مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1288|ئىنكاس: 21

ئۈرۈمچىدە كەسپى رىمونتچىلىق تەربىيلەش كۇرسى ئېچىلماقچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92460
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 03:16:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0022.jpg
  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، مەن گۇاڭجۇدىكى ئالىدەرىجىلىك ماشىنىلار رىمونت مەركىزىدە ئىنجىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ تۇرغۇچى ، ئابلىمىت ئەخمەت بولىمەن ، تور ۋاستىسى بىلەن كەڭ قېرىنداشلار بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال مەن ، شۇنداقلا كەڭ ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى ۋە ئاپتوموبىل رىمونتىغا قىزىققۇچى ھەۋەسكارلارغا چىن دىلىمدىن ئوتلۇق سالام يوللايمەن.
   قېرىنداشلار، بۈگۈنكىدەك دەۋىر ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان كۈندە ، بىزنىڭ ئاپتوموبىل مۇلازىمەت ساھەيىمىز كەسپى رىمونت ئىنجىنىرلىرى ۋە رىمونت خادىملىرىنىڭ زىيادە كەمچىل بولىشى ۋە ئىپتىدائىي ئۇستاز تۇتۇپ ئۈگۈنۈش شەكلىدە يېتىشىپ چىققان ئۇستىلار ۋە شاگىرتلار نىڭ بۈگۈنكى ئىلغار كومپىيوتېر تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدىدا داڭ قېتىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشتەك سەۋەبلىرىدىن تولىمۇ بىچارە، ۋە ئېچىنىشلىق ھالەتتە قالدى. كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ رىموتخانىلىرىغا بولغان ئىشەنچىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ ، ئىشەنچىسىز بولۇپ قېلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى. بۇنداق بولىشىدىن سەۋەب، ئىلگىركى ئىپتىداھى ھالەتتىكى ئۇستا ۋە شاگىرتتىن تەركىپ تاپقان كونا رىمونتچىلىق قۇرۇلمىسى ھازىرقى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ئىلغار تېخنىكىسىغا يېتىشەلمىگەنلىكىدىن بولىۋاتىدۇ، چۈنكى بۇنداق قارا ھالەتتە رىمونت كەسپىنى ئۈگۈنۈش يولىدا ھېچقانداق ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈش ۋە بىلىم-تېخنىكا دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئاساسى تىكلەنمىگەن بولىدۇ ، شۇڭا يېڭى تېخنىكىغا جەڭ ئېلان قىلىشقا ھېچقانداق ئىقتىدارى بولمايدۇ. ھەتتا ھەر جەھەتتىن پىشقان كونا رىمونت ئۇستىلىرىمۇ بۇ خىل ھالەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى كۈندىكى رىمونتخانىلىرىمىزدا ئاددى بولغان بەزى مەشخۇلاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ، پىشقان رىمونتچى ئۇستىلىرىمىز يېڭى ئىلغار تېخنىكىلار ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىل رىمونتىدا تەلەي سىناش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇ يەر- بۇ يەرنى كوچىلاپ باقىدۇ، كاشىلا ئاددى يەردە بولۇپ كاشىلىنى بايقاپ قالسا قالدى، ئەگەر بايقىيالمىسا خېرىدارنىڭ يېرىم كۈن ۋاقتىنى ئېلىپ بولۇپ، خېرىدارنى باشقا رىمونتخانىغا بېرىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ ياكى خېرىدار چۈشەنمەيدىغان ئابىستىراكىت ئۇقۇم ۋە كەسپى تىللار بىلەن خېرىدارنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇپ يولغا سالىدۇ. مانا يۇقارقىدەك ئەجەللىك نۇقتىلار بىزنىڭ رىمونت خانىرىلىمىزنىڭ ئىشەنچىسىز بولۇپ قېلىشىدىكى ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كەينى چىقامايدىغان رىمونت دېڭىزىغا غەرىق بولۇپ ، بىزار بولىشىدىكى سەۋەبلەردۇ.  