|
|
|
|
مۇھەممەتجان ئومەر.1987-يىلى كورلا شەھەر چارباغ يېزىسىدا تۇغۇلغان ،كىچىگىدىن تارتىپ خەتتاتلىق رەسساملىق كەسپىگە ئىشتىياق باغلىغان.بولۇپ، 2001-يىلدىن باشلاپ ئۇستاز تۇتۇپ رەسسامچىلىقى ئۈگەنگەن.2003-يىلى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پىداگۇگىكا مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، ئۈچ يىل مۇنتىزىم تەربىيە ئالغان ،ئوقۇش جەريانىدا ماي بوياق، دۇغ بوياق ۋە ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىلەردە ، گېزىت –ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.
مۇھەممەتجان ئومەر2006-يىلى 10- ئايدىن باشلاپ ئوبلاستلىق پوچتا ئىدارىسىدە ئشلەۋاتىدۇ. بۇ تىرىشچان يىگىت ئىشتىن سىرتقى بوش ۋاقىتلىرىنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتمەي، ئۆزى قىزىقىپ سۆيگەن كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
مۇھەممەتجان ئومەر كوپ ئىقتىدارلىق سەنئەتكار بولۇپ، رەسساملىق،خەتتاتلىق،قاپاق ئويمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئاساسلىق سىزغان رەسىملىرى يۇرتىمىزنىڭ تەبىئەت مەنزىرلىرى بولۇپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرسىنى يارقىن نۇقتا بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. رەڭلەرنىڭ قېنىق-سۇسلۇق پەرقى بىلەن نوقتىنى گەۋدىلەندۇرۇپ ، كۆرگۈچىگە جانلىق ،گۈزەل، تەسىرات بەرگەندىن سىرت، ئادەم ئوزىنى خۇددى نەخ مەيداندا ئاشۇ مەنزىرىنى يالغۇز ئولتۇرۇپ سەيلە قىلىۋاتقاندەك تەسىراتقا كەلتۈرىدۇ.
مۇھەممەتجاننىڭ ئەسەرلىرى ئىلگىرىمۇ مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان بولۇپ https://uyghur-archive.com/misranim/thread-55577-1-1.html بۇ قېتىم ئۇنىڭ يېڭىدىن ئىشلەپ چىققان ئەسەرلىرى كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتىرىلدى.
|
|
|
|
|
|