ئىران «تېھراندىن قېچىپ چىقىش»ناملىق فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلەش
سودىگىرىنى ئەرز قىلدىكەن
ئەلكۈيى تورى نورۇزنىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى:ئىران ھۆكۈمىتىگە
ۋەكىل بولغان بىر ئادۋوكاتنىڭ 13-چېسلا مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە،
ئىران ئامېرىكا ھوللىۋودتىكى بىر قىسىم فىلىم ئىشلەش
سودىگەرلىرىنى ئەرز قىلماقچى ئىكەن، ئىران 85-نۆۋەتلىك ئوسكار
ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تېھراندىن قېچىپ چىقىش»
قاتارلىق نۇرغۇن ھوللىۋود فىلىملىرى ئىرانغا ھاقارەت قىلدى دەپ
قارىغان.
فىرانسىيە نوپۇسىدىكى ئادۋوكات ئىسابىر تانكو كوپېرنىڭ
ئېيتىشىچە، ئۇ ئىران مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپنامىسىنى
قوبۇل قىلىپ، ئالدىنقى ھەپتە ھەپتە ئاخىرىدا ئىران پايتەختى
تېھرانغا يىتىپ كەلگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ھوللىۋود فىلىملىرى
«قارىلاش ۋە ھۇجۇم قىلىش»ئارقىلىق ئىران ھەمدە ئىرانلىقلارنىڭ
نام-شۆھرىتىگە ئېغىر سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان، بۇ تاشقى
دۇنيادىكىلەرنى ئاسانلا «ئىرانلىقلار بىلەن ترورچېلارنى
ئوخشاشكەن»دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ دەپ قارايدىكەن.
تانا كوپېر يەنە مۇنداق دېگەن: ئىران «تېھراندىن قېچىپ
چىقىش»ناملىق فىلىمنىڭ قويۇلۇشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي
يەنە فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ فىلىمدە
تەسۋىرلەنگەن ئەھۋال بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى
ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلدىكەن.
چۈشۈرۈش ئادىرسى :
http://kuai.xunlei.com/d/Yog6DDsxaLo4UQQAa30
مەنبەسى :سوخۇ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1024 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-21 07:46 PM