مۇشۇ ئامىللار تۈپەيلىدىن ئاز كۈنگە قالماي بىزنىڭ ماشىنا مۇلازىمەت كەسپىمىز جەمىئىيەت سەھنىسىدىن سۈپۈرۈپ چۈشۈرۋېتىشى مۈمكىن . شۇڭا بىزنىڭ ماشىنا مۇلازىمەت كەسپىمىز بىر تۈركۈم كەسپى خادىملارغا مۇقتاج بولىۋاتىدۇ، مەنمۇ يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى ماشىنا مۇنازىرە تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ۋە مەسلىھەت بېرىش جەريانىدا بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىكىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم . نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ كەسىپنى كەسپى ئۇسۇلدا ئۈگۈنۈشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىغى مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى. ئەپسۇسلىنارلىقى ، بىزدىكى كەسپى بىلىملەرگە بولۇپمۇ ماشىنا مۇلازىمىتىگە ئائىت ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتىرياللارنىڭ يوق دىيەرلىك بولىشى ياكى ماتىر ياللارنىڭ تېخنىكا سالمىغى ئاز ياكى ۋاقتى ئۆتكەن كونا ماتېرياللار بولۇپ ھازىرقى ئاپتوموبىل تېخنىكىسى بىلەن بىردەك بولماسلىقى تۈپەيلى قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمەي ۋاتىدۇ.ھەتتا مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرىدىن ئىگەللىشىمچە « ماشىنا رىمونت كەسپى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇستاملارغا بىۋاستە شاگىرقا بېرىش ئۇسۇلى بىلەن قارا ھالەتتە ئۈگۈتىلىدىكەن»بۇنداق بولسا ھەرقانچە يوغان دېپلوم ئالغان بىلەنمۇ يەنىلا قارا رىمونتچى بولۇپ قالىدۇدە....... بۇ كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ ئەلۋەتتە.
يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەن گۇۋاڭجۇدىكى ئەڭ داڭلىق كەسپى رىمونتچىلىق مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرياللىرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ بىيىتىپ  تەھرىرلەپ مۇشۇ ماتېرياللار ئاساسىدا ئۆزەمنىڭ ئۇزۇن يىللىق ماشىنا مۇلازىمەت كەسپىدىكى تەجىربە يەكۈنلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ بىرتۈركۈم ماشىنا مۇلازىمەت كەسپىدىكى كەسپى خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، مىللىتىمىزنىڭ ماشىنا مۇلازىمەت كەسپىدىكى يۇقارقىدەك پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىدا گۇاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەسپى تەربىيلەش كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلدىم.
قېرىنداشلىرىمىز نەزىرىدە رىمونتچىلىق بىر تەس كەسىپ ئۈگۈنۈش ئۈچۈنمۇ چوقۇم ئۈچ تۆت يىل ۋاقىت كېتىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ كەسىپنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن پەقەتلا بىر يىل ۋاقىت بولسا كۇپايە قىلىدۇ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرىس سائەت سانىنى توشقۇزۇشتەك مەجبۇرىيتى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا قوشۇمچە دەرىسلىكلەر بىلەن قوشۇلۇپ نەچچە يىلغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئوقۇغۇچىلار ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئالدىدا ئۈگەنگەنلىرىنى ئۇنتۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەندە ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان ھالەتكە بېرىپ قالىدۇ. ھازىر ئىچكىرنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى داڭلىق كەسپى رىمونتچىلىك مەكتەپلىرىدە رىمونتچىلىق كەسپىنىڭ بىر يىلدىن ئېشىپ كېتىدىغىنى يوق پەقەت تولۇق كۇرۇس ۋە ئالى تېخنىكوم كەسىپلىرى دۆلەتلىك ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان بولغاچقىلا ۋاقتى 3يىلغا ئۇزارتىلغان. ئەگەر نۇقۇل ھالدا كەسىپ ئۈگەنمەكچى بولساق بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ۋە ئىقدىسادنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۆرىيتى يوق ئەلۋەتتە. شۇڭا مەن شۇنداق ۋەدە بېرەلەيمەنكى، ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق ئوقۇشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا كاشىلىغا دىئاگىنوز قويۇش ۋە رىمونت قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالايدۇ
ئوقۇغۇچىلار تەربىيلىنىش جەريانىدا نەزىيە بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللىگەندىن باشقا ئۆزۈمنىڭ يىتەكچىلىكىدە بارلىق ئەمىلى مەشخۇلاتنى ئېلىپ بارىدۇ. تەربىيلەش ئۆلچىمى 4S دۇكىنى ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ. كەسىپ دەرىسىدىن باشقا ھېچقانداق قوشۇمچە دەرىسلىك ئۆتۈلمەيدۇ. ئوقۇتۇش ئۈنىمى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا چوڭ كىچىك تىپتىكى بارلىق رىمونتلارنى مۇستەققىل تاماملىيالايدىغان بولۇش ۋە دىئاگىنوز قويۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ھەرخىل شىفىر يەشكۈ ۋە كومپىيوتېرلىق سايمانلارنى ئىشلىتىشنى بىلىش ۋە ئالى دەرىجىلىك رىمونت خادىمى ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش  نىشانىغا يېتىش ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش توختىتىلغاندىن كېيىن بىردەك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنمايدۇ. مەزكۈر كۇرۇسمۇ پەقەت بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
ئوقۇش مۇددىتى 1يىل بولۇپ دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە پۈتۈن كۈنلۈك دەرىس ئۆتۈلىدۇ .دەم ئېلىش ، بايرام ۋە تەتىللەر دۆلەتلىك مەكتەپلەر بىلەن بىردەك بولۇپ ،  دەرىس 5-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلىنىدۇ.
بىرىنچى قېتىملىق ئوقۇشتا ئۈگۈنەلمىگەنلەر ئىككىنچى قېتىم قايتا ھەقسىز ئوقۇتىلىدۇ.
ياتاق ھەققى 1000يۈەن، يوتقان-كۆپە،كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە خىزمەت كىيمى ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ.
تاماق : تەربىيلەش ئورنىمىزنىڭ خاس ئاشخانىسى بار
ئەسكەرتىش: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش  سانى 30 نەپەر
تىزىملاتقان ئالدىنقى 10 ئوقۇغۇچىغا باھادا 5پىرسەنت ئېتىبار قىلىنىدۇ  تورداش قېرىنداشلارنىڭمۇ ياردەمدە بولۇپ تېخىمۇ كۆپلىگەن ئوقۇشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ چەكلىك پۇرسەتتىن خەۋەردار قىلىشىنى ، مىللى ئىگىلىك تەرەقىياتىمىز ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەھرىرلەنگەن ئوقۇتۇش ماتىرياللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى
ئوقۇتۇش ماتىرياللىرىمىزنىڭ كېلىش مەنبەسى گۇاڭجۇدىكى داڭلىق كەسپى رىمونتچىلىق مەكتەپلىرىنىڭ ئىچكى ئوقۇتۇش ماتېرياللىرى بولۇپ، باشقا يېڭى تېخنىكىلارغا ئائىت مەزمۇنلار قوشۇلغان.
1) ئاپتوموبىل ماتور قۇرۇلمىسى ۋە رىنمونتى
2) ئاپتوموبىل تەگلىك قۇرۇلمىسى ۋە رىمونتى   
3)          ئاپتوموبىل توك يولىدىن ئاساس      
4) ئاپتوموبىل ئېلىكتىر تېخنىكىسى
5) ئاپتوموبىل ئىلىكتىرىك كونتىرول تېخنىكىسى                     
6) ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى مىخانىزىمى ۋە زىمونتى                  
يولغا قويۇلغان كەسىپ تۈرى:
1) مىخانىك ۋە ئىلىكتىرون بىر گەۋدە قىلىنغان ئاپتوموبىل رىمونت ئۇستىسى كەسپى      
ئوقۇش ھەققى: 17000 يۈەن
تەربىيلەش كۇرسى مەسئۇلى: ئابلىمىت
ئالاقىلاشقۇچى: گۇۋاڭجۇدىن ئابلىمىت ، ئۈرۈمچىدىن شامىل
ئالاقىلىشىش تېلفونى: 13244833005
                          15999103439
QQ: نومۇرى 1559434051
تىزىملىتىش ئۇسۇلى : ئابلىمىت مۇئەللىم بىلەن ياكى ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىركۈچىمىز شامۇل ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلىشىپ كەسىپ تۈرىنى تىزىملىتىسىز  ئوقۇغۇچىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى، كىيىم كېچەك رەزمىرى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيسىز. ئوقۇش ھەققى تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، رەسمى ئوقۇغۇچى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
مەن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۇيغۇر ماشىنا تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ توردىكى نامىم ئىنژىنىر،(...http://www.uycar.com/thread-3903-1-1.html...)
113.jpg


0022.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4436
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 07:56:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇش ھەققى 1700يۈەنمۇ ياكى 17000 يۈەنمۇ ؟....

سەن مەنپەت ئۈچۈن ياشساڭ ،مەن ئادىمىيلك ،ئىنسانيى پەزلەت ئۈچۈن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2368
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 08:00:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91797
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 08:56:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنىمۇ قوبۇل قىلامدىغاندۇ؟خىزمىتمدىن بەك بىزار بولدۇم،ئۇزۇندىن بىرى ماشىنا رىمونىت قىلشنى ياكى ئۆي زىننەتلەشنى ئۈگۈنۈشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2817 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 09:28:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىۋىنا يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 08:56 PM
قىزلارنىمۇ قوبۇل قىلامدىغاندۇ؟خىزمىتمدىن بەك بىزار ب ...

ماشىنا رىمنۇت بىلەن ئۆي بىزەكچىلىك كەسپى  شارائىتى جاپالىق ھەم جىسمانىي كۈچ تەلەپ قىلىدۇ . سىز ئەڭ ياخشىسى تورت ، پىچىنە - پىرەنىك ، راڭپىزىچىلىق يا پەردىچىلىك دېگەندەك ئاياللارغا خاس كەسىپنى قىلغىنىڭىز ياخشىراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 819 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 09:33:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىۋىنا يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 08:56 PM
قىزلارنىمۇ قوبۇل قىلامدىغاندۇ؟خىزمىتمدىن بەك بىزار ب ...

ئىسمىڭىزمۇ نىسسان ‹‹لېۋىنا›› دىن كەلگەنمۇيا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1350 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 09:49:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن 31 ياشقا كىرىپ قالدىم، بولمىسا كومپىيۇتىردا ماشىنا كاشىلىسىغا دىئاگنۇز قويۇپ، ئاندىن رىمۇنىت قىلىدىغان ئىش بولسا دىگەن بەك قىزىقاتتىم - دە!

ھۆنەرنى ئۈگۈنۈپ بولغاندىن كىيىن، ماشىنا داۋالاش دوختورخانىسىغا قانچە تۈمەن مەبلەغ كىتىدۇ؟

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91797
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 10:05:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
蓝狼-0947 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 09:33 PM
ئىسمىڭىزمۇ نىسسان ‹‹لېۋىنا›› دىن كەلگەنمۇيا.

ھەئە.بۇ ماشىنامىنڭ ئسمى ئىدى،مۇنبەرگە تىزىملىتاي دەپ كىرسەم بۇ ئىسىمنىمۇ ئشلىتىپ بولغان،ئۇ ئسمنىمۇ ئشلىتىپ بولغان دەيدۇ شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئسمنى تاللاپ قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91797
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 10:09:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 09:28 PM
ماشىنا رىمنۇت بىلەن ئۆي بىزەكچىلىك كەسپى  شارائىتى جا ...

ھازىر مۇشۇ ئىككى كەسىپتە بەك پۇل تاپقىلى بولامدىكىن دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2817 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 10:16:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىۋىنا يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 10:09 PM
ھازىر مۇشۇ ئىككى كەسىپتە بەك پۇل تاپقىلى بولامدىكىن د ...

گۈل ئويمىچىلىقنى ئۈگىنىڭ ، ئۆي بىزەكچىلەرگە گۈل ئويىدىغانچۇ ، بۇ كەسىپتىمۇ خېلى جىق پۇل تاپقىلى بولىدۇ ، مەنمۇ شۇنداق دۇكان ئاچىمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش