۇفۇ پۇخراچە ياسانغان بولۇپ ، دىنى بىلىمنى ئىشقا سېلىپ ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلپە تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەكبىر ئىيتىپ ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يىشىپ ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭزېڭشىن ئەۋەتكەن ئالاقىنى ئوقۇيدۇ . ياڭزېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دىيىلگەنىدى ؛ '' بىرىنجى ، قۇمۇل ۋاڭنىڭ دىھقانلارنىڭ ئۈستىگە قويغان ھەرئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى .ئككى كۈنگە قىسقارتىلىدۇ . ئىككىنجى ،قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ ، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بىرىپ ئورۇنلىشىدۇ . ئۈچىنجى ، قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يۇرتىغا بىرىپ ،دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ....'' لى شۇفۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبىر باشلايدۇ . ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلپە تەكبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ .
بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ياڭزېڭشىن قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ .
بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق-شۇملۇق ئىشلىتىپ ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قائىدە بويىچە ''خەلىپە'' دەپ ئاتايدۇ .
تۆمۈر خەلىپە قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى . ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى كىچىك دەرۋازىسى سىرتىدا بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئىگىز گازارما بار ئىدى . بىرى ، شەرقى گازارما بولۇپ ، شور بۇلاققا ،يەنە بىرى غەربە گازارما بولۇپ ، دۇڭمىنغا يىقىن ئىدى .
تۆمۈر خەلپە قىسىمىنى شەرقى گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . غەربى گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى بولغان ما فۇشىڭ (ماتىتەي) باتالىيونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ .
تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈر خەلىپىنىڭ تۇڭچىسىنى سىتىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلىپىنى نازارەت قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، مافۇشىڭغا ھۇشيار تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بىرىدۇ . مافۇشىڭ 1913-يىلى 9-ئاينىڭ6-كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربى گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كىلىدۇ ۋە قولغا ئالىدۇ . تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ .، ئۇنى تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ . خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈر خەلىپىگە : '' گۇناھ مەندە ئەمەس ، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز ، مەن سىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن . سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى تەڭرى ئالدىدىمۇ مەندىن كۆرمىگەيسىز ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ ، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئىلىپ بىرىمەن '' دەيدۇ-دە خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ .
خائىن نالە-پەريات قىلغاندا ، '' ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كىلەتتىمۇ ؟...''دەيدۇ ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا .
مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئىتىپ ئۆلتۈرىدۇ . ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تۆمۈر خەلىپىگە ھەربى تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەنلىكىنى ئىلان قىلىدۇ . پىشقەدەم يىڭجاڭ روزى ھاجى ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىىلىق بىلدۈرىدۇ . ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ .
خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ،تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن 50 قەدەملەر ئىچكىرىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ .
تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كىيىن ، ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز ، دىگەن باھانە بىلەن ئېلىپ مىڭىپ گۇچۇڭدىكى چۋەنزىگەي دىگەن يەردىن ئۆتكەندە ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ .
تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلۈپ 18 يىل ئۆتكەندىن كىيىن ،خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ ، قوزغىلاڭ يالقۇنى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ .
خوجىنىياز ھاجىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قىزىقسىڭىز ''كىتابچى'' نىڭ كىيىنكى يازمىلىرىغا دىققەت قىلىڭ .

مەنبە : ''شىنجاڭ يىقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر '' ناملىق كىتاب




مىسرانىم

مۇخەممەس

مىسرانىم مۇنبىرنىڭ ئالتە يىللىق تويىغا ئاتاپ


مەدەنىيەت بوستانى سەن مىسرانىم،

ئىلىم-ئىرپاننىڭ كانى سەن مىسرانىم،

ھېكمەتلەر خەزىنىسى سەن مىسرانىم،

مۇنبەرلەر تۆرىدە شاھ سەن مىسرانىم،

تەرەققى قىل گۈللەنگىن سەن مىسرانىم.


سەھىپەڭ رەڭمۇرەڭ بەكمۇبەك ئېسىل،

تۈرلىرى خىلمۇخىل مەزمۇنى ئېسىل،

مىزانىڭ سەمىمىيەت بەكمۇ ئېسىل،

توپلانغان كىشىلەر ھەممىدىن ئېسىل

ئېسىللىق ساڭلا خاستۇر مىسرانىم.

تۇغۇلدۇڭ مىللىتىم مەدەنىيىتى دەپ،

توۋلىدۇڭ بىر ئۆمۈر ياشنا ئۇيغۇر دەپ،

ياشىدىڭ بىر ئۆمۈر مىللىتىملا دەپ،

قوغدىدىڭ سىرىمنى مەجبۇريىتىم دەپ،

باشقىلار ئۈچۈن ياشىدىڭ مىسرانىم.


كۆڭلۇم بەك خۇشالدۇر چىقسام مۇنبەرگە،

تاپىمەن كۆپ ئەقىل چىقسام مۇنبەرگە،

ھەقىقىي سۆزلىرىمنى يازىمەن مۇنبەرگە،

ياخشى ئەسەرلەرنى يازىمەن مۇنبەرگە،

ھېكمەت دۇردانىلەر كانى مىسرانىم.


ئۇچرىشار بۇ يەردە بىلىم ئىگىسى،

يوللىنار ئەسرنىڭ باش سەركەردىسى،

سىنىلار مۇنازىردە ئەركەك چىشىسى،

ئايرىلار ئىنكاس ئارقىىلق ھەممىسى،

پىكىر ئالماشتۇرۇش ئورنى مىسرانىم.


ئۈتكۈزگەچ مۇنبەردە پائالىيەتنى،

تىز تارتتىڭ ئۈزىڭگە كىشى قەلبىنى،

ئۆتكۈزدۇڭ دانالار بىلەن سۆھپەتنى

كۈپەتتىىڭ مۇنبەرنىڭ يازما تۈرىنى،

دانا سەن باشقۇرۇشتا ئەي مىسرانىم.


قەدەم قويدىڭ بۈگۈن سەن ئالتە ياشقا،

ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىدىڭ باشتا،

ئاق سانجىلدى بۈگۈن بۇ قارا قاشقا،

ئەمما سەن قىرانسان ۋاي تېخى ياشلا

گۈل ئىنسۇن قەدىمىڭدىن ئەي مىسرانىم.

يېتىپ كەلدى مانا بۈگۈن قۇتلۇق بىر كۈن،

توغۇلغان كۈنىڭ سېنىڭ شاد بىر كۈلگۈن،

شاھلىق تەختىڭنى سەن مەڭگۈ يۈرگۈزگۈن،

جەۋلان قىل تېخىمۇ ياخشى كۈن كۆرگىن،

مۇبارەك تۇيىڭغا سېنىڭ مىسرانىم.

تەنتەنە قىلماقتا مۇنبەردە ھەممە،

باشۇرغۇچى ۋە ئاددى ئەزامۇ ئەنە،

مۇبارەك بولسۇن دەپ قىلار تەنتەنە،

چۈنكى بۇ يىللاردىن قالغان ئەنئەنە،

گۈللەرنى سۇنىمىز ساڭا مىسرانىم.


                             لاھىلىگۈچى ۋە خەت كىرگۈزگۈچى:
                                      

       مۇنبەر ئەزاسى: خېلىل(ئۇيغۇر ئوغلى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-23 01:02 AM  


www.Gm1.cn221_副本.jpg
ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 01:03:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار سەنەۋەر تۇرسۇننىڭ سالام خەلقىم ناملىق ناخشىسىنى چىقرىپ بىرىڭلار

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 06:17:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەر چۈشۈپ قاپتۇ...

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 08:01:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 06:17 PM
نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەر چۈشۈپ قاپتۇ...

يا  سىلەر  تاللاپ  بەرمىسەڭلار؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 08:01 PM
يا  سىلەر  تاللاپ  بەرمىسەڭلار؟

ياكى تاللاپ بەر دېمىسەڭلا  ھى ھى

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:21:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil33 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 09:13 PM
تاللاپ بىرىشنى ماڭىمۇ خەۋەر قىلماپتۇ دېسە،،مىنى تالل ...

توغرا ئەڭ ئېسىل تاللاش بولار ئىدى...

يەنە بىرقانچە شېئىرلار بار...   ئانا تىل ھەققىدە يېزىلغان شېئىر.

مۇنبەردىكى باغۋەن بىز ناملىق تورداشنىڭ شېئىرلىرى يۈرەككە تىگىدۇ...

يەنە ئىنكاس يازماس ئەزا شورلۇق نىڭ شېئىرلىرىمۇ بەك ئېسىل...

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:23:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجابى تەلىم-تەربىيە تەسىرى يۇقۇرى ئەسەرلەر تاللىنىپتۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 702
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13087
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1133 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:34:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ئەسەرلەر تاللىنىپتۇ . مەن يازغان ئەسەرلەر قاچانمۇ مۇشۇنچىلىك بىر سورۇنلارغا چىققۇدەك بولا . داۋاملىق تىرىشاي ، چوقۇم چىقىدۇ.

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:39:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil33 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 09:31 PM
[ئۇففففففففففففف مەزمۇنى شۇنداق كۆپكەن بۇ تىمىنىڭ ئو ...

ئەلۋەتتە رەھمەتنى كۆپرەك ئېيتىشىڭىز كېرەك....

مۇنبەرگە دائىم كىرىپ تۇرسىڭىز ئوقۇپ بولغان ئەسەرلەرگە بىرلا قاراپ ئۆتۈپ كېتىسىز

مەندەك دەپ قويايچۇ ؟

راست گەپ قىلسام شېئىرلارنى ھەممىسى دېگۈدەك ئوقۇپ بولغاندەك

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 11:04:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەنىم بولسا مىنىڭ ئەسىرىمدىن بىرسى تاللىنىپتۇ!  بەك خوش بولدۇم!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش